باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 كامىل ئىشەنچ ۋە تەۋەككۈل قىلىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَلَمَّا رَأَى الْمُؤْمِنُونَ الْأَحْزَابَ قَالُوا هَذَا مَا وَعَدَنَا اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَصَدَقَ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَمَا زَادَهُمْ إِلَّا إِيمَانًا وَتَسْلِيمًا

«مۇئمىنلەر ئىتتىپاقداش قوشۇننى كۆرگەن چاغدا: «بۇ (يەنى قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش) ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ۋەدە قىلغان ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى راست ئېيتتى»، دېيىشتى. (بۇ ئىش) ئۇلارنىڭ (ئاللاھ تائالاغا بولغان) ئىمانىنى ۋە (ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىغا بولغان) بويسۇنۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى»-(سۈرە ئەھزاب، 22- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

الَّذِينَ قَالَ لَهُمُ النَّاسُ إِنَّ النَّاسَ قَدْ جَمَعُوا لَكُمْ فَاخْشَوْهُمْ فَزَادَهُمْ إِيمَانًا وَقَالُوا حَسْبُنَا اللَّهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ فَانْقَلَبُوا بِنِعْمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَفَضْلٍ لَمْ يَمْسَسْهُمْ سُوءٌ وَاتَّبَعُوا رِضْوَانَ اللَّهِ وَاللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَظِيمٍ

«مۇشرىكلار تەرەپدارلىرى بولغان) ئادەملەر ئۇلارغا: «شەك-شۈبھىسىزكى، كىشىلەر (يەنى قۇرەيشلەر) سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار»، دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ تائالا كۇپايە، ئاللاھ تائالا نېمە دېگەن ياخشى ھامىي!»، دېدى. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ نېئمىتى ۋە پەزلى بىلەن قايتىپ كەلدى. ھېچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىدى. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى، ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر»-(سۈرە ئال ئىمران، 173-، 174- ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَتَوَكَّلْ عَلَى الْحَيِّ الَّذِي لَا يَمُوتُ

«(ھەممە ئىشىڭدا) ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ھايات ئاللاھ تائالاغا يۈزلەنگىن»-(سۈرە فۇرقان، 58- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ

«مۇئمىنلەر (ھەممە ئىشتا) يالغۇز بىر ئاللاھ تائالاغىلا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرسۇن»-(سۈرە ئىبراھىم، 11- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ

«بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلغىن»-(سۈرە ئال ئىمران، 159- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ

«كىمكى ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ»- (سۈرە تالاق، 3- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ آَيَاتُهُ زَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَعَلَى رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ

«پەقەت ئاللاھ تائالا ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا، ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۇئمىنلەردۇر»- (سۈرە ئەنفال، 2- ئايەت).

  1. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ماڭا ئۈممەتلەر توغرىلاندى. مەن بىر پەيغەمبەرنى كۆردۈم. ئۇنىڭ بىلەن بىر قانچە كىشى بار ئىكەن. يەنە بىر پەيغەمبەرنى كۆردۈم، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىككى كىشى بار ئىكەن ۋە يەنە بىر پەيغەمبەرنى كۆردۈم، ئۇنىڭ بىلەن بىرمۇ كىشى يوق ئىكەن. شۇ چاغدا تۇيۇقسىز بىر توپ كىشىلەر كۆتۈرۈلدى. ئاندىن مەن ئۇلارنى مېنىڭ ئۈممىتىممىكىن، دەپ قالدىم. ماڭا: ‹بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ قەۋمى، لېكىن ئەتراپقا قارىغىن›، دېيىلدى. شۇ چاغدا بىر توپ كىشىلەرنى كۆردۈم. ماڭا: ‹يەنە بىر قارىغىن›، دېيىلدى. مەن يەنە بىر توپ كىشىلەرنى كۆردۈم. ماڭا: ‹بۇ سېنىڭ ئۈممىتىڭ ۋە ئۇلار بىلەن ھېسابسىز ۋە ئازابسىز جەننەتكە كىرىدىغان 70 مىڭ ئادەم بىللە›، دېيىلدى». ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئاندىن ساھابىلەر ھېساب ئېلىنماي ۋە ئازابقا دۇچار بولماي جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەر توغرىسىدا دەتالاش قىلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى: «ئۇ كىشىلەر بەلكىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدۇر»، دېيىشتى. بەزىلەر: «بەلكىم ئىسلامدا تۇغۇلۇپ، ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن»، دېيىشتى. ئۇلار يەنە كۆپ گەپلەرنى قىلىشتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقىپ، ئۇلاردىن: «نېمە توغرىسىدا دەتالاش قىلىۋاتىسىلەر؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نېمە توغرىسىدا دەتالاش قىلىنىۋاتقانلىقى ئېيتىپ بېرىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇلار سۈف كۆچ قىلمايدىغان، سۈف كۆچ قىلدۇرمايدىغان، پال ئاچمايدىغان، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەردۇر»، دېدى. ئۇككاشە ئىبن مۇھسىن ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئاللاھ تائالانىڭ مېنى شۇلارنىڭ قاتارىدىن قىلىشىغا دۇئا قىلساڭ»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن شۇلارنىڭ قاتارىدا بولىسەن»، دېدى. ئاندىن يەنە بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ: «مېنىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ شۇلارنىڭ قاتارىدىن قىلىشىغا دۇئا قىلساڭ»، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇككاشە ئىبن مۇھسىن بۇ ئىشتا سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتۈپ كەتتى»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقى، چۈنكى ئۇنىڭغا ئۈممەتلەر توغرىلانغان، ئۈممەتلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا توغرىلىنىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدە بولغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشلىرى راست كېلىدۇ ۋە ياكى بۇ ئىش ئىسرا كېچىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئويغاق ھالەتتە تۇرغان چېغىدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزى خالىغان نەرسىنى ئاتا قىلىدىغانلىقى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنى سان جەھەتتىن ئەڭ كۆپ قىلىش بىلەن ئۇنى باشقىلاردىن ئارتۇق قىلغانلىقى.

3) پايدىغا ئېرىشىش ياكى زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنىشتا ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ پەزىلىتى، ئاللاھ تائالانىڭ تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۈچۈن چوڭ ساۋاب تەييارلىغانلىقى.

4) «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان دۇئالار ئارقىلىق دەم سېلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى، جاھىلىيەت ۋە گۇمراھلىقنىڭ قىلىقلىرى بولغان سۈفكەشلىك، جادۇگەرلىكلەرنىڭ ئىماننىڭ ساغلاملىقىغا زىت كېلىدىغان ئالدامچىلىق ئىكەنلىكى.

5) شۇم پال ئېلىشنىڭ ھاراملىقى.

  1. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دائىم مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! ساڭا بويسۇندۇم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم، ساڭا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە سەن تەرەپكە قايتتىم. سېنى دەپ (دۈشمەنلىرىڭ بىلەن) جاڭجاللىشىمەن، ئى ئاللاھ! سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇركى، سېنىڭ سەلتەنىتىڭ بىلەن مېنى ئازدۇرۇۋېتىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، سەن ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ھاياتسەنكى، مەخلۇقاتلارنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىسەن، جىن ۋە ئىنسانلار بولسا ئۆلىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بىر ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆز پاناھىدا ساقلاشنى تىلەشنىڭ پەزىلىتى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بارلىق كامالى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچى بولۇپ، پەقەت ئاللاھ تائالاغا تايانغان ئادەمنىڭلا نىجاتلىق تاپىدىغانلىقى. مەخلۇقاتلارنىڭ بولسا ھەممىسى ئاجىز بولۇپ، ئۆلۈم بىلەن ھاياتى ئاخىرلىشىدىغانلىقى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىي ئىمان ۋە ئاللاھ تائالاغا بولغان تەۋرەنمەس ئىشەنچ چاقناپ تۇرغان يۇقىرىقى دۇئاسىنى مۇئمىنلەرنىڭ ئۈلگە قىلىشى كېرەكلىكى.

  1. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، «ئاللاھ تائالا بىزگە كۇپايىدۇر ۋە ئاللاھ تائالا نېمە دېگەن ياخشى ھامىي». بۇنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوتقا تاشلانغان چاغدا دېگەن. ئۇ سۆزنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئېيتقان. بۇ سۆز «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق كەلگەن:

 الَّذِينَ قَالَ لَهُمُ النَّاسُ إِنَّ النَّاسَ قَدْ جَمَعُوا لَكُمْ فَاخْشَوْهُمْ فَزَادَهُمْ إِيمَانًا وَقَالُوا حَسْبُنَا اللَّهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ فَانْقَلَبُوا بِنِعْمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَفَضْلٍ لَمْ يَمْسَسْهُمْ سُوءٌ وَاتَّبَعُوا رِضْوَانَ اللَّهِ وَاللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَظِيمٍ

«(مۇشرىكلار تەرەپدارلىرى بولغان) ئادەملەر ئۇلارغا: «شەك-شۈبھىسىزكى، كىشىلەر (يەنى قۇرەيشلەر) سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار»، دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ تائالا كۇپايە، ئاللاھ تائالا نېمە دېگەن ياخشى ھامىي!»، دېدى. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ نېئمىتى ۋە پەزلى بىلەن قايتىپ كەلدى. ھېچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىدى. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى، ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر»-(سۈرە ئال ئىمران، 173-، 174- ئايەتلەر). — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ئىبن ئابباس رىۋايەت قىلغان يەنە بىر رىۋايەتتە: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوتقا تاشلانغان چاغدا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى سۆزى: «ئاللاھ تائالا ماڭا كۇپايىدۇر، ئۇ نېمە دېگەن ياخشى ھامىي!»، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىگە بالا-قازا يەتكەندە ئاللاھ تائالاغا يۆلىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە پەزىلىتى.

2) پەيغەمبەرلەرنىڭ، تەقۋادارلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىشىنى، ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلىشىنى ئۆرنەك قىلىش كېرەكلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەلبلىرى ئۇچار قۇشلارنىڭ قەلبىگە ئوخشايدىغان (يەنى تەۋەككۈل قىلىدىغان، دىلى ئۈزۈك) كىشىلەر جەننەتكە كىرىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

 ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇئمىننى ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىش، رەھىمدىل بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، بۇ ئىككىسى بولسا ئۇنى جەننەتكە باشلايدىغان سەۋەبلەر ئىكەنلىكى.

  1. جابىر ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن نەجد تەرەپتىكى غازاتقا قاتنىشىپ، يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە قايتىپ كېتىۋېتىپ، دەرەخلىق بىر ئورمانغا كەلگەندە، كۈن قاتتىق ئىسسىپ كېتىدۇ. رەسۇلۇللاھ باشلىق ھەممەيلەن شۇ يەرگە چۈشىدۇ. كىشىلەر دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا سايىداش ئۈچۈن تارقاپ كېتىدۇ. رەسۇلۇللاھمۇ بىر ئەرەب كاۋچۇك دەرىخى ئاستىغا سايىداش ئۈچۈن چۈشۈپ، قىلىچىنى دەرەخقە ئېسىپ قويىدۇ. جابىر مۇنداق دەيدۇ: بىز ئۇخلاپ كېتىپتۇق، بىر چاغدا رەسۇلۇللاھ بىزنى تۇيۇقسىز توۋلاپ قالدى. رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلسەك، ئۇنىڭ قېشىدا بىر ئەئرابى ئولتۇرۇپتۇ. رەسۇلۇللاھ بىزگە ئۇنى كۆرسىتىپ: «مەن ئۇخلاۋاتسام، بۇ مېنىڭ قىلىچىمنى سۇغۇرۇپ ئاپتۇ، ئويغانسام، ئۇنىڭ قولىدا يالىڭاچ قىلىچ تۇرىدۇ. ئۇ ماڭا: ‹مەندىن سېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟› دەپ ئۈچ قېتىم سورىغان ئىدى، مەنمۇ: ‹ئاللاھ تائالا قۇتقۇزىدۇ›، دەپ ئۈچ قېتىم دېدىم»، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى جازالىمىدى، ئۇ بولسا رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى.

ئىبن ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىدە: «ئاللاھ قۇتقۇزىدۇ»، دېگەن سۆزدىن كېيىن مۇنۇ سۆزلەر ئېيتىلغان: جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئەئرابىنىڭ كۆكرىكىدىن ئىتتەرگەنىدى، ئۇنىڭ قولىدىن قىلىچ چۈشۈپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ قىلىچنى ئېلىپ: «سېنى مەندىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟»، دېگەنىدى. ئەئرابى: «ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ»، دېدى. «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ پەيغەمبەرگە قارىتا:

وَاللَّهُ يَعْصِمُكَ مِنَ النَّاسِ

«ئاللاھ تائالا سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ»- (سۈرە مائىدە، 67- ئايەت)، دېگەن. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە جابىر ئېيتتى: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن زاتۇررىقا دېگەن جايدا بىللە ئىدۇق. بىز سايىلىق بىر دەرەخنىڭ قېشىغا كەلدۇق. ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سايىدىشىغا قالدۇرغانىدۇق. ئۇنىڭغىچە بىر مۇشرىك كېلىپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلىچى دەرەخكە ئېسىقلىق تۇراتتى. مۇشرىك قىلىچنى ئېلىۋېلىپ، ئېيتتى: «مەندىن قورقامسەن؟» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «لا» «ياق»، دېدى. ئۇ مۇشرىك: «مېنىڭدىن سېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ»، دېدى.

ئەبۇ بەكرى ئىسمائىلنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: مۇشرىك: «مېنىڭدىن سېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ»، دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ»، دېگەن. ئاندىن قىلىچ ئۇنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كەتكەن. قىلىچنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ: «مېنىڭدىن سېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ»، دېگەن. مۇشرىك: «ئەسىر ئالغۇچىنىڭ ياخشىراقى بولغىن»، دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا ۋە مېنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بەرگىن»، دېگەن. مۇشرىك: «ياق، لېكىن سەن بىلەن ئۇرۇشماسلىققا ۋە سەن بىلەن ئۇرۇشقانلارنىڭ سېپىدە بىللە بولماسلىققا ۋەدە بېرەي»، دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مۇشرىكنى قويۇۋەتكەن. مۇشرىك ھەمراھلىرىنىڭ قېشىغا كېلىپ: «مەن كىشىلەرنىڭ ياخشىسىنىڭ قېشىدىن كەلدىم»، دېگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋپ-خەتەر ئالدىدىكى باتۇرلۇقى، ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىشەنچى، يۆلىنىشى ۋە چوڭقۇر ئىلتىجاسى.

2) قىيىن پەيتلەردە بالا-قازادىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ رولى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەپۇچانلىقى، شەخسى ئىنتىقامىنى ئەمەس، كىشىلەر قەلبىنى ھەققە مايىل قىلىش ئۈچۈن ئومۇمىي مەنپەئەتنى ئويلايدىغان، يىراقنى كۆرەلەيدىغان ئېسىل خىسلەتكە ئىگە ئىكەنلىكى.

  1. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «ئەگەر ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگە خۇددى قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك رىزىق بېرىدۇ. قۇشلار ئەتتىگەنلىرى ئاچ ھالەتتە چىقىپ، كەچلىرى توق قورساق قايتىپ كېلىدۇ». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مۇئمىن ئادەمنى ھەممە ئىشلىرىدا تولۇق ئىشەنچ بىلەن بىر ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) ئىشلاردا چارە-تەدبىر قىلىش، رىزىق تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇ خۇددى قۇشلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئۈچۈن قاراپ ئولتۇرماي، ئۇۋىسىدىن چىقىپ، ھەرىكەت قىلىپ تىرىشقىنىغا ئوخشاشتۇر.

  1. ئەبۇ ئۇمارە بەرا ئىبن ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى پالانى! سەن ياتىدىغان چېغىڭدا، ‹ئى ئاللاھ! ئۆزۈمنى ساڭا تاپشۇردۇم، سېنىڭ ساۋابىڭنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىڭدىن قورقۇپ، سەن تەرەپكە يۈزلەندىم. ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم. ئۆزۈمنى سېنىڭ قوغدىشىڭغا يۆلىدىم. پاناھگاھ ۋە قۇتقۇزغۇچى ئۆزۈڭسەن. سېنىڭ نازىل قىلغان كىتابلىرىڭغا ۋە سەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىڭگە ئىشەندىم›، دەپ ياتقىن. ئەگەر شۇ كېچىسى قازا قىلىدىغان بولساڭ، ئىمان بىلەن كېتىسەن ۋە ياكى تاڭ ئاتقۇزساڭ ياخشىلىق ئۈستىدە تاڭ ئاتقۇزغان بولىسەن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

بەرا ئىبن ئازىبنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «سەن ياتىدىغان چېغىڭدا نامازغا تاھارەت ئالغانغا ئوخشاش تاھارەت ئالغىن، ئاندىن ئوڭ تەرىپىڭنى بېسىپ ياتقىن ۋە يۇقىرىدا دېيىلگەندەك دېگىن»، دېدى. ئاندىن: «ئاشۇ دۇئالار شۇ كۈندىكى سۆزلىرىڭنىڭ ئاخىرقىسى بولسۇن»، دېدى، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

1) ھەممە ئەھۋالدا ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەش.

2) بەندىنىڭ ھەر كېچىسى ئۆزىنىڭ سۆزلىرى ۋە ئەمەللىرىدىن ھېساب ئېلىپ، ئىمانىنى كۈچەيتىپ، پەرۋەردىگارى بىلەن بولغان باغلىنىشنى چىڭىتىشنىڭ لازىملىقى.

3) ھەدىستىكى دۇئا ئىمان ۋە تەقۋالىق مەنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر كېچىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ دۇئانى ئوقۇشنىڭ ۋە كامىل تاھارەت ئېلىپ ئۇخلاشنىڭ پەزىلىتى.

  1. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز غاردىكى چاغدا مۇشرىكلار بىزنىڭ بېشىمىزدا ئىدى. مەن مۇشرىكلارنىڭ پۇتىنى كۆرۈپ تۇردۇم. مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرەرسى پۇتىنىڭ ئاستىغا قارىسىلا، بىزنى چوقۇم كۆرۈۋالىدىغۇ»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى كىشى بولۇپ، ئۈچىنچىسى ئاللاھ تائالا بولسا، ئۇ ئىككى كىشى ھەققىدە قانداق ئويدا بولىسەن»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ زۆرۈر ئېھتىيات تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز پاناھىدا ساقلايدىغانلىقىغا چىن پۈتۈشىنىڭ لازىملىقى.

2) ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببىتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۈشمەنلەرنىڭ زىيان-زەخمىتىگە ئۇچراپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقى.

3) ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە ئەۋلىيالارنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ، ئۇلارغا غەلىبە ئاتا قىلىدىغانلىقى.

4) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باتۇرلۇقى، ئاللاھ تائالاغا بولغان چوڭقۇر ئىمانى بىلەن قىيىن پەيتلەردە ھەمراھلىرىغا تەسەللى بېرىپ، خاتىرجەم قىلىدىغان پەزىلىتى.

  1. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيدىن چىققاندا مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلدىم، ئى ئاللاھ! ئېزىپ كېتىشىمدىن، ئازدۇرۇلۇپ كېتىشىمدىن، تېيىلىپ كېتىشىمدىن ياكى تېيىلدۈرۈلۈشىمدىن، زۇلۇم قىلىشتىن ياكى زۇلۇم قىلىنىشتىن، نادانلىق قىلىشىمدىن ياكى ماڭا باشقىلارنىڭ نادانلىق قىلىپ قويۇشىدىن سېنىڭ بىلەن پاناھ تىلەيمەن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆيدىن چىققاندا يۇقىرىقى دۇئانى ئوقۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئېزىپ كېتىشتىن، زۇلۇمدىن ۋە نادانلىقتىن يىراق بولۇپ، ياخشىلىقلارغا ئېرىشىدىغانلىقى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆيدىن چىققاندا ‹ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلدىم، ئاللاھ تائالانىڭ مەدىتى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ›، دېسە، ئۇ كىشىگە: ‹ھىدايەت قىلىندىڭ، كۇپايە قىلىندىڭ ۋە قوغدالدىڭ›، دېيىلىدۇ. شەيتان ئۇنىڭدىن يىراق بولىدۇ». — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ئەبۇ داۋۇدنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: «شەيتان يەنە بىر شەيتانغا: ھىدايەت قىلىنغان، كۇپايە قىلىنغان ۋە قوغدالغان ئادەمگە قانداقمۇ كۈچۈڭ يەتسۇن، دەيدۇ»، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ سۆز ۋە ھەرىكىتىدە ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىشنىڭ پەزىلىتى. مانا بۇ بولسا مۇئمىننى بارلىق يامانلىقتىن ساقلايدىغان تۇمار ھېسابلىنىدىغانلىقى.

2) ھەدىستە ئېيتىلغان ياخشىلىقلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىققاندا يۇقىرىقى دۇئانى ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا ئىككى قېرىنداش بار ئىدى. ئۇ ئىككىسىدىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا تەلىم ئېلىش ئۈچۈن كېلىپ تۇراتتى. يەنە بىرى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىناتتى. كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ساڭا رىزىق بېرىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن»، دېگەن. — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىنى قوغداش ئۈچۈن دىنىي ئەھكاملارنى ئۆگىنىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشقا ئېشىنالمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ، ئۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىھاجەت قىلىدىغان ئادەمنى تەييارلاپ بېرىدىغانلىقى.

2) ئىلىم ئەھلىگە ياردەم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ