مۇسۇلمانلار

12. ياخشىلىق يوللىرىنىڭ كۆپلىكى توغرىسىدا

ياخشىلىق يوللىرىنىڭ كۆپلىكى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

 وَمَا تَفْعَلُواْ مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللّهَ بِهِ عَلِيمٌ

«ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلماڭلار، ئاللاھ تائالا ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ»- (سۈرە بەقەرە، 215- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَمَا تَفْعَلُواْ مِنْ خَيْرٍ يَعْلَمْهُ اللّهُ

«سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ تائالا ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ»-(سۈرە بەقەرە، 197- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

 فَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ

«كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ»-(سۈرە زەلزەلە، 7- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

مَّنْ عَمِلَ صَالِحًا فَلِنَفْسِهِ

«كىمكى (دۇنيادا) ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قىلىدۇ»-(سۈرە فۇسسىلەت، 46- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئەبۇ زەر جۇندۇب ئىبن جۇنادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قايسى ئەمەل ئەۋزەلرەك؟»، دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش ۋە ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلىش»، دېدى. مەن: «قايسى قۇلنى ئازاد قىلىش ئەۋزەلرەك؟»، دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «خوجايىننىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئېسىلى، باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنىنى»، دېدى. مەن: «ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسامچۇ؟»، دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئادەمگە ياردەم بەرگىن ياكى بىرەر ئىشنى قاملاشتۇرالمايدىغان ئادەمنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرگىن»، دېدى. مەن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دەپ باقە، ئەگەر شۇ ئىشلارنىڭ بەزىسىنى قىلىشتىن ئاجىز كەلسەمچۇ؟»، دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىشىلەرگە يامانلىق قىلىشتىن ئۆزۈڭنى تارتقىن، بۇ ئۆزۈڭ ئۈچۈن بولغان بىر سەدىقە ھېسابلىنىدۇ»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مۇسۇلماننى قىيىنچىلىقى بار ۋە ئۆز ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش.

2) باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، چۈنكى بۇنىڭ ساۋابى سەدىقە ۋە خەير-ئېھسان قىلغاندىن كەم ئەمەس ئىكەنلىكى.

3) ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش ئەمەللەرنىڭ توغرا بولۇشى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇشنىڭ ئاساسىدۇر. چۈنكى، ئەمەل ئىماننىڭ مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ.

4) ئىسلام دىنىنىڭ قۇللارنى ئازاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر سەھەردە ھەر بىر ئۈگىلىرىڭلارغا قارىتا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك سەدىقە بار. ھەر تەسبىھ (ئاللاھ تائالا پاكتۇر) سەدىقىدۇر. ھەر ھەمد (ئاللاھ تائالانى مەدھىيەلەيمەن) سەدىقىدۇر. ھەر تەھلىل (ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر) سەدىقىدۇر. ھەر تەكبىر (ئاللاھ تائالا ئۇلۇغدۇر) سەدىقىدۇر. ياخشىلىققا بۇيرۇش سەدىقىدۇر. يامانلىقتىن توسۇش سەدىقىدۇر. چاشگاھ ۋاقتىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش بولسا يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىگە ساۋابتا كۇپايە قىلىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش، بالا-قازادىن ساقلىنىش يۈزىسىدىن كۆپ سەدىقە قىلىشنىڭ لازىملىقى، ئەگەر بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاپ، زىكىر ئېيتىش، يامانلىقتىن توسۇپ، ۋەز-نەسىھەت قىلىش بۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغانلىقى.

2) ھەدىستە ئېيتىلغان بويىچە ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلىشنىڭ پەزلى، چاشگاھ نامىزىنى ئادا قىلىشقا ھېرىس بولۇش، ئۇنىڭ ئەڭ ئېزى ئىككى رەكئەت، ئەڭ كۆپى سەككىز رەكئەت ئىكەنلىكى.

3) قۇربى يەتكەن ئادەمنىڭ سەدىقە، خەير-ئېھسان قىلىشىنىڭ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ھېسابلىنىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ماڭا ئۈممىتىمنىڭ ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسى توغرىلاندى. مەن يولدىن ئۆتكۈچىلەرگە (تاش، تىكەندەك) ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان بىرەر نەرسىنى ئېلىۋەتكەنچىلىك كىچىك ئىشنىڭ ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ قاتارىدا بولغانلىقىنى ۋە مەسجىدتە كۆمۈۋېتىلمەي قالغان تۈكرۈكنىڭ ئۇلارنىڭ يامان ئەمەللىرىنىڭ قاتارىدا بولغانلىقىنى كۆردۈم». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ياخشى ئەمەللەرنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكى. يولۇچىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان بىرەر تىكەننى يولدىن ئېلىۋېتىش، مەسجىدتىكى تۈكۈرۈكنى تازىلىۋېتىشتەك كىشىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىچىك ئىشلارغىمۇ ساۋاب بېرىلىدىغان ياخشى ئەمەللەر جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.

2) كىشىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش، زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

3) مەسجىدنى ھۆرمەتلەش، مەسجىد ئەدەبلىرىگە بويسۇنۇش، تۈكۈرۈش، مىشقىرىشتەك مەسجىدنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمايدىغان بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

  1. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، كىشىلەر (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «ئى رەسۇلۇللاھ! بايلار ساۋابتا بىزدىن ئۆتۈپ كەتتى. بىز ئوقۇغان نامازنى ئۇلارمۇ ئۇقۇسا، بىز تۇتقان روزىنى ئۇلارمۇ تۇتسا، يەنە ئۆزلىرىنىڭ شۇنچە ماللىرىنى سەدىقە بەرسە (بىز بېرەلمەيدىغان تۇرساق)»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا سىلەرگىمۇ سەدىقە قىلىدىغان نەرسە ئاتا قىلدىغۇ؟ ھەر بىر تەسبىھ ئېيتىش سەدىقىدۇر، ھەر بىر تەكبىر ئېيتىش سەدىقىدۇر. ھەر بىر ھەمد ئېيتىش سەدىقىدۇر، ھەر بىر تەھلىل ئېتىش سەدىقىدۇر، ياخشىلىققا بۇيرۇش سەدىقىدۇر، يامانلىقتىن توسۇش سەدىقىدۇر، سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايالىڭلار بىلەن بىرگە بولۇشىمۇ سەدىقە»، دېدى. كىشىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! بىزنىڭ بىرەرىمىز ئۆزىنىڭ شەھۋىتىنى قاندۇرسىمۇ ساۋاب بېرىلەمدۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەگەر ئۇ شەھۋىتىنى ھارام يول بىلەن قاندۇرسا، ئۇنىڭغا گۇناھ بولمامدۇ؟ (ئەلۋەتتە بولىدۇ) شۇنىڭغا ئوخشاش شەھۋىتىنى ھالال يول بىلەن قاندۇرسا، ئۇنىڭغا ساۋاب بېرىلىدۇ»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتا، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا زور ئەجىر-پەزىلگە ئېرىشىشتە ئۆزئارا بەسلىشىدىغانلىقى، ئازراق كەم قالغان يەرلىرى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى.

2) ئىسلام دىنىدا ئىبادەتنىڭ دائىرىسىنىڭ ئىنتايىن كەڭ ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ توغرا نىيەت، ياخشى مەقسەت بىلەن قىلغان ئەڭ ئاددىي ئىشلىرىنىڭمۇ ئىبادەت ھېسابلىنىپ، ئەجىرگە ئېرىشىدىغانلىقى.

3) ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى تۇتۇش يۈزىسىدىن گۇناھنى تەرك ئەتكۈچىلەرگە ياخشى ئىش قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېگەن: «سەن كىچىككىنە بىر ياخشىلىقنىمۇ كىچىك چاغلىما، قېرىندىشىڭ بىلەن خۇش چىراي ئۇچراشقىنىڭچىلىك بولسىمۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ياخشىلىققا ياتىدىغان ئەمەللەر كىچىك بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى سەل چاغلىماسلىقنىڭ لازىملىقى.

2) مۇئمىنلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلارچە مۇھەببەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش، خۇشاللىق بېغىشلاشنىڭ خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر كۈنى تاڭ ئېتىشىغا كىشىلەرنىڭ ھەر بىر ئۈگىسىگە سەدىقە كېلىدۇ، ئىككى ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم قىلغىنىڭ سەدىقە ۋە بىر كىشىنىڭ ئۇلىغىغا مىنىۋېلىشىغا ياردم بەرگىنىڭمۇ سەدىقە ياكى ئۇ ئادەم ئۈچۈن ئۇلىغىغا يۈك-تاقلىرىنى ئارتىپ بېرىشىڭمۇ سەدىقە. ياخشى سۆزمۇ سەدىقە. ناماز ئۈچۈن ماڭغان ھەر بىر قەدىمىڭمۇ سەدىقە، يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشىڭمۇ سەدىقە». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئىنسان بالىسى بولغان ھەر ئادەم 360 دانە ئۈگىلىك قىلىپ يارىتىلدى. كىمكى تەكبىر ئېيتسا، تەھلىل ئېيتسا، ھەمد ئېيتسا، تەسبىھ ئېيتسا، مەگپىرەت تەلەپ قىلسا، ياكى كىشىلەرنىڭ يولىدىكى ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان تاش، يانتاق، سۆڭەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىۋەتسە ياكى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسسا، ئەنە شۇنداق ئەمەللىرى 360 تىن ئاشسا، ھەقىقەتەنمۇ شۇ كۈنى ئۆزىنى دوزاختىن يىراق قىلغان ھالدا يۈرىدۇ»، دېگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئادىللىق بىلەن تۈزەش، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) مەسجىدتە جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇغان نامازنىڭ پەزلى.

3) ھەدىستە بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا ۋەياكى پەقەت بەزىسىنى قىلىشقا قادىر بولالىغان ئادەمگە سەدىقە قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدىغانلىقى.

4) مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن تائەت-ئىبادەت ۋە تۈرلۈك ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەتىگەن-ئاخشاملىرى مەسجىدكە كېلىپ تۇرسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتتە ئەتىگەن-ئاخشاملىرى ئۈچۈن زىياپەت تەييارلاپ بېرىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مەسجىدگە بېرىشنىڭ پەزىلىتى. نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى مۇسۇلمان ئاياللار! ھەقەمسايىلىرىڭلارغا قوينىڭ تۇۋىقى چاغلىق نەرسە بولسىمۇ ئاز كۆرمەي سۇنۇڭلار». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇسۇلماننى ئاز بولسىمۇ چامىسىنىڭ يېتىشىچە سەدىقە-ئېھسان قىلىش ۋە ھەدىيە-سوۋغا بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ ھامان رەھمەتكە ئېرىشىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمان 70 نەچچە ياكى 60 نەچچە شاخچىلاردىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دېيىش، ئۇنىڭ ئەڭ تۆۋىنى ئەزىيەت يېتىدىغان بىرەر نەرسىنى يولدىن ئېلىۋېتىشتۇر. ھايامۇ ئىماننىڭ بىر شاخچىسى». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىمان بەندىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى ۋە ئەمەلىيىتىگە قاراپ دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدىغانلىقى، ئىمان ۋە ئەمەل بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغانلىقى ۋە بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان تەركىبلەر ئىكەنلىكى.

2) ھايا-نومۇسنىڭ پەزىلەتلىك ئىشىك ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننى مۇشۇنداق گۈزەل خۇلقلۇق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى ھايانىڭ بەندىنى يامان، گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلاپ، تائەت-ئىبادەتكە يېتەكلەيدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى يولدا كېتىۋېتىپ قاتتىق ئۇسساپ كېتىپتۇ. بىر قۇدۇقنى تېپىپ ئۇنىڭغا چۈشۈپ سۇ ئىچىپتۇ. قۇدۇقتىن چىققاندا، بىر ئىتنىڭ ئۇسسۇزلۇقتىن نەم توپىنى يالاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئاندىن ئۇ كىشى: بۇ ئىتمۇ مەن ئۇسسىغاندەك ئۇسساپ كېتىپتۇ، دەپ قۇدۇققا چۈشۈپ، ئۆتىكىگە سۇ توشقۇزۇپ، ئۇنى چىشلەپ يۇقىرىغا يامىشىپ چىقىپ، ئىتنى سۇغۇرۇپتۇ. ئاللاھ تائالا بۇ كىشىدىن رازى بولۇپ، ئۇنى مەغفىرەت قىپتۇ». كىشىلەر: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! چارۋىلارنى سۇغارساقمۇ ساۋاب بولامدۇ؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر قانداق ھۆل جىگەردە (يەنى جېنى بار ھايۋاندا) ساۋاب بار»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: «ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رازى بولدى، ئاندىن ئۇنى مەغفىرەت قىلدى ۋە جەننەتكە كىرگۈزدى»، دېيىلگەن.

ئۇ ئىككىسىنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: «بىر ئىت ئۇسسۇزلۇقتىن قۇدۇقنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئۆلەي دەپ قالغاندا، تۇيۇقسىز بەنى ئىسرائىلدىن بىر پاھىشە ئايال كېلىپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆتىكى بىلەن سۇ تارتىپ ئىتنى سۇغاردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالغا مەغفىرەت قىلىندى»، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھەر قانداق مەخلۇقاتقا ياخشىلىق قىلىشنىڭ پەزىلىتى، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ زور ئەجىر-ساۋاب بېرىدىغان، شۇ سەۋەبلىك بەندىسىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىۋېتىدىغان ياخشى ئەمەللەر جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.

2) بەندىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىنغان ھالدا بىرەر موھتاج ئادەم ياكى ھايۋاننى سۇ بېرىپ ئۇنى ئۇسسۇزلۇقتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بەندىنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان پەزىلەتلىك، ساۋابلىق ئىش ئىكەنلىكى.

3) ئىسلام دىنىنىڭ ئادەم تۈگۈل، ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ رەھىم-شەپقەت قىلىدىغان رەھمەت دىنى ئىكەنلىكى.

4) ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە پەزلى-رەھمىتىنىڭ ناھايىتى كەڭ ئىكەنلىكى، بەندىنىڭ قىلغان ئازراق ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈنمۇ چوڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ھەقىقەتەن يولنىڭ ئۈستىدە مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان بىر تال دەرەخنى كېسىۋەتكەن بىر كىشىنىڭ جەننەتتە يايراپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: بىر كىشى يولنىڭ ئۈستىدىكى دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى ئارىلىقىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ دېدىكى: «ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مۇسۇلمانلارغا پۇتلاشماسلىق ئۈچۈن بۇ دەرەخنى چوقۇم ئېلىۋېتىمەن»، دەپ ئېلىۋەتتى. شۇڭا، ئۇ جەننەتكە كىردى.

بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: «بىر كىشى يولدا كېتىۋېتىپ، يول ئۈستىدىكى بىر تىكەنلىك شاخنى كۆردى-دە، ئاندىن ئۇنى بىر چەتكە سۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رازى بولدى ۋە ئۇنى مەغفىرەت قىلدى.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان تىكەن، تاشتەك نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشنىڭ پەزلى-ساۋابى، شۇنداقلا بەندىنى مۇسۇلمانلارغا پايدا يەتكۈزىدىغان، زىياندىن ساقلايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى تاھارەتنى تولۇق ئېلىپ، جۈمە ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە كەلسە، ئاندىن جىم ئولتۇرۇپ، جۈمەنىڭ خۇتبىسىنى ئاڭلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىر جۈمە بىلەن يەنە بىر جۈمە ۋە يەنە ئۇنىڭغا ئۈچ كۈن قوشۇپ، شۇ ئارىلىقتىكى گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئىمام سۆزلەۋاتقاندا ئۇششاق تاشلارنى ئېلىۋەتكەنچىلىك بىر ئىش قىلسىمۇ، ھەقىقەتەن بىمەنە ئىش قىلغان بولىدۇ (يەنى جۈمەنىڭ ساۋابىدىن قۇرۇق قالىدۇ). — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مۇسۇلماننى تاھارەتنى تولۇق ئېلىشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) جۈمە نامىزىنىڭ پەزلى-ساۋابىنىڭ چوڭلۇقى، جۈمە نامىزىنىڭ ھەر بىر بالاغەتكە يەتكەن، ئۆز يۇرتىدا مۇقىم تۇرغان ھۆر كىشىگە پەرز ئىكەنلىكى.

3) جۈمە نامىزىنىڭ بەندىنىڭ ئون كۈن ئىچىدىكى كىچىك گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدىغانلىقى، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ بىر ياخشىلىق ئۈچۈن ئون ھەسسە ساۋاب بېرىدىغانلىقى.

4) جۈمە نامىزىنىڭ خۇتبىسىگە جىمجىت قۇلاق سېلىش كېرەكلىكى، گەپ قىلىشقا ئوخشاش ھەر قانداق ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر مۇئمىن مۇسۇلمان تاھارەت ئېلىپ، يۈزىنى يۇغاندا كۆزى بىلەن قارىغان گۇناھى سۇ بىلەن ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن يۈزىدىن يۇيۇلۇپ چىقىپ كېتىدۇ. قولىنى يۇغاندا، قول بىلەن تۇتۇپ قىلغان خاتالىقى سۇ بىلەن ياكى سۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن يۇيۇلۇپ چىقىپ كېتىدۇ. پۇتىنى يۇغاندا، پۇتى بىلەن مېڭىپ قىلغان خاتالىقى سۇ بىلەن ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن بىللە يۇيۇلۇپ چىقىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاھارەتنىڭ كامىل ئېلىنغانلىقىدىن ئۇ گۇناھلاردىن پاك-پاكىز تازىلانغان ھالدا چىقىپ كېلىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تاھارەتنىڭ پەزلى-ساۋابى، ئۇنىڭ بەندىنىڭ گۇناھتىن پاكلىنىش ۋاسىتىسى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان پەزلى-مەرھەمىتى ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم چوڭ گۇناھلارنى قىلمىغانلا بولسا، بەش ۋاخ ناماز ۋە جۇمە نامىزى بىر جۈمەدىن يەنە بىر جۈمەگىچە، روزا بۇ رامزاندىن يەنە بىر رامزانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەدىستە ئېيتىلغان ئىشلارنى تولۇق رەۋىشتە ئادا قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى، رەھمىتى بىلەن بەندىنىڭ كىچىك گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىشنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكى، ئەگەر بەندە كىچىك گۇناھتىن باشقا چوڭ گۇناھلارنىمۇ قىلغان بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ يەڭگىللىتىشىنى ئۈمىد قىلىش كېرەكلىكى، چۈنكى چوڭ گۇناھلارنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن بەندىنىڭ چىن ئىخلاسى بىلەن قىلغان تەۋبىسىنىڭ شەرت قىلىنىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنى ئاللاھ تائالا خاتالىقىڭلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدىغان، دەرىجەڭلارنى كۆتۈرىدىغان بىر ئىشقا دالالەت قىلمايمۇ؟»، دېگەندە، كىشىلەر: «شۇنداق قىلغىن، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئېغىر تۇيۇلغان ئەھۋالدىمۇ تاھارەتنى كامىل ئېلىش، مەسجىدكە كۆپ بېرىش ۋە بىر نامازدىن كېيىن يەنە بىر نامازغا مۇنتەئزىر بولۇش (كۈتۈپ تۇرۇش)، مانا بۇلار ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلغانغا ئوخشاشتۇر»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) قاتتىق سوغۇق، ياكى سۇغا ھاجەتمەن بولغان ۋە سۇ ئىزدەۋاتقاندەك قىيىن ھالەتلەردىمۇ بەندىنى تولۇق تاھارەت ئېلىشقا قىزىقتۇرۇش.

2) جامائەت نامىزىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى مەسجىدتە ئادا قىلىش كېرەكلىكى.

3) ھەدىستىكى ئەمەللەر بەندىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىدىكى ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشتىكى ۋاسىتە ئىكەنلىكى.

4) ھەدىستە دېيىلگەن مەغفىرەت قىلىنىدىغان گۇناھلار ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا بولۇپ، بەندىنىڭ ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا چوقۇم ئىگىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش، ئادا قىلىش شەرت قىلىنىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بامدات ۋە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇسا، جەننەتكە كىرىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

 ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بامدات ۋە ئەسىر نامىزىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشنىڭ پەزلى-ساۋابى، چۈنكى بامدات نامىزى كىشىنىڭ شېرىن ئۇيقۇدىكى ۋاقتىدا بولىدۇ، ئەسىر نامىزى بولسا كىشىنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشلىرىنى تۈگىتىشكە ئالدىراپ ئىشلەۋاتقان ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، باشقا نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش تېخىمۇ زۆرۈردۇر.

  1. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر ئادەم كېسەل بولۇپ قېلىش ياكى سەپەرگە چىقىش سەۋەبى بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەمەللىرىنى قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئادەمگە مۇقىملىق، ساغلاملىق ھالىتىدە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالدا پەرز قىلىنمىغان بىرەر ياخشى ئىشنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپ، كېسەللىك، سەپەرگە ئوخشاش تاسادىپىي ئۆزرىلەر بىلەن ئۇنى ئۈزۈپ قويسىمۇ، يەنىلا شۇ ئەمەللەرنى قىلغاننىڭ ساۋابى يېزىلىۋېرىدۇ، لېكىن پەرز قىلىنغان ئەمەللەر بولسا، ئۇ بەندىنىڭ گەدىنىدىن ساقىت قىلىنمايدۇ، بەلكى پەرزنى تەرك ئەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇ كىشى گۇناھكار بولىدۇ.

  1. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىلىنغان ھەربىر ياخشىلىق سەدىقە ھېسابلىنىدۇ». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى:مۇئمىننىڭ قىلغان ھەربىر ياخشىلىقى ئۈچۈن سەدىقە-ئېھساننىڭ ساۋابى بېرىلىدىغانلىقى.

  1. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرەر مۇسۇلمان بىر كۆچەت تىكىپ، باشقىلار ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يېسە، ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر سەدىقىدۇر. مېۋىسىدىن ئوغرىلانسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر سەدىقىدۇر. ئۇنى بىرسى سۇندۇرۇۋەتسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقىدۇر».

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئەگەر بىرەر مۇسۇلمان كۆچەت تىكسە، ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ئىنسان، ياكى ھايۋان، ياكى قۇشلار يېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكى قىيامەتكىچە سەدىقە ھېسابلىنىدۇ»، دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئەگەر بىرەر مۇسۇلمان كۆچەت تىكسە ياكى زىرائەت تېرىسا، ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ئىنسان، ياكى ھايۋان، ياكى باشقىلار يېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ»، دېيىلگەن.    — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كۆچەت تىكىش، زىرائەت تېرىشنىڭ پەزىلىتى، ساۋابى ۋە بەندىنى شۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش. بۇ بولسا بەندە ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ساۋاب ئۈزۈلمەي يېزىلىپ تۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەر قاتارىغا كىرىدىغانلىقى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىغا پايدىلىق بولغان، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ، ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشنىڭ ساۋابلىق ئىش ئىكەنلىكى.

3) بەندە ئۆز مۈلكىدىن ئوغرىلانغان، بۇلانغان، بۇزۇۋېتىلگەن نەرسىلەرگە سەۋر قىلسا، شۇلار ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقى.

  1. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بەنى سەلەمە قەبىلىسى مەسجىدكە يېقىنراق جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولدى. بۇ خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ماڭا سىلەرنىڭ مەسجىدكە يېقىنراق جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولغانلىقىڭلار يەتتى، شۇنداقمۇ؟»، دېدى. ئۇلار: «شۇنداق، ئى رەسۇلۇللاھ! بىز شۇنداق قىلماقچى بولدۇق»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى بەنى سەلەمە! جايىڭلاردا تۇرۇۋېرىڭلار، مەسجىدكە كېلىش ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلارغا ساۋاب يېزىلىپ تۇرىدۇ، جايىڭلاردا تۇرۇۋېرىڭلار، باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلارغا ساۋاب يېزىلىپ تۇرىدۇ»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھەقىقەتەن ھەربىر باسقان قەدىمڭلارغا بىر دەرىجە بېرىلىدۇ»، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ ئەمەللىرىگە ئۇنىڭ تارتقان جاپاسىغا لايىق ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى.

2) كىشىلەرنى مەسجىدتىن يىراق يەردە تۇرسىمۇ، يەنىلا جامائەت نامىزىنى ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى.

  1. ئۇبەي ئىبن كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيى مەسجىدكە ھەممىدىن يىراق ئىدى. ئۇ ئادەم بىرەر ۋاخ نامازنىڭمۇ ۋاقتىنى ئۆتكۈزمەي جامائەت بىلەن مەسجىدتە ئوقۇيتتى. ئۇنىڭغا دېيىلدى ياكى مەن دېدىم: «سەن قاراڭغۇ كېچىلەردە ۋە قاتتىق ئىسسىقلاردا مەسجىدكە مىنىپ كېلىش ئۈچۈن بىرەر ئېشەك سېتىۋالساڭ بولمامدۇ؟» ئۇ: «ئۆيۈمنىڭ مەسجىدنىڭ يېنىدا بولۇشىدىن خۇشال بولمايمەن، چۈنكى مېنىڭ مەسجىدكە كەلگەن ۋە قايتقان چاغلىرىمدىكى قەدەملىرىمگە، ماڭغان يولۇمغا ساۋاب يېزىلىپ تۇرۇشنى خالايمەن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ: «ئاللاھ تائالا ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا جەملەپ بەردى»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

 يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ رىزاسى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىڭنىڭ ساۋابى ساڭا بولدى»، دېدى، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىنساننىڭ ئەمەللىرىدە نىيەت ۋە مەقسىتىگە لايىق ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقى.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمرى ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «40 خىسلەت بار. ئۇلارنىڭ يۇقىرىسى بىر مۇسۇلمان بۇرادىرىگە ئۆچكىنىڭ سۈتىنى سېغىپ ئىچىۋېلىش ئۈچۈن ئۆتنە بېرىپ تۇرۇشتۇر. قانداقلىكى بىر ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، ئاشۇ خىسلەتلەرنىڭ بىرەرسىگە ئەمەل قىلسا، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ياخشىلىق يوللىرىنى ۋە تۈرلىرىنى كۆپ قىلىپ بەرگەنلىكىدەك رەھمەت-مەرھەمىتىنىڭ ناھايىتى كەڭلىكى، بەندىنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان ئۆچكىنىڭ سۈتىنى سېغىۋېلىشى ئۈچۈن بىر بۇرادىرىگە بېرىشتەك كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى.

  1. ئەدىي ئىبن ھاتەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «اتَّقُوا النار وَلوْ بِشقِّ تَمْرەٍ» «گەرچە يېرىم خورما چاغلىق نەرسە بىلەن بولسىمۇ سەدىقە قىلىپ، دوزاختىن ساقلىنىڭلار». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا پات ئارىدا ھەر بىرىڭلار بىلەن تەرجىمانسىز بىۋاسىتە سۆزلىشىدۇ. ئۇ ئادەم ئوڭ تەرىپىگە قارىسىمۇ، سول تەرىپىگە قارىسىمۇ ئەمەللىرىنىلا كۆرىدۇ. ئۆزىنىڭ ئالدىغا قارىسا، كۆز ئۇدۇلىدا تۇرغان دوزاختىن باشقىنى كۆرمەيدۇ. يېرىم خورما چاغلىق نەرسە سەدىقە قىلىپ بولسىمۇ، دوزاختىن ساقلىنىڭلار، شۇنچىلىك نەرسىنىمۇ تاپالمىغان ئادەم بىرەر ئېغىز ياخشى سۆز قىلىش بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلانسۇن».

     — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنى قۇربى يېتىشىچە سەدىقە قىلىشقا، گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن خۇلۇقلىنىپ، كىشىلەرگە چىرايلىق مۇئامىلە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) مۇئمىننىڭ ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىدىغان كۈندە يەرگە قاراپ قالماسلىق ئۈچۈن كۆپرەك تائەت-ئىبادەت قىلىپ، يامانلىقلاردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكى.

3) بەندىنىڭ قىيامەت كۈنىدە ھېچقانداق پەردە، ۋاسىتە بولمىغان ھالدا ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىدىغانلىقى، شۇڭا پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكى.

  1. ئىنسانغا قىيامەت كۈنىدە ياخشى ئەمەللىرىدىن باشقا ھېچ نەرسە ئەسقاتمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۇنيادا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ھېرىس بولۇشى لازىملىقى.
  2. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئەتىگەن ۋە كەچلىك تاماقلىرىدا يېگەن نەرسىلەرگە ھەمد ئېيتقان ۋە ئىچكەن نەرسىلەرگە ھەمد ئېيتقان بەندىلىرىگە ئەلۋەتتە ساۋاب بېرىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنى ئاللاھ تائالانىڭ پەزىل-رەھمىتىنىڭ كەڭلىكى، نېئمەتلىرىنىڭ سانسىزلىقى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىش، ھەمدۇسانا ئېيتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەمدۇساناغا ئەڭ لايىق زات بولۇپ، شۈكۈر قىلىش بەندىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولۇشى ۋە نىجاتلىق تېپىش يولى ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ىَلَۈ كُلِّ مُسْلِمٍ پدقەٌ» «ھەر بىر مۇسۇلمان سەدىقە قىلىشى لازىم». ئەبۇ مۇسا: «ئېيتىپ باققىنكى، سەدىقە قىلىدىغان نەرسە تاپالمىسىچۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆز قولى بىلەن كەسىپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگىمۇ پايدا يەتكۈزسۇن، سەدىقىمۇ قىلسۇن»، دېدى. ئەبۇ مۇسا: «ئېيتىپ باققىنكى، ئۇنداقمۇ قىلالمىسىچۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاجىز-بىچارىلەرگە يار-يۆلەك بولسۇن»، دېدى. ئەبۇ مۇسا: «ئۇنىمۇ قىلالمىسىچۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياخشىلىققا بۇيرۇسۇن»، دېدى. ئەبۇ مۇسا: «ئۇنىمۇ قىلالمىسىچۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يامان ئىشلاردىن قول يىغسۇن، بۇ ئۇنىڭغا سەدىقىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مۇسۇلماننى ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقىش، باشقىلاردىن سورىماسلىق، بەلكى ئۆز ئەمىلى ئارقىلىق باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) سەدىقىنىڭ دائىرىسىنىڭ ئىنتايىن كەڭلىكى، تۈرلۈك ياخشىلىق يوللىرى، ھەتتا يامان ئىشلاردىن قول يىغىشنىڭمۇ سەدىقە دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر