باش بەت > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

سوئال:

يارىم مېنىڭ جەننىتىم يارسىز ھايات دوزاخ، سەن بولمىساڭ جەننەتكىمۇ كىرمەيمەن، سېنىڭسىز جەننەت مەن ئۈچۈن دوزاخ، يار ئوتىنىڭ ئالدىدا دوزاخ ئوتى ئۇچقۇنچە يوق… دىگەندەك مىسرالار ئۇچرايدۇ. بۇنداق مىسرالارنى يېزىش، يادلاش، خاتىرلەرگە يېزىۋېلىش، ئاڭلاشتىن گۇناھ شەكىللىنەمدۇ؟

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:

جاۋاب:

بۇ سۆزلەرنى نورمال بىر مۇسۇلمان ئېيتمايدۇ، يازمايدۇ، يادلىمايدۇ ۋە ئاڭلىمايدۇ. چۈنكى ھېچبىر مۇسۇلمان ئەبەدىي ھاياتتىكى مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەت ئورنى بولغان جەننەتنى، بۇ دۇنيادىكى ھېچبىر راھەتكە تەڭ قىلمايدۇ، مەڭگۈلۈك ئازاب ئورنى بولغان دوزاخنى ھېچبىر مۇسىبەتكە تەڭ قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سۆزلەرنى يازغان ياكى زوق ئېلىپ ئاڭلىغان كىشى ئەگەر ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلىدىغان بىرى بولسا، مۇسۇلمانلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك.

يەنە كېلىپ جەننەتتىكى راھەت-پاراغەت ۋە ھۇزۇر ھالاۋەت، دوزاختىكى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە جاپا-مۇشەققەت قاتارلىقلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بۇ دۇنيادا تۇرۇپ بىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلار چۈشىنەلەيدىغان شەكىلدە قىسمەن مەلۇمات بېرىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن جەننەت-دوزاخ توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر ئۇ مەلۇمات دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئاللاھ تائالا  مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمدە، جەننەتتىكى نېئمەتلەرنىڭ ئىچىدىن يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ئائىلە ئەزالىرى ۋە يېقىن – يورۇقلارنىڭ دىدارلىشىشى قاتارلىقلار ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن، لېكىن 32- سۈرە سەجدىنىڭ 17- ئايىتىدە: «ئۇلار ئۈچۈن مەخپىي ساقلانغان خۇشال قىلغۇچى نېمەتلەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇ نېمەتلەر ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر» دەپ، بايان قىلىنغان نېئمەتلەرنىڭ جەننەتتىكى نېئمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەسلىكىگە ئىشارەت قىلغان. مەزكۇر ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتتە «مۇئمىن بولغان كىشى فاسىق بولغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ ئۇلار باراۋەر بولمايدۇ» دەپ، دوزاختىكى ئازاب-ئوقۇبەتنىڭمۇ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغانلىرى بىلەن چەكلىك ئەمەسلىكىنىمۇ بىلدۈرگەن. 

شۇنىڭ ئۈچۈن كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى يازغان، يېزىۋالغان ۋە زوقلىنىپ ئاڭلىغان كىشىلەر ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ۋاقىتلىق ھۇزۇرنى مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەتتىن، ۋاقىتلىق قىينىلىشنى ئەبەدىي ئازاب چېكىشتىن ئۈستۈن كۆرگەن بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ يا ئەقىلسىزلىكىگە يا ئىمانسىزلىقىغا دالالەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىدە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنىڭ بارلىقىنى داۋا قىلغانلىق بولىدۇكى، بۇ شېرىكتۇر.       

ئاللاھ 89- سۈرە فەجرنىڭ 25-ئايىتىدە، قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئەھلىنى ھېچكىمنىڭ ئاللاھتەك ئازابلىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. «يار ئوتىنىڭ ئالدىدا دوزاخ ئوتى ئۇچقۇنچە يوق» دېگەن لاۋزا گەپ ئاللاھنىڭ بۇ خەۋىرىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ھاماقەتلىكنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئەقىلسىزلىكنىڭ بەلگىسىدۇر. نەپسىگە بەندە، شەيتانغا مۇرىد بولغانلىقنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىسىدۇر.

         


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ