مۇسۇلمانلار

5. ئاللاھ ھەممىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر

 ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

الَّذِي يَرَاكَ حِينَ تَقُومُ وَتَقَلُّبَكَ فِي السَّاجِدِينَ

«ئاللاھ سېنى نامازغا قوپقىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ، ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى (سەجدىگە بارغانلىق، رۇكۇغا تۇرغانلىق ۋە قىيامدا تۇرغانلىق) ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدۇ»- (سۈرە شۇئەرا، 218-، 219- ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَهُوَ مَعَكُمْ أَيْنَ مَا كُنْتُمْ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ

«سىلەر قەيەردە بولماڭلار، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگە، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»- (سۈرە ھەدىد، 4- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّ اللَّهَ لَا يَخْفَى عَلَيْهِ شَيْءٌ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ

«شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھ تائالاغا مەخپىي ئەمەس»- (سۈرە ئال ئىمران، 5- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّ رَبَّكَ لَبِالْمِرْصَادِ

«پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»-(سۈرە فەجر، 14- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

يَعْلَمُ خَائِنَةَ الْأَعْيُنِ وَمَا تُخْفِي الصُّدُورُ

«ئاللاھ تائالا كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ»- (سۈرە غافىر، 19- ئايەت).

بۇ بابقا ئائىت ئايەتلەر كۆپتۇر ۋە مەلۇملۇقتۇر. ھەدىسلەرگە كېلىدىغان بولساق، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  1. ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتۇق، تۇيۇقسىز قېشىمىزغا كىيىملىرى ئاپئاق، چاچلىرى قاپقارا بىر كىشى چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن سەپەر قىلغانلىق ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى. ھېچ قايسىمىز ئۇنى تونۇمىدۇق. ئۇ ئىككى تىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى تىزىغا تەگكۈزۈپ، ئىككى ئالىقىنىنى ئىككى يوتىسىغا قويۇپ: «ئى مۇھەممەد! ماڭا ئىسلامنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:  «ئىسلام دېگەن بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى، دەپ گۇۋاھلىق بەرگەيسەن، پەرز نامازنى ئوقۇغايسەن، زاكات بەرگەيسەن، رامزان روزىسىنى تۇتقايسەن، قادىر بولالىساڭ بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىپ، ھەج قىلغايسەن»، دېدى. ئۇ كىشى: «راست ئېيتتىڭ»، دېدى. بىز ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى سوراپ، ئۆزىنىڭ سورالغان سوئالىغا جاۋاب بېرىلسە، راست دەيسەن، دەپ تەستىقلىغىنىغا ئەجەبلەندۇق. ئاندىن ئۇ كىشى يەنە: «ماڭا ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن»، دېدى. رەسۇلۇللاھ:  «ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەتكە، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەيسەن»، دېدى. ئۇ كىشى: «راست ئېيتتىڭ»، دېدى. ئاندىن: «ماڭا ئېھساننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:  «ئاللاھ تائالاغا خۇددى ئاللاھ تائالانى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلغايسەن، گەرچە سەن ئاللاھ تائالانى كۆرەلمىسەڭمۇ، ئاللاھ تائالا سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ»، دېدى. ئۇ كىشى: «ماڭا قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:  «جاۋاب بەرگۈچى سورىغۇچىدىن ئارتۇق بىلمەيدۇ»، دېدى. ئۇ كىشى: «ماڭا قىيامەتنىڭ ئالدىن بولىدىغان ئالامەتلىرىنى ئېيتىپ بەرگىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دېدەك ئۆز خوجايىنىنى تۇغقان چاغدا، يالاڭ ئاياغ، نامرات پادىچىلار چوڭ ئىمارەتلەرنى سېلىش بىلەن پەخىرلەنگەن چاغدا قىيامەت يېقىنلاشقان بولىدۇ»، دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى. مەن بىر ھازاغىچە تۇرۇپ قاپتىمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئۇمەر! سوئال سورىغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟»، دېدى. مەن: «ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى ئوبدان بىلگۈچىدۇر»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ جىبرىئىل بولىدۇ. ئۇ سىلەرگە دىنىڭلارنىڭ ئاساسلىرىنى تەلىم بەرگىلى كەلگەن»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

  • ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىسمى بىلەن چاقىرىشنىڭ ھۆرمەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن:

لَا تَجْعَلُوا دُعَاءَ الرَّسُولِ بَيْنَكُمْ كَدُعَاءِ بَعْضِكُمْ بَعْضًا

«پەيغەمبەرنى سىلەر بىر-بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار»- (سۈرە نۇر، 63- ئايەت) ھەدىستە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئى مۇھەممەد!»، دەپ چاقىرىشىدىكى سەۋەب بولسا، ئۆزىنىڭ پەرىشتە ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ۋە ياكى ئايەتتىكى خىتاپ مۇئمىنلەرگە قىلىنغان خىتاپ بولۇپ، پەرىشتىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر.

2) ئىمان بولسا دىننىڭ تۈپ قائىدىلىرىگە ئىشىنىشتۇر. ئىسلام بولسا شەرىئەت بەلگىلىگەن ئەھكاملارغا بويسۇنۇشتۇر. ئۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق، ئوخشىمىغان ئىككى ئۇقۇمدۇر. ئىمانسىز ئىسلام بولمايدۇ. ئىسلامسىز ئىمان بولمايدۇ. شەرىئەتتە ھەر ئىككىلىسى ئۆزىگە خاس مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر.

3) كەلىمە شاھادەتنى ئېيتىشقا قادىر ئادەمنىڭ ئۇنى ئېيتىشى ئۇ ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ئىسلام ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىشىنىڭ شەرتىدۇر.

4) جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىئالوگىدا سۆزلىشىش، سوئال-جاۋابنىڭ ئەدەبلىرى كۆرسىتىلگەن.

5) جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىدا ئولتۇرۇشىدا ئىلىم سورۇنلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەدەپ-ئەخلاق كۆرسىتىلگەندۇر.

6) قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشى، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىمگە مەلۇم ئەمەستۇر، ئەمما ئاللاھ تائالا قىيامەتنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنى ئېيتقان. بۇلاردىن ھەدىستە تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەيدانغا چىقىشى، دەججالنىڭ چىقىشى، كۈننىڭ غەربتىن چىقىشى قاتارلىقلار بار.

7) ئىنساننىڭ ھەر قاچان ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى كۆزىتىپ، ئەمەللىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

8) مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئۆز دىنىنىڭ ئاساسلىرى ۋە ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىماننىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۆز ئەمىلىنى تۈزەش لازىملىقى.

  1. ئەبۇ زەر ۋە مۇئاز ئىبن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەيەردىلا بولساڭ، ئاللاھ تائالاغا تەقۋادار بولغىن ۋە بىرەر يامان ئىش قىلىپ سالساڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ياخشىلىق قىلغىن. ئۇ ياخشىلىق يامانلىقنى ئۆچۈرىدۇ. كىشىلەرگە چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ياخشىلىق يامانلىقنى ئۆچۈرۈۋېتىدىغانلىقى. بۇ كىچىك گۇناھلاردا شۇنداق بولىدىغانلىقى. ئەمما، چوڭ گۇناھلاردا، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ھەققىگە چېتىشلىق بولمىغان گۇناھ بولىدىكەن، شەرتلىرى تولۇق بولغان تەۋبە بىلەن كىشىنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى.

2) كىشىلەرگە خۇش چىراي بولۇش، ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، ياخشىلىق قىلىش، كىشىلەرگە ئوبدان مۇئامىلىدە بولۇش، ئىسلام دىنىدىكى گۈزەل ئەخلاقلار جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.

  1. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلىغىنىڭ كەينىگە مىنگىشىۋالغانىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئوغۇل، مەن ساڭا بىر نەچچە سۆزنى ئۆگىتىپ قوياي: ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ تۇرغىن، ئاللاھ تائالامۇ سېنى ياد ئېتىدۇ. ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكىن، ئاللاھ تائالانى ئالدىڭدىلا تاپىسەن. قاچانكى بىرەر نەرسە سورىماقچى بولساڭ، ئاللاھ تائالادىنلا سورا. بىلگىنكى، ئەگەر جىمىي ئادەملەر ساڭا بىرەر نەرسە بىلەن پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يىغىلسىمۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ساڭا پۈتۈۋەتكەن نەرسىدىن باشقىنى بېرەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار ساڭا بىرەر نەرسە بىلەن زىيان يەتكۈزۈشكە يىغىلسىمۇ، ئاللاھ تائالا ساڭا پۈتۈۋەتكەن نەرسىدىن باشقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. قەلەملەر كۆتۈرۈلدى، بەتلەر قۇرۇدى (يەنى تەقدىر ئاللىقاچان پۈتۈلۈپ بولدى)»، دېدى. — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ رىزقى، كېسەلدىن ساقىيىشى، گۇناھلىرىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشى، غەلىبە قىلىشىدەك ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىمنىڭ قۇربى يەتمەيدىغان ئىشلاردا بىر ئاللاھ تائالادىن باشقىسىدىن سوراشنىڭ ھاراملىقى. ئادەتتە، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئۆتنە ئېلىش، قەرز ئېلىش، مەسلىھەت سوراشتەك ئىشلار بولسا بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ ئىلىمىدىكى تەقدىرگە پۈتۈۋەتكەن ئىشلارنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، ئەمەلدىن قالمايدىغانلىقى. مەيلى ئۆتۈپ كەتكەن ياكى كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالاغا مەلۇم ئىكەنلىكى.

3) بەندىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشۈپ، ھەممىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندە، قەلبى پەقەت بىر ئاللاھ تائالاغىلا باغلىنىپ، ئاللاھ تائالادىن ياردەم سورايدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ھەقىقىتىدۇر.

4) ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىنى كۆزىتىپ، بىلىپ تۇرىدىغانلىقى، شۇڭا بەندىنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇپ، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىشى، ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكى، قۇدرىتى، بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ئاللاھ تائالاغا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: سىلەر شۇنداق بىر ئىشلارنى قىلىدىكەنسىلەركى، قارىشىڭلارچە ئۇ كىچىك ئىشلار ھېسابلىنىدىكەن، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاقتىدا ئۇ ئىشلارنى بىز كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارغۇچى چوڭ ئىشلاردىن سانايتتۇق». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ گۇناھىنى كىچىك ئىش ھېسابلىشى ئۇنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسەتسە، ئەكسىچە كىچىك ئىشلارنى چوڭ گۇناھ دەپ بىلىشى ئاللاھ تائالادىن قورقۇشىنىڭ، تەقۋالىقىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى.

2) پەيغەمبەرلەردىن قالسا، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت-ئەزىمىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن ئەڭ قورققۇچى تەقۋادار كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتىگە، مۆجىزىلىرىگە شاھىت بولۇپ، كىچىك ئىشلارنىمۇ كىشىنى ھالاك قىلىدىغان چوڭ گۇناھ ھېسابلايدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا قورۇيدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ قورۇشى ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان نەرسىنى قىلغان كىشىگە قارىتىلىدۇ». بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنى ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىشقا بۇيرۇش، چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «بەنى ئىسرائىلدا بىر ئاق كېسەل، بىر تاز ۋە بىر ئەمادىن ئىبارەت ئۈچ ئادەمنى ئاللاھ تائالا سىناپ كۆرمەكچى بولۇپ، ئۇلارغا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتتى. پەرىشتە ئاق كېسەلنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ‹سەن قايسى نەرسىنى ئەڭ ياقتۇرىسەن؟›، دەپ سورىدى. ئۇ: ‹كىشىلەر مەندىن يىرگىنىدۇ. تېرەم تۈزۈلۈپ چىرايلىق رەڭدە بولۇشنى ئەڭ ياقتۇرىمەن›، دېدى. پەرىشتە ئۇنى سىلاپ قويۇۋېدى، ئۇنىڭ رەڭگى تۈزۈلۈپ، تېرىسى چىرايلىق بولۇپ كەتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: ‹قايسى مالنى ئەڭ ياقتۇرىسەن؟›، دېدى. ئۇ: ‹تۆگىنى ياكى كالىنى (ئاق كېسەل بىلەن تازنىڭ بىرى تۆگىنى، بىرى كالىنى ياقتۇرىمەن دېگەن، كىمنىڭ نېمىنى دېگەنلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ. — رىۋايەت قىلغۇچىدىن) ياقتۇرىمەن›، دېدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بىر بوغاز تۆگە ئاتا قىلدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: ‹مېلىڭ بەرىكەتلىك بولسۇن›، دېدى. پەرىشتە تازنىڭ يېنىغا كېلىپ: ‹سەن قايسى نەرسىنى ئەڭ ياقتۇرىسەن؟›، دېدى. تاز ‹كىشىلەر مەندىن يىرگىنىدۇ. بېشىم تۈزۈلۈپ چىرايلىق چېچىم بولۇشنى ئەڭ ياقتۇرىمەن›، دېدى. پەرىشتە ئۇنى سىلاپ قويۇۋېدى، بېشى تۈزۈلۈپ، چىرايلىق چاچ چىقتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: ‹قايسى مالنى ئەڭ ياقتۇرىسەن؟›، دېدى. ئۇ: ‹كالىنى ئەڭ ياقتۇرىمەن›، دېدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بىر بوغاز كالا ئاتا قىلدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: ‹مېلىڭ بەرىكەتلىك بولسۇن›، دېدى. پەرىشتە ئەمانىڭ يېنىغا كېلىپ: ‹سەن قايسى نەرسىنى ئەڭ ياقتۇرىسەن؟›، دەپ سورىدى. ئەما: ‹ئاللاھ تائالا كۆزۈمنى ئېچىۋەتسە، كىشىلەرنىڭ چىرايلىرىنى كۆرسەم ئىكەنمەن›، دېدى. پەرىشتە سىلاپ قويۇۋېدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ كۆزىنى ئېچىۋەتتى. پەرىشتە ئۇنىڭدىن: ‹قايسى مالنى ئەڭ ياقتۇرىسەن؟›، دېدى. ئۇ: ‹قوينى ئەڭ ياقتۇرىمەن›، دېدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بىر ساغلىق ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ماللىرى كۆپىيىپ ئاق كېسەل بىر ئويمان تۆگىگە، تاز بىر ئويمان كالىغا، ئەما بىر ئويمان قويغا ئىگە بولۇپ قالدى. ئاندىن كېيىن پەرىشتە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سۈرىتى ۋە تۇرقىدا كېلىپ، ئاق كېسەلگە: ‹مەن مىسكىن ئادەممەن، سەپىرىمدە رىزىقنىڭ يولىنى تېپىشتىن ئامالسىز قالدىم. بۈگۈن تىلىكىمنىڭ ھەل بولۇشى ئاللاھ تائالادىن قالسا ساڭىلا باغلىق بولۇپ قالدى. سېنىڭ رەڭگىڭنى، تېرەڭنى چىرايلىق قىلغان، ساڭا مال بەرگەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى ئۈچۈن سەندىن سەپىرىمدە ھاجىتىمدىن چىقىدىغان بىر تۆگە سورايمەن›، دېدى. ئۇ: ‹مالنىڭ تېگىشلىك چىقىملىرى كۆپ›، دەپ جاۋاب بەردى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: ‹مەن سېنى تونۇيدىغاندەك قىلىمەنغۇ؟ سەن كىشىلەر يىرگىنىدىغان ئاق كېسەل ئەمەسمىدىڭ؟ ئاللاھ تائالا ساڭا مال بەردىغۇ!›، دېدى. ئۇ: ‹بۇ مال ماڭا چوڭ ئۆتكەن ئاتا-بوۋىلىرىمدىن مىراس قالغان›، دېدى. پەرىشتە: ‹يالغان ئېيتقان بولساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى ئىلگىرىكىدەك قىلىپ قويسۇن›، دېدى. پەرىشتە تازنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئاق كېسەلگە قايسى گەپلەرنى دېگەن بولسا، ئۇنىڭغىمۇ شۇ گەپلەرنى دېدى. تازمۇ ئۇنىڭغا ئاق كېسەلنىڭ جاۋابىدەك جاۋاب بەردى. پەرىشتە تازغا: ‹يالغان ئېيتقان بولساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى ئىلگىرىكىدەك قىلىپ قويسۇن›، دېدى. پەرىشتە ئەمانىڭ يېنىغا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سۈرىتىدە كېلىپ: ‹مەن مىسكىن، مۇساپىر ئادەممەن. سەپىرىمدە رىزىقنىڭ يوللىرى كېسىلدى. بۈگۈن تىلىگىمنىڭ ھەل بولۇشى ئاللاھ تائالادىن قالسا ساڭىلا باغلىق بولۇپ قالدى. سېنىڭ كۆزۈڭنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى ئۈچۈن سەندىن سەپىرىمدە ھاجىتىمدىن چىققۇدەك بىر قوي سورايمەن›، دېدى. ئەما: ‹مەن ئەما ئىدىم، ئاللاھ تائالا كۆزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈردى. گاداي ئىدىم، ئاللاھ تائالا مېنى باي قىلدى، خالىغىنىڭنى ئالغىن، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن خۇدا ھەققى ئۈچۈن ئالىدىغان نەرسىنى بەرمەي، سېنى قىيىن ئەھۋالدا قويمايمەن›، دېدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: ‹مېلىڭنى ئۆزۈڭ ئالغىن، ئاللاھ سىلەرنى سىناپ كۆردى. ئاللاھ سەندىن رازى بولدى. سېنىڭ ئىككى ھەمراھىڭغا غەزەپ قىلدى›، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەڭ يامان خۇلۇقلارنىڭ بىرى بېخىللىقتۇر. ھەدىستىكى ئىككى كىشىنى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنى ئۇنتۇشقا، ھەتتا ئۇنى ئىنكار قىلىشقا بېخىللىقنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقى.

2) بېخىللىق ۋە يالغانچىلىقنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغانلىقى.

3) راستچىللىق ۋە سىخىيلىقنىڭ گۈزەل ئەخلاق ئىكەنلىكى، ھەدىستىكى قارىغۇ كىشىنىڭ بۇ خىل ئېسىل ئەخلاقى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا، ساۋابىغا ئېرىشكەنلىكى.

4) بەنى ئىسرائىل ھەققىدىكى ۋەقەلەرنى سۆزلەشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدا باشقىلار ئۈچۈن ئىبرەت، ۋەز-نەسىھەت بارلىقى.

5) مۇئمىننىڭ راستچىل ۋە كەڭ قول بولۇپ، سۆزى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشىنىڭ لازىملىقى.

  1. ئەبۇ يەئلا شەدداد ئىبن ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەقىللىق كىشى ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدۇ ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەللەرنى قىلىدۇ. ئەقىلسىز كىشى ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىدۇ ۋە ئاللاھ تائالادىن قۇرۇق ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇئمىننىڭ ھەر دائىم ئۆز ئەمەللىرىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشى، قۇرۇق ئارزۇ، خام خىيالغا بېرىلمەستىن، بەندىلىك ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى، چۈنكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ قۇرۇق ئۈمىد-ئارزۇلىرىغا ئەمەس، قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا ساۋاب بېرىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغان پايدىسىز ئىشلارنى تەرك ئېتىشى، ئۇنىڭ مۇسۇلمانچىلىقىنىڭ بەلەنلىكىدىندۇر». —تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

 ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشى، ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق، پايدىسىز ۋە زىيانلىق ئىشلارنى تەرك ئېتىشى ئۇنىڭ توغرا يولدا ماڭغانلىقىنىڭ ئالامىتىدىن ئىكەنلىكى.

  1. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايالىنى ئۇرغان كىشىدىن نېمە ئۈچۈن ئۇرغانلىقى سورالمايدۇ». — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

1) ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى مەخپىيەتنى ساقلاشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

2) ئەر كىشىدىن ئايالىنى نېمىشقا ئۇرغانلىقىنىڭ سورالماسلىقىدىكى سەۋەب، بەلكى ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى تىلغا ئېلىشتىن ئۇيىلىدىغان نومۇسلۇق ئىش بولۇشى ۋە ياكى خەقلەردىن يوشۇرۇش زۆرۈر بولغان ئىش بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى ئىشلار ئاللاھ تائالانىڭ كۆزىتىشى ۋە ھېسابىغا قالدۇرۇلىدۇ. چۈنكى، ئەر كىشى ئايالىنى توغرا يولغا باشلاشقا بۇيرۇلغان. ئەگەر ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىش قازىخانىغا ئەرز سۈپىتىدە سۇنۇلسا، ھەقىقەتنى ئېنىقلاش ۋە ياقىلاش، ئارىنى ياخشىلاش يۈزىسىدىن سەۋەب ئېيتىلسا بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر