خاتا زېھنىيەتتىكى قۇرئان
باش بەت > شېئىرىيەت گۈلزارى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 

سىرلىق، ئۇلۇغ، تەۋەررۈك، تىلسىماتتۇر بۇ قۇرئان،

بەرىكەتلىك، مۇقەددەس، چوڭ كىتابتۇر بۇ قۇرئان،

ھەر ھەرپىگە ئون ساۋاپ، خەزىنىدۇر بۇ قۇرئان،

ئايەتلىرى شىپالىق، خاسىيەتلىك بۇ قۇرئان،

ئەجدادلارنىڭ مىراسى ئەۋلادلارغا بۇ قۇرئان.

 

بەزى چاغدا يىغىلىپ لەۋزى تامام قىلىنۇر[1]،

ئارا-سىرە ئېچىلىپ يۈز-كۆزلەرگە سۈرتۈلۈر،

بۇرۇنقىدەك يەنە ئۆز خالتىسىغا سېلىنۇر،

ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلۇغلاپ ئېگىز جايدا قويۇلۇر،

تاھارەتسىز ھەرگىزمۇ تۇتۇلمايدۇ بۇ قۇرئان.

 

مۇسىبەتتە، قايغۇدا، سەكراتتا، قەبرىستاندا،

ئۈچ، يەتتە، يىگىرمە، قىرىق، ئەللىك ئىككى، يىللاردا[2]،

رەدنامە، خەتمە، دۇئا ھەم نەزىر-چىراغلاردا[3]،

ئۆلۈم پەتىسىدە ھەم خۇسۇسىي سورۇنلاردا،

ئايرىپ بەزى يەرلىرى ئوقۇلىدۇ بۇ قۇرئان.

 

جىنكەش، باخشى، ئەپسۇنچى، پالچى، داخان، قەلەندەر،

تاللاپ بەزى ئايەتلەر، كەلىمە يا جۈملىلەر،

قوشۇپ يەنە قانداقتۇر بەزى مۈجمەل گەپ-سۆزلەر،

مۇئەييەن ساندا ئوقۇپ، بىمارلارغا سۈپكۆچلەر،

قارىماققا ئۇلۇغلاپ، ھۆرمەتلەنگەن بۇ قۇرئان.

 

يېڭى تۇغقان ئايالنىڭ باش ئۈستىگە ئېسىلغان،

جىن، ئالۋاستى، دىۋىدىن ساقلايدۇ دەپ ئويلانغان،

پادا تاغقا ماڭغاندا ئىشىك بېشتا قويۇلغان[4]،

باشقا چاغلاردا ئېگىز جايدا قويۇپ ساقلانغان،

چاڭ-توزانلار ئىچىدە خارلانماقتا بۇ قۇرئان.

 

تۇتقۇزىدۇ بەزىلەر بالىسىغا قۇرئاننى

بىر موللامغا بېرىدۇ دەپ چىقار ساۋاتىنى

قارىي بولسۇن مۇرەتتەپ چىڭ تۇت بۇنىڭ ۋاقتىنى

ھېچ بولمىسا يادلىسۇن «تابارەك»نى، «ياسىن»نى،

ئۆلگىنىمدە ئوقۇسۇن مازارىمدا بۇ، قۇرئان.

 

كۆپچىلىكنىڭ ئىچىدە «قۇرئان ئۇلۇغ» بىلىنگەن،

مۇقاۋىسى چىرايلىق گۈللۈك قىلىپ ئىشلەنگەن،

قەغەز، كانار، تۇرغۇچ، خەتلىرىگە ھەل بېرىلگەن،

لېكىن ھۆكمىگە لايىق ئەھمىيەت بېرىلمىگەن،

رەھبەرلىك ۋەزىپىستىن ئېپتاشلانغان بۇ قۇرئان.

 

‏18‏/08‏/2017

 

[1] بۇ ئىش ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا «قۇرئان تامام قىلماق»، تۈركىيە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا «خەتىم ئىندىرمەك» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا بەزى كىشىلەرنىڭ دەۋىتى بىلەن جامائەت بىر ئۆيگە يىغىلىپ قۇرئان كەرىمنىڭ لەۋزىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈپ باشتىن-ئاخىر بىر ئوقۇيدۇ. ھەر كىشى ئۆزىگە تەقسىم بولغان پارىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئارىدىن بىر قارىم تەكلىپ بىلەن بىر خەتمە سەغىر قىلىدۇ. قارىم ئىخلاس، فەلەق، ناس، فاتىھە سۈرىلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاۋۋالقى بەش ئايىتى، 163-، 255- ۋە ئاخىرقى ئىككى ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەرنى مۇشۇ تەرتىپ بىلەن مۇڭلۇق ئاۋازدا ئوقۇيدۇ، باشقىلار جىم-جىتلىق ئىچىدە تىڭشايدۇ. بۇ ئىش «خەتمە سەغىر» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاخىرىدا بىر مويسىپىت كىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇزۇن بىر دۇئا قىلىنىدۇ. بۇ ئىش «قۇرئان تامام قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئان تامام قىلدۇرغانلار ئاساسەن زىياندىن قۇتۇلۇش، پايدىغا ئېرىشىش، مۈشكۈلىنى ئاسان قىلىش، دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا تېپىش قاتارلىقلارنىڭ بىرىنى مەقسەت قىلغان كىشىلەر بولىدۇ.

[2] بىر كىشى ۋاپات بولسا، ئائىلىسى ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى، «ئۈچى»، يەتتىنچى كۈنى «يەتتىسى»، 40- كۈنى «قېرىقى»، 52- كۈنى «ئەللىك ئىككىسى» (بۇ تۈركىيە تۈرلىرى ئارىسىدا بار ئادەتتۇر)، بىر يىل بولغان كۈنى «يىلى» دەپ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يېقىن-يورۇقلارنى چاقىرىپ، بىر زىياپەت بېرىدۇ ۋە بۇنى «نەزىر-چىراغ» دەپ ئاتايدۇ.

[3] «رەدنامە»، «خەتمە» «دۇئا» ۋە «نەزىر-چىراغ» ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر يۈرۈش خۇراپىي پائالىيەتلەر. ئەسكەرتىش: بۇ يەردىكى دۇئا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى «دۇئا-تەلەپ» دېگەن ئادەتنى كۆرسىتىدۇ.

[4] چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى قىش پەسلىدە ئېغىلغا سۇلاپ باقىدۇ، ئەتىيازنىڭ بولۇشى تاغقا (يايلاققا) ئېلىپ ماڭىدۇ. چارۋىلار ئېغىلدىن چىقىۋاتقان ئەسناسىدا ئېغىلنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۈستىگە بىر قۇرئان كەرىم قويىدۇ. ئۇلار بۇنىڭدىن چارۋىلارنىڭ بالا-قازادىن ئامان قېلىشىنى، تۇغۇپ كۆپىيىشى ۋە ساق-سالامەت قايتىشىنى… مەقسەت قىلىدۇ.


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ