مۇسۇلمانلار

 6. تەقۋالىق توغرىسىدا

 تەقۋالىق توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ

«ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالاغا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار»- (سۈرە ئال ئىمران، 102- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ

«تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار»-(سۈرە تەغابۇن، 16- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

 يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا

«ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار»-(سۈرە ئەھزاب، 70- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ

«كىمكى ئاللاھ تائالادىن قورقىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ»-(سۈرە تالاق، 2-، 3- ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِنْ تَتَّقُوا اللَّهَ يَجْعَلْ لَكُمْ فُرْقَانًا وَيُكَفِّرْ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ

«ئى مۇئمىنلەر! ئەگەر ئاللاھ تائالادىن قورقساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغفىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا كاتتا پەزىل ئىگىسىدۇر»-(سۈرە ئەنفال، 29- ئايەت).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر كىشى: «ئى ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى! كىشىلەرنىڭ ھۆرمەتلىكى كىم؟»، دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇلارنىڭ تەقۋادارلىرى»، دېدى. ئۇلار: «بىز بۇنى سورىماقچى ئەمەس»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامدۇركى، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى (يەئقۇب ئەلەيھىسسالام)نىڭ ئوغلىدۇر، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى (ئىسھاق ئەلەيھىسسالام)نىڭ ئوغلىدۇر، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام)نىڭ ئوغلىدۇر»، دېدى. ئۇلار: «بىز بۇنى سورىماقچى ئەمەسمىز»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر مەندىن ئەرەبنىڭ كاتتىلىرىدىن سورىماقچىمۇ؟ ئۇلارنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ياخشىلىرى ئەگەر دىن ئەھكاملىرىغا ئۇستا بولسىلا، ئىسلام دەۋرىدىمۇ ياخشىلاردۇر»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

 ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىنساننىڭ ھۆرمىتى ۋە شەرىپى ئاللاھ تائالاغا قىلغان تەقۋادارلىقى بىلەن بولىدۇ. تەقۋادار بەندە دۇنيادا ياخشىلىققا نائىل بولغۇچى، ئاخىرەتتە دەرىجىسى ئۈستۈن بولغۇچىدۇر.

2) بىرەر ئادەمنىڭ ئاتا-بوۋا، ئەجدادلىرى تەقۋادار بولۇپ، ئۇ ئادەممۇ شۇلارنىڭ يولىدىن ماڭغان بولسا، ھۆرمەتلىك بولىدۇ.

  1. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن دۇنيا شېرىن ۋە ياپيېشىلدۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرنى دۇنيادا ئورۇنباسار قىلدى. سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. مال-دۇنياغا مەغرۇر بولۇپ كېتىشتىن ۋە ئاياللارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئېزىپ كېتىشتىن ساقلىنىڭلار. ھەقىقەتەن بەنى ئىسرائىلدىكى پىتنە-پاسات ئالدى بىلەن ئاياللارنىڭ سەۋەبىدىن ئىدى». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاياللارنىڭ پىتنە-پاسىتى بىلەن ئېزىپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلەش، بۇنىڭ ئۈچۈن كىشىنى ئازغۇنلۇققا ئېلىپ بارىدىغان يات ئاياللار بىلەن ئارىلىشىش، ئۇلارغا يامان كۆزدە قاراشتەك ھاۋايى-ھەۋەسنى قوزغايدىغان قىلىقلارنى تەرك ئېتىش كېرەكلىكى، ھالال جۈپتى بىلەن بىرگە بولۇشقا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلىپ كېتىپ ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىپ، پەرز-ۋاجىپلىرىنى ئادا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەكلىكى.

2) ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئىبرەت ئېلىش، باشقا ھەر قانداق بىر قەۋمدە بەنى ئىسرائىلدىكىگە ئوخشاش ئىشلار يۈز بېرىدىكەن، ئۇلارمۇ شۇ خىل پىتنە-پاساتلار بىلەن ئازغۇنلۇققا دۇچ كېلىدىغانلىقى.

  1. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مەن سەندىن ھىدايەتنى، تەقۋادارلىقنى، ئىپپەتلىك بولۇشنى، بىھاجەتلىكنى سورايمەن». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنىڭ ھەممە خىل ھالەتلەردە تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن تىلەش كېرەكلىكى، ئاللاھ تائالانى ئەڭ بىلگۈچى ۋە ئاللاھ تائالادىن ئەڭ قورققۇچى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالادىن سورىغان نەرسىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ تەرىف ئەدى ئىبن ھاتەم تائىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «كىمكى بىر ئىشنى قىلىشقا قەسەم قىلسا، ئاندىن ئۇ ئىشقا قارىغاندا ئاللاھنى تېخىمۇ رازى قىلىدىغان يەنە بىر ئىشنى كۆرسە، ئاللاھ تائالانى رازى قىلىدىغان ئىشنى قىلىسۇن». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ تەقۋادارلىقنى دوست تۇتۇشىنىڭ لازىملىقى.

2) كىمكى بىرەر يامان ئىشقا بەل باغلاپ، ئۇنى قىلىشقا قەسەم ئىچكەن تەقدىردىمۇ ئۇنى قىلماسلىق، قەسەمنى بۇزۇپ، گۇناھلىق ئىشقا يېقىن يولىماسلىقى لازىملىقى.

  1. ئەبۇ ئۇمامە سۇدەييە ئىبن ئەجلانە باھىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججەتۇل ۋىدادا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار، بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇڭلار، رامزان روزىسىنى تۇتۇڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىڭلار. ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ جەننىتىگە كىرىسىلەر». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) يۇقىرىقى ئىشلارنى ئادا قىلىش ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىش جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى. ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىش جەننەتكە كىرىشنىڭ شەرتى ۋە يولى ئىكەنلىكى. دۇنيادا توغرا يولدا مېڭىش بولسا ئاخىرەتتىكى نىجاتلىقنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكى.

2) ئىش ئۈستىدىكىلەر ئاللاھ تائالا چەكلىگەن گۇناھلىق ئىشلارغا بۇيرۇمىغان شەرت ئاستىدا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشنىڭ لازىملىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر