باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 ئۆزىــنىڭ ئەھلى-ئەۋلادلىـرىنى، ئاق-قارىنى پەرق ئەتكەن بالىلىرىنى ۋە باشقا قول ئاستىدىكىلىرىنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇش، چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتىن توسۇش ۋە ئۇلارغا ئەدەب-ئەخلاق ئۆگىتىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا

«(ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشتا چىداملىق بولغىن»-(سۈرە تاھا، 132- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا

«ئى مۇئمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار»-(سۈرە تەھرىيم، 6- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەدىقە قىلىنغان بىر خورمىنى ئاغزىغا سېلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ھاي-ھاي، خورمىنى چىقىرىپ تاشلىۋەت، سەن بىزنىڭ سەدىقە يېمەيدىغانلىقىمىزنى بىلمەمسەن»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكى ۋە ئۆزىگە قاراشلىق ئادەملەرنى ھارامدىن چەكلەش، ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەكلىكى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-ئەۋلادىغا سەدىقە ۋە زاكات ئېلىش ھارام قىلىنغانلىقى، ئۇلارغا ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئېلىش ھالال قىلىنغانلىقى.

3) ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ زاكاتنى يىغىشى ھەمدە ئۇنى ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىشى، بۇلارنى ئەستايىدىللىق ۋە ئىشەنچلىك رەۋىشتە ئادا قىلىشى كېرەكلىكى.

  1. رەسۇلۇللاھنىڭ تەربىيىسىدە بولغان ئەبۇ ھەفسى ئۇمەر ئىبن ئەبۇ سەلەمە ئابدۇللاھ ئىبن ئابدۇلئەسەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيىسىدە تۇرۇۋاتقان بالا ئىدىم. تاماق يەۋاتقان چاغدا قولۇم لېگەندە چېپىپ يۈرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى بالا! ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، دەپ ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدىن يېگىن»، دېگەن. شۇنىڭدىن بۇيان تاماق يېيىش ئۇسۇلۇم ھامان رەسۇلۇللاھ دېگەندەك بولۇپ كەلدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەرزەنتلەرنى ئىسلام ئەدەپ-ئەخلاقلىرى بىلەن تەربىيىلەش، ئۇلارنىڭ خاتالىق، سەۋەنلىكلىرىنى ۋاقتىدا كۆرسىتىپ تۈزىتىشكە يېتەكلەش لازىملىقى.

2) تاماق يېيىشتە رىئايە قىلىدىغان ئەدەپ شۇكى، «بسم اللھ»، دەپ باشلاش، ئوڭ قول بىلەن يېيىش، باشقىلارنىڭ ئالدىدىن ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئالدىدىن يېيىش، ئۆلىمالار مېۋە-چېۋە يېگەن ياكى تاماقتا بىللە بولغان كىشى ئۇنىڭ ئالدىدىن يېيىشكە رازى بولغاندىن باشقا چاغدا يۇقىرىقى ئەدەبلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك، دەپ بىرلىككە كەلگەن.

3) ساھابىلەرنىڭ بىردەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، سۈننىتىگە ئەگىشىدىغانلىقى، ھەتتا كىچىكلەرنىڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەسلىكى.

  1. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى ۋە سىلەرنىڭ ھەممىڭلار ئۆز پادىلىرىڭلار توغرۇلۇق سوراق قىلىنىسىلەر، خەلىفىمۇ پادىچى، ئۇلار ئۆز پۇقرالىرى توغرۇلۇق سورىلىدۇ ۋە ئەر كىشىمۇ پادىچى، ئۇ بالا-چاقىلىرى توغرۇلۇق سورىلىدۇ ۋە ئايال كىشىمۇ پادىچى، ئۇ ئېرىنىڭ ئۆي ۋاقىسى، بالا-چاقىسى توغرۇلۇق سورىلىدۇ ۋە خىزمەتچىمۇ پادىچى، ئۇ خوجايىننىڭ ماللىرى توغرۇلۇق سورىلىدۇ، دېمەك سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى بولۇپ، ئۆز پادىلىرىڭلار توغرۇلۇق سورىلىسىلەر». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىسلام دىنىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى دىنىي بۇرچ ئىكەنلىكى، كىمكى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلمايدىكەن، بۇ دۇنيادا قانۇن ئالدىدا جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى، قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا ئالدىدا بۇنىڭ ئۈچۈن ھېساب بېرىلىدىغانلىقى. ئىسلامدا مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، ھەممە جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە لايىق مەسئۇلىيىتى بولىدىغانلىقى.

2) دادا بولغۇچىنىڭ بالىلىرىنى ئوبدان تەربىيىلەپ، توغرا يولغا باشلىشى باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكى.

  1. ئەمر ئىبن شۇئەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بالىلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە، ئۇلارنى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ئۇلار ئون ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇمىسا، ئۇلارنى ئۇرۇڭلار ۋە ئۇلارنى يېتىپ-قوپۇشتا ئۆزئارا ئايرىۋېتىڭلار». — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالىلىرىغا كىچىكىدىن باشلاپ نامازنىڭ ئەھكاملىرىنى، ئەھمىيىتىنى ئۆگىتىشى، ئۇلارنى ناماز ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈش كېرەكلىكى.

2) ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە، پىتنە-پاسات قوزغايدىغان نەرسىلەردىن يىراق قىلىشى، بولۇپمۇ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان پەرزەنتلىرىگە ئەۋرەتنى ئېچىشنىڭ ھاراملىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلار بىلەن ئايرىم يېتىش، ئەگەر ئىمكانىيىتى بولسا، ھەر بىر بالىغا بىردىن ئايرىم ھۇجرا قىلىپ بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىنىڭ ئاق-قارىنى پەرق ئېتىش ۋە ئۆگىنىش ۋاقتىنىڭ يەتتە ياش بولىدىغانلىقى، بالاغەت يېشىنىڭ ئون ياشتىن باشلىنىدىغانلىقى، بالاغەت يېشىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بايان قىلىنغان.

  1. ئەبۇ سۇرەييە سەبرە ئىبن مەئبەد جۇھەننى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بالىلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە، ئۇلارغا ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىڭلار، ئۇلار ئون ياشقا كىرگەندە ئوقۇمىسا ئۇرۇڭلار». — ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنى توغرا يولغا باشلاشتا ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ ئۈلگە بولۇشى كېرەكلىكى، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزى ناماز ئوقۇماي تۇرۇپ بالىلىرىدىن ناماز ئوقۇشنى تەلەپ قىلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇستاز-تەربىيىچىلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزى گۈزەل ئەخلاقلىق، ئەھكاملارنى تولۇق بىرىلىدىغان ۋە ئادا قىلىدىغان بولغاندىلا، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلىگىلى بولىدىغانلىقى.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ