مۇسۇلمانلار

11.  شەيتان ۋە نەپس بىلەن كۈرەش قىلىش توغرىسىدا

 (شەيتان، ھاۋايى-ھەۋەس، نەپسى قاتارلىقلار بىلەن) كۈرەش قىلىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَالَّذِينَ جَاهَدُوا فِينَا لَنَهْدِيَنَّهُمْ سُبُلَنَا وَإِنَّ اللَّهَ لَمَعَ الْمُحْسِنِينَ

«بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»- (سۈرە ئەنكەبۇت، 69- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَاعْبُدْ رَبَّكَ حَتَّى يَأْتِيَكَ الْيَقِينُ

 «(سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە )يەنى، ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن»- (سۈرە ھىجىر -99 ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَاذْكُرِ اسْمَ رَبِّكَ وَتَبَتَّلْ إِلَيْهِ تَبْتِيلًا

«پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن، (ئىبادىتىڭدە) ئۇنىڭغا تولۇق يۈزلەنگىن»-(سۈرە مۇززەممىل، 8- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

فَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ

«كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ»-(سۈرە زەلزەلە،7-ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنفُسِكُم مِّنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِندَ اللَّهِ هُوَ خَيْرًا وَأَعْظَمَ أَجْرًا 

«ئۆزۈڭلار ئۈچۈن (دۇنيادا) قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىلەر»-(سۈرە مۇزەممىل، 20- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَمَا تُنفِقُواْ مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللّهَ بِهِ عَلِيمٌ 

«مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير-ئېھسان قىلماڭلار، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر»-(سۈرە بەقەرە، 273- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى خىل نېئمەت بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇ ئىككى نېئمەتنىڭ قەدرىگە يەتمەي زىيان تارتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ تەن ساقلىق ۋە بوش ۋاقىتتىن ئىبارەتتۇر». —بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھەدىستە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئورۇنداشقا تەكلىپ قىلىنغان بەندىنى سودىگەرگە، ساقلىق ۋە بوش ۋاقىتنى دەسمايىگە ئوخشاتقان. كىمكى بۇ ئىككى نەرسىدىن ياخشى پايدىلىنىدىكەن، جەزمەن پايدىغان ئېرىشىدۇ. ئەكسىچە بولسا، زىيان تارتىپ، پۇشايمان قىلىدۇ.

2) ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش، قۇربى يەتكەن ۋاقىتتا كۆپرەك ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋېلىش ئۈچۈن ساقلىق ۋە بوش ۋاقتىدىن ئوبدان پايدىلىنىشقا ھېرىسمەن بولۇش.

3) نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىككى خىل نېئمەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ. ئۇلار ۋاقىتنى ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىشلارغا سەرپ قىلىدۇ، زىيانلىق ئىشلارنى قىلىپ، سالامەتلىكنى نابۇت قىلىدۇ. ئىسلام دىنى بولسا ۋاقتىنى پايدىلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىشقا، سالامەتلىكنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىلىرى نامازدا ئۇزۇن تۇرۇپ، پۇتلىرى ئىششىپ يېرىلىپ كېتەتتى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغفىرەت قىلىۋەتكەن تۇرسا، نېمىشقا مۇنداق قىلىسەن؟»، دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۈكۈر قىلغۇچى بەندە بولۇشنى ياقتۇرمامدىمەن؟!»، دەپ جاۋاب بەردى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان مۇھەببىتى. تەقۋادارلىقنى ئۆزىنىڭ ئادىتىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى.

2) بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسى كىرگەندە ئۇخلىمايتتى ۋە ئۆيدىكىلەرنى ئويغىتاتتى. تىرىشچان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئىبادەتكە بېرىلەتتى.

    — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ساۋابى كۆپ بولىدىغان ئالاھىدە ۋاقىتلاردىن ئوبدان پايدىلىنىپ، كۆپرەك ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنىڭ پەزىلىتى.

2) رامزان كېچىلىرىدە كۆپرەك ئىبادەت قىلىش، بولۇپمۇ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى كېچىلەردە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىشنىڭ پەزىلىتى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈچلۈك مۇئمىن ياخشىدۇر. ئاللاھ تائالا ئاجىز مۇئمىندىن كۈچلۈك مۇئمىننى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئەسلىي ئىماندا ئورتاق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىسىدە ياخشىلىق بار. سەن ئۆزۈڭگە پايدىلىق نەرسىلەرگە ھېرىس بولغىن. ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلىگىن، ئاجىزلىقنى ئۆزۈڭگە يولاتمىغىن. ئەگەر ساڭا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يېتىپ قالسا، ئۇنداق قىلغان بولسام بوپتىكەن، مۇنداق قىلسام بوپتىكەن دېمىگىن، ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈۋەتكەن تەقدىرى شۇ ئىكەن، ئاللاھ تائالا خالىغان نەرسە بولىدۇ، دېگىن. ئەگەر، كاشكى دېگەن سۆزلەر شەيتاننىڭ ئىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىق دېگەن توغرا يول ئۈچۈن ئۆز نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىش، تائەت-ئىبادەتكە بېرىلىش، كىشىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ، زىيانلىق ئىشلارنى تەرك ئېتىش دېگەنلىكتۇر.

2) كىشىنىڭ دىنىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنى ۋە ئەخلاقىنى قوغدايدىغان پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا ھېرىس بولۇشىنىڭ لازىملىقى، بۇنىڭدا ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلىگەن، ئاللاھ تائالا مەدەت بەرگەن كىشىنىڭ نىجاتلىق تاپىدىغانلىقى.

3) ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرىگە تەن بېرىش، يۈز بېرىپ بولغان، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ئۈچۈن غەم-قايغۇغا چۆكمەي، ھەممە ئىشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ پۈتكەن تەقدىرى بىلەن بولغانلىقىغا چىن پۈتۈپ، ئالدىغا قاراش لازىملىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دوزاخ ھاۋايى-ھەۋەس بىلەن ئورالغان، جەننەت كىشىنىڭ نەپسى ياقتۇرمايدىغان نەرسە بىلەن ئورالغان». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس ئەرەب تىلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پاساھەت-بالاغىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. جەننەتكە ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا چەكلىگەن، نەپسىگە تەرك ئېتىش قىيىنراق تۇيۇلىدىغان ئىشلارنى تەرك ئېتىش بىلەنلا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى، ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمەي، توغرا يولدىن مېڭىش بىلەنلا دوزاخ ئازابىدىن قوتۇلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

  1. ئەبۇ ئابدۇللاھ ھۇزەيفە ئىبن يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كېچىسى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈرە بەقەرەنى باشلىدى. مەن 100 ئايەت ئوقۇپ بولۇپ، رۇكۇ قىلامدىكىن، دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوقۇۋەردى. مەن سۈرە بەقەرەنىڭ ھەممىسىنى بىر رەكئەتتە ئوقۇيدىغان بولدى، دەپ ئويلىدىم. يەنە ئوقۇۋېرىپ، سۈرە بەقەرە تۈگىگەندىمۇ رۇكۇ قىلمىدى. ئاندىن سۈرە نىسانى باشلىدى. ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن سۈرە ئال ئىمراننى باشلاپ توختىماي ئوقۇۋەردى. ئايەتلەرنى ئالدىرىماي ئوقۇدى. تەسبىھ بار ئايەتلەرنى ئوقۇغان چاغدا، تەسبىھ ئوقۇدى. دۇئا بار ئايەتلەردىن ئۆتسە دۇئا قىلدى ۋە پاناھ تىلەش بار ئايەتلەر ئۆتسە پاناھ تىلىدى. ئاندىن رۇكۇ قىلىپ: «ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم پاكتۇر»، دېدى. قىيامدا تۇرغانغا ئوخشاش ئۇزۇن رۇكۇ قىلدى. ئاندىن كېيىن «ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئېيتىلغان ھەمدلەرنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئى پەرۋەردىگارىمىز ھەمد سەن ئۈچۈندۇر»، دېدى. ئاندىن قىيامدا رۇكۇغا ئوخشاش ئۇزۇن تۇردى. ئاندىن سەجدە قىلىپ: «ئۈستۈن پەرۋەردىگارىم پاكتۇر»، دېدى. قىيامدا تۇرغانغا ئوخشاش ئۇزۇن سەجدە قىلدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نەفلى نامازلاردا ئىمامغا ئىقتىدا قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، كېچىدە ئوقۇغان تەھەججۇد نامازلىرىدا ئوزۇنراق قىيامدا تۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، سۈرىلەرنىڭ تەرتىپىنى «قۇرئان كەرىم»دىكىدىن باشقىچە ئىلگىرى-كېيىن ئوقۇشنىڭ مەكرۇھ ئەمەسلىكى.

  1. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: بىر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ناماز ئوقۇدۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامدا شۇنداق ئۇزۇن تۇردىكى، ھەتتا مەن بولمىغۇر ئىشنى كۆڭلۈمگە كەلتۈردۈم. ئىبن مەسئۇددىن: «سەن نېمىنى كۆڭلۈڭگە كەلتۈردۈڭ؟»، دەپ سورالغاندا، ئۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قىيامدا قويۇپ، ئۆزۈم ئولتۇرۇۋېلىشنى ئويلاپ قالدىم»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) نامازدا ئىمامغا ئىقتىدا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئەگەشمەسلىكنىڭ يامان ئىش سانىلىدىغانلىقى.

2) مۇجىمەل بولۇپ قالغان ئىشلارنى سوراپ بىلىۋېلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مىيىتقا ئۈچ نەرسە ئەگىشىدۇ (يەنى قەبرىگە ئەگىشىپ بارىدۇ): ئۇنىڭ بالا-ۋاقىسى، مېلى، ئەمەلىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ بىرسى مىيىت بىلەن قېلىپ، ئىككىسى قايتىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ بالا-ۋاقىسى ۋە مېلى قايتىپ كېلىدۇ. ئەمەلى ئىگىسى بىلەن بىللە قېلىپ قالىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىلەر مىيىتنى قەبرىدە يالغۇز قويۇپ ماڭغاندا، مىيىتقا ھەمراھ بولىدىغان بىردىنبىر نەرسە ياخشى ئەمەل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسانغا ئاخىرەتتە ئەسقاتىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، مال-دۇنيانىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش.

  1. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت سىلەرگە ئۆزۈڭلارنىڭ ئايىغىنىڭ شوينىسىدىنمۇ يېقىنراقتۇر، دوزاخمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يېقىندۇر». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش كىشىنى جەننەتكە باشلىسا، ئاسىيلىق قىلىش دوزاخقا باشلايدىغانلىقى.

2) ئىنساننىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنى تەرك ئېتىشى جەننەتكە، ئۇنىڭغا ئەگىشىشى دوزاخقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى، ئىنسان شۇ ئىككى يولنىڭ بىرىنىلا تاللايدىغانلىقى.

  1. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھلى سۇففەلەردىن بولغان خادىمى ئىبن كەئب ئەسلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە يېتىپ قوپاتتىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت سۈيىنى ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلىرىنى ھازىرلاپ بېرەتتىم. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەندىن سورىغىن»، دېدى. مەن: «مەن سەندىن جەننەتتىمۇ ساڭا ھەمراھ بولۇشنى سورايمەن»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «باشقىسى يوقمۇ؟»، دېدى. مەن: «پەقەت مۇشۇ»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا ئۆزۈڭ سەجدىنى كۆپ قىلىش بىلەن ماڭا ياردەم بەرگىن»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھەدىستە جەننەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشى، ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆز نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىشى لازىملىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەقەت شۇنداق قىلغانلارنىڭلا جەننەتتە ئۆزى بىلەن بىللە بولالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

2) ساھابىلەرنىڭ ئاخىرەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولۇشقا ھېرىس ئىكەنلىكى.

3) تاھارەت سۈيىنى تەييارلاشتا باشقىلاردىن ياردەم سوراشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «سەجدىنى كۆپ قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سەن سەجدە قىلساڭ، ئاللاھ تائالا ھەر بىر سەجدەڭ ئۈچۈن سېنى بىر دەرىجە كۆتۈرىدۇ. ھەر بىر سەجدە بىلەن بىر خاتالىقىڭنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ».

    — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) نەفلى ئىبادەتلەرنىڭ گۇناھنى يۇيىدىغانلىقى.

2) مۇسۇلماننىڭ پەرز ۋە نەفلى نامازلارنى ئادا قىلىشقا ھېرىس بولۇشى لازىملىقى.

  1. ئەبۇ سەفۋان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ ياخشىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن، ئەمەللىرى ياخشى بولغان كىشىلەردۇر».

         — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

 ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ پەزلى-ئارتۇقچىلىقى، ئەكسىچە يامان ئەمەللەرنى قىلغان ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: تاغام ئەنەس ئىبن نەزىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەدرى ئۇرۇشىغا قاتنىشالمىدى. ئۇ: «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن سەن مۇشرىكلار بىلەن ئېلىپ بارغان تۇنجى ئۇرۇشقا قاتنىشالمىدىم. ئەگەر ئاللاھ تائالا مېنى مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا نېسىپ قىلسا، قانداق قىلىدىغانلىقىمنى چوقۇم كۆرىدۇ»، دېدى. ئۇھۇد ئۇرۇشى كۈنىدە مۇسۇلمانلار پىتىراپ كەتتى. ئەنەس ئىبن نەزىر: «ئى ئاللاھ! ھەمراھلىرىمنىڭ بۇنداق قىلغانلىرىدىن ساڭا ئۆزرە ئېيتىمەن. شۇنىڭدەك، مۇشرىكلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن چەك ئارىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن»، دېدى. ئاندىن ئالغا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭغا سەئد ئىبن مۇئاز ئۇچراپ قالدى. تاغام: «ئى سەئد ئىبن مۇئاز! كەئبىنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇھۇد تەرەپتىن جەننەتنىڭ پۇرىغىنى پۇراۋاتىمەن»، دەپ جەڭ مەيدانىغا كىرىپ كەتتى. سەئد: «مەن ئەنەسنىڭ قىلغىنىدەك قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم»، دېدى. ئەنەس: «بىز ئەنەس ئىبن نەزىرنى ئۇنىڭغا قىلىچ ئۇرۇلغان، نەيزە سانچىلغان، ئوقيانىڭ ئوقى تەگكەن ھەممىسى بولۇپ 80 نەچچە يېرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى كۆردۇق. ئۇنى ئۆلتۈرۈلۈپ، مۇشرىكلارنىڭ ئۇنىڭ چىرايىنى بۇزۇۋەتكەن ھالىتىدە تاپتۇق. ئۇنى پەقەت بىر سىڭلىسى بارماقلىرىدىن تونۇۋالدى. «بىز مۇئمىنلەرنىڭ ئىچىدىن ئاللاھ تائالاغا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار»- (سۈرە ئەھزاب، 24- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)، دېگەن ئايەتنى ئەنەس ئىبنى نەزىر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر توغىرسىدا چۈشكەن دەپ ئويلايمىز». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى:

 1) ياخشى ئەمەللەرگە ۋەدە بېرىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى. ئىنساننىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ شەھىد بولۇشنى تەلەپ قىلىشتىكى سەمىمىيلىكى ۋە جەننەتكە كىرىشكە بولغان ھېرىسمەنلىكى.

  1. ئىبن ئەمر ئەنسارىي بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەدىقىنىڭ ئايىتى چۈشكەندە، بىز ھامماللىق قىلىپ، تىرىكچىلىك قىلاتتۇق. بىر كۈنى بىر كىشى كېلىپ نۇرغۇن نەرسە سەدىقە قىلدى. كىشىلەر ئۇنى رىياخور دېيىشتى. يەنە بىر كىشى كېلىپ، بىر سا (بىر سا ئىككى كىلو قىرىق گرامغا تەڭ. — ت) نەرسە سەدىقە قىلدى. كىشىلەر: «ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىر سا نەرسىسىدىن بىھاجەت»، دېيىشتى. شۇ ۋاقىتتا بۇ ئايەت نازىل بولدى:

الَّذِينَ يَلْمِزُونَ الْمُطَّوِّعِينَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ فِي الصَّدَقَاتِ وَالَّذِينَ لاَ يَجِدُونَ إِلاَّ جُهْدَهُمْفَيَسْخَرُونَ مِنْهُمْ

«(مۇناپىقلار) مۇئمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە (يەنى كەمبەغەل بولغانلىقتىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ»- (سۈرە تەۋبە،  79- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)      — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىنساننىڭ تاقىتىنىڭ يېتىشىچە پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىشى، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە، مەيلى ئۇ ئاز بولغان تەقدىردىمۇ سەدىقە بېرىشى، مۇناپىقلار ۋە يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماسلىقى لازىملىقى.

2) ئاز بولغان تەقدىردىمۇ كىشىنىڭ سەدىقە بېرىپ تۇرۇشىنىڭ لازىملىقى.

3) ياخشى ئەمەللەرنى ئازكەن دەپ، مەنسىتمەسلىكنىڭ خاتا ئىكەنلىكى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر