باش بەت > شېئىرىيەت گۈلزارى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

روزا ھېيىت ھارپىسى كەلدى، لېكىن ھۇزۇر ئارار كۆڭلۈم!
يۈزۈمدە كۈلكە بار، ئەمما ھەزىن ھەم بىئارام كۆڭلۈم!
ئەلەم، ھەسرەت، پىغان دەردتە، پىراق، ھىجران مۇسىبەتتە،
چېكەر ھەر دەمدە غەم-قايغۇ قانىغان يارادۇر كۆڭلۈم!
كىچىك-چوڭ، ياش-قىرى بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم مەھبۇس،
خەۋەرلەر شۇم، تۇيۇپ ھەر كۈن يېڭىدىن يارىدار كۆڭلۈم!
ئاداش-ئايماق، ساۋاقداش، دوست-يارەنلەر ھەمدە ئۇستازلار،
قاماپتۇ بىرنىمۇ قويماي كوممۇنىست، ھازىدار كۆڭلۈم!
ئىلاھىم. خالىقىم، رەببىم! رەھمان ھەم رەھىمدۇرسەن!
تىلەپ رەھمەت، مەدەت، ئېھسان ساڭىلا يالۋۇرار كۆڭلۈم!
ياراتتىڭ قۇدرىتىڭ بىرلە، ياشاتتىڭ رەھمىتىڭ بىرلە،
قۇتقاز نۇسرىتىڭ بىرلە، ساڭىلا يېلىنار كۆڭلۈم!
سەۋەبكە باغلىدىڭ ھاسىل قىلىشنى بەزى پەزلىڭنى،
ئازاتلىقمۇ بۇ خىل پەزلىڭ، جەزمەن بويسۇنار كۆڭلۈم!
سەۋەب قىلماي ئۇزۇن يىللار يېتىپ كەلدىم «بەخت بۇ» دەپ،
جاھالەتتە، قالاقلىقتا رەقىب يوق ئېچىنار كۆڭلۈم!
بۇ غەپلەتتىن ئېچىشقا كۆز نېسىپ قىل، مەرھەمەتلىكسەن،
گۇناھىمدىن بۈيۈك رەھمەت خەزىنەڭ، ئىنتىزار كۆڭلۈم!
تونۇسا توغرا دىننى خەلق، يۈرۈسە ئىلمۇئېرپانغا،
تىرىشسا، ماڭسا قەد رۇسلاپ، ئۇ چاغدا ئېچىلار كۆڭلۈم!
كامال ئوغلى تۆكۈپ دەردىن، تىلەيدۇ مەدىدىڭ يارەب!
مۇسىبەت، دەرد-ئەلەملەردىن ساڭىلا سېغىنار كۆڭلۈم!
2018/6/14. ھ 1439 رامىزان، 30.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ