مۇسۇلمانلار

27- مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش توغرىسىدا

 مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَافْعَلُوا الْخَيْرَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ 

«بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار»-(سۈرە ھەج، 77- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلار ئۆزئارا قېرىنداش، بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە بىر-بىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى دۇنيا ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى مۇئمىندىن كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاسانلىق بېرىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەيىبىنى ياپىدۇ. كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار-يۆلەك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولىدۇ. كىمكى ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن يول ئالسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. قاچانكى، بىر جامائە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرىدىن بىر ئۆيگە يىغىلىپ، «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇسا ۋە ئۆگەتسە، ئۇلارغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك يۈزلىنىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت پەرىشتىلىرى ئورۇۋالىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھوزۇرىدىكىلەرگە ئۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. ئەمەلى ئارقىدا قالدۇرغان ئادەمنى نەسىبى ئالدىغا چىقىرالمايدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىگە ياردەم بېرىپ، مۈشكۈلىنى ئاسان قىلىشنىڭ ساۋابى.

2) ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشنىڭ چوڭ ساۋاب بېرىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكى.

3) «قۇرئان كەرىم»نى ئۆگىنىش ۋە تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن يىغىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.

4) بەندىنىڭ ھەقىقىي بەخت-سائادەتكە نەسەبى بىلەن ئەمەس، بەلكى ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق ئېرىشىدىغانلىقى.

5) مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى ئىشلار ئۈستىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى ۋە يار-يۆلەكتە بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر