مۇسۇلمانلار

پارا

پارا

ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

وَلَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ وَتُدْلُوا بِهَا إِلَى الْحُكَّامِ لِتَأْكُلُوا فَرِيقًا مِنْ أَمْوَالِ النَّاسِ بِالْإِثْمِ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ.

«بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى ناھەق يەۋېلىش ئۈچۈن ھاكىملارغا پارا بەرمەڭلار»-بەقەرە، 188-ئايەت.

«پارا» دېگە سۆزنىڭ يىلتىزى «رىشا» بولۇپ، يىپ دېگەنلىك بولىدۇ[1]. پارا، يىپنى چىلەككە باغلاپ قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئېلىشقا ئوخشايدۇ. پارا ئالغۇچى، چىلەككە ئوخشايدۇ. پارا بەرگۈچى، ئۇنى ئىشلىتىپ ھەققى بولمىغان بىر مالغا ئېرىشىدۇ.

ئايەت پارا ئېلىشنى ئىككى شەرتكە باغلايدۇ:

1- باشقىلارنىڭ مېلىنى قەستەن ناھەق يەۋىلىش مەقسىتى

2- بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھوقۇقدارلارغا مال بېرىش ئىشى

كىشى ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن ياكى قانۇنلۇق بىر ئىشىنى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە بىر نەرسە بەرمىسە ئىش ھەل قىلىنمايدىغان بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇلارغا بىر نەرسە بەرسە بولىدۇ. بۇ، «پارا» ھېسابلانمايدۇ. ئالغۇچى بىر نەرسە ئالمىسىمۇ ھەل قىلالايدىغان ئىشنى بىر نەرسە ئېلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ھارام يېگەن بولىدۇ. بەرگۈچى ئامالسىز بەرگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولمايدۇ.

مەسىلەن: ئۆي سېلىش ئۈچۈن پۈتۈن رەسمىيەتلەرنى قىلىپ بولغان بولسىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورگاندىن ھەققى بولغان رۇخسەتنى ئالالمىغان كىشى، پارا بېرىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا، بەرگۈچىگە ئەمەس، ئالغۇچىغا ھارام بولىدۇ. لېكىن باشقا بىرىنىڭ ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن پارا بەرگەن بولسا ئىككىسىگىلا ھارام بولىدۇ.

پروفىسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر

قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزۈتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار

[1]  قامۇس تەرجىمىسى، «رشۋ» ماددىسى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر