ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىىمىز،

ئىستانبۇلنىڭ قەلبىي فاتىھتە 1993-يىلىدىن بېرى قۇرۇلغان سۇلايمانىيە ۋەقفى دىن فىترەت تەتقىقات مەركىزىمىز 25 يىلدىن بېرى قۇرئاننى مەركەز قىلغان ئىلىي تەتقىقاتلىرىدا، ئۆز نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئاساس قىلغان ئۇسۇلىغا مۇناسىپ ھالدا نۇرغۇنلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ ۋەقفىمىزدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلىنغان ماقالە، كىتاپ، سىن دەرس، تېلىۋىزور سۆھبەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئەشۇ تىلدىكى مەخۇس پىروگراممىلارغا تەلەپنىڭ كۈچىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىدە بار بولغان Fitrat.TV نىڭ مەخسۇس چەتئەل تىلى قانىلى بولغان Fitrat World TV (فىترەت دۇنيا تور تېلىۋىزىيەسى) نى قۇرغان ئىدۇق.

بۇ قانىلىمىزدا ئەرەپچە، ئىنگىلىزچە، فىرانسۇزچە، رۇسچە، ئىسپانچە، ئەزەربەيجانچە،  قىرغىزچە، پارىسچە ۋە ئۇيغۇرچە تىللاردا تېلىۋىزىيە پىروگراممىلىرى ئىشلىنىپ، بۇ تىللاردا قۇرئان مەركەزلىك تەتقىقات بولماسلىقتەك بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىشقا مېۋىلەر سۇنغان بولدۇق. ئەلھەمدۇلىللاھ!

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزمۇ دەسلەپتە باشلىغان «قۇرئان نۇرى ئاستىدا كىتاپ ئوقۇش» پىروگراممىمىزنىڭ تۇنجى كىتابى بولغان، ئۇستاز پىروففېسور دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىرنىڭ «قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەرىقەتچىلىككە نەزەر» ناملىق كىتابىنى 18 سىن دەرس قىلىەپ سۇندۇق. كۆرۈرمەنلەرىمىزدىن كەلگەن ئىنكاسلار بىزنى بۇ پىروگراممىمىزنىڭ ئىككىنجى كىتابى بولغان «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» ناملىق ئەسەرنى سىن دەرس قىلىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشقا ئۈندىدى.

سىز قەدىرلىك  قەدىرلىك كۆرۈرمەنلىرىمىزگە ئىنشا ئاللاھ ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا كىتاپ ئوقۇش» پىروگراممىمىزدا «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» تىن بىر بۆلۈمنى ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۇق. پىروگراممىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتلا، ئەمما مەزمۇنى ئېغىر، ئىمان-ئېتىقادىمىزغا تەھدىت قىلىۋاتقان شەيتاننىڭ ئويۇنلىرىدىن ئەڭ خەتەرلىكى بولغان «ۋەسىلە ۋە شېرىك» ھەققىدە ياخشى مەلۇماتلار بار. شۇڭلاشقا قېرىنداشلارنىڭ بۇ پىروگراممىنى باشتىن-ئاياق كۆرۈپ چىقىشىنى ۋە قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىت قىلىمىز!

پىروگراممىنى كۆرۈش ئادرېسلىرىمىز:

قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك 1-سىن دەرستىكى تېمىلار:
ئاپتۇر پىروففېسور دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر كىم؟
تەرجىماندىن ئېغىز سۆز
كىتاپنىڭ مۇندەرىجىسى

يۇتىيۇپتىن كۆرۈش: https://www.youtube.com/watch?v=RtKNu-1itik

فېيسبۇكتىن كۆرۈش: https://www.facebook.com/Musulmanlar/videos/1210003589138850/

توردىن تىڭشاش ئادرېسىمىز: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/ep-e1sucj


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ