باش بەت > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

پاراللېل دىنلار ۋە ئۇممىيلار

مەنپەئەتپەرەسلەر بىلەن دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئارتۇق بىلىدىغان دىن ئالىملىرى بىر يەرگە كەلگەندە پاراللېل دىن پەيدا بولىدۇ. ئىنسانلارمۇ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن، ھەق گەپ قىلغانلارنى چەتكە قاقىدۇ.

 پاراللېل دىن، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆز مەنپەئەتلىرىگە دەسمايە قىلىۋالغانلارنىڭ قۇرغان دىنىدۇر. دىنىي قۇرۇلمىلارنىڭ ھەممىسى پاراللېل بولىدۇ. بۇ ئىش شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن قىلىنىدۇكى، كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنى قۇرغۇچى كىشىلەرنى دىنىي ئالىم دەپ ئويلاپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەنپەئەتپەرەسلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا، پاراللېل دىن ھەقىقى دىننىڭ ئورنىنى ئىگەللەيدۇ ۋە ھەقىقىي دىندارلار «مۇرتەد» ياكى «زىندىق» ھېساپلىنىپ، سوئال-سوراقسىز ئۆلتۈرىلىدۇ.[1]

  ئەڭ چوڭ ئېكىسپىلاتاتسىيە، دىن ئېكىسپىلاتاتسىيەسىدۇر. چۈنكى، مۇنۇ ئايەتكە ئاساسەن ھەممە كىشى ئۆزىنى دىندار ھېساپلايدۇ:

﴿فَرِيقًا هَدَى وَفَرِيقًا حَقَّ عَلَيْهِمُ الضَّلاَلَةُ إِنَّهُمُ اتَّخَذُوا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاء مِن دُونِ اللّهِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُم مُّهْتَدُونَ﴾

«ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنى ھىدايەت قىلدى. ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى ئېزىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولدى. چۈنكى بۇلار ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىن[2] دەپ قارىغان شەيتانلارنى دوست تۇتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ»–ئەئراف سۈرىسى، 30-ئايەت.

ئەۋلىيا، ۋەلىينىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. ۋەلى، ئوتتۇرىغا باشقا ھېچ كىم كىرەلمەيدىغان دەرىجىدىكى يېقىنلىقنى كۆرسىتىدۇ. ۋەلىلىكمۇ، بىر ئىشنى ئۈستىگە ئېلىش ۋە ياردەمچى بولۇش دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.[3]

ئاللاھنىڭ بىزدىن نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى، پەقەت ئۇنىڭ كىتابى ئارقىلىقلا بىلەلەيمىز. ئەمما، بۇ شەيتانلار، ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئىلاھ بولۇشنى خالايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىدەك:

﴿أَفَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَهَهُ هَوَاهُ وَأَضَلَّهُ اللَّهُ عَلَى عِلْمٍ وَخَتَمَ عَلَى سَمْعِهِ وَقَلْبِهِ وَجَعَلَ عَلَى بَصَرِهِ غِشَاوَةً فَمَن يَهْدِيهِ مِن بَعْدِ اللَّهِ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ﴾

«ئى مۇھەممەد! نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان، ئاللاھ بىر ئىلىمگە ئاساسەن ئازدۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، كۆزىنى پەردىلىۋەتكەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟»- سۈرە جاسىيە 23-ئايەت

ھەر مۇسۇلمان، قۇرئاننىڭ بىرىنچى ئورۇندا بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. لېكىن، مەنپەئەتىگە  توقۇنۇشۇپ قالغان ھامان قۇرئاننى ئىككىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. قىلغان ئىشىنى گۇناھ دەپ ئويلىمىسىلا، ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزەلەيدۇ. بۇنى«ئىلىم» نامى بىلەن بويىغانلار، ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىغا كىرىپ، ئەڭ چوڭ گۇناھنى ئىشلىگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇلار ھەققىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ:

اللَّهِ الَّذِي لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَوَيْلٌ لِلْكَافِرِينَ مِنْ عَذَابٍ شَدِيدٍ الَّذِينَ يَسْتَحِبُّونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا عَلَى الْآَخِرَةِ وَيَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا أُولَئِكَ فِي ضَلَالٍ بَعِيدٍ

 «ئۇ زات، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھتۇر. قاتتىق ئازاب سەۋەبىدىن كاپىرلارغا ۋاي!   ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ ۋە ئۇ يولنى ئەگرى قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەنە شۇلار چوڭقۇر ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر»- ئىبراھىم سۈرىسى،2ۋە3–ئايەتلەر.

ئايەتتىكى «ئىۋەج=عوج، ئەگرى»، تەپەككۇر قىلىپ، ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆزقاراشلار بىلەن يېقىنلىشىدىغان شەكىلدە قىلىنغان بۇرمىلاشنى كۆرسىتىدۇ.[4] بۇنى پەقەت دىننى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلار قىلىدۇ. ھەم ئۆزى ئازىدۇ، ھەم باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ.

 دۇنيانى ئاخىرەتتىن بەكرەك ياخشى كۆرگەن بۇ ئىنسانلارنى قوللايدىغانلارنىڭ ھالى تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن ئايان بولىدۇ:

﴿وَمِنَ النَّاسِ مَن يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًا أُولَئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ. وَإِذَا تُتْلَى عَلَيْهِ آيَاتُنَا وَلَّى مُسْتَكْبِرًا كَأَن لَّمْ يَسْمَعْهَا كَأَنَّ فِي أُذُنَيْهِ وَقْرًا فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ﴾

«ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن[5] ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش[6] ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزنى سېتىۋالىدۇ. ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.ئۇلارغا ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا تەكەببۇرلۇق قىلىپ يۈز ئۆرۈيدۇ، گويا ئۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىمىغاندەك، گويا ئىككى قۇلىقىدا ئېغىرلىق باردەك ئىش قىلىدۇ. سەن ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن». –لوقمان سۈرىسى 6-7-ئايەتلەر

مەنپەئەتپەرەسلەر بىلەن دۇنيانى ئاخىرەتتىن بەكرەك ياخشى كۆرىدىغان دىنىي ئالىملار بىرلەشكەندە پاراللېل دىن پەيدا بولىدۇ. خەلقمۇ ئۆز مەنپەئەتىنى ئۈستۈن بىلىدىغان بولغاچقا، ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلەرنى چەتكە قاقىدۇ. «ھەقىقەتنى سۆزلىگەن توققۇز شەھەردىن قوغلىنىپتۇ» دېگەن مانا مۇشۇدۇر. خاتا چوت سوققانلارنىڭ ھېسابىنى بۇزغان بۇ كىشىلەر سەبىرلىك بولىدىغانلا بولسا، ئونىنچى شەھەرگە باشلىق بولۇپ، خاتاسىنى بىلگەن توققۇز شەھەرنى ۋە باشقا شەھەرلەرنى ئۆزىگە قارىتالايدۇ.

نۇرغۇنلىغان ئايەتتە ئاللاھ، كىتابىغا چىڭ ئېسىلىشنى ۋە بۆلۈنمەسلىكنى بۇيرىغان. بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ:

﴿وَاعْتَصِمُواْ بِحَبْلِ اللّهِ جَمِيعًا وَلاَ تَفَرَّقُواْ ﴾

«ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار »- 3-سۈرە ئال ئىمران، 103 – ئايەت.

 دىنلىرىنى پارچىلاپ بۆلگەنلەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىمىزنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى ئايەتتە بىلدۈرگەن:

﴿إِنَّ الَّذِينَ فَرَّقُواْ دِينَهُمْ وَكَانُواْ شِيَعًا لَّسْتَ مِنْهُمْ فِي شَيْءٍ إِنَّمَا أَمْرُهُمْ إِلَى اللّهِ ثُمَّ يُنَبِّئُهُم بِمَا كَانُواْ يَفْعَلُونَ﴾

«ئى مۇھەممەد! دىنىنى پارچىلاپ پىرقىلەرگە ئايرىلغانلار بىلەن سېنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىڭ يوقتۇر. ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت ئاللاھقا قالغان. كېيىن ئاللاھ ئۇلارغا قىلىمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ»– ئەنئام سۈرىسى، 159-ئايەت.

 مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈش؛ قۇرئاندەك مۇھىمبولغان ھېكمەت ئۇقۇمىنىڭ يوقىتلىشى ۋە پەيدا بولغان ھاڭلارنى ئۆلىمالارنىڭ تولدۇرۇشى بىلەن پەيدا بولغاندۇر. ھېكمەت بولسا، ئاللاھنىڭ كىتابىدىن توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئۇسۇلىدۇر. ھېكمەتنىڭ بارلىق قائىدە-پىرىنسىپلىرى قۇرئانغا يەرلەشتۈرۈلگەن، نەبىمىزمۇ ھاياتى بويىچە بۇ ئۇسۇلنى ئۆگەتكەن ۋە قوللانغان ئىدى.[7] قۇرئاندىكى نەتىجىلەرگە پەقەتلا مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇنۇ ئايەتلەرگە قارىغىنىمىزدا، قۇرئاننى پەقەت ئاللاھ ئىزاھلايدۇ:

﴿الَر كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِن لَّدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ .أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ اللّهَ إِنَّنِي لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ﴾

«ئەلىف، لام، را. بۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنى ئىخچام ۋە ئېنىق رەۋىشتە تۈزۈلگەن ۋە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر.  بۇ ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن»- ھۇد سۈرىسى، 1-2-ئايەتلەر.

ئاللاھنىڭ ئىزاھاتلىرىغا، پەقەت ئۇ بېكىتكەن ئۇسۇل بىلەنلا ئېرىشكىلى بولىدۇ. يۇقىرىقى ئايەتكە ئاساسەن، باشقىچە يول تۇتۇش، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئورنىغا قويغانلىقتۇر. ئەھۋال مانا مۇشۇنداق ئېنىق تۇرسىمۇ، يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلىمىغان بىرەر تەرجىمە ياكى تەپسىرنى تېپىش تولىمۇ قىيىن. ئەمەلىيەتتىمۇ، قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىزاھلانغانلىقىنى قوبۇل قىلىدىغان ھېچقانداق مەزھەپ يوق.

قارايدىغان بولساق قۇرئاننى، ئالىملار ئىزاھلىغان ۋە بارلىق دىنىي كىتاپلارنىڭ يېزىلىشى بۇ شەكىلدە تەرەققى قىلغاندۇر. مەسىلەن: ئىمانغا ئالاقىدار نۇرغۇن ئۇقۇملارنىڭ بۇرمىلانغىنىدەك،تەقدىر ئۇقۇمىمۇ بۇرمىلانغاندىن كېيىن تەفسىر كىتاپلىرى، ئاللاھنىڭ ئىنساندىن ئىمتىھان ئېلىشى ھەقىقەت ئەمەس،  بەلكى بىر مەجاز ئىكەنلىكىگە دائىر چۈشەنچىلەر بىلەن تولۇپ كەتتى.[8]

قۇل ۋە دېدەكلەر مەسىلىسى، ئاياللارنىڭ ئاجرىشىش ھەققى، نارەسىدىلەرنىڭ ئۆيلەندۈرىلىشى، نىكاھنىڭ نازارەت قىلىنىشى، مۇرتەدنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر يۈزدەيۈز قۇرئانغا زىت كەلسىمۇ، بىردەكلىك بىلەن قوبۇل قىلىنىپ،«ئىلىم» دەپ ئوقۇتىلىدىغان مەسىلىلەرگە ئايلاندۇرۇلدى.[9]  ئۆسۈمگە ئالاقىدار ھۆكۈملەرمۇ ئۆسۈمنىڭ ئالدىنى ئېچىپ، تىجارەتنىڭ ئالدىنى ئېتىپ قويىدىغان ھالغا كەلتۈرۈلگەن.[10]

 بۈگۈن مۇسۇلمانلار، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ غەزىنىلىرىگە ئىگە بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ بايلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن پېقىرلارمۇ ياراتمايدىغان تىلەمچىلەرگە ئوخشاپ قالدى. ھېكمەت يوقاپ كەتكەن بولغاچقا ھېچقانداق مەسىلە ھەل قىلىنمايۋاتىدۇ. ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا مەسىلە پەيدا قىلىنىۋاتىدۇ.

 ئىسلامى بىلىملەر ئوقۇتۇلىۋاتقان يەرلەردە، ئىنسانلارنى ئۆتمۈشتىن قالغان خاتا بىلىملەرگە چۈشەپ قويغانلىقتىن، تۆۋەندىكى ئايەتلەرگە ئاساسەن، بۇلارنىڭ ئاخىرەتتە قۇتۇلۇش ئېھتىمالى بولۇشى مۇمكىن.

﴿وَمِنْهُمْ أُمِّيُّونَ لاَ يَعْلَمُونَ الْكِتَابَ إِلاَّ أَمَانِيَّ وَإِنْ هُمْ إِلاَّ يَظُنُّونَ. فَوَيْلٌ لِّلَّذِينَ يَكْتُبُونَ الْكِتَابَ بِأَيْدِيهِمْ ثُمَّ يَقُولُونَ هَذَا مِنْ عِندِ اللّهِ لِيَشْتَرُواْ بِهِ ثَمَناً قَلِيلاً فَوَيْلٌ لَّهُم مِّمَّا كَتَبَتْ أَيْدِيهِمْ وَوَيْلٌ لَّهُمْ مِّمَّا يَكْسِبُونَ﴾

«ئۇلارنىڭ ئۇممىيلىرى[11] بار. بۇلار كىتابنى بىلمەيدۇ، بىلىدىغىنى پەقەت بىر قىسىم ئارزۇ-ئارمانلاردىنلا [12]ئىبارەتتۇر. بۇلار پەقەتلا گۇمان قىلىدۇ. كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ، ئاندىن ئۇنى ئازغىنا[13] بىر پۇلغا سېتىش ئۈچۈن: «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىندۇر» دېگەنلەرگە ۋاي! قوللىرى يازغان نەرسە سەۋەبىدىن ئۇلارغا ۋاي! ئېرىشكەن نەرسىلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا ۋاي![14]» – بەقەرە سۈرىسى 78-79-ئايەتلەر.

بەزىلەر ئۇممىي بولغانلىقى ئۈچۈن قۇتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۆزىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ يەنە يولىغا داۋام قىلىۋەرگەنلەر بولسا، تۆۋەندىكى ئايەتلەر بويىچە جازاغا تارتىلىدۇ:

وَيْلٌ لِكُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍ يَسْمَعُ آَيَاتِ اللَّهِ تُتْلَى عَلَيْهِ ثُمَّ يُصِرُّ مُسْتَكْبِرًا كَأَنْ لَمْ يَسْمَعْهَا فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ

 «بوھتان چاپلىغۇچى ۋە گۇناھ قىلغۇچى ھەر قانداق كىشىگە ۋاي! ئۇ ئۆزىگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئوقۇلسا ئاڭلايدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇ خۇددى ئايەتلەرنى ئاڭلىمىغاندەك ئىش قىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن»-جاسىيە سۈرىسى، 7-8-ئايەتلەر.

-پروفېسور ئابدۇلئەزىز بايىندىر

  • «كىتاپ ۋە ھېكمەت» ژورنىلى 15-سان باش ماقالىسى
  • تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق

[1]مۇرتەدلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا مۇنۇ ئۇلىنىشتىن ئېرىشەلەيسىز: مۇرتەتنىڭ جازاسى http://www.musulmanlar.com/?p=2278

[2]ئايەت تېكىستىدىكى مِن دُونِ اللّهِ=مىن دۇنىللاھ سۆزى، ئاللاھنىڭ ئاستىدىكى، ئىنسانلارنىڭ ئۈستىدىكى، يەنى ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئارىسىدىكى بىر جاينى ئىپادىلەيدۇ. فىرۇزابادى، قامۇس تەرجىمىسى، مۇتەرجىم  ئاسىم، باخىرىييە مەتبۇئاتى 1305

[3]راغىب ئىسفاھانى، (ۋاپاتى: ھىجرىيە 425)، مۇفرەدات (ت ھ ك: سافۋان ئەدنان داۋۇدى) عوج ماددىسى، دەمەشىق ۋە بەيرۇت، 1412/1922.

[4]راغىب ئەل ئىسفاھانىنىڭ مۇفرەدات، ئا-ۋ-ج ماددىسى.

[5]ئايەت تېكىستىدىكى «بِغَيْرِ عِلْمٍ=بىلمەستىن» سۆزى «لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ اللَّهِ=ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن» سۆزىنىڭ يۇشۇرۇن تولدۇرغۇچىسى بولغان ئازدۇرۇلغان «ئىنسانلار»نى ئېنىقلاپ كەلگەچكە، مەنا مۇشۇنداق بېرىلدى. چۈنكى بىكار گەپكە مەبلەغ سالغانلارنىڭ ئۇنى بىلمەي قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.

[6]ئايەتتىكى «هُزُو» سۆزى، «السُّخْرِية» مەنىسىدە بولۇپ، بىرىنى ھەققىنى بەرمەي ئىشقا سېلىش دېگەنلىكتۇر. بۇيەردە بولسا، سۈيئىستىمال قىلىش دېگەن مانانى بېرىشمىز، ئەنە شۇ سەۋەپتىندۇر.

[7]ھېكمەت ھەققىدە فاتىھ ئورۇم يازغان «قۇرئاننى چۈشۈنۈش ئۇسۇلى» ناملىق كىتاپتا مەخسۇس توختالغان.

[8]ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى «توغرا دەپ بىلگەن خاتالار» كىتابىمىزنىڭ 5-باسمىسى 229-بەتتىكى مەزمۇننى ئوقۇڭ.

[9]بۇ ھەقتىكى توغرا مەلۇماتقا، ۋەقفىمىز نەشىر قىلغان كىتاپلاردىن ۋە توربەتلىرىمىزدىكى يازمىلار ۋە سۆھبەتلىرىمىزدىن تاپالايسىز.

[10]«تىجارەت ۋە ئۆسۈم» كىتابىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بار.

[11]ئۇممىي: كىتاپنى بىلمەيدىغان كىشى دېگەن مەنىدە.

[12] ئارزۇ-ئارمانلار دەپ مەنا بەرگەن أَمَانِيَّ، ئۇمنىييەنىڭ كۆپلىكىدۇر. مۇجاھىد ئۇنىڭ «يالغان» دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. باشقىلارغا نىسبەتەن: كىتاپنى چۈشەنمەستىن ئوقۇش دېمەكتۇر(مۇفرەدات).

[13]قَلِيل، بىر نەرسىنىڭ ئازلىقىنى ۋەيا ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.(ئەھمەد بىن فارىس بىن زەكەرىييە، مۇجئەمۇ مەقايەسۇل لۇغە، بەيرۇت. تارىخى يېزىلمىغان)

[14]«خەيىرلىك نەرسىلەردىن مەھرۇم بولۇش» مەناسىنى بەرگەن سۆز بولسا، الإثم دۇر. (مۇفرەدات)


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ