باش بەت > تەتقىقاتلار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ھەدىسلەردە چەكلەنگەن ھايۋانلار

 

1- يىرتقۇچ ھايۋانلار

 

ئابدۇللاھ ئىبىن ئابباس ۋە ئەبۇ سەئلەبە ئەلخۇشەنى (ر.ئە)لەردىن رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ خەيبەردە ئۆتكۈر چىشلىق پۈتكۈل ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى ۋە تىرنىقى بىلەن تۇتۇپ يەيدىغان يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشتىن «چەكلىگەنلىكى»[1] ياكى «ھارام قىلغانلىقى»[2] رىۋايەت قىلىنىدۇ.

جۇمھۇر ئالىملار (ئىچىدە تۆت مەزھەپ ئالىملىرىمۇ بولغان كۆپچىلىك ئۆلىمالار) يۇقىرىدىكى ھەدىسكە ئاساسلىنىپ شىر، يولۋاس، يىلپىز، ئېيىق، بۆرە، ئىت ۋە ھاكازاغا ئوخشاش يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ، بۈركۈت، قارچىغا، قۇرغۇي، لاچىن ۋە ھاكازاغا ئوخشاش يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ «ھارام» ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ[3].

مالىكىيلارنىڭ كۆپچىلىكى ۋە بەزى ئالىملار ھەدىسلەردىكى چەكلىمىنى ھاراملىقنى ئەمەس، مەكرۇھلۇقنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145- ئايىتىنى ئۆزىگە دەلىل قىلغان ئائىشە، ئابدۇللاھ ئىبىن ئابباس ۋە ئابدۇللاھ ئىبىن ئۆمەر (ر.ئە)دەك پېشقەدەم ساھابىلەرنىڭ بۇ ھايۋانلارنى «مۇباھ» كۆرىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[4].

 

2- ئەھلىي ئېشەك

 

«ئەھلىي» ئۆيگە ۋە ئادەمگە كۆندۈرۈلگەن دېگەن بولۇپ «ياۋايى»نىڭ زىددىدۇر. بىرقانچە ھەدىستە خەيبەردە ئەھلىي ئېشەك گۆشلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ياكى ھارام قىلىنغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. رىۋايەتلەرنىڭ بەزىسى تۆۋەندىكىچە:

ئابدۇللاھ ئىبىن ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ (ئە.س) خەيبەر كۈنى ئەھلىي ئېشەك گۆشلىرىنى يېيىشتىن چەكلىدى»[5].

ئەبۇ سەئلەبە ئەلخۇشەنىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ (ئە.س) خەيبەر كۈنى ئەھلىي ئېشەك گۆشلىرىنى ھارام قىلدى»[6].

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەلەمە ئىبىن ئەكۋەئ (ر.ئە) مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە خەيبەرگە چىقتۇق، ئاللاھ خەيبەرنى مۇسۇلمانلارغا پەتىھ قىلىپ بەردى، پەتىھ كۈنى ئاخشىمى ساھابىلەر بىرقانچە يەرگە ئوت قالىدى، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ: «بۇ قانداق ئوتلار؟ ئۇلارنى نېمىشقا قالايسىلەر؟» دەپ سورىدى. ساھابىلەر: «گۆش پىشۇرۇش ئۈچۈن» دېدى، رەسۇلۇللاھ: «نېمە گۆشى؟» دەپ سورىدى، ئۇلار: «ئەھلىي ئېشەك گۆشى» دەپ جاۋاب بەردى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇلارنى تۆكۈۋېتىڭلار ۋە چېقىۋېتىڭلار» دېدى، بىر ئادەم: «يارەسۇلەللاھ! ئۇلارنى تۆكۈۋېتىپ قازانلارنى يۇيۇۋەتسەك بولامدۇ؟» دېدى، رەسۇلۇللاھ: «يا شۇنداق قىلىڭلار، يەنى قازانلارنى چېقىۋەتمەي يۇيۇۋېتىڭلار» دېدى[7].

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبىن ئەبى ئەۋفا مۇنداق دەيدۇ: خەيبەر كۈنى رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە ئاچ قالدۇق، دۈشمەننىڭ شەھەردىن چىققان ئېشەكلىرىنى تۇتۇۋېلىپ بوغۇزلىدۇق، قازانلىرىمىز قايناۋاتاتتى، تۇيۇقسىز رەسۇلۇللاھنىڭ جاكارچىسى: «قازانلارنى كۆمتۈرۈڭلار، ئېشەك گۆشلىرىدىن ھېچ نەرسە يېمەڭلار!» دەپ جاكارلىدى. سەلەمە: «مەن ئۇلارنى نېمىشقا قىلغاندۇ؟» دەپ سورىدىم، ئابدۇللاھ مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىزمۇ ئارىمىزدا بۇ ھەقتە سۆزلەشتۇق: بەزىمىز «رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى قەتئىي ھارام قىلدى» دېدۇق، بەزىمىز «رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى بەشتە بىرى ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ھارام قىلدى» دېدۇق[8].

دېمەك، ساھابىلەرنىڭ بەزىسى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ ئەھلىي ئېشەكنى چەكلىگەنلىكىنى «قەتئىي ھارام قىلغانلىقى» دەپ چۈشەنگەن، بەزىلىرى مەزكۇر ئېشەكلەر غەنىيمەت بولغانلىقى ئۈچۈن تەقسىم قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلىق ھارام قىلغانلىقى دەپ چۈشەنگەن.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئېشەكلەرنى نىجاسەت يېگەنلىكى ئۈچۈن چەكلىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان رىۋايەتلەرمۇ بار[9].

ئەھلىي ئېشەك توغرۇلۇق يۇقىرىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئەكسىچە مۇنداق رىۋايەتلەرمۇ بار:

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، غالىب ئىبىن ئەبجەر مۇنداق دەيدۇ: «بىزگە قەھەتچىلىك يەتكەن ئىدى، ئىلكىمدە بولغان ماللىرىمنىڭ ئىچىدە  ئەھلىي ئېشەكتىن باشقا ئائىلەمگە يېگۈزگۈدەك بىر نەرسەم يوق ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئەھلىي ئېشەك گۆشىنى چەكلىگەن ئىدى، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: «يارەسۇلەللاھ! بىزگە قەھەتچىلىك يەتتى، ماللىرىمنىڭ ئىچىدە سېمىز ئېشەكلەردىن باشقا ئائىلەمگە يېگۈزگۈدەك بىر نەرسەم قالمىدى، سەن ئېشەك گۆشىنى چەكلىگەن ئىدىڭ، قانداق قىلاي؟» دېدىم، ئۇ: «ئائىلەڭگە سېمىز ئېشەكلىرىڭنىڭ گۆشلىرىدىن يېگۈزگىن، مەن ئۇلارنى پەقەت نىجاسەت يەيدىغان ھايۋانلار بولغانلىقى ئۈچۈنلا چەكلىگەن ئىدىم» دېدى[10].

بەنى مۇررە قەبىلىسىدىن بىر ئادەم – بىر رىۋايەتتە ئۇممۇ نەسر ئەلمۇھارىبىييە- رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ: «مېنىڭ مېلىمنىڭ تولىسىنى ئېشەكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلارنى يېسەك بولامدۇ؟» دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇلارنى يايلاقتا ئوتلىتىسەن، ئۇلار ئوت-چۆپ يەيدۇ، شۇنداقمۇ؟» دېدى، ئۇ كىشى: «شۇنداق» دېدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداقتا ئۇلارنى يېسەڭ بولىدۇ» دېدى[11].

ئەھلىي ئېشەكنى ھارام دەپ قوبۇل قىلىدىغانلار بۇ ئىككى رىۋايەتنى سەنەد جەھەتتىن «زەئىپ»، «سەھىھ» دەپ قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ بۇلارنىڭ زۆرۈرەت ئەھۋالىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا نورمال ئەھۋاللار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئەمر ئىبىن دىنار مۇنداق دەيدۇ: مەن جابىر ئىبىن زەيدكە: «بەزى ئىنسانلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئەھلىي ئېشەكلەرنى يېيىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ» دېدىم، جابىر: «بۇنى بەسرەدە بىزنىڭ يېنىمىزدا ھەكەم ئىبىن ئەمر غىفارى دېگەن ئىدى، لېكىن بۇ كۆزقاراشنى ئىلىمدە بىر دېڭىز بولغان ئابدۇللاھ ئىبىن ئابباس قوبۇل قىلمىدى ۋە: «ئېيتقىنكى، ماڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە يېگۈچىگە يېيىشى ھارام قىلىنغان بىر نەرسە تاپالمايمەن…»[12] دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى ئوقۇدى[13].

يۇقىرىدا ئۆتكەن ۋە چەكلىمە ئىپادىلەيدىغان رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلىدىغان ئۆلىمالارنىڭ كۆپچىلىكى ئەھلىي ئېشەك گۆشىنى «ھارام» دەپ قوبۇل قىلىدۇ. ئىمام مالىك بولسا «مەكرۇھ» دەپ قوبۇل قىلىدۇ.

ساھابىلەردىن ئائىشە ۋە ئابدۇللاھ ئىبىن ئابباس[14]، تابىئىنلاردىن ئەبۇ ۋائىل شەقىق ئىبىن سەلەمە، ئىكرەمە، سەئىد ئىبىن جۇبەير ۋە شەئبى، ھەنەفىيە فەقىھلىرىدىن بىشر ئىبىن غىياس مەرىسىدەك ئۆلىمالارنىڭ[15]، ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145- ئايىتىنى دەلىل قىلىپ ئەھلىي ئېشەكنى «مۇباھ» كۆرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

ئىمام ماتۇرىيدىي ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145- ئايىتىدە زىكىر قىلىنمىغان يېمەكلىكلەرگە كەسكىن «ھارام» دېيىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى مۇنۇ سۆزى بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

«ھايۋانلار توغرىسىدا ‹ھارام› دېگەن سۆز پەقەت بۇ ئايەتتە زىكىر قىلىنغان مەيتە (ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشى)، ئېقىتىلغان قان ۋە چوشقا گۆشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ تېشىدا قالغان ھايۋانلار ئۈچۈن ‹چەكلەنگەن›، ‹مەكرۇھ› دېيىلىدۇ. لېكىن ھېچبىر شەكىلدە كەسكىن قىلىپ ‹ھارامدۇر› دېيىلمەيدۇ»[16].

ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ پېشقەدەم ئىماملىرىدىن بىرى بولغان كاسانى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«بىز ئەھلىي ئېشەك گۆشىنى ‹ھارام› دەپ ئاتىمايمىز، چۈنكى قەتئىي ھارام، ھاراملىقى قەتئىي دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغان نەرسىدۇر. ھاراملىقى ئىجتىھات ماۋزۇسى بولغان نەرسىلەر قەتئىي بىر شەكىلدە ھارام دېيىلمەيدۇ، بىز ئۇلارنى ‹مەكرۇھ› دەپ ئاتايمىز، ھالال ۋە ھارام ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش مەسىلىسىدە قەتئىي بىر ھۆكۈم بەرمەسلىك بىلەن بىرلىكتە ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى يېيىشتىن ساقلىنىشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتىمىز»[17].

ئەسكەرتىش:

 ئېشەك گۆشىنى يېيىشنى چەكلەيدىغان ھەدىسلەر ۋە ئۇلار توغرىسىدىكى پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەر ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت.

ئايەتلەردە ھارام قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ ھارام قىلىنىشى «پەقەت شۇلارلا ھارام، بۇلاردىن باشقىسى ھارام ئەمەس» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، چەكلىگەنلىكنى ئىپادىلەيدىغان ھەدىسلەردە مەسىلە بارلىقى، شۇنداقلا ئۇلارغا زىت كېلىدىغان باشقا ھەدىسلەرنىڭمۇ بارلىقى، بولۇپمۇ ئۇ ھەدىسلەرنىڭ ئايەتتە زىكىر قىلىنمىغان يېڭى ھۆكۈم ئىپادىلىشى ۋە ئەڭ ئاخىردا نازىل بولغان مائىدە سۈرىسى 3- ئايەتتىمۇ ئىلگىرى نازىل بولغان ئۈچ ئايەتتە[18] ھارام قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ ئەينىسىنىڭ زىكىر قىلىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۇقىردىكى ئىختىلاپلار مەيدانغا كەلگەن.

– ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر -1-، 2017- يىلى، 1- نەشرى، 1- باسمىسى، ئىستانبۇل، 328-333 بەتلەر.


[1]  بۇخارى، سەھىھ، زابائىھ 28-29؛ مۇسلىم، سەھىھ، سەيد 12 (1932)؛ ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، ئەتئىمە 25؛ تىرمىزى، سۇنەن ئەتئىمە 3؛ ئىبىن ماجە، سۇنەن، سەيد 13؛ نەسائى، بۇيۇئ 79.

[2]  مۇسلىم، سەيد 15 (1933)؛ ئىبىن ماجە، سۇنەن، سەيد 13.

[3]  شافىئىي، ئەلئۇم، 2- جىلد، 390- بەت؛ ئىبنۇلئەرەبى، ئەھكامۇل قۇرئان، 1- جىلد، 51- بەت، 2- جىلد، 766- بەت؛ كاسانى، بەدائىئۇسەنائىئ، 6- جىلد، 196- ۋە 197- بەتلەر؛ ئىبىن رۇشد، بىدايەتۇلمۇجتەھىد، 1- جىلد، 380- بەت؛ ئىبىن قۇدامە، ئەلمۇغنى، 11- جىلد، 67- ۋە 69- بەتلەر.

[4]  ئىبىن رۇشد، بىدايەتۇل مۇجتەھىد، 1/380؛ نەۋەۋى، سەھىھى مۇسلىم بىشەرھىننەۋەۋى، 13/83.

[5]  بۇخارى، سەھىھ، زەبائىھ 28؛ مۇسلىم سەيد 25.

[6]  بۇخارى، سەھىھ، زەبائىھ 28؛ مۇسلىم سەيد 23 (1936).

[7]  بۇخارى، سەھىھ، مەغازى 38؛ مۇسلىم، سەھىھ، سەيد 33 (1802).

[8]  مۇسلىم، سەھىھ، سەيد 26 (1937).

[9]  ئىبىن ماجە، سۇنەن، زەبائىھ 13؛ ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، ئەتئىمە 33.

[10]  ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، ئەتئىمە 33.

[11]  ئىبىن ئەبىي  شەيبە، مۇسەننەف 12/354-355.

[12]  ئەنئام 6/145.

[13]  بۇخارى، سەھىھ، زەبائىھ 28، 5529.

[14]  جەسساس، ئەھكامۇل قۇرئان 3/17؛ سەرەخسى، مەبسۇت 11/232؛ ئىبىن رۇشد، بىدايەتۇلمۇجتەھىد، 1/381؛ ئىبىن قۇدامە، مۇغنى، 11/66، 17/250.

[15]  سەرەخسى، مەبسۇت 11/232؛ كاسانى، بەدائىئ 6/189؛ ئەھمەت سائىم كىلاۋۇز،  «بىشر ئىبىن غىياس»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل، 1992، 6- جىلد، 221- بەت؛ شەنەر «ھايۋان»،  تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى،  17/95.

[16]  ماتۇرىيدىي، تەئۋىلاتۇل قۇرئان 5/241.

[17]  كاسانى، بەدائىئۇسسەنائىئ 6/191.

[18]  بۇلار مەككىدە نازىل بولغان ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145- ئايىتى ۋە نەھل سۈرىسىنىڭ 115- ئايىتى، مەدىنىدە نازىل بولغان بەقەرە سۈرىسىنىڭ 177- ئايىتى قاتارلىق ئۈچ ئايەتتۇر.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ