باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 سەۋر توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اصْبِرُوا وَصَابِرُوا

«ئى مۇئمىنلەر! تائەت-ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار»- (سۈرە ئال ئىمران 200- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ بِشَيْءٍ مِنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنْفُسِ وَالثَّمَرَاتِ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ

«بىز سىلەرنى بىر ئاز قورقۇنچ بىلەن، بىر ئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز، (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان-زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن»- (سۈرە بەقەرە 155- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُمْ بِغَيْرِ حِسَابٍ

«پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ»- (سۈرە زۇمەر 10- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَلَمَنْ صَبَرَ وَغَفَرَ إِنَّ ذَلِكَ لَمِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ

«كىمكى (ئەزىيەتكە) سەۋر قىلسا، (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر»- (سۈرە شۇرا، 43- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ إِنَّ اللَّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ

 «ئى مۇئمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»- (سۈرە بەقەرە، 153- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ حَتَّى نَعْلَمَ الْمُجَاهِدِينَ مِنْكُمْ وَالصَّابِرِينَ وَنَبْلُوَ أَخْبَارَكُمْ

«بىز سىلەرنى ئەلۋەتتە (جىھادقا ئەمىر قىلىش ۋە مۇشەققەتلىك ئىشلارغا تەكلىپ قىلىش بىلەن) سىنايمىز، تاكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن (ئاللاھنىڭ يولىدا) جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە، سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر»- (سۈرە مۇھەممەد، 31- ئايەت).

سەۋرگە بۇيرۇش ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى ئايەتلەرنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكى ھەممىگە مەلۇملۇق.

  1. ئەبۇ مالىك ئىبن ھارىس ئىبن ئاسىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر، ئاللاھ تائالاغا ھەمد ئېيتىش تارازا-مىزاننى توشقۇزىدۇ. ‹سۇبھاناللاھ›، ‹ئەلھەمدۇ لىللاھ›، دېگەن كەلىمە ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىنى توشقۇزىدۇ، ناماز نۇردۇر، سەدىقە بەرگۈچىنىڭ ئىمانىغا پاكىتتۇر، سەۋر جۇلالىنىپ تۇرغان نۇردۇر. ‹قۇرئان كەرىم› (ئەمەل قىلساڭ) سېنىڭ پايداڭغا ياكى (ئەمەل قىلمىساڭ) زىيىنىڭغا ھۆججەتتۇر. ھەر ئىنسان ئەتىگەندە ئۆزى ئۈستىدە ئېلىم-سېتىم قىلغۇچىدۇر. ئۇ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغۇچىدۇر ياكى ئۆزىنى ھالاك قىلغۇچىدۇر». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

1) ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشنىڭ پەزىلىتى.

2) كۆپرەك ناماز ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى ناماز مۇسۇلماننى ھاياتتا توغرا يولغا باشلايدىغان نۇردۇر. ئۇ كىشىنى يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ. ھالاكەتتىن ساقلاپ قالىدۇ.

3) كۆپرەك سەدىقە بېرىش. چۈنكى، ئۇ مۇئمىننىڭ ئىمانىنىڭ راستلىقى ۋە ئىخلاسىنىڭ دەلىل-پاكىتىدۇر.

4) سەۋرنىڭ پەزىلىتىنىڭ بايانى.

5) «قۇرئان كەرىم» شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ بىرىنچى مەنبەسىدۇر. تالاش-تارتىشلارغا ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر. مۇسۇلماننىڭ دەستۇرىدۇر.

6) ئىنساننىڭ زىيان تارتماسلىق، ئۆزىنىڭ پايدىسىغا ئىش قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشى كېرەكلىكى.

7) مۇسۇلماننىڭ ئۆز ئۆمرىنى ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىشقا سەرپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

  1. ئەبۇ سەئد ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەنسارىيلاردىن بىر مۇنچە كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن غەنىيمەتلەرنى بېرىشنى سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا بەردى. ئۇلار يەنە سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بەردى. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بەرگۈدەك بىر نەرسە قالمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قولىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن: «مەن ئىلكىمدىكى ياخشىلىقلارنى سىلەردىن ھەرگىز ئايىمايمەن، كىمكى ئىپپەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى قانائەتچان قىلىدۇ، كىمكى بىھاجەت بولۇشنى تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى مەنىۋى جەھەتتىن باي قىلىدۇ ۋە كىمكى سەۋر تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى سەۋرچان قىلىدۇ. ھېچ ئادەمگە سەۋردىنمۇ ياخشىراق، كەڭرەك بىر نەرسە بېرىلگىنى يوق». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبىئىتىگە سىڭگەن سىخىيلىق، كەڭ قوللۇقتەك گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلىتى.

2) مال-دۇنيانىڭ كۆپ بولۇشى ھەقىقىي بايلىق ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي بايلىق مەنىۋى بايلىق ئىكەنلىكى.

3) كىشىنى قانائەتچان، ئىپپەتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

4) سەۋرنىڭ كىشىگە گۈزەل ئەخلاق، ئېسىل خۇلۇق ئاتا قىلىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ يەھيا سۇھەيب ئىبن سىنان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن مۇئمىن بەندىنىڭ ئىشلىرىدىن ھەيرانمەن. ئۇنىڭ ھەممىلا ئىشى ياخشىدۇر، لېكىن مۇئمىنلەردىن باشقىلار ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر مۇئمىنگە باياشاتلىق يەتسە، شۈكۈر قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭغا ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا قاتتىقچىلىق يەتسە سەۋر قىلىدۇ. بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدىكى خۇشاللىق ياكى خاپىلىق بولسۇن ھەممىسى ياخشىلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئەجرىگە ئېرىشىدىغانلىقى.

2) ئىمانى كامىل، ھەقىقىي مۇئمىن خۇشاللىق پەيتلىرىدە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ، غەم-قايغۇغا پاتقان چاغلىرىدا سەۋر قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئەمما، ئىمانى كەمتۈك ئادەم بولسا، بېشىغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە ئىچى سىقىلىپ، غەزەپلىنىدۇ، سەۋر قىلمايدۇ. بۇنداق ئادەم باياشات ۋاقىتلىرىدىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ نېئمىتىگە شۈكۈر قىلمايدۇ. ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خۇشاللىقى خاپىلىققا، ئىلكىدىكى نېئمىتى بالا-قازاغا ئايلىنىدۇ.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، سەكرات يەتكەن چاغدا، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ۋاي دادامەي …!»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇنىڭدىن كېيىن داداڭغا سەكرات كەلمەيدۇ»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندە، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ئى ئاللاھ تائالانىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان داداجان! ياتقان جايىڭىز فىردەۋس جەننىتىدە بولغاي داداجان! ئى داداجان! ئۆلۈم خەۋىرىنى جىبرىئىلغا يەتكۈزىمىز»، دېدى. رەسۇلۇللاھ دەپنە قىلىنغان چاغدا فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈستىگە توپا تاشلاشقا قانداقمۇ كۆڭلۈڭلار ئۇنىدى؟»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشى سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

2) كىشى ئۆلگەندىن كېيىن، مىيىتنىڭ ياخشى سۈپەت-خۇلۇقلىرىنى تىلغا ئېلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى.

  1. رەسۇلۇللاھنىڭ خادىمى زەيد ئىبن ھارىس بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دوستى ۋە دوستىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇ ئىككىسىدىن رازى بولسۇن، ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى زەينەب: «مېنىڭ ئوغلۇم سەكراتتا، بىزنىڭ قېشىمىزغا كەلسىكەن»، دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئادەم ئەۋەتكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارماستىن، سالام يوللاپ: «ئالغان نەرسە ئاللاھ تائالانىڭدۇر، بەرگەن نەرسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭدۇر، ھەر قانداق ئىشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا بەلگىلەنگەن مۇددىتى بولىدۇ. قىزىم سەۋر قىلسۇن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلسۇن»، دېدى. زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا قەسەم قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چوقۇم كېلىشىنى سۈيلەپ يەنە ئادەم ئەۋەتتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ سەئد ئىبن ئۇبادە، مۇئاز ئىبن جەبەل، ئۇبەي ئىبن كەئب ۋە زەيىد ئىبن سابىت قاتارلىق بىرمۇنچە ساھابىلەر بىلەن بىللە قىزىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. ئۆيگە كىرگەندە بالا رەسۇلۇللاھنىڭ قۇچىقىغا قويۇلدى. بالا بىئارام بولۇپ ئىڭراۋاتاتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ كۆزىدىن ياش قۇيۇلدى. سەئد: «ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! بۇ نېمە ئىش؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئاللاھ تائالا خالىغان بەندىلىرىنىڭ دىلىغا سالغان رەھمەتتۇر»، دېدى.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ تائالا خالىغان بەندىلەرنىڭ قەلبىدە رەھمەت پەيدا قىلىدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئىچىدىكى رەھىمدىل بولغان بەندىلىرىگە مەرھەمەت قىلىدۇ»، دېيىلگەن.     — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كېسەل ئادەم سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، تەقۋا، فازىل كىشىلەرنىڭ بەرىكىتىنى ۋە دۇئاسىنى ئۈمىد قىلىش يۈزىسىدىن ئۇلارنى سەكراتقا چۈشكەن ئادەمنىڭ يېنىدا تۇرغۇزۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە رەھىم قىلىش، ئۆزئارا مېھىر-شەپقەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

3) كىشىلەرنى باغرى تاشلىق، رەھىمسىزلىكتىن ئاگاھلاندۇرۇش.

4) «ئاھ-ۋاھ»، دەپ سۈرەن سالماستىن، ئاۋازسىز يىغلاشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

5) ھازىدار ئادەمگە مۇسىبەت قايغۇسىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىش، چىرايلىق گەپلەرنى قىلىش.

  1. سۇھەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ئىلگىرى كىشىلەر ئارىسىدا بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر سېھرىگىرى بار ئىدى. ئۇ سېھرىگەر قېرىغاندا پادىشاھقا: ‹مەن قېرىپ قالدىم، ماڭا بىر بالا ئەۋەتسەڭ، مەن ئۇنىڭغا سېھرىگەرلىكنى ئۆگىتىپ قويسام›، دەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا بىر بالىنى سېھىر ئۆگىنىشكە ئەۋەتىپتۇ. بالا يولدا كېتىۋىتىپ بىر راھىبقا ئۇچراپ قاپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، راھىبقا قىزىقىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر كۈنى سېھرىگەرنىڭ يېنىغا بارغۇچە راھىبنىڭ قېشىدا ئولتۇرىدىكەن، سېھرىگەرنىڭ قېشىغا كەلگەندە، سېھرىگەر ئۇنى كېچىكىپ قالدىڭ دەپ ئۇرىدىكەن. ئۇ بالا بۇ ئىشنى راھىبقا شىكايەت قىلىپتۇ. راھىب ئۇنىڭغا: ‹ئەگەر سېھرىگەردىن قورقساڭ، ئۇنىڭغا مېنى ئۆيدىكىلەر كېچىكتۈردى، دېگىن. ئەگەر ئۆيۈڭدىكىلەردىن قورقساڭ، مېنى سېھرىگەر كېچىكتۈردى، دېگىن›، دەپتۇ. بالا شۇنداق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇشتۇمتۇت يوغان بىر ھايۋان پەيدا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يولىنى توسۇۋاپتۇ. بالا كۆڭلىدە: ‹راھىب ئۈستۈنمۇ ياكى سېھرىگەر ئۈستۈنمۇ؟ بۇنى بۈگۈن بىر بىلىپ باقاي›، دەپتۇ-دە، تاشتىن بىرنى ئېلىپ: ‹ئى ئاللاھ! ئەگەر ساڭا راھىبنىڭ ئىشى سېھرىگەرنىڭ ئىشىدىن ياخشى بولسا، مۇشۇ تاش بىلەن ھايۋاننى ئۆلتۈرگىن، كىشىلەرنىڭ يولى راۋان بولسۇن›، دەپ تاشنى ئېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھايۋان ئۆلۈپتۇ. كىشىلەرنىڭ يولى راۋان بولۇپتۇ. بالا بۇ ئىشتىن راھىبنى خەۋەرلەندۈرۈپتۇ. راھىب بالىغا: ‹ئى بالام! سەن بۈگۈن مەندىن ئېشىپ كېتىپسەن، بۇ ماقامغا ئىگە بولۇپسەن، ھەقىقەتەن سەن پات ئارىدا سىناققا دۇچ كېلىسەن، سىناققا دۇچ كەلگەن چېغىڭدا مېنى ئاشكارىلاپ قويمىغىن›، دەپتۇ. كېيىنچە بالا قارىغۇ، ئاق كېسەللەرنىمۇ ۋە باشقا كېسەللەرنىمۇ داۋالايدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ كور بولۇپ قالغان ئۈلپەتدىشىدىن بىرى بۇنى ئاڭلاپ، نۇرغۇن ھەدىيىلەرنى ئېلىپ كېلىپ: ‹ئەگەر كۆزۈمنى ساقايتىپ قويساڭ، مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا سوۋغا قىلىمەن›، دەپتۇ. ئۇ بالا: ‹مەن ھەقىقەتەن ھېچبىر كىشىنى ساقايتالمايمەن، پەقەت ئاللاھ تائالا شىپالىق بېرىدۇ، ئەگەر سەن ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتساڭ، مەن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلاي، ساڭا شىپالىق بەرسۇن›، دەپتۇ. ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىپتۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا شىپالىق بېرىپتۇ. ئۇ كىشى پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ بۇرۇنقى ئورنىدا ئولتۇرۇپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا: ‹كۆزۈڭنى كىم ساقايتىپ قويدى؟›، دەپتۇ. ئۇ: ‹پەرۋەردىگارىم›، دەپتۇ. پادىشاھنىڭ ئاچچىقى كېلىپ: ‹سېنىڭ مەندىن باشقا پەرۋەردىگارىڭ بارمۇ؟›، دەپتۇ. ئۇ: ‹ئاللاھ تائالا سېنىڭ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر›، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇنى قاتتىق قىيناپتۇ. ئۇ ئاخىر بالىنى دەپ قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ بالا پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. پادىشاھ بالىغا: ‹ئى ئوغلۇم، سېنىڭ سېھىردىكى ماھارىتىڭ قارىغۇ ۋە ئاق كېسەللەرنى داۋالاش دەرىجىسىگە يېتىپتۇ ھەم مۇنداق-مۇنداق ئىشلارنى قىلالاپسەن›، دەپتۇ. بالا: ‹ياق، مەن ھېچكىمنى ساقايتالمايمەن، پەقەت ئاللاھ تائالا شىپالىق بېرىدۇ›، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇنىمۇ قاتتىق قىيناپتۇ. ئاخىر بالا راھىبنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. راھىب ئەكەلدۈرۈلۈپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا: ‹دىنىڭدىن يان›، دەپتۇ. راھىب ئۇنىماپتۇ. پادىشاھ ھەرە ئەكەلدۈرۈپ، راھىبنىڭ بېشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ ھەرىدەپتۇ. راھىبنىڭ بېشى ئىككى پارچە بولۇپ يەرگە چۈشۈپتۇ. ئاندىن پادىشاھ ئۈلپەتدىشىنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا: ‹دىنىڭدىن يان›، دەپتۇ. ئۇمۇ ئۇنىماپتۇ. ئاندىن ئۇنىڭ بېشىنىمۇ ھەرىدەپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىپتۇ. ئاندىن بالىنى ئەكېلىپ ئۇنىڭغىمۇ: ‹دىنىڭدىن يان›، دەپتۇ. بالىمۇ ئۇنىماپتۇ. پادىشاھ ئۇنى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى بىر توپ كىشىگە تاپشۇرۇپ: ‹سىلەر پالانى تاغقا چىقىڭلار، تاغنىڭ چوققىسىغا چىققاندا، ئۇ دىنىدىن يانمىسا تاشلىۋېتىڭلار›، دەپتۇ. ئۇلار مېڭىپ بىر تاغقا چىقىپتۇ. بالا: ‹ئى ئاللاھ! سەن خالىغىنىڭ بويىچە مېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلىغىن›، دەپتۇ. شۇ چاغدا تاغ تەۋرەپ پادىشاھنىڭ ئادەملىرى تاغدىن چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ بالا پادىشاھنىڭ ئالدىغا يالغۇز كەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ‹ھەمراھلىرىڭغا نېمە بولدى؟›، دەپ سوراپتۇ. بالا: ‹ئاللاھ تائالا مېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلىدى›، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاھ ئۇنى ئۆز ئادەملىرىدىن بىر توپ كىشىلەرگە تاپشۇرۇپ: ‹سىلەر ئۇنى ئاپىرىپ كېمىگە سېلىڭلار، كېمە دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندا، ئەگەر دىنىدىن يانمىسا ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىڭلار›، دەپتۇ. ئۇلار مېڭىپ دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، ئۇ بالا: ‹ئى ئاللاھ! خالىغىنىڭ بويىچە مېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلىغىن›، دەپتۇ. شۇ چاغدا كېمە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپتۇ. ئۇ يەنە پادىشاھنىڭ قېشىغا يالغۇز كەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا: ‹ھەمراھلىرىڭغا نېمە بولدى؟›، دەپتۇ. بالا: ‹ئاللاھ تائالا مېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلاپ قالدى، سەن مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلمىغۇچە مېنى ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيسەن›، دەپتۇ. پادىشاھ: ‹ئۇ نېمە ئىش؟›، دەپ سوراپتۇ. ئۇ بالا: ‹سەن كىشىلەرنى بىر دۆڭگە يىغىپ، مېنى خورمىنىڭ شېخىغا ئاسقىن، ئاندىن مېنىڭ ئوقدىنىمىدىن بىر ئوقنى ئېلىپ، ئوقيانىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ: ‹بالىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن›، دەپ ئاتقىن. ھەقىقەتەن شۇنداق قىلساڭ مېنى ئۆلتۈرەلەيسەن›، دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ كىشىلەرنى بىر دۆڭگە يىغىپتۇ. بالىنى بىر خورما شېخىغا ئېسىپتۇ. ئاندىن ئوقداندىن ئوقنى ئېلىپ، ئوقيانىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ: ‹بالىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن›، دەپ ئۇنىڭغا ئېتىپتۇ. ئوق بالىنىڭ چېكىسىگە تېگىپتۇ. ئۇ قولى بىلەن چېكىسىنى تۇتقان پېتى ئۆلۈپتۇ. كىشىلەر: ‹بىز بالىنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق›، دەپ توۋلىشىپتۇ. كىشىلەر پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: ‹كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن قورققان ئىش ئاخىر يۈز بەردى. ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەر ئىمان ئېيتتى›، دەپتۇ. ئاندىن پادىشاھ كوچا ئېغىزلىرىغا چوڭقۇر ئورەك كولاپ، ئوت يېقىشقا بۇيرۇپتۇ. ئوت يېقىلىپ ئۇلغىيىشقا باشلاپتۇ. پادىشاھ: ‹كىم دىنىدىن يانمايدىكەن، ئۇنى ئوت يېقىلغان ئورەككە تاشلاڭلار ياكى ئۇلارغا ئورەكلەرگە چۈشۈڭلار، دەڭلار›، دەپتۇ. پادىشاھنىڭ ئادەملىرى شۇنداق قىلىپتۇ. ھەتتا كىچىك بالىسى بار بىر ئايال ئورەك ئالدىدا تۇرۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ بالىسى زۇۋانغا كېلىپ: ‹ئانىجان! چىدىغىن، چۈنكى ھەقىقەت سەن تەرەپتە›، دەپتۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەۋلىيالارغا ئاللاھ تائالانىڭ بەزى كارامەتلەرنى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش.

2) ئۇرۇشتا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھالەتلەردە ئۆز جېنىنى ھالاك بولۇشتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يالغان ئېيتىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

3) مۇئمىن ئادەمنىڭ ئىمانىنىڭ راستلىقى، ھەق سۆزدە چىڭ تۇرۇش-تۇرالماسلىقىدا سىنىلىدىغانلىقى، ھەتتا بۇ خىل سىناق ئۇنىڭ جېنىغا بېرىپ تاقىلىشى مۇمكىنلىكى.

4) ئاللاھ تائالاغا دەۋەت قىلىش ۋە ھەقنى ئىسپاتلاش يولىدا پىداكارلىق قىلىشنىڭ پەزىلىتى.

5) ئاللاھ تائالانىڭ ھەقنى ئۈستۈن قىلىپ، ھەقىقەت ئەھلىگە غەلىبە ئاتا قىلىدىغانلىقى، يالغاننى پەس-خار قىلىپ، يالغانچى زالىملارنى مەغلۇپ قىلىدىغانلىقى.

6) بۇ ھەدىستىكى قىسسىدە «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىسى ئىسپاتلانغان. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم» تارىخ ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇغان، ھېچكىم بىلمەيدىغان ۋەقە، ئىشلارنى بايان قىلغان. «قۇرئان كەرىم» سۈرە بۇرۇجدا يۇقىرىدىكى قىسسىە تىلغا ئېلىنغان.

7) ۋەز-نەسىھەت قىلغاندا، ھېكايىنىڭ كىشىلەرگە بەكرەك تەسىر قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇزاققىچە ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھېكايە ئېيتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنىڭ بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەنلىكى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرىنىڭ بېشىدا (ئۆلۈپ كەتكەن بالىسىغا) يىغلاۋاتقان بىر ئايالنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇ ئايالغا: «ئاللاھ تائالادىن قورققىن، سەۋر قىلغىن»، دېدى. ئۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تونۇماي: «نېرى بار، ماڭا كەلگەن مۇسىبەت ساڭا كەلگىنى يوق»، دېدى. ئاندىن ئۇ ئايالغا بۇ زاتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكى ئېيتىلغاندا، ئۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ (ئادەتتە پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرىنىڭ ئالدىدا بولىدىغان دەرۋازىۋەنلەرنىمۇ ئۇچراتماي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئۇدۇل كىرىپ): «ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! مەن سېنى تونۇيالماپتىمەن»، دەپ ئۆزرە بايان قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇسىبەتتىن تۇنجى زەربە تەگكەندە (يەنى يېڭىلىقىدا) قىلىنغان سەۋر ياخشى ھېسابلىنىدۇ»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) سەۋرسىزلىكنىڭ تەقۋالىق بىلەن قارىمۇقارشىلىقى.

2) بەندە ساۋاب تاپىدىغان سەۋر دېگەن مۇسىبەت يەتكەن ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتتا قىلغان سەۋر بولۇپ، كېيىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەبىئىي ھالدا خاپىلىق ئۇنتۇلۇپ، ئادەم سەۋر قىلىپ قالىدىغانلىقى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدىكى كەمتەرلىكى ۋە نادانغا سەۋرچان، مۇلايىم مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى.

4) مۇئمىننىڭ ھەر ۋاقىت ياخشىلىققا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسۇشنى ئادىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەكلىكى.

5) ئاياللارنىڭ قەبرە يوقلىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلۋەتتە ئۇ ئايالنى چەكلىگەن بولاتتى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‹ئەگەر مەن مۇئمىن بەندەمنىڭ ياخشى كۆرگەن بىرەر ئادىمىنى ئېلىپ كەتسەم، ئۇ ساۋاب ئۈمىد قىلىپ سەۋر قىلسا، مەن ئۇنى پەقەت جەننەت بىلەنلا مۇكاپاتلايمەن›». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىنساننىڭ بېشىغا چۈشكەن مۇسىبەتلەرنىڭ ئەڭ ئېغىرى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ئىكەنلىكى.

2) ئىمانسىز ئادەم مەيلى ھەر قانچە كۆپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭغا قىل چاغلىق ساۋاب بېرىلمەيدىغانلىقى.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ۋابا كېسىلى توغرۇلۇق سورىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ۋابا بۇرۇن ئاللاھ تائالانىڭ خالىغان بەندىلىرىگە ئەۋەتكەن بىر تۈرلۈك ئازابى ئىدى. كېيىن ئۇنى ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەر ئۈچۈن رەھمەت قىلدى. ۋابا كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان ئادەم ماڭا پەقەت ئاللاھ تائالا پۈتۈۋەتكەندىن باشقا ئىش بولمايدۇ، دەپ قاراپ، سەۋر قىلغان ھالدا ئاللاھ تائالانىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ، شۇ شەھەردە تۇرسا، جەزمەن ئۇنىڭغا شەھىدنىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ»، دېگەن. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

1) ئەگەر مۇئمىننىڭ مەقسىتى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە ساۋابىنى ئۈمىد قىلىش بولسا، ئۇ ئۆزىگە يەتكەن ۋابا كېسىلىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن شۇنداق بولغانلىقىغا، كېسەلدىن ساقىيىشىنىڭمۇ ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا چىن پۈتۈپ، ساق ۋە كېسەل ھالەتلىرىدە پەقەت بىر ئاللاھ تائالاغا يۆلەنسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا شەھىدنىڭ ساۋابىنى بېرىدىغانلىقى.

2) ۋاباغا ئوخشاش يامان كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ، سەۋر قىلغان كىشى قەبرە ئازابى ۋە قەبرىنىڭ پىتنىسىدىن ئامان بولىدىغانلىقى.

3) ۋابا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ كېسەللىكنىڭ باشقا يەرگە تارقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدىن چىقىپ كەتمەسلىكى.

4) شەھىدنىڭ ساۋابى بېرىلىدىغان ئادەم پەقەت مۇجاھىدلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، بەلكى ئۇ ۋابا بىلەن ئۆلگەن ئادەم، سۇدا غەرىق بولۇپ ئۆلگەن ئادەم ۋە نىفاس بىلەن ئۆلگەن ئادەملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  1. ئەنەس ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن بەندەمنى ئىككى كۆزىدىن ئايرىسام، ئۇ بۇنىڭغا سەۋر قىلسا، ئىككى كۆزىنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا قىلىمەن›». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىنسانغا جەننەتتەك مۇشۇنداق زور مۇكاپات ۋەدە قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى، ئىككى كۆزنىڭ ئىنساننىڭ ئەزالىرى ئىچىدىكى قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنىڭ زورلىقى.

2) جەننەتنىڭ ئىككى كۆزدىن ئايرىلىپ قالغانلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ چوڭ مۇكاپات ئىكەنلىكى، چۈنكى دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ كىشىگە باقىۋەندە ئەمەسلىكى، ئەمما جەننەتكە كىرگەن ئادەمنىڭ مەڭگۈ ئۇ يەردە قالىدىغانلىقى.

  1. ئەتائ ئىبن ئەبۇ رەباھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئىبن ئابباس ماڭا: «ساڭا ئەھلى جەننەتتىن بىر ئايالنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟»، دېۋىدى، مەن: «شۇنداق قىلغىن»، دېدىم. ئىبن ئابباس: «ئۇ بولسا قارا تەنلىك ئايالدۇركى، ئۇ خوتۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ‹مېنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلىم بار، تۇتقاق كېسىلىم قوزغىلىپ قالغان چاغلاردا يىقىلىپ چۈشۈپ، بەدەنلىرىم ئېچىلىپ قالىدۇ، مېنىڭ ساقىيىپ قېلىشىم ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ قويساڭ›، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئەگەر سەۋر قىلساڭ بۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتكە كىرىسەن، ئەگەر خالىساڭ ساقىيىشىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلاي›، دېۋىدى، ئۇ ئايال: ‹مەن سەۋر قىلاي، كېسىلىم تۇتقاندا ئېچىلىپ قالىمەن، مېنىڭ ئېچىلىپ قالماسلىقىمغا دۇئا قىلىپ قويساڭ›، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا دۇئا قىلىپ قويدى». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بۇ دۇنيادىكى بالا-قازاغا سەۋر قىلىشنىڭ كىشىنى جەننەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقى.

2) كېسەل داۋالاشتا دورا-ئوكۇل ئىشلىتىش بىلەن بىللە ئاللاھ تائالادىن شىپالىق تىلەپ ئىلتىجا قىلىش، دۇئا قىلىشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكى.

3) ئىنسان تاقىتى-قۇربى يېتىدىغان ھالەتتە ساۋاب ئۈمىد قىلىش يۈزىسىدىن ئىبادەتلەرنى تولۇقى بىلەن قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكى.

  1. ئەبۇ ئابدۇراھمان ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر پەيغەمبەر توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن ئىدىكى، ھېلىمۇ ھازىرقىدەك ئېسىمدە: «بىر پەيغەمبەر ئۆتكەن، قەۋمى ئۇرۇپ ئۇنىڭ بەدىنىنى قانغا بويىۋەتكەن. ئۇ يۈزىدىكى قانلارنى سۈرتۈپ تۇرۇپ: ‹ئى ئاللاھ! قەۋمىمنى ئەپۇ قىلغىن، چۈنكى ئۇلار ئۇقمايدۇ›، دېگەن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەرلەرنىڭ كىشىلەرنى ئاللاھ تائالاغا دەۋەت قىلىش يولىدا تارتقان جاپا-ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىشى.

2) نادانلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ۋە كەڭ قورساقلىقىنى ئۈلگە قىلىپ، نادانلار بىلەن تەڭ بولماسلىق كېرەكلىكى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋەت يولىدا چەككەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىشى، ئۇھۇد كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۈزىدىكى قاننى سۈرتۈپ تۇرۇپ: «پەرۋەردىگارىم قەۋمىمنى مەغفىرەت قىلغىن، ئۇلار ئۇقمايدۇ»، دېيىشتىن باشقا سۆز قىلمىغانلىقى.

  1. ئەبۇ سەئد ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانغا يەتكەن قىيىنچىلىق، كېسەللىك، غەم-غۇسسە، ئەزىيەت ۋە خاپىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن، ھەتتا بەدىنىگە كىرگەن تىكەن ئۈچۈنمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى كەچۈرىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇئمىنگە يېتىدىغان كېسەللىككە ئوخشاش ئەزىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقى.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاغرىپ ياتقاندا كىرسەم، ئۇ قاتتىق قىزىپ ھەرەج تارتىۋاتقانىكەن. مەن ئۇنىڭغا: «ھەقىقەتەن قاتتىق قىزىۋاتىسەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا ئىككى ھەسسە ساۋاب بېرىلەمدۇ؟»، دەپ سورىدىم. رەسۇلۇللاھ: «ھەئە، مۇسۇلمان ئادەمگە ئەزىيەت يەتسىلا، ھەتتا تىكەن چاگلىق ۋە ئۇنىڭدىن چوڭراق ئەزىيەت يەتسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بەدىلىگە ئۇ ئادەمنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى دەرەخنىڭ ياپراقلىرى تۆكۈلگەندەك تۆكۈۋېتىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھەر خىل بالا-قازا يەتكەن ئادەم سەۋر قىلسا ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقى.

2) يەنە بىر ھەدىستە: «قاتتىق بالا-قازاغا يولۇقىدىغانلار پەيغەمبەرلەردۇر»، دېيىلگەن. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى كىشىلەرنىڭ ئۈلگىسى قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا كامالى سەۋر ئاتا قىلغان.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى خاپىلىققا دۇچار قىلىدۇ». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇئمىن بىرەر كۆڭۈلسىزلىك، بالالارغا يولۇقۇشتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇئمىن ئۈچۈن ياخشىلىق، ساۋاب ئاتا قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يامانلىقلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ.

  1. ئەنەس ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بىر كىم كېسەل بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلمىسۇن، ئەگەر چوقۇم شۇنداق قىلىدىغان بولسا، مۇنداق دېسۇن: ‹ئى ئاللاھ! ماڭا ھاياتلىق ياخشى بولىدىغان بولسا، مېنى ھايات قالدۇرغىن، ماڭا ماماتلىق ياخشى بولىدىغان بولسا، مېنى قەبزى روھ قىلغىن›». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بۇ يەردىكى كېسەل باشقا زىيان-زەخمەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2) مۇئمىننىڭ ھاياتلىق ۋە ماماتلىق ئىختىيارىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرىدىغانلىقى.

3) ئەگەر بىرەر ئادەمنىڭ ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىشى ئاللاھ تائالاغا سېغىنىش يۈزىسىدىن ياكى ئاللاھ تائالا يولىدا شەھىد بولۇش ۋە ياكى مۇبارەك يۇرتتا دەپنە قىلىنىشنى ئارزۇ قىلىش ياكى دىندا پىتنە پەيدا بولۇشتىن قورقۇش يۈزىسىدىن بولسا، يامان سانالمايدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ئابدۇللاھ خەبباب ئىبن ئەرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ھال ئېيتقىلى كەلسەك، ئۇ كەئبىنىڭ سايىسىدا چاپىنىنى بېشىغا قويۇپ يېتىپتىكەن، بىز ئۇنىڭغا: «ئاللاھ تائالادىن بىزگە نۇسرەت تەلەپ قىلمامسەن، بىزگە دۇئا قىلمامسەن»، دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن بولغان ئادەملەر تۇتۇپ كېلىنىپ، كولانغان ئورەكلەرگە تاشلىنىپ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ھەرە بىلەن ھەرىدىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ باشلىرى ئىككى پارچە قىلىنىۋېتەتتى ۋە تۆمۈر تارغاقلار بىلەن ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى تارىلىپ، گۆشلىرى ئۇستىخانلىرىدىن ئاجرىتىلىۋېتەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى دىنىدىن ياندۇرۇۋېتەلمىگەنىدى. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالا ئىسلام دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىدۇ. ھەتتا سەنئادىن ھەزرىمەۋتكىچە بولغان ئارىلىقتا ماڭغان ئۇلاغلىق كىشىلەر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدىغان بولىدۇ. پادىلىرى توغرۇلۇق بۆرىلەردىنلا ئەنسىرەيدۇ. لېكىن، سىلەر ئالدىراپ كېتىۋاتىسىلەر»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تونىنى بېشىغا قويۇپ يېتىپتۇ»، دېگەن سۆزنىڭ ئاخىرىغا، «مۇشرىكلاردىن قاتتىق ئەزىيەتلەرگە ئۇچرىدۇق»، دېگەن ئىبارە قىستۇرۇلغان، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەقىدە يولىدا تارتقان ئەزىيەت-ئازابلارغا سەۋر قىلىشنىڭ پەزىلىتى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى، شۇنىڭ بىلەن تىنچلىق-خاتىرجەملىكنىڭ ئومۇملىشىشى ھەققىدىكى كەلگۈسىدىن ئالدىن بېشارەت بەرگەن بېشارىتىنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھەر خىل ئەزىيەت-ئازابلارغا سەۋر قىلىشى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھال ئېيتىشى زېرىكىش ۋە مالاللىقتىن بولماستىن، بەلكى ئۇلار تىنچ شارائىتتا پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىشنى ئارزۇ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكى.

4) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلەرگە ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن سالىھ بەندىلەرنىڭ دىنىدا قاتتىق سىناقلارغا دۇچ كېلىپ، سەۋر قىلغانلىقىنى ئۈلگە قىلىش يۈزىسىدىن ئېيتىپ ئۆتكەنلىكى.

5) ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق دىنى ئىكەنلىكى.

  1. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ھۇنەين جېڭىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەنىيمەتلەرنى بۆلۈشتە بەزى كىشىلەرگە ئېتىبار بەردى. ئەقرەئە ئىبن ھارىسقا 100 تۆگە، ئۇبەينە ئىبن ھىسنىگە 100 تۆگە بەردى ۋە ئەرەبلەرنىڭ مۆتىۋەرلىرىگىمۇ تەقسىماتتا ئېتىبار بەردى. بىر كىشى: «ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بۇ تەقسىماتتا ئادىللىق بولمىدى، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى كۆزدە تۇتۇلمىدى»، دېگەنىدى. مەن: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، بۇ گەپنى چوقۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزىمەن»، دېدىم. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇ گەپنى يەتكۈزگىنىمدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، گويا قىزىل بوياق تۈسىگە كىردى. ئاندىن ئۇ: «ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى ئادىل بولمىسا كىم ئادىل بولىدۇ؟»، دېدى. ئاندىن كېيىن: «ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلسۇنكى، ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئەزىيەت يەتكەنىدى. ئۇ سەۋر قىلغانىدى»، دېدى. مەن: «بۇنىڭدىن كېيىن مەن ھەرگىزمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا گەپ توشۇپ كەلمەيمەن»، دېدىم. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) يامان، پەس ئادەملەرنى ئەپۇ قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى ئادىتى ئىكەنلىكى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبلەرنى دوستلاشتۇرۇشتىكى ھېكمىتى ۋە مۇلايىم، كەڭ قورساقلىقى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەردىن ئۆرنەك ئېلىشى.

4) پەيغەمبەرلەرمۇ ئوخشاشلا ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇمۇ ئادەملەرگە ئوخشاش ياخشىلىقتىن خۇشاللىنىپ، كۆڭۈلسىزلىكتىن خاپا بولىدىغانلىقى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىسىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازانى ئاخىرەتكە قالدۇرماي دۇنيادىلا بېرىۋېتىدۇ. ئەگەر ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىسىگە يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ جازاسىنى قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىش ئۈچۈن، ئاخىرەتكە قالدۇرىدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «كىشىگە بېرىلىدىغان بالايىئاپەت قانچە چوڭ بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ساۋابمۇ شۇنچە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بىرەر قەۋمنى ياخشى كۆرسە، تۈرلۈك بالالار بىلەن ئۇنى سىنايدۇ، كىمكى ئۇنىڭغا رازى بولسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭدىن داتلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا غەزەپلىنىدۇ»، دېگەنىدى. — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىلەرنىڭ دىن يولىدا تۈرلۈك سىناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى.

2) مۇسىبەت، كېسەللىككە سەۋر قىلىش كىشىنىڭ گۇناھىنى يۇيىدىغانلىقى.

3) ئاللاھ تائالانىڭ توغرا يولدىكى بەندىسىنى ياخشى كۆرۈشى ئۇنى تۈرلۈك ئىشلار بىلەن سىناش ئارقىلىق بولىدىغانلىقى.

4) مۇئمىننىڭ دۇچ كەلگەن سىناقتىن دادلاپ، ئۈمىدسىزلىنىپ، شىكايەت قىلماستىن، ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرىگە رازى بولۇشى كېرەكلىكى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ تەلھەنىڭ ئوغلى ئاغرىپ قېلىپ، ئۇ ئادەم تاپقىلى ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بالا ئۆلۈپ قالىدۇ. ئەبۇ تەلھە قايتىپ كېلىپ: «ئوغلۇم قانداق؟»، دەپ سورايدۇ. بالىنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سۇلەيم: «بۇرۇنقىدەك خاتىرجەم ياتىدۇ»، دەيدۇ. ئاندىن كەچلىك تاماق ئېلىپ كېلىدۇ. كەچ كىرگەندە ئەبۇ تەلھە ئايالى بىلەن بىر تۆشەكتە بىرگە بولىدۇ. ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئۇممۇ سۇلەيم: «بالىنى دەپنە قىلىڭلار»، دەيدۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ئەبۇ تەلھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ بولغان ئىشنى ئېيتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كېچىدە بىر تۆشەكتە بىللە بولدۇڭلارمۇ؟»، دەيدۇ. ئەبۇ تەلھە: «ھەئە»، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! ئۇ ئىككىسىگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن»، دەپ دۇئا قىلىدۇ. كېيىن ئۇممۇ سۇلەيم بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: ئەبۇ تەلھە ماڭا بالىنى كۆتۈرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بارغىن، دەپ بالا بىلەن بىرگە بىر نەچچە تال خورما ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بالا بىلەن بىرەر نەرسە بارمۇ؟»، دېدى. مەن: ‹ھەئە، بىر نەچچە دانە خورما بار›، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ خورمىلارنى ئېلىپ چاينىغاندىن كېيىن ئاغزىدىن چىقىرىپ، بالىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ ئېغىزلاندۇردى. بالىغا ئابدۇللاھ دەپ ئىسىم قويدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە ئۇيەينەنىڭ ئوغلى مۇنداق دەيدۇ: ئەنسارىيلاردىن بىر كىشى ئېيتتى: مەن توققۇز بالىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرئاننى يادلىغانلار بولۇپ، مۇشۇ ئابدۇللاھنىڭ بالىلىرى ئىدى.

مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ئەبۇ تەلھەنىڭ ئۇممۇ سۇلەيمدىن بولغان ئوغلى ئۆلۈپ كەتتى. ئۇممۇ سۇلەيم ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا: «سىلەر ئەبۇ تەلھەگە بالىسى توغرۇلۇق مەن گەپ قىلمىغۇچە ھەرگىز گەپ قىلماڭلار»، دېدى. ئەبۇ تەلھە قايتىپ كەلدى. ئۇممۇ سۇلەيم ئۇنىڭغا كەچلىك تاماق ئېلىپ كەلدى. ئۇ يېدى ۋە ئىچتى. ئاندىن ئۇممۇ سۇلەيم ئىلگىرى ياسانغاندىنمۇ چىرايلىقراق ياساندى. ئاندىن ئەبۇ تەلھە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. ئۇ ئايال ئەبۇ تەلھەنىڭ يەپ-ئىچىپ ۋە بىر تۆشەكتە بىللە بولۇپ بولغاندىن كېيىنكى كەيپىياتىنى كۆرۈپ: «ئېيتىپ باقە، ئەگەر كىشىلەر بىر ئائىلىدىن بىرەر نەرسىنى ئارىيەت ئالغان بولسا، ئاندىن شۇ ئائىلە ئارىيەت ئالغان نەرسىنى تەلەپ قىلسا، ئۇنى قايتۇرۇپ بەرمىسە بولامدۇ؟»، دېدى. ئەبۇ تەلھە: «ياق»، دېدى. ئايالى: «ئۇنداقتا سەن ئوغلۇڭنىڭ ئىشىغا سەۋر قىلىپ، ساۋاب كۈت»، دېدى. ئەبۇ تەلھەنىڭ ئاچچىقى كېلىپ: «سەن مېنىڭ جۇنۇپ ھالەتتە تۇرغىنىمدا، ئوغلۇمنىڭ ئىشىنى ماڭا خەۋەر قىلدىڭمۇ؟»، دېدى. ئاندىن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ بولغان ئىشنى بايان قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككىڭلارنىڭ كېچىسىگە ئاللاھ تائالا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن»، دېدى. ئۇممۇ سۇلەيم ھامىلىدار بولدى. ئۇممۇ سۇلەيم بىر سەپەردە رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردىن قايتقاندا، مەدىنىگە كېچىسى كىرمەيتتى. ئۇلار مەدىنىگە ئاز قالغاندا، ئۇممۇ سۇلەيمنى تولغاق تۇتتى. ئەبۇ تەلھەمۇ توختاپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېڭىۋەردى. ئەبۇ تەلھە: «ئى رەببىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچان سىرتقا چىقسا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقىشنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە قايتىشنىمۇ شۇنچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئەلۋەتتە بىلىسەن، ھەقىقەتەن سەن كۆرۈۋاتقان ئىش بىلەن يولۇمدىن توختاپ قالدىم»، دېدى. ئۇممۇ سۇلەيم: «ئى ئەبۇ تەلھە! تولغاق ئازابى توختاپ قالدى، مېڭىۋەرگىن»، دېدى. ئاندىن بىز ماڭدۇق. مەدىنىگە كەلگەندە ئۇممۇ سۇلەيمنى يەنە تولغاق تۇتۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانام ماڭا: «ئى ئەنەس! تاكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئېغىزلاندۇرمىغۇچىلىك ئۇنى ھېچكىمگە ئەمگۈزمەڭلار»، دېدى. تاڭ ئاتقاندا ئۇنى كۆتۈرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدىم. بالا بىلەن بىرگە بىر نەچچە تال خورما بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بالا بىلەن بىر نەرسە بارمۇ؟»، دېدى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ھەئە، بىر نەچچە تال خورما بار»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئېلىپ چاينىدى. ئاندىن ئۇنى ئاغزىدىن چىقىرىپ بالىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ ئېغىزلاندۇردى ۋە ئۇنىڭغا ئابدۇللاھ دەپ ئىسىم قويدى.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھەدىستە ئەقىل-پاراسەتلىك مۇسۇلمان ئايال، ئوبدان خوتۇننىڭ ئەمەلىي ئۈلگىسى كۆرسىتىپ بېرىلگەنلىكى.

2) بالىسىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋر قىلغان ئۇممۇ سۇلەيم سەۋرسىز ئاياللار ئۈچۈن ياخشى ئۆرنەك بولىدىغانلىقى.

3) بىرەر مۇسىبەت خەۋىرىنى يەتكۈزۈشتە، سىلىق-سىپايە گەپلەر بىلەن ئىپادىلەشنىڭ لازىملىقى.

4) ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببىتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش، ئۇنىڭ بەرىكەتلىك دۇئاسىغا ئېرىشىشكە بولغان ھېرىسمەنلىكى.

5) ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، قايغۇسىنى يەڭگىللىتىشى، ئوتتۇرىدىكى مۇھەببەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۆزىنى تۈزەپ، ياسىنىپ يۈرۈشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى.

6) ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالىسىغا ياخشى مەنىلىك ئىسىملارنى تاللىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئىسىملارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئابدۇللاھ ئىكەنلىكى.

7) كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بىرەر نەرسىنى تەرك ئېتىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى نەرسە تولدۇرۇپ بېرىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چېلىشقاندا يەڭگەن نوچى ئەمەس، ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى بېسىۋالغان ئادەم ھەقىقىي نوچىدۇر». -بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىسلام دىنىدىكى كۈچ-قۇۋۋەت، باتۇرلۇق ئىبارىسىنىڭ مەنىسىنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكىگە ئوخشىمىغان ھالدا ئېسىل ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي خۇلقنى كۆرسىتىدىغانلىقى.

2) ئىنساننىڭ ئۆز نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىشى ۋە ئۇنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ تۇرۇشىنىڭ دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلغاندىن قىيىن ئىكەنلىكى.

3) مۇسۇلماننىڭ غەزەپ، ئاچچىقلىنىشتىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنىڭ لازىملىقى، ئاچچىقنىڭ كىشىگە جىسمانىي، پسىخىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى.

  1. سۇلايمان ئىبن سۇرەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئولتۇراتتىم. ئىككى ئادەم تىللىشىپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنىڭ يۈزى قىزىرىپ، تومۇرلىرى كۆپۈپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن مەن بىر سۆز بىلىمەنكى، ئۇ ئادەم ئۇنى ئېيتسا ئاچچىقى يانىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ‹اَعُوذ بِاللَّه مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ›، دېگەندىن ئىبارەت»، دېدى. ساھابىلەر غەزەپلەنگەن كىشىگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «‹اَعُوذ بِاللَّه مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ›، دېگىن»، دېدى، دەپ خەۋەر قىلدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بۇ ھەدىس (وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ إِنَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ «ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»)- (سۈرە ئەئراف 200- ئايەت). دېگەن ئايەتتىن ئېلىنغان بولۇپ، شەيتان غەزەپنى قوزغايدۇ. غەزەپ، ئاچچىق بولسا دىن ۋە دۇنيالىقتا كىشىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ پاناھ تىلەش بىلەن قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر قانداق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ساھابىلىرىگە تەلىم بېرىدىغانلىقى.

  1. مۇئاز ئىبن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاچچىقى بويىچە ئىش قىلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئاچچىقىنى يۇتسا، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇ ئادەمنى خالايىقلارنىڭ ئالدىدا چاقىرىپ، گۈزەل ھۆرلەردىن خالىغىنىنى تاللاش ئىختىيارىنى بېرىدۇ». — ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇئمىننىڭ ئاچچىقىنى بېسىشقا بۇيرۇلغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ماڭا نەسىھەت قىلىپ قويغىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاچچىقلانمىغىن»، دېدى. ئۇ ئادەم يەنە «ماڭا نەسىھەت قىلىپ قويغىن»، دېگەن سۆزنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يەنىلا ئاچچىقلانما»، دەپ جاۋاب بەردى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاچچىقلىنىش، غەزەپنىڭ كىشىگە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى.

2) دۇنيا ئىشلىرىدا ئاچچىقلىنىش، غەزەپ قىلىشنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىدا، بالىلىرىدا، ماللىرىدا مۇسىبەتلەرگە يولۇقۇپ تۇرىدۇ، ئاخىر گۇناھلاردىن پاك بولغان ھالدا ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا بارىدۇ». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئايالنىڭ تۈرلۈك بالالار بىلەن سىنىلىپ تۇرىدىغانلىقى.

2) ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە:

وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ بِشَيْءٍ مِنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنْفُسِ وَالثَّمَرَاتِ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ

«بىز سىلەرنى بىر ئاز قورقۇنچ بىلەن، بىر ئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز»-(سۈرە بەقەرە، 155- ئايەت) دېگەن. ھەدىستە سىنالغۇچى مۇئمىنلەرگە بېرىلىدىغان ساۋابتىن خۇش خەۋەر بېرىلگەن.

  1. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇيەينە ئىبن ھىسنى كېلىپ قېرىندىشىنىڭ ئوغلى ھۇر ئىبن قەيسنىڭكىگە چۈشتى. ئۇ ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېقىنلىرىدىن ئىدى. قارىيلار مەيلى قېرى بولسۇن، مەيلى ياش بولسۇن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆھبەتداش كىشىلىرى ۋە مەسلىھەتچىلىرى ئىدى. ئۇيەينە قېرىندىشىنىڭ ئوغلىغا: «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى، سېنىڭ خەلىفىنىڭ ئالدىدا يۈزۈڭ بار. كۆرۈشۈشكە ماڭا رۇخسەت ئېلىپ بەرسەڭ»، دېدى. خەلىفە ئۇمەر ئۇنىڭغا رۇخسەت بەردى. ئۇيەينە كىرىپ: «ئى خەتتابنىڭ ئوغلى! ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، سەن بىزگە كۆپ نەرسە بەرمىدىڭ، بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئادىل ھۆكۈم قىلمىدىڭ»، دېدى. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاچچىقى كەلدى. ھەتتا ئۇنى ئۇرماقچىمۇ بولدى. ئاندىن ھۇر ئىبن قەيس ئۇنىڭغا: «ئى مۇئمىنلەرنىڭ خەلىفىسى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىگە (خُذِ الْعَفْوَ وَأْمُرْ بِالْعُرْفِ وَأَعْرِضْ عَنِ الْجَاهِلِينَ «ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرۇغىن ۋە نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم مۇئامىلىدە بولغىن»)-(سۈرە ئەئراف، 199- ئايەت) دېگەنىدى. ھەقىقەتەن ئۇ نادانلاردىندۇر»، دېدى. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئايەت ئوقۇلۇۋاتقان چاغدا ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جىم تۇردى. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ئوقۇلغان چاغدا ھەر قانداق ئىشتىن توختايتتى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) «قۇرئان كەرىم»نى يادلىغان قارىيلارنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئۇلارنىڭ ئورنى توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىملاردا قۇرئان ئوقۇپ جان بېقىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئاندىكى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلغۇچى ئالىملار بولۇشى بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقى.

2) ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ ياخشى ھەمسۆھبەت بولىدىغان ۋە توغرا مەسلىھەت بېرىدىغان كىشىلەرنى سىرداش، دوست تۇتۇشى كېرەكلىكى.

  1. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەندىن كېيىن نەپسانىيەتچىلىك ۋە سىلەر خوپ كۆرمەيدىغان بىر مۇنچە ئىشلار مەيدانغا كېلىدۇ»، دېدى. بىز: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ چاغدا بىزنى نېمىگە بۇيرۇيسەن؟»، دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئۈستۈڭلاردىكى ھەقنى ئادا قىلىڭلار، ھەققىڭلارنى ئاللاھ تائالادىن سوراڭلار»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مۇئمىنلەرنى تەقدىرنىڭ ياخشى ۋە يامانلىقلىرىغا رازى بولۇش، ئۇنىڭغا سەۋر قىلىشقا بۇيرۇش.

2) ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا بويسۇنۇش.

  1. ئەبۇ يەھيا ئۇسەيد ئىبن ھۇزەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەنسارىيلاردىن بىر كىشى: «ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! پالانى كىشىگە ئەمەل بەرگىنىڭگە ئوخشاش ماڭىمۇ ئەمەل بەرمەمسەن؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر ھەقىقەتەن مەندىن كېيىن نەپسانىيەتچىلىكلەرگە دۇچار بولىسىلەر، بۇ ئىشتا تاكى ھەۋزى كەۋسەردە ماڭا مۇلاقات بولغۇچە سەۋر قىلىڭلار»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن خەۋەر بېرىشتەك مۆجىزىسى.

2) ئۆزى ئەمەل تۇتۇشقا ئەڭ لايىق بولغان ۋە شۇ ئىشنى قىلىشقا ئۆزىدىن باشقا مۇناسىپ ئادەم بولمىغان ئەھۋالدىن باشقا شارائىتتا ئەمەل تەلەپ قىلماسلىقنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ئىبراھىم ئابدۇللاھ ئىبن ئەبۇ ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، دۈشمەننى تاكى كۈن قايرىلغۇچە كۈتتى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئى خالايىق! دۈشمەنلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلماڭلار ۋە ئاللاھ تائالادىن خاتىرجەملىك سوراڭلار. ئەگەر دۈشمەن بىلەن ئۇچراشساڭلار چىداملىق بولۇڭلار، بىلىڭلاركى جەننەت قىلىچلارنىڭ سايىسى ئاسىتىدىدۇر»، دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى كىتابنى نازىل قىلغۇچى، بۇلۇتلارنى ماڭدۇرۇپ بەرگۈچى، قوشۇنلارنى ھالاك قىلغۇچى ئاللاھ تائالا! ئۇلارنى ھالاك قىلغىن، ئۇلارغا قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن»، دەپ دۇئا قىلدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئۇرۇش قىلىشنىڭ تەييارلىقى كۈچنى توپلاپ، ئوبدان تەييارلىق قىلىش، دۈشمەن بىلەن يۈزلىشىش ئۈچۈن ئاتلىنىش ۋە گۇناھلىق ئىشلارنى تەرك ئېتىپ، چىن ئىخلاسى بىلەن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەپ دۇئا قىلىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2) باشقا كۈن چۈشكەن ئېغىر پەيتلەردە ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ، دۇئا قىلىشنىڭ شەرىئەتتە تەشەببۇس قىلىنىدىغانلىقى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ۋە ئۈممىتىگە بولغان رەھمىتى.

4) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى دۈشمەن بىلەن يۈزمۇيۈز مۇلاقات بولۇشنى ئارزۇ قىلىشتىن چەكلىگەنلىكى.

5) ئۇرۇش قىلىشتا پەقەت ماددىي كۈچكىلا تايىنىۋېلىپ، ئېھتىيات قىلىش بىلەن كەسكىن بولۇشقا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقى.


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ