باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَلْتَكُن مِّنكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى الْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ

«سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ يامان ئىشلاردىن توسىدىغان بىر جامائە بولسۇن، ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر»-(سۈرە ئال ئىمران، 104- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

كُنتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ

«سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر»-(سۈرە ئال ئىمران، 110- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

 خُذِ الْعَفْوَ وَأْمُرْ بِالْعُرْفِ وَأَعْرِضْ عَنِ الْجَاهِلِينَ

«ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن»-(سۈرە ئەئراف، 199- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

 وَالْمُؤْمِنُونَ وَالْمُؤْمِنَاتُ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاء بَعْضٍ يَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ

«مۇئمىن ئەرلەر، مۇئمىن ئاياللار بىر-بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ»-(سۈرە تەۋبە، 71- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

لُعِنَ الَّذِينَ كَفَرُواْ مِن بَنِي إِسْرَائِيلَ عَلَى لِسَانِ دَاوُودَ وَعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ ذَلِكَ بِمَا عَصَوا وَّكَانُواْ يَعْتَدُونَ. كَانُواْ لاَ يَتَنَاهَوْنَ عَن مُّنكَرٍ فَعَلُوهُ لَبِئْسَ مَا كَانُواْ يَفْعَلُونَ

«بەنى ئىسرائىلدىن كافىر بولغانلارغا داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەت قىلىندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرى تۈپەيلىدىن بولدى. ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر-بىرىنى توسىمايتتى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمە دېگەن يامان»-(سۈرە مائىدە، 78-، 79- ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

 وَقُلِ الْحَقُّ مِن رَّبِّكُمْ فَمَن شَاء فَلْيُؤْمِن وَمَن شَاء فَلْيَكْفُرْ

«(ئى مۇھەممەد!) (بۇ) ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كافىر بولسۇن»-(سۈرە كەھف، 29- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

 فَاصْدَعْ بِمَا تُؤْمَرُ

«ساڭا بۇيرۇلغاننى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن»-(سۈرە ھىجىر، 94- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

أَنجَيْنَا الَّذِينَ يَنْهَوْنَ عَنِ السُّوءِ وَأَخَذْنَا الَّذِينَ ظَلَمُواْ بِعَذَابٍ بَئِيسٍ بِمَا كَانُواْ يَفْسُقُونَ

«يامان ئىشلاردىن مەنئى قىلغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن زالىملارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلدۇق»-(سۈرە ئەئراف، 165- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

بۇ باب ھەققىدە ئايەتلەر كۆپتۇر، ئەمدى ھەدىسلەرگە كېلىدىغان بولساق، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  1. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «سىلەردىن بىرىڭلار بىرەر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا ئۇنى تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا ئۇنىڭغا قەلبى بىلەن بولسىمۇ نارازى بولسۇن، قەلبى بىلەن نارازى بولۇش ئىماننىڭ ئەڭ زەئىپ دەرىجىسىدۇر». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) يامانلىقنى بارلىق مۇمكىن بولغان ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى.

2) يامانلىققا قەلبىدە نارازى بولۇشنىڭ پايدىسى شۇكى، ئۇ يامانلىققا قارىتا كىشى قەلبىدە غەزەپ پەيدا قىلىدۇ، داۋاملىق ئۇنى ئىنكار قىلىشنى كىشىگە ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.

3) ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش ئىسلام ئۈممىتىگە ئورتاق مەسئۇلىيەتتۇر.

4) بەزىلەر بۇ ھەدىسنى ئىسلام دىنىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭ، چۈنكى بۇ ھەدىس ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇشتەك ئەڭ ئاساسىي مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان، دېيىشىدۇ. يەنە بەزىلەر ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنى مۇشۇ ھەدىسكە يىغىنچاقلانغان، چۈنكى شەرىئەت ئەھكاملىرى ئومۇميۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشتىن ئىبارەت، دەيدۇ.

  1. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەربىر پەيغەمبەرنىڭ ئۆز ئۈممىتىدىن سۈننىتىنى مەھكەم ئۇچلاپ، بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىدىغان ھەۋارىيونلىرى (يېقىن مۇخلىسلىرى) بولغانىدى. پەيغەمبەردىن كېيىن ئۆزى بىلەن سۆزى ئوخشىمايدىغان، بۇيرۇلمىغان ئىشلارنى قىلىدىغان يامان ئىز باسارلار پەيدا بولدى. كىمكى ئۇلار بىلەن قولى ئارقىلىق ئېلىشسا، ئۇ مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ. كىمكى ئۇلار بىلەن قەلبى بىلەن ئېلىشسا، ئۇمۇ مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ. كىمكى ئۇلار بىلەن تىلى بىلەن ئېلىشسا، ئۇمۇ مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداق قىلمىغان ئادەمدە زەررىچىلىك ئىمان بولمايدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئۇبادە ئىبن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇشۇ ئاساستا بەيئەت قىلدۇقكى، قىيىنچىلىق ۋە ئاسانچىلىق، ئوڭۇشلۇق ۋە ئوڭۇشسىزلىق ھالەتلىرىمىزدىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنغايمىز، ئىش ئۈستىدىكىلىرىمىزدىن ئاشكارا كۇفرىلىق سادىر بولغانلىقىغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغان بىرەر پاكىت بولمىسىلا، ئۇلار بىزنىڭ ھەقلىرىمىزگە كۆز يۇمسىمۇ، ئۇلار بىلەن جەڭگى-جېدەل قىلمىغايمىز، قەيەردە بولمايلى، ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقماي، ھەقنى سۆزلىگەيمىز. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  3. نۇئمان ئىبن بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بېكىتكەن چەك-چېگراغا رىئايە قىلىدىغان (ئاللاھ تائالانىڭ ھارام قىلغان ئىشلىرىنى توسۇش) ئادەم بىلەن ئۇنىڭغا رىئايە قىلمىغان ئادەمنىڭ مىسالى كېمىدە ياخشى ئورۇنغا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن چەك تاشلاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كېمىنىڭ ئۈستىگە، بەزىلىرى كېمىنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشقان كىشىلەرنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. كېمىنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشقانلىرى ئۈستىگە چىقىپ سۇ ئالغان ۋاقىتتا، ئۈستىدىكى ئادەملەرنىڭ قېشىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: ‹ئۆزىمىز ئولتۇرغان جايىمىزدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ، سۇنى شۇ يەردىن ئالساق، ئۈستىدىكىلەرنى ئاۋارە قىلمىساق، دېيىشىدۇ. ئۈستۈنكى قەۋەتتىكىلەر ئاستىدىكىلەرنى ئاۋارە قىلمىساق دېيىشىدۇ. ئۈستۈنكى قەۋەتتىكىلەر ئاستىنقى قەۋەتتىكىلەرنىڭ خاھىشىغا قويۇپ بەرسە ھەممىسى ھالاك بولىدۇ. ئەگەر ئۈستۈنكى قەۋەتتىكىلەر ئاستىنقى قەۋەتتكىلەرنى توسۇپ، تۆشۈك تەشكىلى قويمىسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا بىردەك ئېرىشىدۇ». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك ئېتىش تەرك ئەتكۈچى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن جەمئىيەت ئەزالىرى ئۈچۈنمۇ پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى.

2) جەمئىيەتنىڭ ھالاك بولۇشى يەر يۈزىدىكى يامان كىشىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرى تۈپەيلىدىن بولىدىغانلىقى.

3) ئىنسان ئەركىنلىكىنىڭ مۇتلەق بولمايدىغانلىقى، بەلكى ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، مەنپەئەتىنى قوغداش يۈزىسىدىن چەكلىك بولىدىغانلىقى.

4) بەزى كىشىلەر ياخشى نىيەت بىلەن كالتە پەملىك قىلىپ جەمئىيەتكە زىيانلىق بەزى ئىشلارنى قىلغاندا، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ چەكلەش لازىملىقى.

  1. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كىشىلەر بولىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ بەزىسىنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن بىلەلەيسىلەر ۋە بەزىسىنى ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىنكار قىلىسىلەر. كىمكى شەرىئەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەمەللەرنى يامان كۆرسە شۇلارنىڭ ئىشىدىن چەك ئارىغان بولىدۇ ۋە كىمكى ئۇلارنى ئىنكار قىلسا، گۇناھتىن ئامان بولىدۇ. لېكىن، كىمكى ئۇلارغا رازى بولسا ۋە ئەگەشسە گۇناھكار بولىدۇ»، دېگەندە، ساھابىلەر: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇلار بىلەن ئۇرۇشمامدۇق؟»، دەپ سورىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق، ئۇلار ئاراڭلاردا ناماز ئوقۇپلا تۇرىدىكەن، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشماڭلار»، دېگەن. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن ئالدىنئالا خەۋەر بېرىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى ئىكەنلىكى.

2) نامازنىڭ ئىسلامنىڭ مۇھىم رۇكنى ئىكەنلىكى.

3) بىرلىكنى ساقلاش كېرەكلىكى، پىتنە-پاساتنىڭ تارىلىشى ۋە گەپ-سۆزدە ئىختىلاپنىڭ كۆپىيىشىدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەكلىكى.

  1. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى جەھىشنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پاراكەندە ھالدا ئۇنىڭ قېشىغا كىردى-دە: «بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوق، ئەرەبلەرگە ۋاي! ئۇلارغا بىر بالا-قازا يېقىنلاشتى. بۈگۈن يەئجۇج-مەئجۇجنىڭ يوچۇغىدىن مۇشۇنچىلىك ئېچىلىپ كەتتى»، دېدى-دە، باش بارمىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چەمبەر شەكلىدە كۆرسەتتى. مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئارىمىزدا ياخشى كىشىلەر تۇرۇقلۇقمۇ بىز ھالاك بولامدۇق؟»، دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۇنداق، يامان ئىشلار كۆپىيىپ كەتسە (ياخشىلار ئۇنى توسمىسا) شۇنداق بولىدۇ»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ياخشىلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئومۇميۈزلۈك ھالاك بولۇش يامان ئىشلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە يامراپ كېتىشى بىلەن بولىدىغانلىقى.

2) گۇناھلىق ئىشلارنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى بايان قىلىش.

3) بالا-قازانىڭ ياخشى-يامان دېمەي ھەممىنىڭ بېشىغا ئورتاق كېلىدىغانلىقى، لېكىن كىشىلەر قىيامەت كۈنى تىرىلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ نىيىتى ئاساس قىلىنىدىغانلىقى.

4) يامان ئىشلارنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۇنى توسۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

  1. ئەبۇ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يولدا ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىڭلار»، دېدى. ساھابىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! بىز يولدا پاراڭلىشىش ئۈچۈن ئولتۇرمىساق بولمايدۇ»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئولتۇرىمىز، دەپ تۇرۇۋالساڭلار، يولنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار»، دېدى. ساھابىلەر: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! يولنىڭ ھەققى نېمە؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كۆزنى (ھارام ئىشلاردىن) يىغىش ۋە باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، سالامنى ئىلىك ئېلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىسلام دىنىدا يولنىڭ ھەققى توغرىسىدىكى باشقا ھەدىسلەردە مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان: «ياخشى سۆزلەرنى قىلىش، نەرسە-كېرەك كۆتۈرۈشتە قىينالغانلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىش، ئېزىپ قالغانلارغا يول كۆرسىتىپ قويۇش، ‹ئەلھەمدۇلىللاھ› دېيىلگەندە، ‹يەرھەمۇكەللاھ›، دەپ دۇئا قىلىش.

2) يول ئاممىۋى ئەسلىھە بولۇپ، جەمئىيەتكە تەۋە، شەخسلەرنىڭ ئۇنى ئىگىلىۋېلىشىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى.

3) مۇسۇلماننىڭ دائىم ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشى ۋە كىشىلەرنى شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىشىنىڭ لازىملىقى.

  1. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ قولىغا بىر دانە ئالتۇن ئۈزۈك سېلىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى تارتىپ ئېلىپ تاشلىۋەتتى ۋە: «سىلەردىن بىرەرسىڭلار قولىدا ئوتنىڭ چوغىنى تۇتۇپ تۇرۇشنى خالامدۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەتكەن چاغدا ئۇ كىشىگە باشقىلار: «ئۈزۈكۈڭنى ئېلىپ ئۇنىڭدىن پايدىلانغىن»، دېدى. ئۇ كىشى: «ياق، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاشلىۋەتكەن نەرسىنى ھەرگىز ئالمايمەن»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) قۇربى يەتكەن كىشىنىڭ يامانلىقنى قولى بىلەن ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكى.

2) ئەرلەرنىڭ ئالتۇن ئۈزۈك سېلىشى ھارام بولغاچقا، ئۇنىڭدىن چەكلىنىش لازىملىقى.

3) ئەرلەرنىڭ ئالتۇن ئۈزۈك سېلىشىغا قاتتىق ئازاب ۋەدە قىلىنغانلىقتىن، ئۇنىڭ چوڭ گۇناھ سانىلىدىغانلىقى.

4) ھەدىستە ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇغىنىنى تولۇق قىلىپ، چەكلىگەن ئىشلىرىدىن چەكلىنىشتەك يۈكسەك ئېھتىياتچانلىقى كۆرسىتىلگەن.

  1. ئەبۇ سەئد ھەسەن بەسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئائىز ئىبن ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇبەيدۇللاھ ئىبن رىيادنىڭكىگە كىرىپ: «ئى ئوغلۇم! مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: ‹ھەقىقەتەن ھاكىملارنىڭ ئەڭ ئەسكىسى پۇقرالىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان ھاكىمدۇر›. سەن شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قالمىغىن»، دېۋىدى، ئۇبەيدۇللاھ ئائىزگە: «ئولتۇر، ئۆزۈڭ بولساڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ كېپىكىغۇ؟»، دېدى. ئائىز ئىبن ئەمر: «ساھابىلەرنىڭ ئىچىدە كېپەكتەك ئەرزىمەس كىشىلەر بولغانمىدى؟ ھەقىقەتەن ئەرزىمەس كېپەكلەر ساھابىلەردىن كېيىن كېلىدىغان ساھابە بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: ساھابىلەرنىڭ ئەمرىمەئرۇپ، نەھيى-مۇنكەر (كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش)نى چىڭ تۇتىدىغانلىقى.  

  1. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ جېنىم ئىلكىدە بولغان (يەنى ئاللاھ تائالا) بىلەن قەسەمكى، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇشۇڭلار كېرەك. ئۇنداق قىلالمىساڭلار پات يېقىندا ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئۆز تەرىپىدىن بىر بالا ئەۋەتىدۇ، ئۇ ۋاقتىدا دۇئا قىلساڭلار، دۇئايىڭلار ئىجابەت بولمايدۇ».— تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەمرى-مەئرۇپ، نەھيى-مۇنكەرنى تەرك ئەتكەننىڭ جازاسى شۇ كىشىلەرنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولماسلىقىدىن ئىبارەت بولىدىغانلىقى.

2) يامان ئىشلارنىڭ شۇملۇقى يامانلارنىڭ بېشىغىلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىللە ياخشىلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدىغانلىقى، بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى «قۇرئان كەرىم»دىكى مۇنۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى تەكىتلەيدۇ:

وَاتَّقُواْ فِتْنَةً لاَّ تُصِيبَنَّ الَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنكُمْ خَآصَّةً وَاعْلَمُواْ أَنَّ اللّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ

«سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا-قازادىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابى قاتتىقتۇر»-(سۈرە ئەنفال، 25- ئايەت).

  1. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىھادنىڭ ئەۋزىلى زالىم پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھەق گەپنى قىلىشتۇر». — ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇش جىھادنىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكى.

2) زالىم پادىشاھقا زۇلۇم قىلماسلىق ۋە ئادىل بولۇش ھەققىدە نەسىھەت قىلىش ئەڭ چوڭ جىھاد سانىلىدىغانلىقى.

3) جىھادنىڭ بىر قانچە دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدىغانلىقى.

4) نەسىھەت قىلىشتا مۇلايىم بولۇش كېرەكلىكى.

  1. ئىبن شىھاب بەجەلى ئەھمەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى ئېتىنىڭ ئۆزەڭگىسىنى دەسسەپ تۇرۇپ، رەسۇلۇللاھتىن: «قايسى جىھاد ئەڭ ئەۋزەل؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «زالىم پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھەقنى سۆزلەش»، دەپ جاۋاب بەردى. — نەسەئىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: زالىم پادىشاھنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىپ، يامانلىقتىن توسۇشنىڭ جىھادنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى سانىلىدىغانلىقى، چۈنكى ئۇ شۇ كىشىنىڭ ئىمانىنىڭ كامىللىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى، ئۇ كىشىنىڭ پادىشاھنىڭ زۇلمىدىن قورقماي، ئۆز جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بويىچە زالىم پادىشاھقا نەسىھەت قىلىشى ئۇرۇش مەيدانىدىكى خەتەردىن چوڭراق خەتەر سانىلىدىغانلىقى.

  1. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەنى ئىسرائىلغا دەسلەپتىلا دىنىي جەھەتتە يەتكەن نۇقسان شۇ ئىدىكى، بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە ئۇچراشسا: ئى ئادەم، بۇ ئىشتا ئاللاھ تائالادىن قورق، قىلىۋاتقان ئىشىڭنى تاشلا، ئۇ ساڭا ھالال بولمايدۇ، دەيتتى. ئاندىن ئۇ ئەتىسى ھېلىقى ئادەمنى يەنە شۇ ھالىتىدە ئۇچراتسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھەمداستىخان بولۇش، ھەمسۆھبەت بولۇشتىن ئۆزىنى تارتمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قەلبىنى بەزىلىرى ئارقىلىق پەردىلەپ قويدى.

لُعِنَ الَّذِينَ كَفَرُواْ مِن بَنِي إِسْرَائِيلَ عَلَى لِسَانِ دَاوُودَ وَعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ ذَلِكَ بِمَا عَصَوا وَّكَانُواْ يَعْتَدُونَ.  كَانُواْ لاَ يَتَنَاهَوْنَ عَن مُّنكَرٍ فَعَلُوهُ لَبِئْسَ مَا كَانُواْ يَفْعَلُونَ.  تَرَى كَثِيرًا مِّنْهُمْ يَتَوَلَّوْنَ الَّذِينَ كَفَرُواْ لَبِئْسَ مَا قَدَّمَتْ لَهُمْ أَنفُسُهُمْ أَن سَخِطَ اللّهُ عَلَيْهِمْ وَفِي الْعَذَابِ هُمْ خَالِدُونَ.  وَلَوْ كَانُوا يُؤْمِنُونَ بِالله والنَّبِيِّ وَمَا أُنزِلَ إِلَيْهِ مَا اتَّخَذُوهُمْ أَوْلِيَاء وَلَـكِنَّ كَثِيرًا مِّنْهُمْ فَاسِقُونَ. 

«ئاندىن بەنى «ئىسرائىلدىن كۇففار بولغانلارغا داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەت قىلىندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر-بىرىنى توسىمايتتى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان، ئالدىن تەييارلىغان ئەمەللىرى نېمىدېگەن يامان. (بۇ ئەمەللەر) ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازابقا قالغۇچىلاردۇر. ئەگەر ئۇلار ئاللاھ تائالاغا، پەيغەمبەرگە ۋە پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتسا ئىدى، كۇففارلارنى دوست تۇتمايتتى. لېكىن، ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر»- (سۈرە مائىدە، 78~81- ئايەتلەر) دېگەن ئايەتكىچە ئوقۇدى. ئاندىن: «ئاگاھ بولۇڭلار! ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، سىلەر ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر، يامانلىقتىن توسايسىلەر، زالىمنى قىلمىشىدىن توسايسىلەر، ئۇنىڭغا ھەق ئىشنىلا قىلدۇرىسىلەر، ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەنسىلەر، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ بەزىڭلارنىڭ سەۋەبى بىلەن قالغانلىرىڭلارنىڭ قەلبىنى پەردىلەپ قويىدۇ. ئاندىن بەنى ئىسرائىل كىشىلىرىنى ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلغانغا ئوخشاش سىلەرنىمۇ ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلىۋېتىدۇ»، دېگەنىدى.     — ئەبۇ داۇۋد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

تىرمىزىنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەنى ئىسرائىل گۇناھلارغا چۆمگەندە، ئۆلىمالىرى ئۇلارنى توستى، ئۇلار يانمىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرى ئۇلار بىلەن سورۇنداش ۋە ھەمداستىخان بولۇشاتتى. ئۇلارنىڭ ئاسىي بولغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بەزىلىرىنىڭ سەۋەبى تۈپەيلى بەزىلىرىنىڭ قەلبلىرىنى پەردىلىۋەتتى ۋە داۋۇد ئەلەيھىسسالام ۋە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق لەنەت قىلدى». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى يۆلىنىپ تۇرۇپ سۆزلىگەنىدى. ئاندىن ئۇ بىردىنلا رۇس ئولتۇرۇپ: «ئۇنداق بولمىسۇن، جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، سىلەر زالىملارنى ھەققە ئۈندەپ، ئۇلارنى ھەق تەرەپتە تۇرغۇزۇشىڭلار كېرەك»، دېدى.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) يامان ئىشلارنى ئاشكارا قىلىش بىلەن ئۇنىڭدىن توسىماسلىقتىن ئىبارەت ئىللەتلەرنىڭ يەھۇدىيلاردا تېپىلىدىغانلىقى.

2) يامان ئىشلارنى توسىماستىن ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش، ئەمەلىيەتتە ئۇنى قوللاش بولىدىغانلىقى ۋە تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقى.

3) يامانلىقنى قولى بىلەن توسۇپ، ئۆزگەرتىشكە قادىر تۇرۇقلۇق پەقەت تىلى بىلەن ئۆزگەرتمەكچى بولۇشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ: ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ عَلَيْكُمْ أَنفُسَكُمْ لاَ يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ

«ئى مۇئمىنلەر، ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ»-(سۈرە مائىدە، 105- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) دېگەن بۇ ئايەتنى ئوقۇيسىلەر. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئەگەر كىشىلەر زۇلۇم قىلغۇچىنى كۆرۈپ، زۇلۇمنى توسمىسا، پات ئارىدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشىغا ئورتاق كېلىدىغان ئازابنى چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ»، دېدى.     — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

 ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مۇئمىنلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە مەسئۇل بولۇشى، بىر-بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشى، نەسىھەت قىلىشى زۆرۈر بولۇپ، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلارغا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنىڭ بارلىق ئادەملەرنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ ساقىت بولمايدىغانلىقى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ زالىمنى زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەتراپىدىكى ئادەملەرنى بولسا زالىمنىڭ زۇلمىغا سۈكۈت قىلغانلىقى، ئۇنى توسۇشقا قادىر تۇرۇقلۇق توسمىغانلىقى ئۈچۈن ئوخشاش جازالايدىغانلىقى.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ