مۇسۇلمانلار

21-  سادىق بولۇش توغرىسدا

 سادىق بولۇش توغرىسدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ

«مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر»-(سۈرە ھۇجۇرات، 10- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

 وَأَنَاْ لَكُمْ نَاصِحٌ أَمِينٌ

«مەن سىلەرگە ئىشەنچىلىك نەسىھەتچىمەن»-(سۈرە ئەئراف، 68- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئىبن ئەۋس دارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دىننىڭ ئاساسى سادىق بولۇش»، دېدى. بىز: «كىمگە سادىق بولۇش؟»، دەپ سورىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا سادىق بولۇش، پەيغەمبەرگە سادىق بولۇش، مۇسۇلمانلارنىڭ يولباشچىلىرىغا سادىق بولۇش ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا سادىق بولۇشتىن ئىبارەتتۇر»، دەپ جاۋاب بەردى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەدىستە مۇسۇلمانلارنىڭ سەمىمىي-سادىق بولۇشى زۆرۈر ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. چۈنكى، سادىقلىق دىننىڭ ئاساسى ۋە تۈۋرۈكىدۇر. ئاللاھ تائالاغا سادىق بولۇش دېگەن ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىماننىڭ دۇرۇسلۇقى ۋە ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىبادەت قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا سادىق بولۇش بولسا، ئۇنىڭغا چىن دىلى بىلەن ئىشىنىش، دائىم تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇش، ئۇنىڭ ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىش، ئۇنى ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىگە سادىق بولۇش دېگەنلىك ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە چىنپۈتۈش، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش، ئۇنىڭ شەرىئىتى ۋە سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەگىشىش. مۇسۇلمانلارنىڭ يولباشچىلىرىغا سادىق بولۇش بولسا، توغرا، ھەق ئىشلاردا ئۇلارغا ياردەملىشىش، گۇناھ بولمىغان ئىشلاردا ئۇلارغا بويسۇنۇش، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ياخشىلىق بىلەن تۈزەشتۇر. مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا سادىق بولۇش دېگەنلىك ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش.

بۇ ھەدىس ئىسلام دىنىدىكى جىمىي ياخشىلىقلارنى جەملىگەن ئاساسلىق ھەدىستۇر.

  1. جەرىر ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ھەر بىر مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىلىش جەھەتلەردە بەيئەت قىلدىم. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە نەسىھەت قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى بايان قىلىنغان. شۇڭا، ساھابىلەر بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان، بۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ۋەدە قىلغان.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن قانداق بىر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرگەندىلا ئاندىن مۇسۇلمانى كامىل ھېسابلىنىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇسۇلماننىڭ ئىمانى كامىل بولۇشنىڭ شەرتى شۇكى، ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ۋە قىزىققان ياخشىلىق، تائەت-ئىبادەتلەرنى باشقا مۇسۇلمانلارغا دالالەت قىلىدۇ، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ، مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىشقا نەسىھەت قىلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر