مۇسۇلمانلار

20- ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىش توغرىسىدا

ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَتَعَاوَنُواْ عَلَى الْبرِّ وَالتَّقْوَى

«ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار»-(سۈرە مائىدە، 2- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَالْعَصْرِإِنَّ الْإِنسَانَ لَفِي خُسْرإِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ

«زامان بىلەن قەسەمكى،ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر-بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر-بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر»-(سۈرە ئەسىر، 3 ~ 1- ئايەتلەر).

ئىمام شافىئىي (ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن)نىڭ بىر سۆزى بولۇپ، ئۇ سۆزنىڭ مەنىسى مۇنداق: «ھەقىقەتەن كىشىلەر ياكى كىشىلەرنىڭ تولىسى سۈرە ئەسىرنى چوڭقۇر ئويلىنىشتىن غەپلەتتىدۇر».

  1. زەيد ئىبن خالىد جۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلغۇچىنى جابدۇتسا، ئۇنىڭغىمۇ جىھاد قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. كىمكى جىھاد قىلغۇچىنىڭ بالا-چاقا، ئائىلىسىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشقا قالغان بولسا، ئۇنىڭغىمۇ جىھاد قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لېھيان قەبىلىسىگە (بۇ قەبىلە تېخى بۇ چاغدا مۇشرىك ئىدى) ھۇزەيل قەبىلىسىدىن بىر تۈركۈم ساھابىلەرنى ئەۋەتمەكچى بولۇپ: «ھەر ئىككى كىشىدىن بىر كىشى بارسۇن، ساۋاب ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بولغۇسى»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  3. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەۋھا دېگەن جايدا بىر كارۋانغا ئۇچراشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر كىم بولىسىلەر؟»، دېدى. ئۇلار: «بىز مۇسۇلمانلارمىز»، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلار: «سىز كىم؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى»، دېدى. بىر ئايال بىر كىچىك بالىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ: «بۇنىڭ ھەج قىلىشىغا بولامدۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەج قىلىشىغا بولىدۇ، ساڭىمۇ ساۋابى بولىدۇ»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بىرەر تائەت-ئىبادەتنىڭ ئورۇنلىنىشىغا سەۋەبچى بولسا ياكى ياردەملەشسە، ئۇنى ئۆزى بىۋاسىتە قىلغاننىڭ ساۋابى بولىدىغانلىقى.

2) كىچىك بالىنىڭ ھەج قىلىشىنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ساۋاب تاپىدىغانلىقى، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن چوڭ بولۇپ بالاغەتكە يەتكەندىكى ھەج پەرزىنىڭ ساقىت بولمايدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئورۇنلايدىغان، بېرىشكە تېگىشلىكنى كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن تولۇق بېرىدىغان، كىمگە بېرىشكە بۇيرۇلسا شۇنىڭغا بېرىدىغان ئىشەنچىلىك مۇسۇلمان خەزىنىچى سەدىقە بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ»، دېگەن. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر