مۇسۇلمانلار

29-  كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈش توغرىسىدا

 كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

لاَّ خَيْرَ فِي كَثِيرٍ مِّن نَّجْوَاهُمْ إِلاَّ مَنْ أَمَرَ بِصَدَقَةٍ أَوْ مَعْرُوفٍ أَوْ إِصْلاَحٍ بَيْنَ النَّاسِ

«ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمىر قىلغان كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى بۇنىڭدىن مۇستەسنا»-(سۈرە نىسا، 114- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَالصُّلْحُ خَيْرٌ

«كېلىشىش ئۈزۈلۈپ كېتىشتىن ياخشىدۇر»-(سۈرە نىسا، 128- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

فَاتَّقُواْ اللّهَ وَأَصْلِحُواْ ذَاتَ بِيْنِكُمْ

«ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار، (ئىختىلاپ قىلىشماي ئىتتىپاق بولۇپ) ئاراڭلارنى تۈزەڭلار»-(سۈرە ئەنفال، 1- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ فَأَصْلِحُوا بَيْنَ أَخَوَيْكُمْ

«مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىندىشىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار»-(سۈرە ھۇجۇرات، 10- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇياش چىقىپ تۇرىدىغان ھەر كۈنى ئادەمنىڭ ھەربىر ئۈگىلىرىگە سەدىقە بېرىش لازىم. ئىككى ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا لىللا گەپ قىلىشمۇ سەدىقىدۇر. بىر كىشىنىڭ ئۇلىغىغا مىنىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ياكى ئۇنىڭ يۈك-تاقلىرىنى يۆتكىشىپ بېرىشمۇ سەدىقىدۇر. ياخشى سۆزمۇ بىر سەدىقىدۇر. نامازغا ماڭغان ھەر بىر قەدەممۇ بىر سەدىقىدۇر ۋە يولدىن ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان بىرەر نەرسىنى ئېلىۋېتىشمۇ بىر سەدىقىدۇر». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنىڭ ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ھەر كۈنى سەدىقە قىلىشى لازىم ئىكەنلىكى، «سەھىھۇل بۇخارى» ۋە «سەھىھۇل مۇسلىم»دىكى يەنە بىر ھەدىستە: «ئەگەر كىشى ئۇلارنى قىلالمىسا، يامانلىقتىن ئۆزىنى تارتىشمۇ سەدىقە ھېسابلىنىدۇ»، دېيىلگەن. شۈكۈر قىلىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى شۈكۈر ۋاجىپ، بۇ پەرزلەرنى ئادا قىلىش، ھارامنى تەرك ئېتىش بىلەن بولىدۇ. ئىككىنچىسى، شۈكۈر مۇستەھەپ بولۇپ، بۇ زىكىر-تەسبىھكە ئوخشاش نەفلى ئىبادەتلەر، باشقىلارغا ياردەم بېرىش، ھەقنى سۆزلەش بىلەن بولىدۇ. ھەدىستە ئىككىنچى تۈردىكى شۈكۈر مۇستەھەپ كۆزدە تۇتۇلغان.

  1. ئۇممۇ كۇلسۇم بىنتى ئۇقبە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈش ئۈچۈن يالغاننى قىلغان ۋە ياكى يالغان گەپ يەتكۈزگەن ئادەم يالغانچى ھېسابلانمايدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: ئۇممۇ كۇلسۇم مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم دەيدۇ: «ئۇرۇشتا، كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشتە ۋە ئارىنى تۈزەش ئۈچۈن ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا، ئايال كىشىنىڭ ئېرىگە يالغان سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلغاندىن باشقا، كىشىلەرنىڭ يالغان سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان»، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: ئەسلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يالغانچىلىق ھارام، پەقەت ھەدىستە ئېيتىلغان ئۈچ خىل ئەھۋالدىلا يالغان ئېيتىشقا رۇخسەت قىلىنغان. گاھىدا ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشقا مۇناسىۋەتلىك چاغلاردا يالغان ئېيتىش ۋاجىپمۇ بولۇپ قالىدۇ.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشىك ئالدىدا ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتىپ گەدىنىدىكى قەرزلەرنىڭ بەزىسىنى كۆتۈرۈۋېتىشنى ئۆتۈنەتتى. يەنە بىرى بولسا: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئۇنداق قىلمايمەن»، دەيتتى. ئۇلارنىڭ يېنىغا رەسۇلۇللاھ چىقىپ: «ياخشىلىق قىلمايمەن دەپ ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەم قىلغان كىشى قېنى؟»، دېدى. ئۇ كىشى: «مەن بولىمەن، ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ كىشى ئۈچۈن قانداق قىلىش ياخشى بولسا شۇنداق قىلاي»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھەدىستە ئېغىر كۈنگە قالغان قەرزدارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋە گەدىنىدىكى قەرزنى كۆتۈرۈۋېتىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

2) ياخشى ئەمەللەرنى قىلماسلىققا قەسەم ئىچىشتىن چەكلىگەن ۋە ئازارلىشىپ قالغان ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

  1. ئەبۇ ئابباس سەھل ئىبن سەئد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەمر ئىبن ئەۋفنىڭ جەمەتى ئارىسىدا جاڭجال چىققانلىق خەۋىرى يەتتى. رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئارىسىنى تۈزەش ئۈچۈن چىقتى. رەسۇلۇللاھ ئۇ يەردە ھايال بولۇپ قېلىپ ناماز ۋاقتى بولۇپ قالدى. بىلال ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: «ئى ئەبۇ بەكرى! رەسۇلۇللاھ ھايال بولۇپ قالدى، نامازنىڭ ۋاقتى بولدى. سەن كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ بېرەرسەنمۇ؟»، دېدى. ئەبۇ بەكرى: «بولىدۇ، ئەگەر خالىساڭ»، دېدى. بىلال نامازغا تەكبىر ئېيتتى. ئەبۇ بەكرى ئالدىغا ئۆتۈپ نامازغا قۇلاق قاقتى. كىشىلەرمۇ قۇلاق قاقتى. رەسۇلۇللاھ كېلىپ سەپلەرنىڭ ئىچىدىن مېڭىپ ئۆتۈپ، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر چاۋاك چېلىشقا باشلىدى. ئەبۇ بەكرى نامازدا ئەتراپىغا قارىمىدى. كىشىلەر چاۋاك چېلىۋەرگەندىن كېيىن ئەبۇ بەكرى كەينىگە قارىۋېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا نامىزىڭنى ئوقۇۋەرگىن، دەپ ئىشارەت قىلدى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قولىنى كۆتۈرۈپ ئاللاھ تائالاغا ھەمد ئېيتىپ، ئارقىچە كەينىگە يېنىپ، بىرىنچى سەپتە تۇردى. رەسۇلۇللاھ ئالدىغا ئۆتۈپ، كىشىلەرگە نامازنى ئوقۇپ بەردى. رەسۇلۇللاھ نامازدىن فارىغ بولغاندىن كېيىن كىشىلەرگە قاراپ: «ئى خالايىق! سىلەرگە نامازدا بىرەر ئىش بولسا، چاۋاك چالغىنىڭلار نېمىسى، چاۋاك پەقەت ئاياللارغا خاستۇر، بىر كىشىگە نامازدا بىرەر ئىش بولسا (سۇبھاناللاھ = ئاللاھ تائالا پاكتۇر) دېسۇن، قانداق بىر ئادەم ئاڭلىسا قارايدۇ. ئى ئەبۇ بەكرى! مەن ساڭا ئىشارەت قىلغان چاغدا كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بېرىشتىن ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى؟»، دېدى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئەبۇ قۇھافەنىڭ ئوغلى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بېرىشكە لايىق ئەمەستۇر»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىلەر ئارىسىنى تۈزەپ قويۇشقا ئالدىراشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئىمامنىڭ ئۇلارغا باش بولۇپ شۇنداق قىلىشى كېرەكلىكى.

2) بىر نامازغا ئىككى ئىمامنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىماملىق قىلىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.  

4) ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزرىلىك ئەھۋالدا بەزىبىر ئۇششاق ھەرىكەتلەرنى قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى، ئەمما ئۇنىڭ كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى، ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ مەقسىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشارەت قىلىشقا بولىدىغانلىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر