باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 ياخشى ئىشلارغا ئالدىراش، ياخشىلىققا يۈزلەنگەن كىشىنى ئىككىلەنمەستىن شۇ ئىشنى تېزلىك بىلەن قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

فَاسْتَبِقُواْ الْخَيْرَاتِ

«(ئى مۇئمىنلەر!) ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار»-(سۈرە بەقەرە، 148- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَسَارِعُواْ إِلَى مَغْفِرَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا السَّمَاوَاتُ وَالأَرْضُ أُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ

«پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغفىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان-زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار»-(سۈرە ئال ئىمران، 133- ئايەت).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار، قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىلىرىغا ئوخشاش پىتنە-پاساتلار مەيدانغا كېلىدۇ. بىر كىشى مۇئمىن ھالىتىدە تاڭ ئاتقۇزسا، كافىر ھالىتىدە كەچ قىلىدۇ. مۇئمىن ھالىتىدە كەچ قىلسا، كافىر ھالىتىدە تاڭ ئاتقۇزىدۇ. ئۆزىنىڭ دىنىنى دۇنيانىڭ ئازغىنا نەرسىسىگە سېتىۋېتىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ ئۆز دىنىغا مەھكەم يېپىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى. دىنغا بىرەر توسالغۇ، چەكلىمە بولۇپ قېلىشتىن ئىلگىرى، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراش كېرەكلىكى.

2) قىيامەت يېقىنلاشقانسېرى كىشىلەرنى ئازدۇرغۇچى پىتنە-پاساتلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىدىغانلىقى.

  1. ئۇقبە ئىبن ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن مەدىنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا ئەسىر نامىزى ئوقۇدۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالام بەرگەندىن كېيىن ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئارىلاپ ئۆتۈپ، ئۇدۇل ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىراپ مېڭىشىدىن ھەيران قالدى. بىردەمدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىدىن چىقىپ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىراش ماڭغانلىقىدىن ئەجەبلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۆيىمىزدىكى بىر پارچە ئالتۇن ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئۇنىڭ مېنىڭ پىكىرىمنى چېچىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى تەقسىم قىلىپ بېرىۋېتىشكە بۇيرۇدۇم». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

 يەنە بىر رىۋايەتتە: «مەن سەدىقىدىن كەلتۈرۈلگەن بىر پارچە ئالتۇننى ئۆيدە قالدۇرغانىدىم. مەن ئۇنىڭ ئۆيۈمدە كېچىچە تۇرۇپ قېلىشىنى ياقتۇرمىدىم»، دېدى، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىنىڭ ئىبادەتتە زېھنى چېچىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى تېزرەك قىلىپ تۈگىتىپ، ھۇزۇرى قەلب بىلەن ئىبادەتكە بېرىلىشنىڭ لازىملىقى.

2) سەدىقىنى ئۆزى بېرىشكە قادىر ھالەتتىمۇ باشقا بىرەرسىنى ئۆزىگە ۋەكىل قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

  1. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر ساھابە ئۇھۇد كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «ئەگەر مەن ئۆلتۈرۈلسەم قەيەردە بولىمەن؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جەننەتتە»، دېۋىدى، ئۇ ساھابە قولىدىكى بىر قانچە خورمىنى تاشلىۋېتىپ، جەڭگە ئاتلىنىپ، تاكى ئۆلتۈرۈلگۈچە ئۇرۇشتى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىرىشى لازىملىقى، ئاللاھ تائالا يولىدا ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى.

2) ئىنساننىڭ ئۆزى بىلمىگەن نەرسىلىرى ئۈستىدە سورىشىنىڭ ياخشى پەزىلەت ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! قايسى خىلدىكى سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ چوڭ بولىدۇ؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن كەمبەغەللىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ تۇرغان، باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ تۇرغان، پۇل-مالغا ھېرىسمەن بولۇپ تۇرغان، ساغلام تۇرغان ۋاقتىڭدا قىلغان سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. سەدىقە بېرىشنى كېچىكتۈرمىگىن، كېچىكتۈرۈپ جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا، پالانىغا مۇنچىلىك بېرىڭلار، پوكۇنىغا مۇنچىلىك بېرىڭلار دېگىنىڭ بىلەن، بۇ چاغدا مال باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ»، دەپ جاۋاب بەردى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىنىڭ ساق ۋاقتىدا قىلغان سەدىقىسى كېسەل ۋاقتىدا قىلغان سەدىقىسىدىن ئەۋزەل بولىدىغانلىقى. چۈنكى، كىشى ساغلام ۋاقتىدا بېخىلراق بولىدۇ. بۇنداق ھالەتتە سەدىقە بېرىش شۇ كىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، نىيىتىنىڭ دۇرۇس، چىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى. بۇنىڭ ئەكسىچە، ساقىيىشتىن ئۈمىد ئۈزگەن، مالنىڭ باشقىلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى كۆرگەن، كېسەل ھالەتتە قىلغان سەدىقىنىڭ كەمتۈك ھېسابلىنىدىغانلىقى.

2) كىشىنىڭ ئەجەل يېتىشتىن ئىلگىرى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، سەدىقە بېرىشكە ئالدىرىشى كېرەكلىكى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇھۇد كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلىچىنى ئېلىپ: «بۇنى مەندىن كىم ئالىدۇ؟»، دېدى. ساھابىلەر قوللىرىنى سوزۇپ: «مەن، مەن»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇنى كىم ئېلىپ ھەققىنى ئادا قىلالايدۇ؟»، دېدى. كىشىلەر تۇرۇپ قالدى. ئەبۇ دۇجانە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن ئۇنى ئېلىپ ھەققىنى ئادا قىلالايمەن»، دېدى-دە، قىلىچنى ئېلىپ مۇشرىكلارنىڭ باشلىرىنى چاپتى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەبۇ دۇجانەنىڭ باتۇرلۇقى، ئاللاھ تائالا يولىدىكى پىداكارلىقى، باشقا ساھابىلەرنىڭ تۇرۇپ قېلىشى بولسا ئۇلارنىڭ قورقۇنچاقلىقىدىن ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز قولى بىلەن بەرگەن قىلىچنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالماسلىق، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئورۇنلىيالماسلىقتىن ئەنسىرىگەنلىكى، ئەيمەنگەنلىكى ئۈچۈن ئىكەنلىكى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى ئاللاھ تائالا يولىدا تېخىمۇ جان پىدالىق قىلىشقا، دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدىغانلىقى.

  1. زۇبەير ئىبن ئەدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز ئەنەس ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا ھەججاجنىڭ قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى شىكايەت قىلىپ كەلدۇق. ئۇ: «سەۋر قىلىڭلار، مەن شۈبھىسىزكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ‹بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا بارغۇچە تېخىمۇ بەتتەررەك كۈنلەر كېلىدۇ›، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنى قىيىنچىلىق، بالا-قازالارغا سەۋر قىلىشقا ئۈندەش.

2) كىشىلەرگە قىيامەت ئاز قالغاندا پىتنە-پاساتلار كۆپىيىپ، تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىش.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە يەتتە تۈرلۈك ئىش كېلىشتىن بۇرۇن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋېلىشقا ئالدىراڭلار، ئۇ ئىشلار بولسا: ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان نامراتلىق ياكى يولدىن چىقىرىدىغان بايلىق، بەدەننى كاردىن چىقىرىۋېتىدىغان كېسەللىك ياكى بىلجىرلىتىدىغان قېرىلىق، ئۇشتۇمتۇت كېلىدىغان ئۆلۈم ياكى دەججالكى، دەججال كۈتۈپ تۇرۇلۇۋاتقان ئەڭ يامان مەخلۇقتۇر ياكى قىيامەتكى، قىيامەت دېگەن دەھشەتلىك ۋە قورقۇنچلۇقتۇر»، دېدى. — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) قىيامەت يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى دەججالنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىكەنلىكى.

2) ئىنساننىڭ بىرەر توسالغۇ بولۇپ قېلىشتىن ئىلگىرى ياخشى ئىشلارنى قىلىۋېلىشقا ئالدىرىشى كېرەكلىكى، چۈنكى دۇنيانىڭ ئازابى ئاخىرەت ئازابىدىن كۆپ يەڭگىل ئىكەنلىكى.

3) كىشىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان ئەڭ مۇھىم توسالغۇلار قاتتىق نامراتلىق، بايلىق ۋە قېرىلىق ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەر كۈنى: «مەن بۇ ئەلەمنى چوقۇم ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىگە بېرىمەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قولى بىلەن بۇ قەلئەلەرنى فەتىھ قىلىدۇ»، دېدى. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ پەقەت شۇ چاغدىلا ئەمىر بولغۇم كېلىپ كەتتى. ئاندىن مەن چاقىرىلىپ قالسام ئىكەنمەن دەپ بويۇنلىرىمنى سوزۇپ كەتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى ئىبن ئەبۇ تالىپنى چاقىرىپ، ئەلەمنى ئۇنىڭغا بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاتلانغىن، ھەتتا ئاللاھ تائالا ساڭا فەتىھنى نېسىپ قىلمىغۇچە، ئارقاڭغا قارىمىغىن»، دېدى. ئاندىن ئەلى ئەلەمنى ئېلىپ ئازراق مېڭىپ توختىدى ۋە كەينىگە قارىماي تۇرۇپ ۋارقىرىدى: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار بىلەن نېمە ئاساستا ئۇرۇشىمەن». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇلار تاكى بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى دەپ كەلىمە شاھادەت ئېيتقانغا قەدەر ئۇرۇشقىن. ئەگەر ئۇلار كەلىمە شاھادەت ئېيتسا، ئۇلارنىڭ جانلىرى ۋە ماللىرى قوغدىلىدۇ. (ئۇلارنىڭ ئۈستىدە شەرىئەت ھەققى بولۇپ قالسا، جازالىنىۋېرىدۇ) ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىشىدۇر»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىگە بولغان مۇھەببەت بولسا پەقەت ئۇلارغا ئىشىنىش بىلەن ۋە بۇيرۇلغاننى ئورۇنداش بىلەن بولىدىغانلىقى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەيبەرنى فەتىھ قىلىشقا ئوخشاش كەلگۈسىدىكى ئىشلاردىن ئالدىنئالا خەۋەر بېرىشتەك مۆجىزىسى.

3) كەلىمە شاھادەتنى ئېيتقان ئادەمگە دىندىن ئاشكارا بىرەر نەرسىنى ئىنكار قىلىشتەك كۇفرىلىققا ئېلىپ بارىدىغان بىرەر ئىش سادىر بولمىغۇچە چېقىلىشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقى.

4) ئىسلامنىڭ ئەھكاملىرى كىشىلەرنىڭ زاھىرى-ئاشكارا ھالەتلىرىگە قاراپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچكى سىرلىرىنىڭ قانداقلىقىغا ئاللاھ تائالا ھۆكۈم قىلدىغانلىقى.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ