باش بەت > تەتقىقاتلار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

قۇرئاننى قۇرئاندىن تونۇيلى!

1) ئالاھىدىلىكى ۋە نازىل بولۇش سەۋەبى

«شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ»[1]. «ئۇ ھەقىقەتەن غالىب، ھېچبىر تەرىپىدىن باتىل ئارىلاشمىغان ۋە ئارىلاشمايدىغان كىتابتۇر. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋە ھەر ئىشىنى ياخشى قىلىدىغان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان»[2]، «ئۇ ناھايىتى كەسكىن سۆزدۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەستۇر»[3]، «ئۇ ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر»[4]، «ئۇ ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، توغرا يولغا باشلىغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر»[5]. «ئۇ ھۆرمەتلىك قۇرئاندۇر»[6]. «ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر»[7]. «ۋە روشەن قۇرئاندۇر»[8]. «ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەردۇر، ھەقىقىي ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر»[9]. «بۇ مۇبارەك كىتابتۇر. بىز ئۇنى ئىنسانلار ئايەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلسۇن ۋە ساپ ئەقىل ئىگىلىرى نەسىھەت ئالسۇن دەپ ساڭا نازىل قىلدۇق»[10]. «بىز قۇرئاننى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. چۈشەنگۈچى بارمۇ؟»[11]. «بىز ساڭا ھەر نەرسىنى ئېنىق بايان قىلىپ بېرىدىغان، ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچىلارغا ھىدايەتنىڭ، رەھمەتنىڭ ۋە خۇش خەۋەرنىڭ دەل ئۆزى بولغان بۇ كىتابنى نازىل قىلدۇق»[12].

2) ۋەھىي قىلىنغان ۋە نازىل قىلىنغان نەرسە قۇرئاندۇر

«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلدۇق»[13].

«بىز ساڭا ئەرەبچە قۇرئان ۋەھىي قىلدۇق»[14].

«سارقىغان يۇلتۇز بىلەن قەسەمكى، قېرىندىشىڭلار گۇمراھ بولمىدى ۋە ئازمىدى. ئۇ نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىگىنى ئۆزىگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيدىنلا ئىبارەتتۇر. ۋەھىينى ئۇنىڭغا ناھايىتى كۈچلۈك، ئەقللىق ۋە چىرايلىق بىرى ئۆگەتتى. ئۇ توغرىلاندى، ئۇ بۇ چاغدا ئەڭ يۇقىرى ئۇپۇقتا ئىدى، ئاندىن ئاستا-ئاستا يېقىنلىشىپ، ئىككى ياي مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق بولدى. ئاندىن ئاللاھنىڭ بەندىسىگە، ئاللاھ ۋەھىي قىلغان نەرسىنى ۋەھىي قىلدى. ئۇ بەندىنىڭ دىلى كۆرگىنىنى يالغان دېمىدى. ئى مۇشرىكلار! سىلەر يەنىلا ئۇنىڭ كۆرگىنى توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟»[15].

بۇ ئايەتلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھىي نازىل بولغان چاغدىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ۋەھىي قىلىنغان نەرسىنىڭ قۇرئان كەرىم ئىكەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان ۋەھىينىڭ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئۆگىتىلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «سادىق، ئەمىن (راستچىل، ئىشەنچىلىك)» دەپ ئاتايدىغان مۇشرىكلار[16] ئۇنىڭ قۇرئاننى ئوقۇشقا باشلىشى بىلەن «مۇھەممەد گۇمراھ بولدى، مۇھەممەد يولدىن ئاداشتى» دېيىشكەن. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ مۇشرىكلارنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش بىلەن گۇمراھ بولغان ۋە يولدىن ئاداشقان (نەئۇزۇبىللاھ). ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە ئاللاھ تەئالا يۇقىرىدىكى رەددىيەنى بەرگەن.

3) قۇرئان مىسلىسىز كىتابتۇر

«ئەگەر سىلەر بىز بەندىمىزگە نازىل قىلغان قۇرئاندىن شۈبھىلەنگەن بولساڭلار، قېنى ئۇنىڭ ئوخشىشىدىن بىر سۈرە كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، ئاللاھدىن باشقا پۈتكۈل شاھىدلىرىڭلارنى[17] چاقىرىڭلار، ئەگەر راستچىل بولساڭلار. ئەگەر قىلمىساڭلار-ھەرگىزمۇ قىلالمايسىلەر- دوزاختىن ساقلىنىڭلاركى، ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلار ۋە تاشلاردۇر. ئۇ دوزاخ كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان»[18]. «ياكى ئۇلار: قۇرئاننى مۇھەممەد ئويدۇرۇپ چىقتى دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى: قۇرئانغا ئوخشايدىغان ئون ئويدۇرما سۈرە كەلتۈرۈپ بېقىڭلار ۋە ئاللاھتىن باشقا كىمنى چاقىرالىساڭلار ھەممنى ياردىمىڭلارغا چاقىرىڭلار. ئەگەر راستچىل بولساڭلار»[19]. «ئېيتقىنكى: ئەگەر ئىنسانلار بىلەن جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلسا، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزئارا ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ بۇنى قىلالمايدۇ»[20]. «ئەگەر قۇرئان ئاللاھتىن باشقىسى تەرىپىدىن بولسا ئىدى، ئۇلار ئۇنىڭدا نۇرغۇن قارىمۇقارشىلىق تاپقان بولاتتى»[21].

4) قۇرئان ھايات رەھبىرىدۇر

«ئۇلار قۇرئاننى تەدەببۇر قىلمامدۇ؟[22] ياكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قۇلۇپلانغانمۇ؟»[23]. «مۇئمىنلارغا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە قەلبلىرى ئېرىيدىغان ۋە ئىلگىرى كىتاب بېرىلىپ زاماننىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن قەلبلىرى قېتىپ كەتكەن كىشىلەردەك بولمايدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقلار ئىدى»[24].

5) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى

«ئى رەسۇل! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى يەتكۈزگىن. ئەگەر قىلمىساڭ ئۇ تاپشۇرغان ئەلچىلىكىنى يەتكۈزمىگەن بولىسەن»[25]. «سېنىڭ ۋەزىپەڭ تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەتتۇر»[26]. «بۇ ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەتلا تەبلىغ قىلىشتۇر»[27]. «ئەلچىمىزنىڭ ۋەزىپىسى تەبلىغدىنلا ئىبارەتتۇر»[28].«رەببىڭدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن»[29]. «سەن، ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن. سەن ئەلۋەتتە توغرا يولدىسەن»[30]. «بىز ئۇلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە زورلىغۇچى ئەمەس. سەن مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشمدىن قورقىدىغان كىشىگە قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىن»[31].

6) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پېئىلى، نەسىھىتى ۋە ۋەسىيىتى

«مەن ماڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن»[32]. «مېنىڭ تەرىپىمدىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار»[33]. »سىلەرگە مەن ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. ئۇنى مەھكەم تۇتساڭلار ئېزىپ كەتمەيسىلەر»[34].

7) ئىنسانلارنىڭ قۇرئان ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى

«ئى ئىنسانلار! رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئەگىشىڭلار»[35]. «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ قۇرئانىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار»[36].

8) قۇرئان پايدا قىلىدىغانلار ۋە زىيان قىلىدىغانلار

«بىز نازىل قىلغان قۇرئان مۇئمىنلارغا شىپا ۋە رەھمەت بولىدۇ، زالىملارنىڭ تېخىمۇ كۆپ زىيان تارتىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ»[37]. «ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن-ئىككىدىن بولغان بىر كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى. رەببىدىن قورقىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئېھتىرام قىلىدىغانلارنىڭ تېرىلىرى ئۇنىڭدىن تىترەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ تېرىلىرى ۋە قەلبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۇمشايدۇ. ئەنە شۇ كىتاب ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ»[38]. «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلاردىن نەسىھەت، دىللاردىكى دەردلەرگە شىپا، مۇئمىنلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت كەلدى»[39]. «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلاردىن كەسكىن دەلىل كەلدى. بىز سىلەرگە پارلاق نۇر نازىل قىلدۇق. ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا يېپىشقانلارغا كەلسەك، ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنى رەھمىتى ۋە پەزلىگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلارنى ئۆزىگە يەتكۈزىدىغان توغرا يولغا باشلايدۇ»[40]. «ئەگەر بىز ئۇنى ئەجەمچە قۇرئان قىلغان بولساق، ئۇلار: <بۇنىڭ ئايەتلىرى نېمىشقا بىز چۈشىنىدىغان تىلدا بايان قىلىنمىدى؟ ئەرەبكە ئەجەمچە كىتاب نازىل قىلىنامدۇ؟> دەيتتى. ئېيتقىنكى: <ئۇ ئىمان ئېيتقانلارغا ھىدايەت ۋە شىپادۇر. ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىق بار. قۇرئان ئۇلارغا بىر كورلۇقتۇر. ئۇلار خۇددى يىراقتىن چاقىرىلماقتا>»[41].

9) قۇرئانغا ئەمەل قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتى

«مانا بۇ قۇرئان بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر. بۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر»[42]. «ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار چوقۇم غالىب كېلىسىلەر»[43]. «ئىززەت ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا مەنسۇب، لېكىن مۇناپىقلار بىلمەيدۇ»[44]. «شۈبھىسىزكى، بىز ئەلچىلىرىمىزگە ۋە مۇئمىنلارغا، دۇنيا ھاياتىدا ۋە گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدىغان كۈندە ياردەم بېرىمىز»[45].

10) قۇرئانغا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ جازاسى

«بىز نازىل قىلغان روشەن ئايەتلەرنى ۋە ھىدايەتنى بىز كىتابتا ئىنسانلار ئۈچۈن بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ، لەنەت قىلغۇچىلارمۇ لەنەت قىلىدۇ»[46]. «كىمكى مېنىڭ قۇرئانىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنى قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشىتىمىز ۋە قىيامەت كۈنى كور ھالەتتە ھەشىر قىلىمىز. ئۇ: ‹رەببىم! مېنى نېمىشقا كور ھالەتتە ھەشىر قىلدىڭ؟ ھالبۇكى، مەن كۆرىدىغان بىرى ئىدىم› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا: ‹شۇنداق ئىدىڭ، لېكىن ساڭا ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى ئۇنتۇدۇڭ، سەنمۇ بۈگۈن ئەنە شۇنداق ئۇنتۇلىسەن› دەيدۇ»[47].

«كىم رەھماننىڭ قۇرئانىدىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇنىڭغا بىر شەيتان مۇسەللەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيتان ئۇنىڭ ھەمراھى بولىدۇ. شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزغا كەلگەندە ھەمراھىغا: <كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا مەشرىق بىلەن مەغرىب ئارسىدەك يىراقلىق بولسا ئىدى! سەن نېمىدېگەن يامان ھەمراھ!> دەيدۇ. ئۇلارغا: <بۈگۈنكى پۇشايمىنىڭلار سىلەرگە ھېچ پايدا بەرمەيدۇ. چۈنكى سىلەر زۇلۇم قىلىدىڭلار. سىلەر ئازابتا ئورتاق بولىسىلەر> دېيىلىدۇ»[48].

[1] ئىسرا 17/9.

[2] فۇسسىلەت 41/41- ۋە 42- ئايەتلەر.

[3] تارىق 86/13، 14.

[4] يۇسۇف 12/111.

[5] بەقەرە 2/185.

[6] ۋاقىئە 56/77.

[7] بۇرۇج 85/21.

[8] ياسىن 36/69.

[9] جاسىيە 45/20.

[10] ساد 38/29.

[11] قەمەر 54/17، 22، 32، 40.

[12] نەھل 16/89.

[13] ئىنسان 76/23.

[14] شۇرا 42/7.

[15] نەجم 53/1-12.

[16] بۇ توغرىدا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك رىۋايەت بار: 1- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى قۇرەيش خەلقى كەبىنى يېڭىلىغان. ئۇلار ئاخىرىدا ھەجرۇلئەسۋەدنى قەيەرگە قويۇش توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىپ قالغان، ھەتتا قىلىچلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىلى تاس قالغان. شۇنىڭ بىلەن  ئۇلار ئىشىكتىن كىم دەسلەپتە كىرسە ھەجرۇلئەسۋەدنى شۇ قويسۇن دەپ ئىتتىپاقلاشقان. ئىشىكتىن دەسلەپتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىرگەن، ئۇلار: «بۇ ئەمىن» دېيىشكەن. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى جاھىلىيەت دەۋرىدە «ئەمىن» دەپ ئاتايتتى….. (ئەبۇ جەئفەر تاھاۋى، شەرھۇ مۇشكىلىل ئاسار 14، 240؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد 24، 262؛ ھاكىم، مۇستەدرەك 1، 628). 2- رەسۇلۇللاھ (ئە.س) دەۋىتىنى باشلىغان چاغلاردا بىر كۈنى قۇرەيشنىڭ پۈتۈن جەمەتىنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر مەن سىلەرگە ماۋۇ تاغنىڭ ئارقىسىدا بىر ئاتلىق قوشۇن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ دېسەم مېنى تەستىقلامسىلەر؟ دېگەن ئىدى، ئۇلار: «بىز سېنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىڭنى كۆرمىدۇق، بىز سېنىڭ پەقەت راستچىل ئىكەنلىكىڭنى كۆردۇق» دېيىشتى- (بۇخارى، سەھىھ، تەفسىر 4492، 4687).

[17] بۇ يەردىكى «شاھىدلار» ياردەمچىلەر، كۆزەتكۈچىلەر، گۇۋاھچىلار، قاتناشقۇچىلار، دېگەن مەنالاردىن بىرىنى ئىپادىلەيدۇ.

[18] بەقەرە 2/23-24.

[19] ھۇد 11/13.

[20] ئىسرا 17/88.

[21]  نىسا 4/82.

[22] «قۇرئاننى تەدەببۇر قىلىش»نىڭ مەنىسى، قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈش، ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى چۈشىنىش، ھېكمەتلىرىنى بىلىش ۋە ئايەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى تېپىش ئۈچۈن ئالدىرىماي ئويلىنىش، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش، ئايەتلەرنىڭ كەلىمە ۋە جۈملىلىرىنىڭ دالالەت ۋە مەقسەتلىرىنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ مەنىلەرنى بىر كەلىمە بىلەن ئىپادىلەش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇ كەلىمىنى ئەينەن ئالدۇق.

[23] مۇھەممەد 47/24.

[24]  ھەدىد 57/16.

[25] مائىدە 5/67.

[26] ئال ئىمر4ان 3/20، رەئد 13/40، نەھل 16/80، شۇرا 42/48.

[27] مائىدە 5/99، نۇر 24/54، ئەنكەبۇت 29/18.

[28] مائىدە 5/92، تەغابۇن 64/12.

[29] ئەنئام 6/106، يۇنۇس 10/109، ئەھزاب 33/2.

[30] زۇخرۇف 43/43.

[31] يەنى، سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئۇلارنى زورلاش ئەمەس، بەلكى مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىمدىن قورقىدىغانلارغا قۇرئاندىكى ھەقىقەتلەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسلىتىشتۇر، خالاس.

[32] ئەنئام 6/50، ئەئراف 7/203، يۇنۇس 10/15، ئەھقاف 46/9.

[33] بۇخارى، ئەنبىيا 50؛ تىرمىزىي، ئىلىم 13؛ دارىمىي، مۇقەددىمە 46؛ مۇسنەد ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 3/159، 202، 214

[34] مۇسلىم، سەھىھ، ھەج، 19، 147 – (1218)؛ ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، مەناسىك 1905؛ ئىبىن ماجە، سۇنەن، مەناسىك 84 (3074). بۇ ھەدىس مەزكۇر ئۈچ مەنبەدە زىكىر قىلىنىدۇ. يۇقىرىدىكى مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدۇر؛ «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» (ئۇيغۇرچە)، ۋىدالىشىش نۇتقى.

[35] ئەئراف 7/3؛ زۇمەر 39/55.

[36] ئال ئىمران 3/103. بۇ ئايەتتىكى «ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى»، «قۇرئان ئاللاھنىڭ مەھكەم ئارغامچىسىدۇر» دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن «ئاللاھنىڭ قۇرئانى» دەپ ئىزاھلاندى. (ھەدىس- تىرمىزى، سۇنەن، فەزائىلىل قۇرئان 2906، دارىمى، سۇنەن، فەزائىلىل قۇرئان 3374، بەيھەقى، شۇئەبۇل ئىمان، 19/1788، ھاكىم، مۇستەدرەك، فەزائىلىل قۇرئان 7/2040).

[37] ئىسرا 17/82.

[38] زۇمەر 39/23.

[39] يۇنۇس 10/57.

[40] نىسا 4/174، 175.

[41] فۇسسىلەت 41/44.

[42] ئەنئام 6/155.

[43] ئال ئىمران 3/139.

[44] مۇنافىقۇن 63/8.

[45] غافىر 40/51.

[46] بەقەرە 2/159.

[47] تاھا 20/124-126.

[48]  زۇخرۇف 43/36-39.


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ