مۇسۇلمانلار

17- بىدئەتلەرنى چەكلەش توغرىسىدا

 بىدئەت ۋە دىندا يېڭى پەيدا بولغان ئىشلارنى چەكلەش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

فَمَاذَا بَعْدَ الْحَقِّ إِلاَّ الضَّلاَلُ

«ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن غەيرىي نەرسە مەۋجۇت ئەمەس»- (سۈرە يۇنۇس، 32- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللّهِ

«ئەگەر بىرەر شەيئى ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار (يەنى، «قۇرئان كەرىم» ۋە سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىڭلار»-(سۈرە نىسا، 59- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَأَنَّ هَـذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ وَلاَ تَتَّبِعُواْ السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَن سَبِيلِهِ

«بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، نا توغرا يولدا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ»-(سۈرە ئەنئام، 153- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ

«(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ. گۇناھىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ»-(سۈرە ئال ئىمران، 31- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

بۇ بابقا دائىر ئايەتلەر كۆپ، بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ يەردە پەقەت بىر قىسمىنىلا بايان قىلىمىز:

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىسلام دىنىدا بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇ نەرسە قوبۇل قىلىنمايدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ بىر رىۋايىتىدە: «كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدا يوق بىر ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ»، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەدىسنى يادلىۋېلىش، ئۇنى بىدئەت ئىشلارنى توسۇشتا ئاساس قىلىش كېرەك». ئىمام ئىبن ھەجەر ئەسقەلانى مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەدىس دىننىڭ تۈپ يىلتىزى ۋە ئاساسىي قائىدىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ».

2) دىنغا زىت بولغان، دىننىڭ ئومۇمىي قائىدىسىگە ياكى ئايرىم ئەھكاملىرىغا خىلاپ بولغان بىدئەتلەرنى رەت قىلىش زۆرۈردۇر. بىراق، يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىش دىنغا خىلاپ بولمىسا، بەلكى دىننىڭ ئومۇمىي ئۇسۇل قائىدىلىرى ۋە ئەھكاملىرىنىڭ بىر تارمىقى بولسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنمايدۇ، بەلكى ئۇ ئىش ۋاجىپ ياكى مەندۇپ (قىلغۇچىغا ساۋاب-ئەجىر بېرىلىدىغان، تەرك ئەتكۈچى جازالانمايدىغان ئىش) بولۇشى مۇمكىن. يەنى، زامانىۋى قوشۇن ھازىرلاش، ئۇرۇش قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك زور ئىشلار ياكى ئىلىم تارقىتىش ۋە كىشىلەرگە ئىلىم ئۆگىتىش ئۈچۈن مەكتەپ سېلىش ۋە كىتابلارنى نەشر قىلىپ بېسىپ تارقىتىشتەك ياخشى ئىشلاردۇر.

  1. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇتۇق سۆزلىگەندە كۆزلىرى قىزىرىپ، ئاۋازى كۆتۈرۈلۈپ، غەزەپلەنگەندەك بىر ھالغا كېلەتتى، گوياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھالىتى دۈشمەن قوشۇنلىرى ئەتىگەن ۋە كەچلەردە ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، دەپ دۈشمەن قوشۇنلىرىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچىنىڭ ھالىتىگە ئوخشايتتى. «مەن پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلدىم، ھالبۇكى قىيامەتنىڭ مەن بىلەن ئارىلىقى مۇشۇ ئىككى بارماققا ئوخشاش»، دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى جۈپلەشتۈرۈپ كۆرسىتەتتى. يەنە مۇنداق دەيتتى: «مەن سىلەرگە ئېيتماقچىمەنكى، سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدۇر. يولنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ يامىنى يېڭى پەيدا بولغان ئىشلاردۇر. بىدئەتنىڭ ھەممىسى گۇمراھلىقتۇر». يەنە مۇنداق دەيتتى: «مەن ھەربىر مۇئمىنگە ئۇنىڭ جېنىدىنمۇ ئارتۇقراقتۇرمەن. كىمكى مىراس مال قالدۇرسا ئۇ ئائىلىسىنىڭ ھەققىدۇر. كىمكى قەرزنى ۋە تەربىيىگە موھتاج بالا-چاقىلىرىنى قالدۇرسا، ئۇلارنى مەن ئۈستۈمگە ئالىمەن». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

«رەسۇلۇللاھنىڭ ئەدەب-ئەخلاقلىرى ۋە سۈننىتىگە رېئايە قىلىش توغرىسىدا»، دېگەن ماۋزۇلۇق 16- بابتىكى ئىرباز ئىبن سارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستىمۇ مۇشۇ مەزمۇن بايان قىلىنغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەگىشىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكى. دىنغا مۇخالىپ كېلىدىغان، تۈپ ئاساسىغا ئۇيغۇن بولمىغان بىدئەتلەرگە قارشى تۇرۇش لازىملىقى.

2) مۇسۇلمانلارنىڭ بەيتۇلمالدىن پۇل ئاجرىتىپ ئاجىز-يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ۋاجىپلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن كېيىن خەلىفىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىدا ئۇلارغا ھامىي بولۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر