مۇسۇلمانلار

نىكاھنىڭ نازارەت قىلىنىشى

 نىكاھنىڭ نازارەت قىلىنىشى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

فَلا تَعْضُلُوهُنَّ أَنْ يَنْكِحْنَ أَزْوَاجَهُنَّ إِذَا تَرَاضَوْا بَيْنَهُمْ بِالْمَعْرُوفِ

«ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلار ئىددىتىنى توشقۇزۇپ تەگمەكچى بولغان ئەرلىرى بىلەن ئۆزئارا «مەئرۇف»[1] بويىچە كېلىشكەن بولسا، ئۇلارنى ئۇ ئەرلەرگە تېگىشتىن توسماڭلار»- بەقەرە سۈرىسى، 232-ئايەت.

ئاللاھ باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

وَالَّذِينَ يُتَوَفَّوْنَ مِنْكُمْ وَيَذَرُونَ أَزْوَاجًا يَتَرَبَّصْنَ بِأَنْفُسِهِنَّ أَرْبَعَةَ أَشْهُرٍ وَعَشْرًا فَإِذَا بَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا فَعَلْنَ فِي أَنْفُسِهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ

«سىلەردىن ۋاپات بولغانلارنىڭ ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتىدۇ. ئۇلار ئىددىتىنى توشقۇزغاندىن كېيىن ئۆزلىرى توغرۇلۇق «مەئرۇف» بويىچە بىر ئىش قىلسا، سىلەر ھېچ گۇناھكار بولمايسىلەر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر»- بەقەرە سۈرىسى، 234-ئايەت.

بۇ ئايالنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشى نىكاھلىنىشىدۇر.

نىكاھ ئۈچۈن پەقەت ئايال بىلەن ئەرنىڭ رازىلىقى يېتەرلىك بولمايدۇ. بۇ مەسىلىدە ھەر جەمئىيەت ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قارىتا تۈزۈملەر بەلگىلىگەن بولىدۇ. ئايەتلەردىكى «مەئرۇف» سۆزى قۇرئانغا قارشى بولمىغان ئۆرپ –ئادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

 بۇرۇن ئەرەپلەرنىڭ ئادىتىدە قىز، ئاتىسى ياكى ۋەلىسىدىن تەلەپ قىلىناتتى، ئاندىن تويلۇق[2] بېرىلىپ، نىكاھ قىلىناتتى[3].

خرىستىئانلار نىكاھنى چېركاۋنىڭ، يەھۇدىلار بولسا ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا قىلىدۇ. سېكولارىزم[4] تۈزۈمىدىكى جەمئىيەتلەردە نىكاھ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رۇخسىتى ۋە نازارىتى ئاستىدا قىلىنىدۇ.

ئايەتلەر، ئايالنىڭ «مەئرۇف»قا ئۇيغۇن چىقارغان قارارىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى چەكلەيدۇ. «مەئرۇف»- ئەقىل ۋە دىن ئارقىلىق بىلىنگەن بارلىق ياخشى ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىشلار ئۆرپ-ئادەتتىن ياكى كىتاب ۋە سۈننەتتىن ھاسىل بولىدۇ. ئەگەر بۇ مەلۇماتلار ئۆرپ-ئادەتتىن ھاسىل بولغان بولسا، كىتاب ۋە سۈننەتكە زىت بولماسلىقى كېرەك. قۇرئان ۋە سۈننەتتە بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ھۆكۈملەر بار. ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىمۇ، ۋەلىنىڭ «مەئرۇف»قا ئۇيغۇن ھالدا نىكاھقا نازارەت قىلىدىغانلىقى بايان قىلىدۇ: ئەبى مۇسادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، نەبى ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ:

 «ۋەلىسىز نىكاھ بولماس»[5].

ئائىشەدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، نەبى ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ:

«ھەر قانداق ئايال ۋەلىسىنىڭ ئىزنىسىز نىكاھلانسا ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر. بۇنى ئۈچ قىتىم تەكرارلىدى. ئەگەر ئەركەك ئايال بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان بولسا، ئايالنىڭ بۇ مۇناسىۋەتنىڭ بەدىلى ئۈچۈن مەھرى ئېلىش ھەققى باردۇر. ئەگەر ئەر-ئايال كېلىشەلمىسە سۇلتان (ھوقۇقدار كىشى) ۋەلىسى يوقنىڭ ۋەلىسىدۇر»[6].

ۋەلى، باشقىلار ئۈستىدە قارار چىقىرىش ۋە ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىدۇر. بۇ ھوقۇققا «ۋەلايەت» دېيىلىدۇ[7].

 ھىزامنىڭ قىزى خەنسادىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئاتىسى ئۇنى تۇل قالغان ۋاقتىدا نىكاھلاپ قويغان. لېكىن ئۇ بۇ نىكاھنى خالىمىغان. شۇنىڭ بىلەن قىز رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئەھۋالنى ئېيتقان، رەسۇلۇللاھ  ئۇنىڭ دادىسىنىڭ قىلغان نىكاھىنى بىكار قىلغان. ئاندىن كېيىن بۇ ئايال لۇبابە ئىبن ئابدۇل مۇنزىر بىلەن نىكاھلانغان[8].

بىر باكىرە قىز ئائىشەنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئاتام ئۆزىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مېنى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى بىلەن ئۆيلەندۈرۈپ قويدى. لېكىن، مەن بۇنىڭغا رازى ئەمەس، دېدى. ئائىشە، رەسۇلۇللاھ كەلگىچە ئولتۇرۇپ تۇر، دېدى. رەسۇللۇللاھ كەلدى. قىز ئەھۋالىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. ئۇ، دەرھال ئاتىسىغا بىرىنى ئەۋەتىپ چاقىردى. ئۇ، بۇ مەسىلىدە تاللاش ھوقۇقىنى قىزغا بەردى. قىز مۇنداق دېدى:

«ئې، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئەسلىدە مەن ئاتامنىڭ ئىشىغا رازىلىق بەرگەن ئىدىم. لېكىن، بۇ مەسىلىدە ئاياللارنىڭ بىر ھەققى بارمۇ، يوقمۇ؟ بىلىپ باقاي دېدىم»[9].

كۆپىنچە قىزلار، نىكاھ تەرەپدارى بولۇپ نىكاھ سورۇنىدا ئولتۇرۇشتىن خىجىل بولىدۇ. بەزىدە قىزنىڭ نىكاھلىنىشقا رازى بولغان-بولمىغانلىقىنى بىلىشمۇ قېيىن بولىدۇ. نەبى ئەلەيھىسالام بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

«تۇل ئايال، ۋەلى بولمىسىمۇ ئۆزىگە ئىگە بولالايدۇ. باكىرە قىزدىن رازىلىق ئېلىنىشى كېرەك». ئې، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! باكىرە قىزلار سۆزلەشتىن ھايا قىلىدۇ. دېيىلگەن ئىدى. ئۇ، «ئۇنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى رازى بولغىنىدۇر»، دېدى»[10].

«تۇل ئايال، ئۆزىنىڭ ئىشىدا ئوچۇق سۆزلىيەلەيدۇ. باكىرە قىزنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى رازى بولغىنىدۇر»[11].

مەشھۇر مەزھەپلەر، ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئۆزلىرى ئالدىن چىقارغان ھۆكۈملەرگە باغلاپ، ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەنەفى مەزھەبى، ئەركىنلىك مەيدانىدا تۇرۇپ، ۋەلىنىڭ رازىلىقى بولمىسىمۇ ئايال ئۆزىنىڭ نىكاھلىنىش ھەققىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ[12]. مالىكى، شافىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەبلىرى بولسا ئەنئەنىگە ئاساسلىنىپ، ۋەلىنى نىكاھقا نازارەت قىلىش ماقامىدىن بىۋاستە نىكاھقا تەرەپدار بولۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ قارىشىدا ۋەلى، ئايالنىڭ ئورنىغا نىكاھ تەرەپدارى بولمىسا نىكاھ دۇرۇس بولمايدۇ. ئايال نىكاھتا ئۆزىگىمۇ، ھەم باشقىلارغىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «ۋەلىسىز نىكاھ دۇرۇس بولمايدۇ. ئايالنىڭ ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئۆيلەندۈرۈپ قويۇش ھوقۇقى يوق. ئايال نىكاھىدا ئۆزىنىڭ ۋەلىسىدىن باشقىسىنى ۋەكىل قىلالمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلىپ قالسا نىكاھ دۇرۇس بولمايدۇ. ئاتا قىزىنى ئۇنىڭدىن رازىلىق ئالماستىنلا نىكاھلاپ قويالايدۇ»[13]. زاھىرى مەزھىبىمۇ ھەدىسلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ مۇنداق كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «تۇل ياكى باكىرە قىز ۋەلىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالماستىن نىكاھ قىلالمايدۇ. ئەگەر ۋەلىيلىرى ئۇنىڭ نىكاھلىنىشىغا رازى بولمىسا، سۇلتان (ھوقۇقدار، مۆتىۋەر) نىكاھلاپ قويىدۇ. «باكىرە قىز، پەقەت ئاتىسى ۋە ئۆزى رازى بولغان كىشى بىلەنلا نىكاھ قىلالايدۇ»[14].

بۇ كۆزقاراشلارنىڭ تايانغان دەلىللىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

  • ھەنەفى مەزھىبىنىڭ دەلىللىرى

بۇ مەزھەبتە ئەبۇ ھەنىفىنىڭ كۆزقاراشلىرى ئاساس قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قاراشلىرى بۇ ئۈچ ئايەتكە ئاساسلانغاندۇر:

فَإِنْ طَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُ مِنْ بَعْدُ حَتَّى تَنْكِحَ زَوْجًا غَيْرَهُ

«بۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر ئەر ئايالىنى ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلسا، ئۇ ئايال باشقا بىر ئەرگە تېگىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغىچە ئۇ ئەرگە ھالال بولمايدۇ». بەقەرە، 230-ئايەت.

فَإِذَا بَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا فَعَلْنَ فِي أَنْفُسِهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ

«ئۇلار ئىددىتىنى توشقۇزغاندىن كېيىن ئۆزلىرى توغرۇلۇق مەرۇپ بويىچە بىر ئىش قىلسا، سىلەر ھېچ گۇناھكار بولمايسىلەر»-بەقەرە، 234-ئايەت.

وَإِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا تَعْضُلُوهُنَّ أَنْ يَنْكِحْنَ أَزْوَاجَهُنَّ إِذَا تَرَاضَوْا بَيْنَهُمْ بِالْمَعْرُوفِ

«ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلار ئىددىتىنى توشقۇزۇپ تەگمەكچى بولغان ئەرلىرى بىلەن ئۆزئارا «مەئرۇف» بويىچە كېلىشكەن بولسا،ئۇلارنى ئۇ ئەرلەرگە تېگىشتىن توسماڭلار»- بەقەرە، 232-ئايەت.   

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەردە ئايال، نىكاھ پېئىلىنىڭ ئىگىسى بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئەبۇ ھەنىفە، ئايالنىڭ ئۆزىنى نىكاھ تەرەپدارى ھېسابلىغان. لېكىن ئۇ ئاخىرقى ئىككى ئايەتتىكى «مەئرۇف»قا ئۇيغۇن بولۇش شەرتىنى ئېتىبارغا ئالمىغان ۋە مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن يىراق قالغان. نەتىجىدە بۇ تۆۋەندىكىدەك چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يول ئاچقان:

ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئايەتلەر ئايال ئۆزىنىڭ نىكاھقا بىۋاستە ئىگە بولالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتتىكى «عْضُلُ/توسۇش» سۆزى ئايالنى ئۆيگە سولاپ، نىكاھلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ يەردىكى خىتاب ئەرلەرگە قىلىنغاندۇر. چۈنكى ئايەتنىڭ بېشىدا «ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار» ئىپادىسى تىلغا ئېلىنىدۇ[15].

تالاق قىلىنغاندىن كېيىن ئىددىتى توشقان ئايالنىڭ ئېرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈزىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئايالنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن نىكاھلىنىشىغا بۇرۇنقى ئەرنىڭ ئارلىشىش ھەققى بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئەبۇ ھەنىفىنىڭ بۇ چۈشەنچىسىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

ھەنەفىلەر، ۋەلىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن نىكاھلانغان ئاياللار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئايال، رازىلىق ئالماستىن نىكاھلانسا، سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەگەر تەگكەن ئەر ئۇنىڭغا مۇۋاپىق بولسا ۋە ئالغان تويلۇقى ئۆزىگە تەڭتۈش ئاياللارنىڭ تويلۇق (مەھرى مىسلى)[16]دىن ئاز بولمىسا ۋەلىلەرنىڭ بۇ نىكاھقا قارشى تۇرۇش ھەققى بولمايدۇ. ئەگەر ئەر ئۇنىڭغا مۇۋاپىق بىرى بولمىسا ياكى تويلۇقىنى ئاز بەرگەن بولسا ۋەلىلەرنىڭ تويلۇقنى تولۇق ئېلىش ئۈچۈن قارشى تۇرۇش ھەققى بولىدۇ ياكى ئىككىسىنى ئايرىۋىتىدۇ. چۈنكى ئايالنىڭ بۇ ئىشى ۋەلىلەرگە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نىكاھقا قارشى تۇرۇش ھەققى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ ۋەلىلەرگە بېرىلگەن بىر ھەقتۇر. ئايال، ئۇلارنىڭ بۇ ھەققىنى بىكار قىلالمايدۇ…بۇنىڭ بايانى مۇنداق: ۋەلىلەر قىزنىڭ تويلۇقىنى كۆپ ئالغانلىقىدىن پەخىرلىنىشىدۇ، تويلۇقنىڭ ئاز بولغىنىدىن ئەيىپ ھېس قىلىدۇ. ئايالنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاز تويلۇق بىلەن ئۆيلىنىشى باشقا ئايال قېرىنداشلىرىنىڭ ۋە تۇققانلىرىنىڭمۇ تويلىقىنىڭ ئاز بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ۋەلىلەر زىيان تارتقاندەك ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. بۇ زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋەلىلەرنىڭ ئېتىراز قىلىشى ھەقلىق بولىدۇ[17].

  • مالىكى، شافىئى ۋە ھەنبەلىلەرنىڭ دەلىللىرى

بۇ ئۈچ مەزھەب بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئەنئەنىگە ئاساسلىنىپ چۈشەندۈرىدۇ. ئەرەپلەردە قىز، ئاتىسىدىن ياكى ۋەلىسىدىن تەلەپ قىلىناتتى ۋە مەھرى ھەققى بېرىلىپ، نىكاھ قىلىناتتى[18].

ئەركەك بىۋاستە نىكاھ تەرەپدارى بولۇپ نىكاھ سورۇنىدا ئولتۇرالايدۇ. لېكىن ئايال كىشى ئۇنداق قىلالمايتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ۋەلىسى ئولتۇرىدۇ. ئۇلار بۇ مەسىلىدە تۆۋەندىكى ئايەتكە ئاساسلىنىدۇ:

وَإِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا تَعْضُلُوهُنَّ أَنْ يَنْكِحْنَ أَزْوَاجَهُنَّ إِذَا تَرَاضَوْا بَيْنَهُمْ بِالْمَعْرُوفِ

« ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلار ئىددىتىنى توشقۇزۇپ تەگمەكچى بولغان ئەرلىرى بىلەن ئۆزئارا مەئرۇف[19] بويىچە كېلىشكەن بولسا، ئۇلارنى ئۇ ئەرلەرگە تېگىشتىن توسماڭلار»- بەقەرە، 232-ئايەت.

ئۇلار، بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان (عضل- توسماق) سۆزى (الإمتناع من تزويجها -ئايالنى نىكاھلاپ قويۇشتىن قىچىش) دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، دەيدۇ. لېكىن، بۇ چۈشەنچىدىن (ئايالنى ئۆيلەندۈرۈش پەقەت ۋەلىنىڭ قولىدىكى ئىش) دېگەن مەنە چىقىدۇ.[20] يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئايەتنى ئاساس قىلماي چىقىرىلغان ھۆكۈم بولمىغان بولسا، ئۇلار بۇ ئايەتنى بۇنداق چۈشەنمىگەن بولاتتى. چۈنكى ئايەتنىڭ ئەسلى مەنىسى «ئەرلىرى بىلەن ئۆزئارا مەئرۇف بويىچە كېلىشكەن بولسا، ئۇلارنى ئۇ ئەرلەرگە تېگىشتىن توسماڭلار» دېگەن بولىدۇ. توسقۇنلۇق قىلىش، قارشى تەرەپنىڭ قىلىشى مۇمكىن بولىدىغان بىر ئىشتا بولىدۇ. نىكاھ ئىشىنىڭ ئىگىسى ئايالدۇر. ئايال بۇ ئىشنى ئۆزى قىلالايدۇ. بۇ، ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ بىۋاستە نىكاھ تەرەپدارى بولۇش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بىر ئىشنى توساش ۋە چەكلەش باشقا، قىلىشتىن باش تارتىش باشقىدۇر. شۇڭلاشقا ئايەتتىكى « فَلَا تَعْضُلُو- توسماڭلار» سۆزىنى «قاچماڭلار، باش تارتماڭلار» دەپ تەرجىمە قىلىش، ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتكەنلىك بولىدۇ.

  ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئايەتتىكى (أَنْ يَنْكِحْنَ أَزْوَاجَهُنَّ –ئۇ ئاياللارنىڭ ئەرلىرى بىلەن نىكاھلىنىشى…) ئىپادىسىدە ئايال كىشى پەقەت نىكاھ مەسىلىسىدە بىر نامزات بولغانلىقى ئۈچۈنلا باشقا ئەرلەر بىلەن نىكاھلىنىشتا ئىگە (ئىشنى قىلغۇچى) سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان، بولمىسا ئايالنىڭ ۋەلى ياكى ۋەكىل بولۇپ، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى نىكاھلاپ قويۇش ھوقۇقى يوق[21].

ئاللاھنىڭ ئۆزى ئايالنى بىۋاستە نىكاھ تەرەپدارى قىلىدۇ. لېكىن، بۇ مەسىلىدە ئەرەپنىڭ ئۆرپ- ئادىتى ئاساس قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئوچۇق سۆزى مەجاز ھېسابلىنىپ، ئۈستمۇئۈست خاتالىق سادىر قىلىنغاندۇر.

ئايالنى نىكاھنىڭ نامزاتى ھېسابلىغانلار، ئېلىنغان تويلۇقنى ئۇنىڭ قارشىلىقىدا بېرىلگەن بەدەل ھەققىدەك كۆرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار نىكاھلانغاندىن تارتىپ ئاجراشقىچە بولغان پۈتۈن سېستىملىرىنى بۇ چۈشەنچە ئۈستىگە قۇرغاندۇر. بۇ مەزھەبلەرنىڭ ھېچبىرى ئىفتىدا[22] (ئايالنىڭ نىكاھنى بىكار قىلىش ھوقۇقى)نى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ ئورنىغا «مۇخالالەئە» دېگەن بىر سېستىم قۇرغاندۇر. «مۇخالەئە»، ئايالنىڭ ئېرىگە بەرگەن مال بەدىلىگە ئېرى بىلەن بولغان نىكاھنى بىكار قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

«مۇخالەئە» بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆز قاراشلار، بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە ياردەم قىلىدۇ. شافىئلەردىن شىربىنى مۇنداق دەيدۇ:

«ئەركەك، بىر بەدەل (تويلۇق) بىلەن ئايالدىن پايدىلىنىش ھەققىگە ئىگە بولغاندەك، بىر بەدەل بىلەن بۇ ھەققىنى قولدىن چىقىرىشى مۇمكىن. مۇخالەئەنىڭ جائىز بولۇشىنىڭ سەۋەبى مانا بۇدۇر. بۇ خۇددى ئېلىم-سېتىمغا ئوخشاش بولىدۇ. نىكاھ، سېتىۋىلىشقا، مۇخالەئە بولسا، سېتىۋالغانغا ئوخشايدۇ»[23] .

ئىبن تەيمىيە «مۇخالەئە»نىڭ تالاق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ:

«مۇخالەئە، ئايالنىڭ ئۆزىنى ئېرىدىن قۇتقۇزىشىدۇر. بۇ خۇددى ئەسىرنىڭ ئۆزىنى ئەسىرلىكتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن فىديە بەرگىنىدەك، ئايالنىڭمۇ ئۆزىنى ئېرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بەرگەن فىديەسىدۇر. بۇ ئۈچ تالاق ھېسابلانمايدۇ. تۆت مەزھەبنىڭ ئىماملىرى ۋە جۇمھۇر ئالىملارنىڭ قارىشىدا: باشقا بىر يات ئادەمنىڭ ئەسىر ئۈچۈن فىديە تۆلىشى جائىز بولغاندەك، مال بەدىلىگە ئايالنى ئېرىدىن ئايرىشى جائىز بولىدۇ. شۇنىڭدەك يات بىر كىشىنىڭ ئەسىرنى ھۆرلۈككە چىقىرىش ئۈچۈن ئەسىرنىڭ خۇجايىنىغا فىديە بېرىشى جائىز بولغىنىدەك، يات بىر كىشىنىڭ بىر ئايالنى ئېرىنىڭ قۇللىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشى جائىز بولىدۇ. بۇنىڭدا ئۇ ئايالنىڭ مەنپەئەتىنى مەقسەت قىلش شەرتتۇر. «مۇخالائە» پەقەت ئايالنى ئېرىگە ئەسىر بولۇشتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئۇنىڭ ئايالنىڭ ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىش ئۈچۈن بېرىلىدۇ. ئايالنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى بېرىش ئۈچۈن ئەمەس[24].

بۇلار ئايالغا،  بىر ئەسىرچىلىكمۇ قىممەت بەرمەيدۇ. چۈنكى، ئەسىر ئەركىنلىككە چىققاندىن كېيىن ئۆزى ئۆزىگە ھاكىم بولالايدۇ . لېكىن، ئۇلارنىڭ قارىشىدا، ئايال ئەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن چىقىپ، ۋەلىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرىدۇ. ئايال، ھەرگىزمۇ سېتىلىدىغان مال بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى نىكاھنىڭ بىر نامزاتى ھېسابلاپ بېرىلگەن تويلۇق ھەققىنى ئۇ ئايالنىڭ بەدىلى ئورنىدا كۆرۈش قوبۇل قىلىنمايدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ

« ئاياللارنىڭمۇ ئەرلىرى ئۈستىدە «مەئرۇف»قا ئۇيغۇن ھەقلىرى بار»- بەقەرە، 228- ئايەت.

بۇ ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ئايالغا، ئەسىرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىنمايدۇ. چۈنكى، ئەسىر بىلەن خۇجايىنى ئارىسىدا باراۋەرلىك ھەقلىرىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللىرىڭلارغا تويلۇقلىرىنى كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار»[25]. ئايەتتىكى «تويلۇقلىرىنى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز «سەدۇقات/صدقات» «سەدۇقە»نىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. بۇ سۆزنىڭ سۆز يىلتىزى «سىدق/ صدق» يەنى راستچىل بولماق، سەمىمى بولۇش دېگەنلىكتۇر[26]. سەدۇقات/تويلۇق، ئەركەكلەرنىڭ نىكاھلانغان ئاياللارنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بەرگەن مەلۇم مىقداردىكى مېلىدىن ئىبارەتتۇر.

ئايەتتە يەنە «كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «نىھلە/ نحلة» سۆزى باردۇر. «نىھلە/ نحلة»، بەدەلسىز ئىكرام دېگەنلىكتۇر[27]. تىلغا ئالغان بۇ بايانلارغا قارىغاندا، مەھرى/تويلۇق، بىر نەرسىنىڭ بەدىلى قىلىنمايدۇ. مەزھەب ئالىملىرى بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ھەدىسلەرنى تاشلاپ قويۇپ، ئايەتكە ئۆزلىرى ئالدىن قويۇۋالغان شەرتلەرگە ئاساسەن مەنە بەرگەن.

ئائىشەدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر باكىرە قىز ئائىشەنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئاتام ئۆزىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مېنى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى بىلەن ئۆيلەندۈرۈپ قويدى. لېكىن، مەن بۇنىڭغا رازى ئەمەس، دېدى. ئائىشە، رەسۇلۇللاھ كەلگىچە ئولتۇرۇپ تۇر، دېدى. رەسۇللۇللاھ كەلدى. قىز ئەھۋالىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. ئۇ، دەرھال ئاتىسىغا بىرىنى ئەۋەتىپ چاقىردى. ئۇ، بۇ مەسىلىدە ھوقۇقنى قىزغا بەردى. قىز مۇنداق دېدى:

« ئې، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئەسلىدە مەن ئاتامنىڭ ئىشىغا رازىلىق بەرگەن ئىدىم. لېكىن، بۇ مەسىلىدە ئاياللارنىڭ بىر ھەققى بارمۇ، يوقمۇ؟ بىلىپ باقاي دېدىم»[28].

ئۈچ مەزھەب دەلىل كەلتۈرگەن مۇنۇ ھەدىستىمۇ نىكاھ پېئىلىنىڭ ئىگىسى ئايال ئىكەنلىكى ئېنىق.

«ھەرقانداق ئايال، ۋەلىسىنىڭ رازىلىقىسىز نىكاھلانسا، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، باتىلدۇر، باتىلدۇر»[29].

مۇنۇ كۆز قاراشلارنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس:

 مالىكى مەزھىنىڭ كۆزقارىشىدا، باكىرە قىزنى ئاتىسى مەجبۇرى نىكاھ قىلسا بولىدۇ. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: ئەر كور بولسىمۇ ياكى ئۇنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ھالى قىزدىن ناچار بولسىمۇ، كۆرۈمسىز بولسىمۇ، قىزنىڭ تويلۇقى بىر كانتار ئالتۇنغا تەڭ بولسىمۇ، ئاتىسىنىڭ ئۇنى  يېرىم دىنار بىلەن مەجبۇرى ئۆيلەپ قويۇش ھوقۇقى بار. قىز 60 ياشقا كىرىپ كەتسىمۇ ئاتىسىنىڭ ئۇنى مەجبۇرى ئۆيلەندۈرۈش ياكى ئۆيلىنىشتىن توساش ھوقۇقى بولىدۇ. ئەگەر ئەركەك ئاختا قىلىنغان ياكى ئەزاسى ئىشلىمەيدىغان ھالدا بولسا توغرىسى، قىزنى بۇنداق ئەرگە تىگىشكە مەجبۇرلىسا بولمايدۇ. يەنە ساراڭ، بەرەس كېسىلى، ماخاۋ كېسىلى، جىنسى ئاجىزلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغىمۇ مەجبۇرى نىكاھلاشقا بولمايدۇ[30].

شافىئىلارنىڭ كۆز قارىشىدىمۇ، باكىرە قىزنى نىكاھلاش ئاتىنىڭ قولىدىكى ئىشتۇر. قىز بىلەن سۆزلىشىپ، پىكىرىنى ئېلىش ياخشىدۇر. لېكىن، شەرت ئەمەستۇر. قىزنىڭ ئانىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشمۇ ياخشىدۇر[31].

  1. زاھىرى مەزھىبىنىڭ دەلىللىرى

بۇ مەزھەب نىكاھنى نازارەت قىلىش توغرىسىدا ئايەتلەرگە ئەمەس، پەقەت ھەدىسلەرگە تايىنىدۇ. بۇ، ھەدىسلەرنى توغرا چۈشىنىشكە توسالغۇ بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇسۇلى مۇنداق: «ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە قىلىنغان ۋەھى ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. بىرى، قانداق بولسا شۇنداق قوبۇل قىلىنىدىغان (ۋەھيى مەتلۇۋ)[32]،  يېزىلغان، ئىنسان يېزىشتىن ئاجىز كېلىدىغان ۋەھيىدۇر. يەنى قۇرئان كەرىمدۇر. ئىككىنچىسى، رىۋايەت قىلىنغان، يېزىلمىغان، ئىنساننىڭ يېزىشى مۇمكىن بولغان، قانداق بولسا شۇنداق قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان (غەيرى مەتلۇۋ)[33]، لېكىن ئوقۇلىدىغان، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن خەبەردۇر. ئۇ ئاللاھنىڭ بىزدىن نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «… ئۇ ئىنسانلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىنى ئۇلارغا بايان قىلىشىڭ ئۈچۈن…»[34] ئاللاھ قۇرئانغا ئەمەل قىلىشنى پەرز قىلغاندەك، سۈننەتكە ئەمەل قىلىشنىمۇ پەرز قىلغاندۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ  ئوتتۇرىسىدا پەرق يوقتۇر[35].

ئەگەر سۈننەت ئاللاھنىڭ بىزدىن نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرەلىسە، قۇرئانغا ئېھتىياچ قالمايتتى. بۇ سۈننەت بىلەن قۇرئاننىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى بىلەلمىگەنلىكتۇر. ئاللاھ نەبىمىزگە «…ئۇ ئىنسانلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىنى ئۇلارغا بايان قىلىشىڭ ئۈچۈن … » دېدى. « ئۇلاردىن نېمە تەلەپ قىلغانلىقىمنى بايان قىلىشىڭ ئۈچۈن» دېمىدى. بۇ خاتا نۇرغۇنلىغان خاتالارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغاندۇر. ئىبن ھەزم مۇنداق دەيدۇ:

 نەبىمىزنىڭ «تۇل ئايالنىڭ ئىشىىغا ۋەلىسى ئارلىشالمايدۇ»[36] دېگەن سۆزى، ئۇنىڭ رازىلىقى بولماستىن ۋەلىنىڭ بىر ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، ئۆزى خالىغان كىشى بىلەن ئۆيلىنەلەيدۇ. لېكىن، نىكاھ قىلماقچى بولسا، ۋەلىسىنىڭ رازىلىقى بولمىسا نىكاھ قىلالمايدۇ. ئەگەر ۋەلى نىكاھلىنىشىغا ئۇنماي تۇرىۋالسا باشقا ھوقۇقدار (سۇلتان) بىر كىشى نىكاھلاپ قويىدۇ[37].

 ۋەلىنىڭ ئېتىراز قىلىش ھەققى يوق بولسا، ئۇنىڭ بولۇشىنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇشۇنداق مەنىسىز، مەنتىقسىز ئىش بولامدۇ؟

يەنە مۇنداق دەيدۇ: « باكىرە قىزنىڭ نىكاھى، پەقەت ئاتىسى ۋە ئۇ رازى بولغان كىشى بىلەنلا بولىدۇ»[38]. دېمەك، ئەگەر ئىككىسى ئوخشاش بىر كىشىگە رازى بولمىسا نىكاھ دۇرۇس بولمايدۇ. «مەئرۇف»قا ئۇيغۇن بولۇش پرىنسىپىغا سەل قارالسا مانا مۇشۇنداق نەتىجىلەرنىڭ چىقىشىدىن قاچقىلى بولمايدۇ.

ئىبن ھەزم ئاۋۋال ئايەتلەرگە ئاندىن ھەدىسلەرگە قارىغان بولسا، بۇ ئىشتا ۋەلىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلىقىنى بىلگەن بولاتتى ۋە سېستىمىنى ئۇنىڭغا قارىتا قۇرغان بولاتتى. ئۇنىڭ بۇنداق مىتودى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرگە ئورۇن بەرمىگەن.

4- مۇلاھىزە

 يۇقىرىدىكى ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسەن نىكاھنى، «مەئرۇف»قا ئۇيغۇن بولۇش تەرەپتىن نازارەت قىلىش كېرەك. نازارەتنى قىزنىڭ ۋەلىسى قىلىدۇ. ئەگەر ئوتتۇرىدا ئىختىلاپ بولسا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئىشقا ئارلىشىدۇ. بىر جۈپلەرنىڭ نىكاھلىنىشىدا ساقلىنىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار بولمىغان تەقدىردە، ئۇلار شاھىدلارنىڭ ئالدىدا نىكاھلىنىش قارارلىرىنى ئېلان قىلىدۇ ۋە نىكاھلىنىپ يېڭى بىر ئائىلە قۇرىدۇ.

مەزھەبلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە ئوخىشمىغان كۆزقارشلاردا بولۇشى نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندۇر.

ھەنەفى مەزھىبى ئىككى شاھىد بىلەن قىلىنغان ھەرقانداق نىكاھنى توغرا ھېسابلايدۇ. بۇ قاراش، مەكتەپلەردە، ئىش ئورۇنلىرىدا ۋە باشقا يەرلەردە مەخپى نىكاھ قىلىشقا ياكى قىز قاچۇرۇشقا يول ئاچقاندۇر. قاچۇرۇلغان قىز رازى بولسا ۋە ئىككى شاھىدنىڭ ئالدىدا «قوبۇل قىلدىم» دېسە، نىكاھ تاماملانغان بولىدۇ دەيدۇ.

شافىئى، مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەبلىرىنىڭ كۆزقارىشى، ۋەلىگە ئايرىم مەلۇم مىقداردا مال بېرىشكە يول ئاچقاندۇر. بۇ باشلىق پۇلى دېيىلىدۇ. ۋەلىنىڭ رازىلىقىسىز نىكاھ باتىل بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ئامال قىلىپ ئۇنى رازى قىلىش كېرەك. ئۇنى رازى قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئۇنىڭغا مال بېرىشتۇر. ۋەلىگە بېرىلىدىغان بۇ مال بىلەن قىزغا بېرىلىدىغان تويلۇق ئايرىمدۇر. تويلۇق قىزنىڭ ئۆزىگە بېرىلىدۇ. «باشلىق» بولسا قىزنىڭ ئاتىسىغا، قېرىندىشىغا، تاغىسىغا… بېرىلىدۇ.

ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلىنغان بولسا، قىز-يىگىتلەر ئۆيلىنىش ئۈچۈن ئائىلىسىدىن قاچمىغان ۋە نىكاھلىنىشتا ھېچقانداق ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كەلمىگەن بولاتتى. ۋەلىلەرگە ئايرىم پۇل-مال بېرىدىغان ئىشمۇ چىقمىغان بولاتتى.

  • پروفىسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر
  • قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار

        

[1] مەئرۇف ياخشىلىقى شەرىئەت بىلەن ياكى ئەقىل بىلەن تونۇلغان ئىش-ھەرىكەت، دېگەن بولىدۇ.- (مۇفرەداتى ئەلفزىلقۇرئان). ئۇنداقتا مەئرۇف شەرىئەت بۇيرۇغان ھەر ئىش، شەرىئەتنىڭ ھېچبىر ئەمرىگە خىلاپ كەلمەسلىك شەرتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئەقلى ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئۆرپ-ئادەت دېگەن بولىدۇ.

[2] تويلۇق- مەھرى ھەققى، نىكاھ جەريانىدا ئەركەكنىڭ قىزغا بېرىدىغان مالىدۇر.

[3] بۇخارى، نىكاھ 36.

[4] بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ تەپسىلى مەنىسى ئۈچۈن تور بىتىمىزدىكى سېكولارىزىم ماقالىسىغا قاراڭ.

[5] تىرمىزى، نىكاھ، ئبن ماجە، نىكاھ 15. ئەھمەد ئىبن ھەنبەل، مۇسنەد، 4- جىلد، 260- بەت.

[6]  ئەبۇ داۋۇد، نىكاھ 20. تىرمىزى، نىكاھ 14. ئبن ماجە، نىكاھ 15. ئەھمەد ئىبن ھەنبەل، مۇسنەد، 4- جىلد، 66- بەت .

[7] شەمسىدىن سەرەخسى، مەبسۇت، 16- جىلد، 124-بەت. باب: مەن لا تەجۇزۇ شەھادەتۇھۇ. قاسىم ئىبن ئابدۇللاھ ئەلى، ئەنىسۇل فۇقاھا فى تەرىفاتۇل ئەلفازۇل مۇتەداۋىلە بەينەل فۇقاھا، تەھقىقلىغۇچى، ئەھمەد ئىبن ئابدۇرازاق قۇبەيسى، 1406/1986- يىل جىدە، 148-بەت. 

[8] ئەبۇ داۋۇد، نىكاھ 26. ئىبن ماجە، نىكاھ 12. نەسەئىي نىكاھ، 35. (ئەسلى تېكست ئىبن ماجەنىڭدۇر. ھەنسا دېگەن ئىسىم ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسەئىدە تىلغا ئېلىنىدۇ).

[9] نەسەئى، نىكاھ،

[10] مۇسلىم نىكاھ، 66، 67، 68. ئەبۇ داۋۇد، نىكاھ، 26. ئىبن ماجە، نىكاھ، 11. نەسەئى، نىكاھ 33، 34.

[11] ئىبن ماجە، نىكاھ، 1872.

[12] سەرەخسى، مەبسۇت، 5- جىلد، 13- بەت. ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، ھۇقۇقۇلئىسلامىييە ۋە ئىستىلاھاتۇل فىقھىييە قامۇسى، 1967- يىل ئىستانبۇل، 2- جىلد، 49- بەت، 175- پاراگراف. (بىلمەن بۇ يەردە يېقىن ۋەلىسى ئىپادىسىنى قوللىنىدۇ. ئاتا ۋە چوڭ دادىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكى ئوچۇقتۇر).  

[13] ئىبن قۇدامە، مۇغنى، 7- جىلد، 5- بەت.

[14] ئىبن ھەزم، ئەلى ئىبن ئەھمەد ئىبن سەئىد، 1988-يىل بەيرۇت، مۇھەللا، 9- جىلد، 25- 38- بەت.

[15] سەرەخسى مەبسۇت، 5- جىلد، 11-12- بەت.

[16] مەھرى مىسلى، ئۆزىگە تەڭ ئاياللارنىڭ ئالغان مەھرنىڭ مىقدارىدۇر.

[17] سەرەخسى مەبسۇت، 5- جىلد، 13- بەت.

[18] بۇخارى نىكاھ، 36.

[19] مەئرۇف ياخشىلىقى شەرىئەت بىلەن ياكى ئەقىل بىلەن تونۇلغان ئىش-ھەرىكەت، دېگەن بولىدۇ.- (مۇفرەداتى ئەلفزىلقۇرئان). ئۇنداقتا مەئرۇف شەرىئەت بۇيرۇغان ھەر ئىش، شەرىئەتنىڭ ھېچبىر ئەمرىگە خىلاپ كەلمەسلىك شەرتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئەقلى ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئۆرپ-ئادەت دېگەن بولىدۇ.

[20]  ئىبن قۇددامە، مۇغنى، 7- جىلد، 338- بەت.

 [21]  ئىبن قۇددامە، مۇغنى، 7- جىلد، 338- بەت.

[22] ئىفتىدا ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تور بىتىمىزدىكى «ئىفتىدا» ماقالىسىگە قاراڭ.

[23]  شىربىنى، مۇھەممەد خاتىب، مۇغنىل مۇھتاج ئىلا مەئرىفەتى مەئانى ئەلفازىل مىنھەج، 1958- يىل مىسىر. 3- جىلد، 262- بەت.

[24] ئىبن تەيمىييە، مەجمۇئۇل فەتۋا، تەييارلىغۇچى: ئابدۇراھمان ئىبن مۇھەممەد ئىبن قاسىم ئاسىمى، 1398/1978- يىل سەئۇدى ئەرەبىستان، 32- جىلد، 306-307- بەت.

[25] نىسا، 4/4.

[26] ئىسفاھانى، مۇفرەدات، صدق ماددىسى.

[27] مۇفرەدات، نىھلە ماددىسى.

[28] نەسەئى، نىكاھ، 36. ئىبن ماجە نىكاھ 12. ئەبۇ داۋۇد نىكاھ 26. ئەھمەد ئىبن ھەنبەل مۇسنەد، 4- جىلد، 136-بەت.  

[29] ئەبۇ داۋۇد نىكاھ 20. تىرمىزى نىكاھ 14. ئىبن ماجە نىكاھ 15. ئەھمەد ئىبن ھەنبەل مۇسنەد، 4- جىلد، 66- بەت.

[30]  سەييىد ئەھمەد دەردىر، شەرھۇل كەبىر، تەھقىق، مۇھەممەد ئەلى، بەيرۇت، 2- جىلد، 221- 223- بەت.

[31] مۇھەممەد ئىدرىس شافىئى، ئۇم، 1393- يىل، بەيرۇت،  5- جىلد، 13-15- بەت. 

[32] يەنى، جەبرائىلنىڭ نەبى ئەلەيھىسالامغا ئېلىپ كەلگىنى بىزگە  سۆزمۇ سۆز نەقىل قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تېكىستى ئىختىلاپسىز توغرا ھېسابلىنىدۇ ۋە تەتبىقلىنىدۇ.   

[33] يەنى نەبىنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەر بىلەن ئەمەس، مەنىسى بىلەن بىزگە نەقىل قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تېكىستى ئىختىلاپسىز توغرا ھېسابلانمايدۇ.

[34]  نەھل، 16/44.

[35]  ئىبن ھەزم ئەلى ئىبن ئەھمەد ئىبن سەئىد ئەندۇلۇسى، ئىھكام فى ئۇسۇل ئەھكام، (بىر ئىلىم ھەيئىتى تەرىپىدىن تەھرىرلەنگەندۇر) 1404/1984 – يىل قاھىرە دارۇل ھەدىس باسمىسى، 1- جىلد، 93- بەت.

[36] مۇسلىم نىكاھ، 66، 67، 68، ئەبۇ داۋۇد، نىكاھ، 26. ئىبن ماجە، نىكاھ، 11. نەسەئى، نىكاھ 33، 34.

[37]  ئىبن ھەزم، مۇھەللا، 9- جىلد، 25- 38- بەت.

[38] ئىبن ھەزم، مۇھەللا، 9- جىلد، 25- 38- بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر