باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 يېتىم ئوغۇل ۋە يېتىم قىــزلارنىڭ بېشىنى سىلاش، مىســكىن، دىــلى سۇنۇق كىشىـــلەرگە ياخشىلىق قىلىش، شەپقەت قىلىش، ئۇلار بىلەن كەمتەر مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۇلارنى قانــات ئاســتىــغا ئېـــلىــش توغــرىسىـــدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَاخْفِضْ جَنَاحَكَ لِلْمُؤْمِنِينَ 

«مۇئمىنلەرگە كەمتەر بولغىن»-(سۈرە ھىجىر، 88- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَاصْبِرْ نَفْسَكَ مَعَ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُم بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ وَلَا تَعْدُ عَيْنَاكَ عَنْهُمْ تُرِيدُ زِينَةَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَلَا تُطِعْ مَنْ أَغْفَلْنَا قَلْبَهُ عَن ذِكْرِنَا وَاتَّبَعَ هَوَاهُ وَكَانَ أَمْرُهُ فُرُطًا

«سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن-ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار (يەنى ئاجىز، كەمبەغەل مۇسۇلمانلار) بىلەن سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن، ھاياتى دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ سۆھبىتىنى) دەپ ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن»-(سۈرە كەھف، 28- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

 فَأَمَّا الْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ وَأَمَّا السَّائِلَ فَلَا تَنْهَرْ

«يىتىمنى خارلىما، سائىلغا قوپاللىق قىلما»-(سۈرە زۇھا، 9-، 10- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

أَرَأَيْتَ الَّذِي يُكَذِّبُ بِالدِّين فَذَلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ وَلَا يَحُضُّ عَلَى طَعَامِ الْمِسْكِينِ

«دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ يېتىمنى دۈشكەللەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر»(سۈرە مائۇن، 1 ~ 3- ئايەتلەر).

  1. سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز ئالتە كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق. مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئۇلارنى قوغلىۋەتكىن، ئۇلار بىزلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىسۇن»، دېدى. ئۇ ئالتە كىشى مەن، ئىبن مەسئۇد، ھۇزەيل قەبىلىسىدىن بىر كىشى، بىلال ۋە يەنە مەن ئىسمىنى ئاتىمايدىغان ئىككى كىشىدىن ئىبارەت ئىدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىدىن ئاللاھ تائالا خالىغان نەرسىلەر كەچتى. دىلىغا كەچكەننى ئۆز-ئۆزىگە دەپ كۆردى. شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:

وَلاَ تَطْرُدِ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُم بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ

«ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن-ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى يېنىڭدىن قوغلىۋەتمىگىن»-(سۈرە ئەنئام، 52- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).            — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كەمبەغەل، مىسكىنلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەن كىشىلەر ئىكەنلىكى.

2) سالىھ، تەقۋادار كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا ئازار بېرىدىغان، ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش لازىملىقى. چۈنكى، ئۇلارغا ئازار بېرىش ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغانلىقى.

3) كىشىلەرنى مال-مۈلكى ۋە ئابرۇي-ئىناۋىتىگە ئەمەس، دىنى ۋە ئىمانىغا قاراپ ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش كېرەكلىكى.

4) ئىسلام دەۋىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن باشلاپلا ئىسلام دىنىدا كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي قىممەتتە باراۋەر ئىكەنلىكى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلانغانلىقى.

5) ئىسلام دىنى ئاللاھ تائالانىڭ جىمىي ئىنسانلارغا چۈشۈرگەن دىنى بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمدىن مال-دۇنيا ۋە شان-شۆھرەت بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئارتۇق بولىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇبەيرە ئائىز ئىبن ئەمر مۇزەننىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ ھۇبەيرە بولسا رىزۋان بەيئىتىگە قاتناشقانلاردىن ئىدى. سەلمان، سۇھەيب ۋە بىلال قاتارلىق بىر قانچە كىشىنىڭ قېشىغا ئەبۇ سۇفيان كەلدى. ئاندىن ئۇلار: «ئاللاھ تائالانىڭ قىلىچلىرى ئاللاھ تائالانىڭ دۈشمىنىنى تېگىشلىك رەۋىشتە چاپالمىدى»، دېيىشتى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «سىلەر بۇ سۆزنى قۇرەيشنىڭ سەردارى ۋە كاتتىۋېشىغا دەمسىلەر؟»، دېدى. ئاندىن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنى بۇ گەپتىن خەۋەرلەندۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئەبۇ بەكرى! سەن ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان بولۇشۇڭ مۇمكىن، ئۇلارنى غەزەپلەندۈرۈپ قويساڭ، ئاللاھ تائالانى غەزەپلەندۈرۈپ قويغان بولىسەن»، دېدى. ئەبۇ بەكرى ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ: «ئى قېرىنداشلار! سىلەر خاپا بولدۇڭلارمۇ؟»، دېدى. ئۇلار: «ياق، ئى قېرىندىشىم، ئاللاھ تائالا سېنى مەغفىرەت قىلسۇن»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مۇئمىنلەرگە مېھرىبان، مۇلايىم بولۇش لازىملىقى.

2) ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان سەلمان فارىسى، سۇھەيب ۋە بىلالنىڭ پەزلى ۋە ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقى.

3) ئاللاھ تائالا يولىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا بەزىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ياخشى تەرەپكە بۇراپ چۈشىنىدىغانلىقى.

  1. سەھل ئىبن سەئد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن يېتىمنى باققۇچى ئادەم بىلەن جەننەتتە مۇشۇنداق يېقىن تۇرىمەن»، دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئارىسىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەيلى تۇغقىنىڭ ياكى يات بولسۇن، يېتىملارنى باققۇچى بىلەن مەن جەننەتتە مۇشۇنداق يېقىن تۇرىمەن»، دېگەن. ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى مالىك ئىبن ئەنەس كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئارىسىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) يېتىمنىڭ مال-مۈلكىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ھامىي بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

2) ئىبن بەتتال مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغان ھەر قانداق بىر ئادەم شۇنداق قىلىشقا قىزىقىدۇ، چۈنكى ئاخىرەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھى بولۇشتىنمۇ ئەۋزەلرەك ئورۇن يوق».

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «باشقىلارنىڭ ئالدىدىن بىر-ئىككى تال خورما ۋە بىر-ئىككى لوقما تائام بىلەن قايتقان ئادەم مىسكىن ئەمەس، ھەقىقىي مىسكىن دېگەن تىلەمچىلىكتىن ئۆزىنى تارتقان ئادەمدۇر».

يەنە بىر رىۋايەتتە:«كىشىلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر-ئىككى لوقما ۋە بىر-ئىككى تال خورما بەرسە قايتىپ كېتىدىغان ئادەم مىسكىن ئەمەس، مىسكىن دېگەن ئۆزىنى بىھاجەت قىلغۇدەك بايلىققا ئىگە ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ مىسكىنلىكىنى باشقىلار سەزمەيدىغان، باشقىلار سەدىقىمۇ بەرمەيدىغان، تىلەمچىلىكمۇ قىلمايدىغان كىشىلەردۇر»، دېيىلگەن.    — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) خەتتابى ۋە باشقىلار مۇنداق دەيدۇ: ھەدىستە ئېيتىلغان كىشىلەردىن تىلەيدىغان تىلەمچىگە زاكات بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىھاجەت بولۇپ، مىسكىن دەپ ئاتالمايدۇ. بەلكى، كىشىلەردىن ھايا قىلىپ تىلىمەيدىغان كىشى كەمبەغەل پېتى تۇرىۋېرىدۇ، ئەنە شۇ كىشى مىسكىن دەپ ئاتىلىشقا لايىقتۇر.

2) كىشىلەردىن تىلەشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكى.

3) ھەدىستە كىشى ھايالىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۇل خوتۇنلارغا ۋە مىسكىنلەرگە خەير-ئېھسان قىلغۇچىغا ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا جىھاد قىلغۇچىنىڭ ياكى كېچىسى ئىبادەت قىلىپ، كۈندۈزى روزا تۇتقۇچىنىڭ ساۋابى بولىدۇ»، دېيىلگەن. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) تۇل خوتۇن ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش سەۋر قىلىش، نەپسى ۋە شەيتان بىلەن كۈرەش قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان ئىش بولغاچقا، تۇل خوتۇن ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلار ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلغۇچى مۇجاھىدقا ئوخشىتىلغان.

2) ئاجىزلارنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىش، ھاجەتلىرىنى ئورۇنلاپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

3) ئىبادەتنىڭ بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تائامنىڭ يامىنى توينىڭ تائامىدۇر، ئۇنىڭغا كېلىشنى خالايدىغان كىشىلەر (يەنى مىسكىنلەر) چاقىرىلماي، كېلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر (يەنى بايلار) چاقىرىلىدۇ. كىمكى چاقىرغان يەرگە بارمىسا ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىغا ئاسىي بولغان بولىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇنىڭغا بايلار چاقىرىلىپ، كەمبەغەللەر چاقىرىلمىغان توينىڭ تائامى ئەڭ يامان تائامدۇر»، دېيىلگەن.

 ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) تويغا چاقىرىلسا بېرىش ۋاجىپ، ئەمما باشقا مۇناسىۋەت بىلەن چاقىرىلغان يەرلەرگە بېرىش مەندۇپتۇر، بىراق شۇ شەرت بىلەن ئىكەنكى، تويدا شەرىئەتتە چەكلەنگەن ھاراق-شاراب، ئويۇن-تاماشىلار بولماسلىقى كېرەك.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە پەقەت بايلار تويغا چاقىرىلىدىغان بولىدىغانلىقىدىن ئالدىنئالا خەۋەر بەرگەنلىكى.

3) كەمبەغەللەرنىڭ ھالىغا يېتىش، ئۇلارغا مۇلايىم بولۇش كېرەكلىكى.

4) بايلارنى باي بولغىنى ئۈچۈنلا ئۇلۇغلاشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىككى قىزنى بالاغەتكە يەتكۈچىلىك بېقىپ چوڭ قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇ مەن بىلەن مۇشۇنداق كېلىدۇ»، دەپ ئۆزىنىڭ بارماقلىرىنى جۈپلەپ كۆرسەتتى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) قىزلارنى بېقىپ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ پەزلى-ساۋابى.

2) قىزلىرىنى ئوبدان تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇشنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ جەننەتكە كىرىش ۋە ئاخىرەتلىك مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىش ئىكەنلىكى.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مېنىڭ قېشىمغا بىر ئايال ئىككى قىزى بىلەن كىرىپ بىر نەرسە سورىدى. مەن بىر خورمىدىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالمىدىم. ئۇنى ئايالغا بەردىم. ئۇ ئايال ئۇنى ئوتتۇرىسىدىن ئىككى قىلىپ، ئىككى قىزىغا بەردى. ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن يېمىدى، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىرگەندە ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى دەپ بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى مۇشۇنداق قىزلار بىلەن سىنىلىپ، ئۇ كىشى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغان بولسا، ئۇ قىزلار ئۇ كىشى ئۈچۈن دوزاختىن پەردە بولىدۇ»، دېدى.— بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قىزلارنى بېقىپ ئوبدان تەربىيىلەشنىڭ شۇ كىشىنى دوزاختىن ساقلايدىغان، خاتالىقلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىدىغان ساۋابلىق ئىش ئىكەنلىكى.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مېنىڭ قېشىمغا ئىككى قىزىنى كۆتۈرۈۋالغان بىر مىسكىن ئايال كىردى، مەن ئۇنىڭغا ئۈچ تال خورما بەردىم. ئۇ ئايال ئىككى قىزىغا بىردىن خورمىنى بەردى. بىرىنى ئۆزى يېيىش ئۈچۈن ئاغزىغا ئاپىرىۋىدى، ئىككى قىز ئۇنىمۇ يېگۈزۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئايال ئۇنىمۇ ئۇ ئىككىسىگە يېگۈزۈپ قويدى. مەن ئۇنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنىپ، بۇ ئىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن شۇ ئىشنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ ئايالغا جەننەتنى تېگىشلىك قىلدى ياكى ئۇنى دوزاختىن خالاس قىلدى»، دېدى.

    — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مۇئمىن ئادەمنىڭ پەرۋەردىگارىغا بولغان ئىمانىنىڭ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە ۋە ساۋابىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان سەدىقىنىڭ پەزىلىتى.

2) ئايالىنىڭ ئېرىنىڭ ئومۇمىي ۋە ئايرىم رۇخسىتى بويىچە ئېرىنىڭ مال-مۈلكىدىن سەدىقە قىلىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئايال ۋە ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ئوخشاش ئەجىر-ساۋابقا ئىگە بولىدىغانلىقى.

3) ئانىنىڭ بالىلىرىغا بولغان چوڭقۇر مېھىر ۋە كۆيۈمچانلىقى.

4) جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەبلەر قىز تۇغۇشنى يامان كۆرەتتى. قىز بوۋاقلارنى كۆمۈۋېتىدىغان قەبىھ ئادەت بار ئىدى. ئىسلام دىنى بۇ خىل قەبىھ قىلمىشقا رەددىيە بېرىپ، قىزلارنى ياخشى تەربىيىلەش شۇ كىشىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

  1. خۇۋەيلىد ئىبن ئەمرى خۇزائىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئاللاھ! مەن يېتىم ۋە تۇل ئايالدىن ئىبارەت ئىككى ئاجىزنىڭ ھەققىگە چېقىلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمەن». — نەسەئىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) يېتىمغا ۋە تۇل ئايالغا ھەر قانداق رەۋىشتە ئۇۋال قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.

2) يېتىم ۋە تۇل ئايال ئاجىزلار بولۇپ، ھەممە ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ، ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە قارشى چىققانلىقى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدىغانلىقى.

  1. مۇسئەب ئىبن سەئد ئىبن ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەئد ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەردىن ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاجىز كىشىلەرنىڭ بەرىكاتىدىن ئاللاھ سىلەرگە مەدەت قىلىپ تۇرىدۇ ۋە رىزقىڭلارنى بېرىپ تۇرىدۇ»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ دەردائ ئۇۋەيمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «مېنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن تېپىڭلار، ھەقىقەتەن سىلەرگە سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئاجىز كىشىلەرنىڭ بەرىكاتىدىن رىزقى بېرىلىدۇ ۋە مەدەت بېرىلىدۇ». — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاجىزلار دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن يىراق، قەلبى دۇنيانىڭ راھەت-پاراغەتلىرىدىن خالىي بولغاچقا، ئىبادەتتە تېخىمۇ ئىخلاسمەن ئىكەنلىكى، ھەممە ئىشلىرىدا بىر ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەيدىغانلىقى.

2) كەمتەر بولۇش، ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن چاغلىماسلىق لازىملىقى.

3) كۈچلۈكلەر ئۆزىنىڭ كۈچى بىلەن، ئاجىزلار ئىخلاسى ۋە ئاللاھ تائالاغا يۆلىنىشى بىلەن ئۈستۈن بولىدىغانلىقى.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ