باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە رىئايە قىلىشقا، ئەدەب-ئەخلاقىنى ئۆگىنىشكە بۇيرۇش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانتَهُوا

«پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار»-(سۈرە ھەشىر، 7- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَمَا يَنطِقُ عَنِ الْهَوَى إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَى

«(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ»-(سۈرە نەجىم، 3-، 4- ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ

«(ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھ تائالانى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ تائالا سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ»-(سۈرە ئال ئىمران، 31- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا

«سىلەرگە — ئاللاھ تائالانى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر»-(سۈرە ئەھزاب، 21- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

فَلاَ وَرَبِّكَ لاَ يُؤْمِنُونَ حَتَّىَ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لاَ يَجِدُواْ فِي أَنفُسِهِمْ حَرَجًا مِّمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُواْ تَسْلِيمًا

«(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ»-(سۈرە نىسا، 65- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللّهِ وَالرَّسُولِ

«ئەگەر بىرەر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالاغا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار»-(سۈرە نىسا، 59- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

 مَّنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللّهَ

«كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ»- (سۈرە نىسا، 80- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَإِنَّكَ لَتَهْدِي إِلَى صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ

«شەك-شۈبھىسىزكى، سەن توغرا يولغا باشلايسەن»-(سۈرە شۇرا، 52- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ

«پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيانىڭ چوڭ بىر) پىتنىسىگە يولۇقۇشتىن ياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشىدىن قورقسۇن»-(سۈرە نۇر، 63- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَاذْكُرْنَ مَا يُتْلَى فِي بُيُوتِكُنَّ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ وَالْحِكْمَةِ

«ئۆيلىرىڭلاردا ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەت (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى)تىن ئوقۇلۇۋاتقان نەرسىلەرنى ياد ئېتىڭلار»-(سۈرە ئەھزاب، 34- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

بۇ باب توغرىسىدا ئايەتلەر كۆپ، ھەدىسلەر بولسا تۆۋەندىكىچە:

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مادامىكى مەن سىلەرنى جىم قويغان ئىكەنمەن، سىلەرمۇ مېنى جىم قويۇڭلار. سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنى ئۇلارنىڭ كۆپ سوئال سوراشلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى بىلەن ئىختىلاپ قىلىشلىرى ھالاك قىلغان. ئەگەر مەن سىلەرنى بىر نەرسىدىن چەكلىسەم، ئۇنىڭدىن چەكلىنىڭلار. سىلەرنى بىرەر نەرسىگە بۇيرۇسام، قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۇنى ئورۇنداڭلار». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مەسىلىلەرنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان، ئىختىلاپقا ئېلىپ بارىدىغان شۈبھە تۇغدۇرىدىغان سوئاللارنى سورىماسلىق كېرەكلىكى.

2) ئىختىلاپلارنى تۇغدۇرىدىغان مەسىلىلەر كىشىلەرنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقى، بەنى ئىسرائىلنىڭ مۇشۇ جۈملىدىن ئىكەنلىكى.

3) ئەگەر چەكلەش قەتئىي بولسا، چوقۇم ئۇنى تەرك ئېتىش ۋاجىپلىقى، ئەگەر چەكلەش قەتئىي يوسۇندا بولمىسا، ئۇنى تەرك ئېتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

4) بەندىنى بىرەر ئىشتىن چەكلەشتە مۇشەققەت بولمىغاچقا، چەكلەشنىڭ ئومۇمىي بولىدىغانلىقى، بىرەر ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇشتا قىلغۇچىغا مۇشەققەت بولغانلىقى ئۈچۈن، بەندىنى تاقىتىنىڭ يېتىشىچە قىلىشقا بۇيرۇيدىغانلىقى.

  1. ئىرباز ئىبن سارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى تەسىرلىك بىر ۋەز سۆزلىدىكى، ئۇنىڭدىن دىللىرىمىزنى قورقۇنچ باستى. كۆزلىرىمىزدىن ياش قۇيۇلدى. بىز: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ سۆز ۋىدالاشقۇچىنىڭ سۆزلىرىگە ئوخشاپ كەتتى. بىزگە يەنە نەسىھەت قىلساڭ»، دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرگە ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىشنى، سىلەرگە بىر قۇل باشلىق بولسىمۇ ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاشنى ۋە ئىتائەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن»، دېدى. يەنە: «ئىچىڭلاردىن كىمنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسا، نۇرغۇن ئىختىلاپلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرىدۇ. سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە، راستچىل ۋە توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىفىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار ۋە ئۇلارنى مەھكەم ئۇچلاڭلار. بىدئەت ئىشلاردىن ساقلىنىڭلار، ھەقىقەتەن ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر»، دېدى. — ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىش، بۇ بولسا ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداش، چەكلىگەنلىرىدىن ساقلىنىش بىلەن بولىدىغانلىقى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن خەۋەر بېرىشتەك مۆجىزىسى، راستتىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ ئىختىلاپ قىلىشىپ، نۇرغۇن پىرقە-گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكى.

3) راستچىل، توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىفىلەرنىڭ ئەبۇ بەكرى، ئۇمەر، ئوسمان، ئەلى (ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بولۇپ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ئەڭ ئوبدان بىلگۈچى ۋە تەقۋادار بولغاچقا، باشقىلاردىن ئاۋۋال ئۇلارغا ئەگىشىش، ئىتائەت قىلىش لازىملىقى.

4) بىدئەتنى ئەيىبلەش شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇنىڭ دىنغا مۇخالىپ كېلىدىغانلىقى ۋە دىننىڭ قائىدىلىرىگە قارشى بولغان ئىشلار بىلەن باغلانغانلىقىدىندۇر.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ، پەقەت جەننەتكە كىرىشتىن باش تارتقان كىشىلەرلا كىرمەيدۇ»، دېدى. ئى رەسۇلۇللاھ! كىم باش تارتىدۇ؟ دېگۈچىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ماڭا ئىتائەت قىلغان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ ۋە ماڭا ئاسىي بولغان كىشى باش تارتقان بولىدۇ»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ مۇسلىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا سول قولى بىلەن تاماق يېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن»، دېدى. ئۇ كىشى: «يېيەلمەيمەن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يېيەلمىگەيسەن»، دەۋەتتى. ئۇ تەكەببۇرلۇق قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىمىغان. ئاخىر ئۇ كىشى ئۆلگۈچە ئوڭ قولىنى ئاغزى تەرەپكە كۆتۈرەلمىگەن.

     — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئوڭ قول بىلەن تاماق يېيىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، كېسەل ياكى قولى كېسىۋېتىلگەنلىك ئۆزرىسى يوق تۇرۇپ سول قولىدا يېيىشنىڭ مەكرۇھ ئىكەنلىكى.

2) ياخشى ھېسابلانغان ئىشلارنى تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھ ھېسابلانمايدىغانلىقى، ئەمما ھەدىستىكى ئادەمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتقانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولغانلىقى.

  1. نوئمان ئىبن بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «سىلەر سەپلىرىڭلارنى تۈز قىلىڭلار، ئۇنداق قىلمايدىكەنسىلەر ئاللاھ تائالا يۈزلىرىڭلارنى چەلەڭگۆش قىلىپ قويىدۇ»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ سەپلىرىمىزنى ئوقيانىڭ ئوقىدەك تۈزلەيتتى. ھەتتا بىز چۈشىنىپ بولغۇچە ئاشۇنداق قىلغانىدى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقتى. ئاندىن نامازغا تۇرماقچى بولدى. ھەتتا تەكبىر ئېيتىشقا ئاز قالغاندا بىرسىنىڭ كۆكرىكىنىڭ ئالدىغا چىقىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرى! سىلەر سەپلىرىڭلارنى تۈزەڭلار، ئۇنداق قىلمىساڭلار ئاللاھ تائالا يۈزۈڭلارنى چەلەڭگۆش قىلىپ قويىدۇ»، دېدى، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نامازغا تۇرغاندا جامائەتنىڭ سەپتە تۈز تۇرۇشى لازىملىقى. ئەگەر سەپ تۈز بولمىسا، سەپنى تۈزلەش ئۈچۈن ئىقامەت بىلەن نامازنى باشلاشنىڭ ئالدىدا گەپ قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى، ئەمما باشقا چاغدا بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكى.

  1. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كېچىسى مەدىنىدە بىر ئۆي ئائىلىدىكىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كۆيۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئىشلىرى رەسۇلۇللاھقا يەتكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۈبھىسىزكى، ئوت سىلەرگە دۈشمەندۇر، سىلەر ئۇخلىغاندا ئوتنى ئۆچۈرۈۋېتىڭلار»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئوتنى ئۆچۈرۈۋېتىش لازىملىقى، بۇ ھەدىس كىشىلەرگە يول كۆرسىتىش ياكى پايدىلىق مەسلىھەت تەرىقىسىدە ئېيتىلغان. خەتىرى بولمىسىلا، ئاسما چىراغلار بۇنىڭغا كىرمەيدۇ.

  1. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ھىدايەت ۋە شەرىئەت ئىلمى زېمىنغا ياغقان مول يامغۇرغا ئوخشايدۇ. بەزى يەرلەر مۇنبەت بولۇپ، يامغۇرنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە نۇرغۇن ئوت-چۆپلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ. بەزى يەرلەر گىياھ ئۈنمەس، سۇ سىڭمەس تېتىر بولۇپ، ئۈستىدە سۇ لەيلەپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن كىشىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرىدۇ. شۇ سۇدىن كىشىلەر ئىچىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۇلاغلىرىنى ۋە زىرائەتلىرىنى سۇغىرىدۇ. يەنە بىر قىسىم تۈزلەڭ، شور يەرلەر بولۇپ، ئۈستىدە سۇمۇ تۇرمايدۇ. گىياھمۇ ئۈنمەيدۇ. ئەنە شۇ يۇقىرىدىكىلەر ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى چۈشىنىپ، مەن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلتۈرگەن تەلىماتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشىنىڭ مىسالىدۇر، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇ تەلىماتقا باقمىغان ۋە مەن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ھىدايەتنى قوبۇل قىلمىغان ئادەمنىڭ مىسالىدۇر. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ھىدايەت ۋە ئىلىمنى كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان مول يامغۇرغا ئوخشاتقان. چۈنكى، زېمىن يامغۇر بىلەن ياشارغاندەك، قەلبلەر ھىدايەت ۋە ئىلىم بىلەن نۇرلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئىلىم ئۆگىنىپ، كىشىلەرگە ئۇنى ئۆگەتكەن كىشىنى مۇنبەت يەرگە ئوخشاتقان، ئىلىم ئۆگەنگەن، بىراق ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدىغان كىشىنى گىياھ ئۈنمەس، پەقەت كىشىلەر ئۇنىڭ سۈيىدىن پايدىلىنىدىغان تېتىر يەرگە ئوخشاتقان. ئىلىم ئۆگەنمىگەن ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدىغان كىشىنى بولسا، سۈيى يوق، شۇنداقلا گىياھمۇ ئۈنمەس يەرگە ئوخشاتقان. بۇ بولسا ئەڭ ناچار كىشى بولۇپ، ئۆزگىگىمۇ، ئۆزىگىمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر.

2) ھەدىستە ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە ۋە ئۆگەنگۈچىلەرگە ئىلمىگە ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ئىلىمسىزلىكتىن ئاگاھلاندۇرغان.

3) ئىلىم ئۆگىنىپ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا پايدا يەتكۈزگەن كىشىنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان.

  1. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن بىلەن سىلەرنىڭ مىسالىڭلار بىر كىشىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇكى، ئۇ كىشى ئوت ياققان، ھاشاراتلار ۋە پەرۋانىلەر ئۇ ئوتقا ئۆزلىرىنى ئېتىۋاتقان، ھالبۇكى ئۇ كىشى ئۇلارنى ئوتتىن توسۇۋاتقان. مەن بولسام ئوتقا چۈشۈپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بېلىڭلارنىڭ تۆۋىنىدىن تۇتۇۋىلىۋاتىمەن، سىلەر بولساڭلار قولۇمدىن چىقىپ كېتىۋاتىسىلەر».

     — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە ناھايىتى رەھىمدىل ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە ھېرىس بولغاچقا، قىلىشقا تېگىشلىك بارلىق ياخشىلىقلارنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ، ساقلىنىشى زۆرۈر بولغان بارلىق يامانلىقلاردىن ئاگاھلاندۇرغانلىقى.

2) ھەدىستە كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ نادانلىقى سۆزلەنگەن. شەرىئەت ئەھكاملىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن ئىبارەت نادانلىقنىڭ كىشىنى جەھەننەم ئازابىغا دۇچار قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

  1. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارماقلارنى ۋە تاۋاقنى يالاشقا بۇيرۇپ: «شۈبھىسىزكى، سىلەر بەرىكەتنىڭ قايسىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر»، دېگەن.— مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «بىرەرسىڭلارنىڭ بىرەر لوقمىسى چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى ئېلىپ، يۇقۇپ قالغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىپ يەۋەتسۇن، ئۇنى شەيتانغا تاشلاپ بەرمىسۇن. بارماقلىرىنى يالىۋەتمىگۈچىلىك قولىنى لۆڭگە بىلەن ئېرتمىسۇن. چۈنكى، ئۇ بەرىكەتنىڭ تاماقنىڭ قەيىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ»، دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھەقىقەتەن شەيتان سىلەرنىڭ ھەر قانداق ئىشىڭلاردا، ھەتتا تامىقىڭلاردىمۇ ھازىر بولىدۇ. تاماق يەۋاتقاندا، سىلەرنىڭ بىرىڭلار لوقمىسى چۈشۈپ كەتسە، ئۇنىڭغا يۇققان نەرسىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنى يەۋەتسۇن. ئۇنى شەيتانغا تاشلاپ بەرمىسۇن»، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھەدىستە تاماقتىن كېيىن تاماق يېگەن قاچىنى ۋە بارماقلىرىنى يالىۋېتىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن، چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنى قەدىرلەش، كەمتەرلىك بولۇپ، ئېشىپ قالغان تاماقلارنى تۆكۈۋېتىش نېئمەتكە كۇفرىلىق قىلغانلىق ۋە تەكەببۇرلۇق قىلغانلىق بولىدۇ.

2) تاماق يېگەندە بىرەر لوقما نىجىس يەرگە چۈشمىگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى مەينەتچىلىكنى تازىلىۋېتىش ئىمكانىيىتى بولغان ئەھۋالدا ئۇنى تازىلىۋېتىپ يەۋېتىش لازىملىقى.

3) ھەدىستە شەيتانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇلارنىڭمۇ تائام يەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. گەرچە بىز شەيتانلارنى كۆرەلمىسەكمۇ، ئۇلارنىڭ قانداق يەيدىغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىگە ئىشىنىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكى.

  1. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئارىمىزدا تۇرۇپ مۇنداق ۋەز-نەسىھەت قىلدى: «ئى كىشىلەر! سىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تەرەپكە يالاڭ ئاياغ، قىپيالىڭاچ، ئانىدىن تۇغما ھالەتتە يىغىلىسىلەر»، دەپ بۇ ئايەتنى ئوقۇدى:

لَا يَحْزُنُهُمُ الْفَزَعُ الْأَكْبَرُ وَتَتَلَقَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ هَذَا يَوْمُكُمُ الَّذِي كُنتُمْ تُوعَدُونَ

«مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز، بۇ بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر. (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز»-(سۈرە ئەنبىيا، 103- ئايەت) ئاندىن مۇنداق دېدى: «ئاگاھ بولۇڭلار! قىيامەت كۈنى كىيىم كىيدۈرۈلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋۋىلى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدۇر. ئاگاھ بولۇڭلار، ئۈممىتىمدىن بىر مۇنچە كىشىلەر كەلتۈرۈلۈپ، دوزاخ تەرەپكە ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەن: ‹ئى رەببىم! ئۇلار مېنىڭ يار-بۇرادەرلىرىمدۇر›، دەيمەن. ماڭا: ‹سەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ سەندىن كېيىن نېمىلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلمەيسەن›، دېيىلىدۇ. مەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇ سۆزىگە ئوخشاش سۆزنى دەيمەن:

عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَّا دُمْتُ فِيهِمْ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنتَ أَنتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ وَأَنتَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ. إِن تُعَذِّبْهُمْ فَإِنَّهُمْ عِبَادُكَ وَإِن تَغْفِرْ لَهُمْ فَإِنَّكَ أَنتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ

 «مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغانىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغانىدىڭ. سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن. ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر. ئەگەر ئۇلارغا مەغفىرەت قىلساڭ، سەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»- (سۈرە مائىدە، 117-، 118- ئايەتلەر). ماڭا: ‹سەن ئۇلاردىن ئايرىلغاندىن تارتىپ ئۇلار ھەمىشە مۇرتەد بولۇپ، كەينىگە چېكىنىپ تۇردى›، دېيىلىدۇ».       — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھەدىس ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى، بۇ ئىبىراھىم ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن بىر تۈرلۈك ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئەۋزەل ۋە ئارتۇقچىلىقنى بىلدۈرمەيدۇ.

2) ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ۋە باشقا دىنغا ئالماشتۇرغان گۇناھكارلارنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئازابلىنىدىغانلىقى، ئۇلار ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچى تۈرى، دىندىن چىققان كىشىلەر، ئۇلار مەڭگۈ دوزاختا قالىدۇ. ئىككىنچى تۈرى، گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەر بولۇپ، ئۇلار مەلۇم مەزگىل ئازابلانغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتى بىلەن دوزاختىن چىقىرىلىدۇ.

3) ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدا چىڭ تۇرمىغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشمىگەن كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولۇشى ئۇنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمايدىغانلىقى.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن مۇغەففەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاش ئېتىشىپ (بارماق بىلەن ئېتىش) ئويناشتىن چەكلەپ: «ئۇ ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، دۈشمەننى قورقىتالمايدۇ، ئۇ پەقەت كۆزنى قۇيۇۋېتىدۇ، چىشنى سۇندۇرۇۋېتىدۇ»، دېگەن. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: ئىبن مۇغەففەلنىڭ بىر يېقىنى تاش ئېتىپ (بارماق بىلەن) ئوينىغانىدى. ئىبن مۇغەففەل ئۇنى توسۇپ: «ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھ تاش ئېتىشتىن چەكلىگەن، ئۇ ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئوۋلىيالمايدۇ»، دېسىمۇ ئۇ يەنە تاش ئېتىۋەردى. ئىبن مۇغەففەل: «سېنى ئۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چەكلىدى دەۋاتسام، تاش ئېتىشنى يەنە تەكرارلاۋاتامسەن؟ مەن ساڭا ھەرگىز گەپ قىلمايمەن»، دېدى.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) تاش ئېتىشنىڭ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغاچقا، ئۇنىڭ ھاراملىقى.

2) توغرا يولغا دەۋەت قىلسىمۇ، يەنىلا يانمىغان كىشى بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

  1. ئابىس ئىبن رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەجەرۇلئەسۋەدنى سۆيۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ تاشنى سۆيۈپ: «مەن سېنىڭ ھېچقانداق پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن، ئەگەر مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولسام، سېنى سۆيمەيتتىم». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

  • بىرەر ھېكمىتى بايقالمىغان ئەھۋالدىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكى. چۈنكى ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن:

وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانتَهُوا

«پەيغەمبەر بۇيرۇغان ئىشنى قىلىڭلار، چەكلىگەن ئىشتىن ساقلىنىڭلار»-(سۈرە ھەشىر، 7- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

2) ئىمام تەبارانى مۇنداق دېگەن: «ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ گەپنى دېيىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگىنىگە ئۇزاق بولمىغان، ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نادان ئادەملەرنىڭ ھەجەرۇلئەسۋەدنى سۆيۈشىنى جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك تاش-بۇتلارنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن بولغان دەپ چۈشىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن شۇنداق دېگەن».


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ