مۇسۇلمانلار

8. توغرا يولدا بولۇش توغرىسىدا

 توغرا يولدا بولۇش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

فَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ وَمَنْ تَابَ مَعَكَ وَلَا تَطْغَوْا

«(ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ تائالا سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن، ساڭا ئىمان ئېيتقانلارمۇ توغرا يولدا بولسۇن»-(سۈرە ھۇد، 112- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا تَتَنَزَّلُ عَلَيْهِمُ الْمَلَائِكَةُ أَلَّا تَخَافُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَبْشِرُوا بِالْجَنَّةِ الَّتِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ نَحْنُ أَوْلِيَاؤُكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآَخِرَةِ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَشْتَهِي أَنْفُسُكُمْ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَدَّعُونَ نُزُلًا مِنْ غَفُورٍ رَحِيمٍ

«شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ تائالادۇر»، دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت بىلەن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلاردۇرمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ تائالا) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر»-(سۈرە فۇسسىلەت، 30 ~ 32- ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ أُولَئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ خَالِدِينَ فِيهَا جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ

«پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ تائالادۇر»، دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا، شۈبھىسىزكى، (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر. ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. (بۇ) ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر»-(سۈرە ئەھقاف، 13-، 14- ئايەتلەر ).

  1. ئەبۇ ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى! ماڭا ئىسلام توغرىسىدا شۇنداق بىر سۆزنى ئېيتىپ بەرگىنكى، بۇ توغرۇلۇق باشقا ئادەمدىن سوراپ يۈرمەي»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ئىشەندىم، دېگىن. ئاندىن توغرا يولدا بولغىن»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىخچام ئىبارىلەر بىلەن چوڭقۇر ھېكمەتلىك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان پاساھەتلىك نۇتۇق قابىلىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

2) توغرا يولدا بولۇش دېگەنلىك ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىنى بىجانىدىل ئادا قىلىپ، مەھكەم تۇرۇش بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «توغرا يولدا بولۇشنىڭ مەنىسى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداپ، چەكلىگەنلىرىدىن ساقلىنىشتۇر».

3) ئىمان دېگەن قەلبنىڭ ئىشىنىشى ۋە ئەمەل قىلىشى بىلەن بولىدىغانلىقى، ھېچقانداق ئەمەل قىلماي قۇرۇق ئىمان دەۋاسى قىلىشنىڭ قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكى. بەندىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بولسا ئىماننىڭ مېۋىسى ۋە كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكى.

4) بەندىنىڭ توغرا يولدا مېڭىشى ئۇنىڭ كامالى ئىمانىنى كۆرسىتىدىغان ئالىي دەرىجە ئىكەنلىكى.

 ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىبادەتتە ئاشۇرۇۋەتمەي، كەم قىلىپمۇ قويماي، نورمال بولۇڭلار، توغرا يولدا بولۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئىچىڭلاردىن ھېچكىم ئۆز ئەمەلى بىلەن نىجات تاپالمايدۇ». كىشىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! سەنمۇ شۇنداقمۇ؟»، دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەنمۇ شۇنداق، لېكىن ئاللاھ تائالا مېنى ئۆز رەھمىتى ۋە ئۆز پەزلى دائىرىسىگە ئالغان»، دەپ جاۋاب بەردى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

1) ساۋاب، جازا، شەرىئەتنىڭ ھۆكمى ئەقىل بىلەن ئەمەس، بەلكى، ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتى ئارقىلىق بەلگىلىنىدىغانلىقى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلىدىغان پەزلى-مەرھەمىتى بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكى.

3) بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىسىز پەقەت ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىلەنلا جەننەتكە ھەرگىز ئېرىشەلمەيدىغانلىقى.

4) پەرۋەردىگارىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش بەندىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا بەرگەن نېئمەتلىرى چەكسىز بولۇپ، بەندە ئۇنى ساناشقىمۇ ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقى، شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 

وَآَتَاكُمْ مِنْ كُلِّ مَا سَأَلْتُمُوهُ وَإِنْ تَعُدُّوا نِعْمَةَ اللَّهِ لَا تُحْصُوهَا إِنَّ الْإِنْسَانَ لَظَلُومٌ كَفَّارٌ

 «سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر»-(«سۈرە ئىبراھىم،34- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

5) ياخشى ئەمەللەر جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبى بولىدىغانلىقى، بەندىنىڭ جەننەتكە ئېرىشىشى يەنىلا ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بىلەن بولىدىغانلىقى.

6)        مۇئمىننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ۋە جەننىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن بىرگە دۇئا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر