مۇسۇلمانلار
«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» سىن دەرسىمىز فىترەت دۇنيا تېلېۋىزىيەسىدە (Fitrat World TV) قويۇلدى! 1

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» سىن دەرسىمىز فىترەت دۇنيا تېلېۋىزىيەسىدە (Fitrat World TV) قويۇلدى!

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» سىن دەرسىمىز فىترەت دۇنيا تېلېۋىزىيەسىدە (Fitrat World TV) قويۇلدى! 2 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىىمىز،

ئىستانبۇلنىڭ قەلبى فاتىختا 1993-يىلىدىن بېرى قۇرۇلغان سۇلايمانىيە ۋەقفى دىن فىترەت تەتقىقات مەركىزىمىز 25 يىلدىن بېرى قۇرئاننى مەركەز قىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلىرىدا، ئۆز نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئاساس قىلغان ئۇسۇلىغا مۇناسىپ ھالدا نۇرغۇنلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ ۋەخپىمىزدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلىنغان ماقالە، كىتاپ، سىن دەرس، تېلېۋىزور سۆھبەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئەشۇ تىلدىكى مەخسۇس پىروگراممىلارغا تەلەپنىڭ كۈچىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىدە بار بولغان Fitrat.TV نىڭ مەخسۇس چەتئەل تىلى قانىلى بولغان Fitrat World TV (فىترەت دۇنيا تور تېلېۋىزىيەسى) نى قۇرغان ئىدۇق.

بۇ قانىلىمىزدا ئەرەپچە، ئىنگىلىزچە، فىرانسۇزچە، رۇسچە، ئىسپانچە، ئەزەربەيجانچە،  قىرغىزچە، پارىسچە ۋە ئۇيغۇرچە تىللاردا تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ئىشلىنىپ، بۇ تىللاردا قۇرئان مەركەزلىك تەتقىقات بولماسلىقتەك بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىشقا مېۋىلەر سۇنغان بولدۇق. ئەلھەمدۇلىللاھ!

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزمۇ دەسلەپتە باشلىغان «قۇرئان نۇرى ئاستىدا كىتاپ ئوقۇش» پىروگراممىمىزنىڭ تۇنجى كىتابى بولغان، ئۇستاز پىروففېسور دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىرنىڭ «قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەرىقەتچىلىككە نەزەر» ناملىق كىتابىنى 18 سىن دەرس قىلىەپ سۇندۇق. كۆرۈرمەنلەرىمىزدىن كەلگەن ئىنكاسلار بىزنى بۇ پىروگراممىمىزنىڭ ئىككىنجى كىتابى بولغان «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» ناملىق ئەسەرنى سىن دەرس قىلىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشقا ئۈندىدى.

سىلەر قەدىرلىك كۆرۈرمەنلىرىمىزگە ئىنشا ئاللاھ ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا كىتاپ ئوقۇش» پىروگراممىمىزدا «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» تىن بىر بۆلۈمنى ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۇق. پىروگراممىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتلا، ئەمما مەزمۇنى ئېغىر، ئىمان-ئېتىقادىمىزغا تەھدىت قىلىۋاتقان شەيتاننىڭ ئويۇنلىرىدىن ئەڭ خەتەرلىكى بولغان «ۋەسىلە ۋە شېرىك» ھەققىدە ياخشى مەلۇماتلار بار. شۇڭلاشقا قېرىنداشلارنىڭ بۇ پىروگراممىنى باشتىن-ئاياق كۆرۈپ چىقىشىنى ۋە قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىت قىلىمىز!

پىروگراممىنى كۆرۈش ئادرېسلىرىمىز:

قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك 1-سىن دەرستىكى تېمىلار:
ئاپتۇر پىروففېسور دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر كىم؟
تەرجىماندىن ئېغىز سۆز
كىتاپنىڭ مۇندەرىجىسى

يۇتىيۇپتىن كۆرۈش: https://www.youtube.com/watch?v=RtKNu-1itik

فەيسبۇكتىن كۆرۈش: https://www.facebook.com/Musulmanlar/videos/1210003589138850/

توردىن تىڭشاش ئادرېسىمىز: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/ep-e1sucj

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» سىن دەرسىمىز فىترەت دۇنيا تېلېۋىزىيەسىدە (Fitrat World TV) قويۇلدى! 3

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر