مۇسۇلمانلار

26- ئىنسانلارنىڭ ئەيىبىنى ئاشكارىلىماسلىق توغرىسىدا

 مۇسۇلمانلارنىڭ ئەيىبىنى يېپىش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارنىڭ ئەيىبلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّ الَّذِينَ يُحِبُّونَ أَن تَشِيعَ الْفَاحِشَةُ فِي الَّذِينَ آمَنُوا لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ 

«مۇئمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ»-(سۈرە نۇر، 19- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇنيادا بەندە بەندىنىڭ ئەيىبىنى ياپسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ دۇنيادا بەندىنىڭ ئەيىبىنى ياپقان كىشىنىڭ ئەمەلىگە يارىشا ئەجىرگە ئېرىشىپ، ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدىغانلىقى، بۇ بولسا ئاللاھ تائالانىڭ شۇ كىشىنى سوراق قىلماي تۇرۇپ گۇناھىنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقى ياكى گۇناھىنى ھېچكىمگە ئاشكارىلىماي، سوراق قىلىپ ئەپۇ قىلىۋېتىدىغانلىقى بىلەن بولىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «ئۈممىتىمنىڭ ھەر بىرىنىڭ گۇناھى كەچۈرۈلىدۇ. گۇناھنى ئاپئاشكارا قىلغۇچىلارنىڭكى بولسا كەچۈرۈلمەيدۇ. ئاشكارىلاش دېگەن بىر ئادەم كېچىسى بىرەر گۇناھ ئىشنى قىلغان ۋە ئاللاھ تائالا ئۇنى يوشۇرغان بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ ئەتىگىنى تۇرۇپ: ‹ھوي پالانى، ئاخشام مۇنداق-مۇنداق ئىشلارنى قىلدىم›، دەپ ئاللاھ يوشۇرغان بۇ ئىشنى ئاشكارىلىشىدۇر». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) گۇناھنى ئاشكارىلاشنى مەقسەت قىلىپ ئاشكارىلىغۇچىلارنىڭ گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقى.

2) ئاللاھ تائالا ياپقاننى ئاشكارىلاش ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغانلىقى. گۇناھىغا تەۋبە قىلىپ ياپقان كىشىنىڭ گۇناھىنى ئاللاھنىڭمۇ ياپىدىغانلىقى.

3) گۇناھىنى ئاشكارىلاش، ئاللاھنى، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە تەقۋا مۇسۇلمانلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدىغانلىقى.

4) گۇناھىنى ئاشكارىلاش ھارامنىڭ پاسىلىنى بۇزۇش ۋە دىننى مەنسىتمەسلىك بولىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر چۆرە زىنا قىلسا، ئۇنىڭ زىنا قىلغانلىقى ئېنىق ئاشكارىلانسا، ئۇنى شەرىئەت بويىچە جازالىسۇن، ئۇنى كەمسىتمىسۇن، ئاندىن ئىككىنچى قېتىم يەنە زىنا قىلسا، ئۇنى يەنە جازالىسۇن ۋە ھاقارەت قىلمىسۇن، ئاندىن كېيىن يەنە ئۈچىنچى قېتىم زىنا قىلسا، ئۇنى قىلدىن ئېشىلگەن ئارغامچىغا بولسىمۇ سېتىۋەتسۇن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھەدىستە ئېيتىلغان چۆرىنى سېتىۋېتىشتە چوقۇم چۆرىنىڭ ئىگىسى خېرىدارغا چۆرىنىڭ ئەيىبىنى ئېيتىشى، بۇنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى.

2) گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىنى چىرايلىق ۋەز-نەسىھەت بىلەن توغرا يولغا قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا رەھىمدىل بولۇش كېرەكلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ھاراق ئىچكەن بىر ئادەم كەلتۈرۈلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئۇرۇڭلار»، دېدى. ئەبۇ ھۇرەيرە مۇنداق دەيدۇ: ئۇنى بەزىمىز قولىمىز بىلەن، بەزىمىز ئاياغلىرىمىز بىلەن ۋە بەزىلىرىمىز كىيىمىمىز بىلەن ئۇردۇق. ئۇ ئادەم كەتكەن چاغدا بەزى كىشىلەر: «ئاللاھ تائالا سېنى رەسۋا قىلىۋەتكەي»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق دېمەڭلار، ئۇنىڭغا قارشى شەيتانغا ياردەم بەرمەڭلار»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھاراق ئىچكۈچىنى جازالاشتا قامچا ياكى قول، ياكى كىيىم، ياكى ئاياغ بىلەن ئۇرسا بولىدىغانلىقى.

2) گۇناھكار شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن جازا بىلەن جازالانغاندىن كېيىن توغرا يولدا مېڭىشىغا، خورلۇقتىن قۇتۇلۇشىغا دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا يامانلىق تىلەپ دۇئا قىلىشنىڭ شەيتانغا ياردەم بەرگەنلىك بولىدىغانلىقى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۇناھ قىلغان كىشىنى تىللىماستىن، قارغىماستىن توغرا مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۇ كىشىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھنى تەرك ئېتىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر