باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 ياخشىلىققا دالالەت قىلىش ۋە ھىدايەتكە دەۋەت قىلىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَادْعُ إِلَى رَبِّكَ

«پەرۋەردىگارىڭ تەرەپكە دەۋەت قىلغىن»-(سۈرە قەسەس، 87-ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

 ادْعُ إِلِى سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ 

«پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا، ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن»-(سۈرە نەھل، 127- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَتَعَاوَنُواْ عَلَى الْبرِّ وَالتَّقْوَى

«ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار»-(سۈرە مائىدە، 2- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

 وَلْتَكُن مِّنكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى الْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ

«سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان بىر جامائە بولسۇن، ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر»-(سۈرە ئال ئىمران، 104- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر ئادەمنى ياخشىلىققا دالالەت قىلسا، ئۇ ئادەمگە شۇ ياخشىلىقنى قىلغۇچىغا بېرىلگەن ساۋابقا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىلەرنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەرغىب قىلىش ۋە دالالەت قىلىش، چۈنكى ياخشىلىقنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا سەۋەب بولغۇچىغا ئۇنى قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقىلارنى توغرا يولغا چاقىرسا، ئۇ ئادەمگە توغرا يولغا ئەگەشكەن ئادەمنىڭ ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەستىن، ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىگە ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدۇ. كىمكى گۇمراھلىققا چاقىرسا، چاقىرغۇچى ئادەمگە شۇ گۇمراھلىققا ئەگەشكەن كىشىنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەستىن ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىگە ئوخشاش گۇناھ بولۇپ تۇرىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بىرەر ئىشنى قىلىشقا سەۋەب بولغۇچىنىڭ قىلغۇچى بىلەن ساۋاب ۋە جازادا ئوخشاش ئىكەنلىكى.

2) مۇسۇلماننىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، ئېسىل ئۈلگە بولۇشى لازىملىقى.

3) مۇسۇلمان ئادەمنىڭ يامان دەۋەت ۋە يامان ھەمراھلاردىن يىراق بولۇشى كېرەكلىكى.

4) ياخشىلىققا سەۋەب بولغۇچىغا ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى، يامانلىققا سەۋەب بولغۇچىغىمۇ ھەسسىلەپ جازا بېرىلىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇلئابباس ئىبن سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن ئەتە بۇ تۇغنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قولى بىلەن غەلىبە ئاتا قىلىدىغان ۋە ئاللاھ تائالانى، ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرىدىغان ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە بېرىمەن»، دېدى. ساھابىلەر ئۇ تۇغنى قايسىمىزغا بېرىدىغاندۇ؟ دەپ پاراڭ سېلىشىپ، كېچىنى ئۆتكۈزدى. ساھابىلەر تاڭ ئاتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۇغنى ماڭا بەرسىكەن، دەپ ئۈمىد قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەلى ئىبن ئەبۇ تالىپ قەيەردە؟»، دېۋىدى، «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىق»، دېيىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتىڭلار»، دېدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئىككى كۆزىگە دۇئا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۆزى ئاغرىپ باقمىغاندەك ساقىيىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغنى ئۇنىڭغا بەردى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار بىلەن تاكى ئۇلار دىنىمىزگە كىرىپ، بىزگە ئوخشاش بولغۇچە ئۇرۇش قىلامدىم؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن ئۇلارنىڭ جايىغا يېتىپ بارغۇچە ئالدىرىماي ئاستا ماڭغىن، ئاندىن ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغىن ۋە ئۇلارغا قىلىشى زۆرۈر بولغان ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغىن. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالانىڭ سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن بىرەر كىشىنى ھىدايەت قىلىپ قويغىنى سەن ئۈچۈن قىزىل تۆگىدىنمۇ ياخشىدۇر». (قىزىل تۆگە ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مېلى ھېسابلىناتتى. بۇ يەردە ئەڭ چوڭ ساۋاب كۆزدە تۇتۇلىدۇ. — ت) — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسەلنى ساقايتقانلىقى.

2) ساھابىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەببىتى ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىشكە ھېرىسمەنلىكى، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتا بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىدىغانلىقى.

3) ئىسلام دىنىنىڭ ئالىيجانابلىقى، ئۇرۇش قىلىشتا بېكىتكەن ئەدەپ-قائىدىلىرى ۋە كىشلەرنى گۇمراھلىقتىن قۇتقۇزۇش غايىسى بايان قىلىنغان.

4) ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشنىڭ پەزىلىتى، ياخشىلىق ۋە ھەققە دەۋەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، بۇنىڭ ناھايىتى زور ئەجىر-ساۋاب بېرىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەسلەم قەبىلىسىدىن بىر ياش: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن جىھادقا چىقاي دەيمەن، لېكىن جابدۇنۇشتىن ئاجىزمەن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سەن پالانچىنىڭكىگە بارغىن، ئۇ جابدۇنۇپ بولغاندا، كېسەل بولۇپ قالدى»، دېدى. ئۇ ياش ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساڭا سالام ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جىھاد ئۈچۈن تەييارلىغان نەرسىلىرىڭنى ماڭا بېرىشنى ئېيتتى»، دېدى. ئۇ ئادەم ئايالىغا: «مەن تەييارلىق قىلغان نەرسىلەردىن بىر ئازنىمۇ قالدۇرماي ئۇنىڭغا بەرگىن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىرەر نەرسىنى ئېلىپ قالساڭ، ئۇنىڭدا ساڭا بەرىكەت بولمايدۇ»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ياخشىلىققا دالالەت قىلىش ۋە ئۇنى قىلىشقا تىرىشىش، شۇنداقلا ياخشىلىقنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ياردەم بېرىش كېرەكلىكى.

2) كىمكى بىرەر ياخشى ئىشنى قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ، ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئۆزرىلىك بولۇپ قالغاندا، بۇنى ئۆزىنىڭ تاقىتى يېتىدىغان يەنە بىر ياخشىلىقنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا سەرپ قىلىشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكى.

3) كىمكى پۇل-مېلىنى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشىلىق يوللىرىدا سەرپ قىلىشقا بېخىللىق قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ماللىرىنىڭ بەرىكىتىنى ئۇچۇرۇۋېتىدىغانلىقى، ئۇ ئادەمنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى ھالاكەت يولىغا تاشلايدىغانلىقى.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ