باش بەت > بىدئەت > پەتىۋالار > ناماز  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز تەراۋىھ نامىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە مۇشەققەت بوپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئوقۇمىغان ئەمما ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋىرىدە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزى ئىمام بۇلۇپ ئۇقۇپ بەرگەن ناماز ئىدى بىزمۇ يىللادىن بىرى ئۇقۇپ كەلگەن. ئەمما بۇ نامازنى ئىسلامدا ئورنى يوق دەپتۇ .خۇددى بۇ ناماز ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋىرىدە قۇرئاننى جەم قىلغان يېڭىدىن پەيدا بولغان ياخشىلىققا ۋەسىيلە بولغان بىر ناماز دەپ قارايتتۇق مۇشنۇڭغا بىر جاۋاپ بەرگەن بولسىلا ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قېرىندىشىم سىزنىڭ تەراۋىھ نامىزى توغرىسىدىكى مەلۇماتىڭىز يېتەرسىزدەك تۇرىدۇ. چۈنكى، سۇئالىڭىزدىكى ئىپادىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەنبە كىتاپلىرىدا ئورۇن ئالمايدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە ئىزدىنىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرغايسىز، قاراشلىرىڭىزنىمۇ يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ باققايسىز. ئاللاھ سىزگە دىننى توغرا چۈشەنگىلى، چۈشەنگىنىڭىز بويىچە ياشىغىلى ۋە بىدئەت-خۇراپاتتىن يىراق تۇرغىلى نېسىپ قىلسۇن، ئامىن!
بىز بۇ ناماز ھەققىدە ئىلگىرى تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە ئېرىشكەن نەتىجىمىزنى ماقالە سۈپىتىدە يېزىپ، مۇشۇ توربېتىمىزدە ئېلان قىلغان ئىدۇق. ماقالە ھېلىمۇ توربېتىمىزدە مەۋجۇتتۇر.

بۇ ناماز ھەققىدە سۇئالىڭىز مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ پەنجىرىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرمەكچى بولساق، دەيدىغىنىمىز تۆۋەندىكىچە:
1. قۇرئان كەرىمدە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇيدىغان، تەشۋىق قىلىدىغان ۋە ھەتتا ئىشارەت قىلىدىغان ھېچقانداق ئىپادە يوق. مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تەھەججۈد نامىزىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، خالاس. ئۇ رىۋايەتلەردىن ئىككىسى تۆۋەندىكىچە:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزان كېچىلىرىدە بولسۇن، باشقا ئاينىڭ كېچىلىرىدە بولسۇن 11 رەكئەتتىن ئارتۇق نەپلە ناماز ئوقۇمايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ.- (بۇخارى، سەھىھ، تەراۋىھ 1، تەھەججۇد 3؛ مۇسلىم، سەھىھ، سالاتۇلمۇسافىرىن 125؛ تىرمىزى، سۇنەن، سالات 208؛ نەسەئى، سۇنەن، قىيامۇل لەيل 36؛ مالىك ئىبنى ئەنەس، مۇۋەتتا، سالاتۇل لەيل 3؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد 6/36، 73، 104).
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەھەججۈد نامىزىنى 7 رەكئەت ، 9 رەكئەت ، 11 رەكئەت ۋە 13 رەكئەت ئوقۇيدىغانلىقىنىمۇ رىۋايەت قىلىدۇ. لېكىن 13 رەكئەت ئوقۇغان چېغىدا بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتىر ۋە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.- (بۇخارى، سەھىھ، تەھەججۇد 10).
تۆۋەندىكى رىۋايەتتىنمۇ تەراۋىھ نامىزىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرلىرىدە ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە يوق ئىكەنلىكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە پەيدا بولغانلىقى ئېنىق بىلىنىدۇ:
ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلقارى مۇنداق دېگەن: مەن رامىزاندا بىر كېچىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مەسچىتكە چىقتىم. ئىنسانلار تارقاق ۋە چېچىلاڭغۇ ئىدى: يالغۇز ناماز ئوقۇۋاتقانلارمۇ بار ئىدى، جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇۋاتقانلارمۇ بار ئىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «شۇلارنى بىر قارىنىڭ ئارقىسىغا جەمئىي قىلسام، تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك» دېدى. ئاندىن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ئۇلارنى ئۇبەي ئىبنى كەئبنىڭ ئارقىسىغا جەمئىي قىلدى. كېيىن مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن يەنە بىر كېچىسى چىقتىم. ئىنسانلار بۇ چاغدا ئۆزلىرىنىڭ قارىسىغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتاتتى. ئۆمەر: «نېمىدېگەن ياخشى بىدئەت بۇ. بۇلارنىڭ ھازىر ئوقۇۋاتقان نامىزىدىن، ھازىر ئۇخلاپ كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇغان نامىزى ئەۋزەلدۇر» دېدى. ئۆمەر كېچىنىڭ ئاخىرىنى دېمەكچى ئىدى، چۈنكى، ئىنسانلار كېچىنىڭ ئاۋۋالىدا ئوقۇيتتى.- (بۇخارى، سەھىھ، تەراۋىھ 1871).
دېمەككى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە مەسچىتكە بىرگە چىققان ھەمراھى ئۇ جامائەتكە قېتىلىپ ناماز ئوقۇمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئۇنداق ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ياخشى ئىش قىلمىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ