باش بەت > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

نەبىي ۋە ئۆلىمانى ئىلاھلاشتۇرۇش

«…ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ ئالىملارغا كىچىككىنە بولسىمۇ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى بىرىش، ئاللاھتىن باشقىسىنى «رەب» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. شەيتانلارغا، تاغۇتلارغا، نەمرۇدلارغا، فىرئەۋىنلەرگە، بۇتلارغا ۋە ھەيكەللەرگە چوقۇنۇش قانداق شېرك ۋە كۇپۇرلۇق بولغان بولسا، ئالىملارغا، ئاللاھقا قۇل بولۇشتىنمۇ ئۈستۈن قىممەت بېرىش ئوخشاشلا شېرك ۋە كۇپۇرلۇقتۇر…»(ئەلمالىلى).

 خىرىستىيانلار، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك سەپسەتىسىگە ئاساسلىنىپ بىر سېستېما قۇرۇپ، ئاۋۋال بۇنى، ئاندىن چېركاۋنى ئىلاھىلاشتۇرۇپ، ئاللاھنىڭ دىنىنى چۈشەنگۈسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشتى. ھالبۇكى، يەھۇدىلەر ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمىگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن ئىدى:

﴿وَقَوْلِهِمْ إِنَّا قَتَلْنَا الْمَسِيحَ عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ رَسُولَ اللّهِ وَمَا قَتَلُوهُ وَمَا صَلَبُوهُ وَلَكِن شُبِّهَ لَهُمْ وَإِنَّ الَّذِينَ اخْتَلَفُواْ فِيهِ لَفِي شَكٍّ مِّنْهُ مَا لَهُم بِهِ مِنْ عِلْمٍ إِلاَّ اتِّبَاعَ الظَّنِّ وَمَا قَتَلُوهُ يَقِينًا﴾

«ئۇلار: مەريەمنىڭ ئوغلى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىيسا مەسىھنى چوقۇم بىز ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرمىدى ۋە دارغا ئاسمىدى، لېكىن ئۇلارغا شۇنداق كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ئەلۋەتتە شەك ئىچىدىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىلىمى يوق، لېكىن ئۇلار گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. ئۇلار ئۇنى قەتئىي ئۆلتۈرمىدى». -سۈرە نىسا 157-ئايەت

ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى نەبىيلەردىن كېيىن خاتا يوللارغا كىرىپ كەتكەن ئىدى . ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿فَخَلَفَ مِن بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلَاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا. إِلَّا مَن تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَأُوْلَئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ وَلَا يُظْلَمُونَ شَيْئًا﴾

«لېكىن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يامان بىر نەسىل كەلدى. ئۇ نەسىل نامازنى زايە قىلدى ۋە ھەۋەسلىرىگە ئەگەشتى. ئۇلار ئازغۇنلۇقىنىڭ جازاسىنى يېقىندا تارتىدۇ. لېكىن تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار ئۇنداق ئەمەس. بۇلار ھېچبىر زۇلۇمغا ئۇچرىماستىن جەننەتكە كىرىدۇ». -مەريەم سۈرىسى 59 ۋە60-ئايەت.

بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال مۇسۇلمانلاردىمۇ كۆرۈلگەن. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرەتتە مۇنۇ سۆزنى ئېيتىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن:

﴿وَقَالَ الرَّسُولُ يَا رَبِّ إِنَّ قَوْمِي اتَّخَذُوا هَذَا الْقُرْآنَ مَهْجُورًا﴾

«رەسۇلۇللاھ[1]: ئى رەببىم! قەۋمىم بۇ قۇرئاننى ئۆزىدىن يىراق تۇتتى دېدى»-فۇرقان سۈرىسى 30-ئايەت.

بۇ ئايەتلەر نەبىمىزنىڭ مۇنداق دېيىشىگە سەۋەپ بولغان:

 «سىلەر بۇرۇنقىلارنىڭ ئىزلىرىنى چۇقۇم غېرىچمۇ غېرىچ، قەدەممۇ قەدەم باسىسىلەر. ئۇلار بىر كەسلەنچۈكنىڭ ئۇۋىسىغا كىرگەن بولسا، سىلەرمۇ كىرىسىلەر.

 بىز: ئۇلار يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارمۇ؟ دېدۇق.

–  يەنە، كىم بولاتتى؟-دېدى». (بۇخارى، ئىتىسام بىسسۈننە،14).

 نەبىمىزنىڭ بۇ سۆزىمۇ يۇقۇرىدىكى ئايەتنىڭ بايانىدۇر:

 «مەھشەر كۈنى، ساھابىلىرىمدىن بىر قىسمى سول تەرىپىمگە ئېلىنىدۇ. مەن: «ساھابىلىرىم! ساھابىلىرىم!» دەيمەن. ئاللاھ تائالا شۇنداق دەيدۇكى: « بۇلار سەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن داۋاملىق كەينىگە ماڭدى». مەنمۇ ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىسى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دېگىنىدەك مۇنداق دەيمەن:

﴿مَا قُلْتُ لَهُمْ إِلاَّ مَا أَمَرْتَنِي بِهِ أَنِ اعْبُدُواْ اللّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ وَكُنتُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَّا دُمْتُ فِيهِمْ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنتَ أَنتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ وَأَنتَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ. إِن تُعَذِّبْهُمْ فَإِنَّهُمْ عِبَادُكَ وَإِن تَغْفِرْ لَهُمْ فَإِنَّكَ أَنتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ﴾

«مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان مۇنۇ سۆزنىلا ئېيتتىم: مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا، ئۇلارنى كۆرەتتىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارغا پەقەت سەنلا كۆزەتكۈچى بولدۇڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن.ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭ. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»- مائىدە سۈرىسى،117ۋە 118-ئايەتلەر.[2]

نەبىلىك قۇرئاندا بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ياشىتىلغان تۇرسىمۇ، مۇسۇلمانلار خىرىستىيانلارغا ئوخشاش شەكىلدە نەبىلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئۇنى، ئاندىن ئالىملىرىنى ئىلاھلاشتۇردى.

 نەبى

نەبى «قىممىتى ئاللاھ تەرىپىدىن يۈكسەلتىلگەن زات»تۇر[3]. ئاللاھ سۈرە ئەنئامنىڭ 83 ۋە ئۇنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەردە، نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامغىچە 18 نەبىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمِنْ آبَائِهِمْ وَذُرِّيَّاتِهِمْ وَإِخْوَانِهِمْ وَاجْتَبَيْنَاهُمْ وَهَدَيْنَاهُمْ إِلَى صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ﴾

«بىز ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن، نەسىللىرىدىن ۋە قېرىنداشلىرىدىن بەزىلىرىنمۇ ئۈستۈن قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق» – ئەنئام سۈرىسى، 87-ئايەت

 سانى 124 مىڭ دەپ رىۋايەت قىلىنغان[4] نەبىيلەرنىڭ ھەممىسى، بۇ 18 نەبىينىڭ يا ئاتا-بوۋىلىرى، يا قېرىنداشلىرى ياكى ئۇرۇق-جەمەتىدىن كەلگەنلەردۇر. ئۇ ئايەتتىن كېيىن ئاللاھ مۇنداق دېگەن:

﴿أُوْلَئِكَ الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ فَإِن يَكْفُرْ بِهَا هَؤُلاء فَقَدْ وَكَّلْنَا بِهَا قَوْمًا لَّيْسُواْ بِهَا بِكَافِرِينَ﴾

«شۇلار بىز كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە نەبىيلىكنى بەرگەن كىشىلەردۇر. ئەگەر بۇ مۇشرىكلار ئۇلارنى ئىنكار قىلسا، بىز ئۇلارنى ئىنكار قىلمايدىغان بىر قەۋمگە تاپشۇرىمىز»- ئەنئام سۈرىسى، 89-ئايەت.

دېمەككى، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئەڭ ئاخىرقى نەبىيلەرگىچە ھەممىسىگە كىتاپ ۋە ھېكمەت بېرىلگەن. تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن نەبىيلەرگە كىتاپ بېرىلگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز:

﴿كَانَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً فَبَعَثَ اللّهُ النَّبِيِّينَ مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ وَأَنزَلَ مَعَهُمُ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِيَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ فِيمَا اخْتَلَفُواْ فِيهِ وَمَا اخْتَلَفَ فِيهِ إِلاَّ الَّذِينَ أُوتُوهُ مِن بَعْدِ مَا جَاءتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ فَهَدَى اللّهُ الَّذِينَ آمَنُواْ لِمَا اخْتَلَفُواْ فِيهِ مِنَ الْحَقِّ بِإِذْنِهِ وَاللّهُ يَهْدِي مَن يَشَاء إِلَى صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ﴾

«ئىنسانلار بىر ئۈممەت ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا، خۇش خەۋەر بېرىدىغان ۋە ئاگاھلاندۇرىدىغان نەبىيلەرنى ئەۋەتتى. ئىنسانلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ ئۇ نەبىيلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقنى كۆرسىتىدىغان كىتابنى نازىل قىلدى. لېكىن كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە ئوچۇق دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارىسىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى. ئاندىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى ئارقىلىق، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقنى مۇئمىنلارغا كۆرسەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»-بەقەرە سۈرىسى، 213-ئايەت.

﴿وَإِذْ أَخَذَ اللّهُ مِيثَاقَ النَّبِيِّيْنَ لَمَا آتَيْتُكُم مِّن كِتَابٍ وَحِكْمَةٍ ثُمَّ جَاءكُمْ رَسُولٌ مُّصَدِّقٌ لِّمَا مَعَكُمْ لَتُؤْمِنُنَّ بِهِ وَلَتَنصُرُنَّهُ قَالَ أَأَقْرَرْتُمْ وَأَخَذْتُمْ عَلَى ذَلِكُمْ إِصْرِي قَالُواْ أَقْرَرْنَا قَالَ فَاشْهَدُواْ وَأَنَاْ مَعَكُم مِّنَ الشَّاهِدِينَ﴾

«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ نەبىيلەردىن ئەھدە ئېلىپ: مەن سىلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەندىن كېيىن، قولۇڭلاردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان بىر رەسۇل كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىمان كەلتۈرۈشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك. بۇ توغرىدا ماڭا ئەھدە بېرىپ ئېغىر يۈكۈمنى[5] ئۈستۈڭلارغا ئالدىڭلارمۇ؟ دېگەن ئىدى. ئۇلار: ئەھدە بەردۇق دېدى. ئاللاھ: ئۇنداق بولسا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھچىلاردىن دېدى»-ئال ئىمران سۈرىسى، 81-ئايەت.

ئىلگىرىكى نەبىلەرگە بېرىلگەن كىتاپلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ مەزمۇنى بىزگە بېرىلگەن كىتاپلارنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿شَرَعَ لَكُم مِّنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ ﴾

«ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيىساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا پىرقىلەرگە بۆلۈنمەڭلار»-شۇرا سۈرىسى، 13-ئايەت.

 بارلىق نەبىلەرگە كىتاپ ۋە ھېكمەت بېرىلگەنلىكى ئېنىق تۇرسىمۇ ئەنئەنىدە پەقەت تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇر ۋە قۇرئان چۈشۈرۈلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ. نەبىمىزدىن رىۋايەت قىلىنغان ناھايتتىمۇ زەئىپ بىر ھەدىستە ئادەم ئەلەيھىسسالامغا 10 بەت، شىت ئەلەيھىسسالامغا 50 بەت، ئىدرىسكە 30 بەتتىن جەمئىي 100 بەت چۈشۈرۈلگەنلىكى ئېيتىلىدۇ[6]. مۇشۇ بويىچە جەمئىي 8 نەبىيگە كىتاپ بېرىلگەن بولىدۇ.

 نەبى بولغان رەسۇل

رەسۇل: بىرىنىڭ سۆزىنى ھېچقانداق بىر نەرسە قوشماستىن باشقا بىرىگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كىشىدۇر[7]. تۈرۈكچىدە ئۇنى «ئەلچى» دەيمىز. ھەر نەبىي ئۆزىگە بېرىلگەن كىتابنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن نەبى بولۇش بىلەن بىرگە رەسۇل بولىدۇ. شۇڭلاشقا، قۇرئان ئۇلارنى «نەبى» بولغان «رەسۇل» دەپ ئاتايدۇ.   ئالدىمىزدا، «نەبى» بولمىغان رەسۇللارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرىمىز.

 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مُوسَى إِنَّهُ كَانَ مُخْلَصًا وَكَانَ رَسُولًا نَّبِيًّا﴾

«بۇ كىتابتا مۇسانىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ تاللانغان بىرى ئىدى، رەسۇل ئىدى، نەبىي ئىدى»-مەريەم سۈرىسى، 51-ئايەت.

﴿وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِسْمَاعِيلَ إِنَّهُ كَانَ صَادِقَ الْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًا نَّبِيًّا﴾

«بۇ كىتابتا ئىسمائىلنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بىرى ئىدى[8]، رەسۇل ئىدى، نەبىي ئىدى»-مەريەم سۈرىسى، 54-ئايەت.

 ئاللاھ تائالا رەسۇللارنىڭ ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَقَالَ الَّذِينَ أَشْرَكُواْ لَوْ شَاء اللّهُ مَا عَبَدْنَا مِن دُونِهِ مِن شَيْءٍ نَّحْنُ وَلا آبَاؤُنَا وَلاَ حَرَّمْنَا مِن دُونِهِ مِن شَيْءٍ كَذَلِكَ فَعَلَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ فَهَلْ عَلَى الرُّسُلِ إِلاَّ الْبَلاغُ الْمُبِينُ﴾

«مۇشرىكلار: ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، نە بىز، نە ئاتا-بوۋىلىرىمىز- ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان بولاتتۇق ۋە ئاللاھقا قارشى ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق. دېدى» – نەھىل سۈرىسى، 35-ئايەت.

﴿يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ وَإِن لَّمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُ وَاللّهُ يَعْصِمُكَ مِنَ النَّاسِ إِنَّ اللّهَ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ﴾

«ئى ئەلچى! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى تەبلىغ قىل. ئەگەر قىلمىساڭ ئۇ تاپشۇرغان ئەلچىلىكىنى يەتكۈزمىگەن بولىسەن. ئاللاھ سېنى ئىنسانلاردىن ساقلايدۇ. ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ»-مائىدە سۈرىسى،67- ئايەت.

 نەبىي بولغان رەسۇللارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىردۇر. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە سۆز قوشسا ياكى قىسقارتسا جازالىرى ئۆلۈمدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَوْ تَقَوَّلَ عَلَيْنَا بَعْضَ الْأَقَاوِيلِ. لَأَخَذْنَا مِنْهُ بِالْيَمِينِ. ثُمَّ لَقَطَعْنَا مِنْهُ الْوَتِينَ. فَمَا مِنكُم مِّنْ أَحَدٍ عَنْهُ حَاجِزِينَ﴾

«ئەگەر ئۇ ئەلچى بەزى سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ بىزگە چاپلىسا ئىدى، ئۇنى ئوڭ قولىدىن تۇتقان بولاتتۇق،ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئارتېرىيە تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق. ھېچبىرىڭلار ئۇنى قوغدىيالمايتتىڭلار»-ھاققە سۈرىسى، 44 ۋە 47-ئايەتلەر.

 بىر نەبىينىڭ رەسۇل / ئەلچى سۈپىتىدە يەتكۈزىدىغان سۆزلىرى ئاللاھنىڭ سۆزىدىن باشقا سۆز بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىتائەت، ئۇ سۆزلەرنىڭ ساھىبى بولغان ئاللاھقا ئىتائەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿مَمَن تَوَلَّى فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا﴾

«كىم رەسۇلۇللاھقا[9] ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ چوقۇم ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ»-نىسا سۈرىسى، 80-ئايەت.

شەرتسىز ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلغان نەرسە نەبى بولغان رەسۇلنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئۇ يەتكۈزگەن ئايەتلەردۇر.

ھېكمەت

نەبىلەرگە كىتاپ بىلەن بىرلىكتە ھېكمەتمۇ بېرىلگەندۇر. ھېكمەت- (ھەم كىتاپتىن توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئۇسۇلى، ھەمدە چىقىرىلغان توغرا ھۆكۈم) دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. نەبىلەر ئۇ ئۇسۇللارنى رەسۇل سۈپىتى بىلەن ئۆگىتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرى ئۇلارغا بېرىلگەن كىتاپنىڭ ئىچىگە يەرلەشتۈرۈلگەندۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنى بىنا قىلغاندىن كېيىن مەككە خەلقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنداق دۇئا قىلدى:

﴿رَبَّنَا وَابْعَثْ فِيهِمْ رَسُولاً مِّنْهُمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِكَ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُزَكِّيهِمْ إِنَّكَ أَنتَ العَزِيزُ الحَكِيمُ﴾

«رەببىمىز! ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن ئەلچى ئەۋەتكى، ئۇلارغا سېنىڭ ئايەتلىرىڭنى تىلاۋەت قىلىپ بەرسۇن، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھىكمەتنى ئۆگەتسۇن، ئۇلارنى پاكلىسۇن. شۈبھىسىزكى، سەن غالىب كەلگۈچىسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»-بەقەرە سۈرىسى، 129-ئايەت.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئايەتلەردىن بىرى مۇنداق:

﴿لَقَدْ مَنَّ اللّهُ عَلَى الْمُؤمِنِينَ إِذْ بَعَثَ فِيهِمْ رَسُولاً مِّنْ أَنفُسِهِمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِهِ وَيُزَكِّيهِمْ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَإِن كَانُواْ مِن قَبْلُ لَفِي ضَلالٍ مُّبِينٍ﴾

«ئاللاھ مۇئمىنلارغا ئۆز ئىچىدىن ئەلچىلەر ئەۋەتىپ ناھايىتى چوڭ ئىنئام قىلدى. ئۇ ئەلچىلەر ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، ئۇلارنى پاكلايدۇ، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوپئوچۇق بىر ئازغۇنلۇقتا ئىدى»- ئالئىمران سۈرىسى، 164-ئايەت.

 ھېكمەتنىڭ رەسۇل سۈپىتى بىلەن ئۆگىتىلىشى، بۇنىڭ بىر تەبلىغ ئىشى ئىكەنلىكىنى[10] ۋە ئايەتلەردە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تەبلىغدە خاتالىق يوق، ئەمما ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە خاتالىق سادىر بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّا أَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِتَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ بِمَا أَرَاكَ اللّهُ وَلاَ تَكُن لِّلْخَآئِنِينَ خَصِيمًا﴾

«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا بۇ كىتابنى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭ ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق. خائىنلارغا يان بېسىپ گۇناھسىزلارغا دۈشمەن بولما!» – نىسا سۈرىسى، 105-ئايەت.

«خائىنلارغا يان بېسىپ گۇناھسىزلارغا دۈشمەن بولما!» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرگەندە خاتالىق يۈز بىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭلاشقىمۇ نەبىمىزنىڭ خاتالىقىنى كۆرسەتكەن ھېچبىر ئايەتتە رەسۇل كەلىمىسى تىلغا ئېلىنمايدۇ. بەدىر ئۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى بۇنىڭغا مىسال قىلالايمىز.

 بەدر ئۇرۇشى

 نەبىمىز بەدر جېڭىدە بىر خاتا قارار بىلەن دۈشمەنلەرنى ئەسىر ئالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن نەبىمىز ۋە ئۇنىڭ بۇ قارارىغا ئاۋازىنى چىقارمىغان مۇسۇلمانلار مۇنداق ئېغىر سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى:

﴿مَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَن يَكُونَ لَهُ أَسْرَى حَتَّى يُثْخِنَ فِي الأَرْضِ تُرِيدُونَ عَرَضَ الدُّنْيَا وَاللّهُ يُرِيدُ الآخِرَةَ وَاللّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ. لَّوْلاَ كِتَابٌ مِّنَ اللّهِ سَبَقَ لَمَسَّكُمْ فِيمَا أَخَذْتُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ﴾

«ھېچبىر نەبىينىڭ ئۇرۇشتا، دۈشمىنىنى يېڭىپ قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەي تۇرۇپ، ئەسىر ئېلىشلىرى توغرا ئەمەس ئىدى. سىلەر دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىسىلەر. ئاللاھ ئاخىرەتنى ئىرادە قىلىدۇ. ئاللاھ غالىب كەلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.ئەگەر ئاللاھنىڭ بۇرۇن يازغان بىر ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئالغان فىديەڭلەر تۈپەيلىدىن ئەلۋەتتە چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار»- ئەنفال سۈرىسى، 67 ۋە 68-ئايەتلەر.

بۇ ئېغىر سۆزلەر، بۇندىن بۇرۇن نازىل بولغان مۇنۇ ئايەتكە ئەمەل قىلمىغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئىدى[11]:

﴿فَإِذا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّى إِذَا أَثْخَنتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاء حَتَّى تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا ذَلِكَ وَلَوْ يَشَاء اللَّهُ لَانتَصَرَ مِنْهُمْ وَلَكِن لِّيَبْلُوَ بَعْضَكُم بِبَعْضٍ وَالَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَلَن يُضِلَّ أَعْمَالَهُمْ﴾

«جەڭ مەيدانىدا كافىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلارنى قىرىپ تاشلاڭلار. ئاخىرى ئۇلارنى يېڭىپ، قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ چىڭ تۇتۇڭلار. ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار. ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلىغانغا قەدەر شۇنداق قىلىڭلار. بۇ ئىش مانا مۇشۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالاتتى. لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن ئىمتىھان قىلىدۇ. ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ»- مۇھەممەد سۈرىسى، 4-ئايەت.

 «ئەگەر ئاللاھنىڭ بۇرۇن يازغان بىر ھۆكمى بولمىسا ئىدى» سۆزىنىڭ ھېكايىسى مۇنداق ئىدى:

 مۇسۇلمانلار مەككىدىكى چېغىدا رىملىقلار پارسلارغا يېڭىلگەن ئىدى. نازىل بولغان مۇنۇ ئايەتلەر، رىملىقلارنىڭ ئۈچ يىل بىلەن توققۇز يىل ئارىسىدا غالىپ كېلىدىغانلىقى، ئۇ كۈن مۇسۇلمانلارنىڭمۇ بىر غەلبە بىلەن شاتلىنىدىغانلىقىنى بىشارەت بەرگەن ئىدى:

﴿الم. غُلِبَتِ الرُّومُ. فِي أَدْنَى الْأَرْضِ وَهُم مِّن بَعْدِ غَلَبِهِمْ سَيَغْلِبُونَ. فِي بِضْعِ سِنِينَ لِلَّهِ الْأَمْرُ مِن قَبْلُ وَمِن بَعْدُ وَيَوْمَئِذٍ يَفْرَحُ الْمُؤْمِنُونَ. بِنَصْرِ اللَّهِ يَنصُرُ مَن يَشَاء وَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ. وَعْدَ اللَّهِ لَا يُخْلِفُ اللَّهُ وَعْدَهُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ﴾

« ئەلىف، لام، مىم. رۇملۇقلار مەغلۇب بولدى،ئەڭ يېقىن يەردە. ئۇلار بۇ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن يېقىندا غالىب كېلىدۇ،بىرقانچە يىل ئىچىدە. ئىشلار باشتىن-ئاخىر ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ. ئەنە شۇ كۈنى مۇئمىنلارمۇ خۇشال بولىدۇ،ئاللاھنىڭ نۇسرەت ئاتا قىلىشى بىلەن. ئاللاھ خالىغان كىشىگە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، مەرھەمەتلىكتۇر. بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- رۇم سۈرىسى، 1 ۋە 6-ئايەتلەر.

ھەممە كىشىنىڭ قۇلىقى رىملىقلاردىن كېلىدىغان خەۋەردە ئىدى. ئەبۇ سۇفيان، بىر تىجارەت كارۋىنى بىلەن شامدىن قايتىۋاتقىنىدا، رىملىقلار بىلەن پارسلارنىڭ ئۇرۇش قىلىدىغانلىقى ئاڭلاندى. مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ كارۋاننى ئۆزلىرىگە بېرىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىپ،  مەككىلىكلەر بولسا، كارۋاننى قوغداش مەقسىتىدە يولغا چىقتى. ئەبۇ سۇفيان بولسا، كارۋاننى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ كويىدا ئىدى. كارۋان ئۈچۈن چىققان مۇسۇلمانلار ئالدىغا چىققان مەككە قۇشۇنى بىلەن قارشىلاشتى. بەلكى ۋەدە قىلىنغان قۇشۇن شۇ قۇشۇن بولسا كېرەك. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن بىلەلەيمىز:

﴿وَإِذْ يَعِدُكُمُ اللّهُ إِحْدَى الطَّائِفَتِيْنِ أَنَّهَا لَكُمْ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيْرَ ذَاتِ الشَّوْكَةِ تَكُونُ لَكُمْ وَيُرِيدُ اللّهُ أَن يُحِقَّ الحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَيَقْطَعَ دَابِرَ الْكَافِرِينَ﴾

«ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى گۇرۇھدىن بىرىنى، «ئۇ چوقۇم سىلەرنىڭ بولىدۇ» دەپ ۋەدە قىلاتتى. سىلەر قورال-ياراغسىز ۋە كۈچ-قۇۋۋەتسىز بولغىنىنىڭ سىلەرنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئۈستۈن قىلىشنى ۋە كافىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى ئىرادە قىلاتتى»- ئەنفال سۈرىسى، 7-ئايەت.

 يەنە مۇشرىكلەرنىڭ ئېغىر بېسىمى داۋام قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا نەبىمىزگە مۇنۇ ئايەتلەر نازىل بولدى:

﴿وَإِن كَادُواْ لَيَسْتَفِزُّونَكَ مِنَ الأَرْضِ لِيُخْرِجوكَ مِنْهَا وَإِذًا لاَّ يَلْبَثُونَ خِلافَكَ إِلاَّ قَلِيلاً. سُنَّةَ مَن قَدْ أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ مِن رُّسُلِنَا وَلاَ تَجِدُ لِسُنَّتِنَا تَحْوِيلاً﴾

«ئۇلار يېقىندا سېنى يۇرتۇڭدىن چىقىپ كېتىشكە زورلايدۇ. ئۇنداق بولغاندا ئۇلار سەندىن كېيىن ئۇ يەردە بەك ئاز تۇرالايدۇ.بۇ سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىز ئۈچۈن ئادەت بولۇپ كەلگەن قانۇندۇر. سەن بىزنىڭ بۇ قانۇنىمىزنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيسەن»- ئىسرا سۈرىسى، 76-77-ئايەتلەر.

مۇسۇلمانلار مەككە قوشۇنىغا ئېغىر زەربە بەردى. ئەمما چېكىنگەن دۈشمەن قوشۇنىنى قوغلاپ يۇقاتماستىن ئەسىرلەر ئالدى. ساھابىلەر ئەسىرلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتنى خاتىرلىتىپ رەسۇلۇللاھنى ئاگاھلاندۇرمىغانلىقى ئۈچۈن ھەممىسى، دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئۈستۈن كۆردى دەپ ئەيىپلەندى. ئەگەر ئالدىن بېرىلگەن غەلبە ۋەدىسى بولمىغان بولسا، ئەسىرلەر سەۋەبىدىن بەدىردە قاتتىق چوڭ بىر پالاكەتكە يولۇققان بولاتتى.

 تۆت يىلدىن كېيىن تۈزۈلگەن ھۇدەيبىيە كېلىشىمى ئارقىلىق مەككىنى  فەتھى قىلىشنىڭ يولى ئېچىلىپ، مۇنۇ ئايەت نازىل بولغان ئىدى:

﴿إِنَّا فَتَحْنَا لَكَ فَتْحًا مُّبِينًا. لِيَغْفِرَ لَكَ اللَّهُ مَا تَقَدَّمَ مِن ذَنبِكَ وَمَا تَأَخَّرَ وَيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَيَهْدِيَكَ صِرَاطًا مُّسْتَقِيمًا﴾

«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا روشەن بىر فەتىھ ئاتا قىلدۇق[12]. بۇ ئاللاھنىڭ، سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشى، ساڭا نېمىتىنى تاماملىشى، سېنى توغرا يولغا باشلىشى  ئۈچۈندۇر» -فەتىھ  سۈرىسى، 1-2-ئايەتلەر.

دېمەككى نەبىمىز، بەدرىدە گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئىدى. گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن مەككىنى فەتھ قىلىشى كېرەك ئىدى. فەتىھتىن بۇرۇن مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى:

﴿إِذَا جَاء نَصْرُ اللَّهِ وَالْفَتْحُ. وَرَأَيْتَ النَّاسَ يَدْخُلُونَ فِي دِينِ اللَّهِ أَفْوَاجًا. فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَاسْتَغْفِرْهُ إِنَّهُ كَانَ تَوَّابًا﴾

«ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋە فەتھى كەلگەن چاغدا،ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ-توپ بولۇپ كىرىۋاتقان ھالەتتە كۆرگىنىڭدە،رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، ئۇ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر»-نەسىر سۈرىسى، 1 ۋە 3-ئايەتلەر.

 دېمەككى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، نەبى سۈپىتى بىلەن خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئىدى. تۆۋبە قىلىشى ئۈچۈن خاتاسىنى تۈزۈتۈش شەرتى بىزگە ئۆرنەكتۇر. يەنى «تۆۋبە قىلدىم» دېيىش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ، ئۇ خاتانى تۈزىتىش كېرەك.

نەبى ھالال ۋە ھارام قىلالمايدۇ

نەبىنىڭ خاتالىق سادىر قىلىش ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىش يوقتۇر. ئەمما رەسۇل سۈپىتى بىلەن بىلدۈرگەن ھالاللار ئاللاھنىڭ ھالاللىرى، ھاراملارمۇ ئاللاھنىڭ ھاراملىرىدۇر.  بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن بىرى مۇنداق:

﴿الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الرَّسُولَ النَّبِيَّ الأُمِّيَّ الَّذِي يَجِدُونَهُ مَكْتُوبًا عِندَهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَالإِنْجِيلِ يَأْمُرُهُم بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَاهُمْ عَنِ الْمُنكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَآئِثَ وَيَضَعُ عَنْهُمْ إِصْرَهُمْ وَالأَغْلاَلَ الَّتِي كَانَتْ عَلَيْهِمْ فَالَّذِينَ آمَنُواْ بِهِ وَعَزَّرُوهُ وَنَصَرُوهُ وَاتَّبَعُواْ النُّورَ الَّذِيَ أُنزِلَ مَعَهُ أُوْلَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ﴾

«ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نەبىي ۋە ئۇممىي بولغان ئەلچىگە ئەگىشىدۇ. ئۇ ئۇلار ئۆز قوللىرىدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆرىدىغان ئەلچىدۇر. ئۇ ئەلچى ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ[13] ئېغىر يۈكىنى ۋە ئۈستىلىرىدىكى تاقاقلارنى ئېلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنى قوللاپ ھۆرمەتلىگەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈلگەن نۇرغا ئەگەشكەنلەر چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر». –ئەئراف سۈرىسى، 157-ئايەت.

 مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نەبى سۈپىتى بىلەن ھالال-ھارام بەلگىلىيەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكَ تَبْتَغِي مَرْضَاتَ أَزْوَاجِكَ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ﴾

«ئى نەبىي! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ھارام قىلىسەن؟ ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- تەھرىم سۈرىسى، 1-ئايەت.

روشەن كۆرسىتىلگەندەك، نەبىيمىزنىڭ پەقەت رەسۇل سۈپىتى بىلەنلا سۆزلىگەن سۆزلىرىگە شەرتسىز ئىتائەت قىلىنىدۇ. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى،  بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئوينىتىپ يىڭى بىر دىن پەيدا قىلىنغاندۇر.

نەبى بولمىغان رەسۇل

رەسۇل – ئۆزىدىن ھېچقانداق بىر نەرسە قاتماستىن بىرىنىڭ سۆزىنى باشقا بىرىگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى بولغان كىشى[14] بولغاچقا، ئاللاھنىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەن كىشى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، باشقىلارنىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەن كىشى ئۇنىڭ رەسۇلى بولىدۇ.  مەسىلەن: مىسىرنىڭ مەلىكىسى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامغا بىر ئەلچى ئەۋەتكەن ئىدى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىدەك:

﴿… فَلَمَّا جَاءهُ الرَّسُولُ قَالَ ارْجِعْ إِلَى رَبِّكَ فَاسْأَلْهُ مَا بَالُ النِّسْوَةِ اللاَّتِي قَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ …﴾

«…يۇسۇف ئەلچىگە: خوجايىنىڭنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن، قوللىرىنى كېسىۋالغان ھېلىقى خوتۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن…»- يۇسۇف سۈرىسى، 50-ئايەت.

﴿كَذَّبَتْ قَوْمُ نُوحٍ الْمُرْسَلِينَ﴾

« نۇھنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى »- شۇئەرا سۈرىسى، 105-ئايەت.

﴿كَذَّبَتْ عَادٌ الْمُرْسَلِينَ﴾

« ئاد قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى»- شۇئەرا سۈرىسى، 123-ئايەت.

 نۇھ قەۋمىگە پەقەت نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئاد قەمىگە ھۇد ئەلەيھىسسالام نەبىي-رەسۇل بولۇپ ئەۋەتىلگەن ئىدى. باشقا رەسۇللار، پەقەت ئۇ ئىككى نەبىيگە نازىل بولغان ئايەتلەرنى تەبلىغ قىلغاندۇر.

 رىۋايەتلەرگە قارىغاندا،تۆۋەندىكى ئايەتلەرمۇ  ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئانتاكىياغا ئەۋەتكەن رەسۇللارغا / ئەلچىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى[15]:

﴿وَاضْرِبْ لَهُم مَّثَلاً أَصْحَابَ الْقَرْيَةِ إِذْ جَاءهَا الْمُرْسَلُونَ. إِذْ أَرْسَلْنَا إِلَيْهِمُ اثْنَيْنِ فَكَذَّبُوهُمَا فَعَزَّزْنَا بِثَالِثٍ فَقَالُوا إِنَّا إِلَيْكُم مُّرْسَلُونَ. قَالُوا مَا أَنتُمْ إِلاَّ بَشَرٌ مِّثْلُنَا وَمَا أَنزَلَ الرَّحْمن مِن شَيْءٍ إِنْ أَنتُمْ إِلاَّ تَكْذِبُونَ. قَالُوا رَبُّنَا يَعْلَمُ إِنَّا إِلَيْكُمْ لَمُرْسَلُونَ. َمَا عَلَيْنَا إِلاَّ الْبَلاَغُ الْمُبِينُ﴾

«ئۇلارغا مەلۇم يۇرت ئاھالىسىنىڭ ئەھۋالىنى مىسال قىلىپ بەرگىن، ئۇلارغا ئەلچىلەر كەلگەن ئىدى.بىز ئۇلارغا ئىككى كىشىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى ئەلچىنى يالغانچى دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ ئىككى ئەلچىگە ئۈچىنچى بىر ئەلچى بىلەن ياردەم بەردۇق. ئۇ ئەلچىلەر ئۇلارغا: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز دېدى.ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ئۇ ئەلچىلەرگە: سىلەر خۇددى بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانسىلەر. رەھمان[16] ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى. سىلەر پەقەتلا يالغان سۆزلەۋاتىسىلەر دېدى.ئەلچىلەر مۇنداق دېدى: رەببىمىز بىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز.بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، روشەن تەبلىغدىنلا ئىبارەتتۇر.»- ياسىن سۈرىسى، 13~17-ئايەتلەر.

﴿إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنزَلْنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ وَالْهُدَى مِن بَعْدِ مَا بَيَّنَّاهُ لِلنَّاسِ فِي الْكِتَابِ أُولَئِكَ يَلعَنُهُمُ اللّهُ وَيَلْعَنُهُمُ اللَّاعِنُونَ. إِلاَّ الَّذِينَ تَابُواْ وَأَصْلَحُواْ وَبَيَّنُواْ فَأُوْلَئِكَ أَتُوبُ عَلَيْهِمْ وَأَنَا التَّوَّابُ الرَّحِيمُ. إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَمَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ أُولَئِكَ عَلَيْهِمْ لَعْنَةُ اللّهِ وَالْمَلآئِكَةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ. خَالِدِينَ فِيهَا لاَ يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلاَ هُمْ يُنظَرُونَ﴾

«بىز نازىل قىلغان ئوچۇق ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى، بىز ئۇلارنى كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ، لەنەت قىلغۇچىلارمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەن ۋە ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلار ئۇنداق بولمايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن. چۈنكى مەن تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچىمەن.كاپىر بولغان ۋە كاپىر پېتى ئۆلگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ لەنىتى ياغىدۇ.ئۇلار ئۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ»- بەقەرە سۈرىسى، 159~162-ئايەتلەر.

﴿إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنزَلَ اللّهُ مِنَ الْكِتَابِ وَيَشْتَرُونَ بِهِ ثَمَنًا قَلِيلاً أُولَئِكَ مَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ إِلاَّ النَّارَ وَلاَ يُكَلِّمُهُمُ اللّهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلاَ يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ. أُولَئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُاْ الضَّلاَلَةَ بِالْهُدَى وَالْعَذَابَ بِالْمَغْفِرَةِ فَمَآ أَصْبَرَهُمْ عَلَى النَّارِ﴾

 «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتىن بىر نەرسىنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئازغىنا پۇلغا ساتىدىغانلار قورساقلىرىنى ئوتقا تولدۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.ئەنە شۇلار زالالەتنى ھىدايەتكە، ئازابنى مەغفىرەتكە سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. ئۇلار دوزاخقا نېمىدېگەن چىداملىق-ھە!»- بەقەرە سۈرىسى، 174~175-ئايەتلەر.

 بۇ ئايەتلەر نەبىي بولغان رەسۇللار / ئەلچىلەر بىلەن نەبىي بولمىغان رەسۇللارنىڭ / ئەلچىلەرنىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايرىپ بەرمەكتىدۇر.

نەبى ۋە رەسۇل ئۇقۇملىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىلىشى

 نەبىي بىلەن رەسۇلنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكى، ھەر نەبىي ئايەتلەرنى تەبلىغ قىلغان چېغىدا رەسۇل بولىدىغانلىقى، نەبىي بولمىغان رەسۇللارنىڭمۇ بار ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرسىمۇ، ئەھلى سۈننەت ئۆلىمالىرى ئايەتلەرگە زىت تەبىرلەرنى بەرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە: «رەسۇل بولسا يېڭى بىر كىتاپ ۋە يېڭىچە بىر شەرىئەت بىلەن ئەۋەتىلگەن، نەبىي بولسا ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى رەسۇلنىڭ كىتابىنى ۋە شەرىئىتىنى ئۇنىڭ ئۈممىتىگە تەبلىغ قىلىش ۋەزىپىسى بولغان زاتتۇر[17]

 بۇ ئېنىقلىمىغا ئاساسلانغاندا، پادىشاھنىڭ يۇسۇف ئەلەيھىسسالامغا ئەۋەتكەن رەسۇلىمۇ يېڭى كىتاپ ۋە يېڭى شەرىئەت چۈشۈرۈلگەن بولۇشى كېرەك!؟ نەبىي، ئىلگىركى رەسۇلنىڭ كىتابىنى تەبلىغ قىلىش بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن دېسەك، ئەمدى نەبىي كەلمەيدىغان بولغاچقا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابىنى تەبلىغ قىلىدىغان ھېچكىم قالمىدى.

 مۇئتەزىلەنىڭ قارىشىدىمۇ نەبىي بىلەن رەسۇلنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقتۇر ۋە ھەر ئىككىسىلا ئاللاھ ۋەھىي يولى بىلەن يېڭى بىر شەرىئەت بېرىپ، ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن ئەلچىلەردۇر[18]. بۇ تەبىرمۇ ئاللاھنىڭ كىتابىغا زىت كېلىدۇ.

 شىئەلەر بولسا، نەبىمىزنى ۋە ئۆز ئىماملىرىنى تامامەن ئىلاھ قىلىۋېلىشقان ئىدى. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ:

 «ئىمامنىڭ ئىلاھى ھۆكۈملەرگە، ئىلاھى مەرىپەتكە، بارلىق بىلىملەرگە ئىگە بولىشى، نەبىلەر ياكى ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئىمامنىڭ ۋاستىسى بىلەن بولىدۇ. يېڭى بىر شەيئى ھەققىدە بولسا ئىمام، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئېھسان قىلغان مۇقەددەس قۇۋۋەت بىلەن، ئىلھام يولى ئارقىلىق كېرەكلىك ھۆكمىنى بىرىدۇ. ئۇ شەيئلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلىدۇ. بىر شەيئىگە يۇلۇقۇپ، ئۇنى بىلىشنى خالىسا، ئۇ شەيئى ھەققىدە ھەقىقەتنى بىلەلەيدۇ، خاتالاشمايدۇ، شۈبھىلەنمەيدۇ، بۇ ھەقتە ئەقلى دەلىللەرگە ياكى باشقىلارنىڭ بىلدۈرىلىشىگە ئېھتىياجى يوق. بىلىمىگە ئېھتىياج توغۇلغانسېرى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ…»

 «…ئىماملاردىن ھېچ بىرى بىر مۇئەللىمنى ئۇستاز تۇتمايدۇ، بىر مۇرەببىدىن بىر نەرسە ئۈگەنمەيدۇ… ھېچ بىرى بىر خوجادىن دەرس ئالمايدۇ، ھېچ قايسىسى بىرەر مەكتەپتە، مەدرىستە ئوقۇمايدۇ. مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدىن بىر سوئال سورالغىنى ھامان توغرا جاۋاپ بېرەلەيدۇ. تىلىدىن بىلمەيمەن دېگەن سۆز چىقمىغاندەك،  جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن ئويلىنىش ياكى كىچىكتۈرۈش بولمايدۇ…[19]»

نەبىمىزنىڭ سۆز ۋە ئەمەللىرىنىڭ ئايەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىشى

 نەبىمىزنىڭ ئايەتلەرنى يەتكۈزۈشتىن باشقا سۆز ۋە ئەمەللىرى خاتا بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھېچقانداق بىر ئايەتتە نەبىگە ئىتائەت قىلىڭ دەپ بۇيرۇلمىغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا جَاءكَ الْمُؤْمِنَاتُ يُبَايِعْنَكَ عَلَى أَن لَّا يُشْرِكْنَ بِاللَّهِ شَيْئًا وَلَا يَسْرِقْنَ وَلَا يَزْنِينَ وَلَا يَقْتُلْنَ أَوْلَادَهُنَّ وَلَا يَأْتِينَ بِبُهْتَانٍ يَفْتَرِينَهُ بَيْنَ أَيْدِيهِنَّ وَأَرْجُلِهِنَّ وَلَا يَعْصِينَكَ فِي مَعْرُوفٍ فَبَايِعْهُنَّ وَاسْتَغْفِرْ لَهُنَّ اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ﴾

«ئى نەبىي! مۇئمىن ئاياللار يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىق، ئوغرىلىق قىلماسلىق، زىنا قىلماسلىق، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك، قوللىرى بىلەن پۇتلىرىنىڭ ئارىسىدىن بوھتان ئويدۇرۇپ كەلتۈرمەسلىك ۋە ياخشى ئىشتا ساڭا ئاسىيلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ساڭا بەيئەت قىلسا، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»-مۇمتەھىنە سۈرىسى، 12-ئايەت.

ئايەتتىكى، «ياخشى ئىشتا ساڭا ئاسىيلىق قىلماسلىق» شەرتى، نەبىي سۈپىتى بىلەن سۆزلەنگەن سۆزلەرنىڭ تەكشۈرۈلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتدۇ. بەدىر جېڭىدە  نەبىمىزنىڭ ئەسىر ئېلىشىغا قارشى ئاۋازىنى چىقارمىغان ساھابىلەرنىڭ گۇناھكار بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق.

نەبىلەرنىڭ  رەسۇل بولۇپ بىلدۈرگەن سۆزلىرىگە ھەرگىزمۇ ئېتىراز قىلغىلى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَن يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ وَمَن يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُّبِينًا﴾

«ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىر ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغاندا، ھېچبىر مۇئمىن ئەرنىڭ ۋە ھېچبىر مۇئمىن ئايالنىڭ ئۇ ئىش توغرۇلۇق تاللاش ھوقۇقى بولمايدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلسا، ئوچۇق-ئاشكارا ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ»-ئاھزاپسۈرىسى، 33-ئايەت.

مانا يۇقىرىقىدەك ھەممە نەرسە ئېنىق تۇرسىمۇ، نەبىي ۋە رەسۇل ئۇقۇمىنى بۇرمىلاپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەبىي سۈپىتى بىلەن سۆزلىگەن سۆز ۋە ئەمەللىرىنى، رەسۇل سۈپىتى بىلەن يەتكۈزگەن ئايەتلەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنىڭ كەچۈرگۈسىز بىر قىلمىش ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر. بۇ مەسىلىنىڭ پېشىۋاسى دەپ بىلىنىدىغان ئىمام شافىنىڭ رەسۇلغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىغان ئايەتلەرنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى مۇنداق يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

«ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتى؛ ئاللاھ نامىدا ئۇنىڭ خاس ۋە ئومۇمى ھۆكۈملىرىدىكى مۇراد-مەقسىدىنى بايان قىلىدۇ.  ئاللاھ، سۈننەت بىلەن ھۆكۈم قىلىشنى كىتابى (قۇرئان) بىلەن ئوخشاش كۆرۈپ، سۈننەتنى كىتابىغا باغلىغان[20]. قۇرئان سۈننەتنى ۋە سۈننەتمۇ قۇرئاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىجرا قىلىنىشىنى چەكلىيەلمەيدۇ. سۈننەت پەقەت باشقا بىر سۈننەت بىلەنلا ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ[21]. « سۈننەت قۇرئان بىلەن نەسخ قىلىنىدۇ دېيىلسە، رەجىم (تاش-چالما ) جازاسىنىڭ « زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار…» (نۇھ سۈرىسى 2-ئايەت) بىلەن نەسخ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن[22]».

بۇ سۆزلەر، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويالمىغان ئىدى. نەبىمىزنىڭ، « ئاللاھ نامىدا ئۇنىڭ خاس ۋە ئومۇمى ھۆكۈملىرىدىكى مۇراد-مەقسىتىنى بايان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىش، ئۇنى ئاللاھ يېرىگە قويغانلىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ، كىتاپنى بايان قىلىش ھوقۇقىنى ھېچ كىمگە بەرگىنى يوق. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىدەك:

﴿الَر كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِن لَّدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ. أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ اللّهَ إِنَّنِي لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ﴾

«ئەلىف، لام، را. بۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنىئىخچام ۋە ئېنىق رەۋىشتە تۈزۈلگەن ۋە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر. بۇ ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن»- ھۇد سۈرىسى، 1-2-ئايەتلەر.

دېمەك، نەبىمىز قۇرئاننى تەفسىر قىلمىغان، ئەمما ئايەتلەرنى تەبلىغ قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئاللاھنىڭ كۆرسەتكەن ئۇسۇللىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئوچۇق بايانلىرىنى تېپىپ چىقىپ ئىنسانلارنى ئۇنىڭ بىلەن ئاگاھلاندۇرغان ۋە خۇشخەۋەر بەرگەن.

ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز (1911-1999) مۇنۇ سۆزلىرى ئارقىلىق نەبىمىزنىڭ سۆز ۋە ئەمەللىرىنى سۈننەت دېيىش بىلەن قۇرئاننىڭ ئۈستىگە قانداق چىقارغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى:

 « ئەۋزائىي[23] مۇنداق دېگەن ئىدى:

السنَّة قاضية على الكتاب

سۈننەت قۇرئان ئۈستىدىكى ئاخىرقى ھۆكۈمنى سۆزلەيدۇ.

سۈننەت، قۇرئان «ئومۇم» ھالدا تاشلاپ قويغان ھۆكۈملەرگە چېگرا بەلگىلەيدۇ ياكى ئۇنىڭدا بولمىغان ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى ئاللاھ مۇنداق دېگەن:

﴿وَأَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُون﴾

«ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ پەقەت ئەرلەرنىلا نەبىيلەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئى مەككىلىكلەر! ئەگەر بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن سوراپ بېقىڭلار»-نەھىل سۈرىسى، 43-ئايەت. [24]

 يەنە بىرسىگە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى (س.ئە.ۋ) مۇنداق دېگەن:              

أَلا إِني أوتِيتُ الكِتابَ ومثلَه مَعَه

«قاراڭلار، ماڭا كىتاپ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئوخشايدىغىنى بېرىلدى.»

 بەيھەقى[25]، ئامىر ئەششابىنىڭ بەزى ئىنسانلارغا مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ:

« سىلەر ئەسەرلەرنى تەرك قىلغانھامان تۈگىشىسىلەر».

 بەيھەقىنىڭ «ئەسەرلەر» دىن قەستى ھەدىسلەر ئىدى.

 « رەسۇلۇللاھتىن ساڭا بىر ھەدىس كەلگىنىدە ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا قارشى بىر سۆز سۆزلىمىگىن. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئاللاھتىن ئېلىپ يەتكۈزگەن».[26]

 دەلىل كەلتۈرۈلگەن ئايەتنى، ئۇندىن بۇرۇنقى ئايەت بىلەن بىرلىكتە ئوقۇيدىغان بولساق، مەسىلە بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

﴿وَمَا أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ إِلاَّ رِجَالاً نُّوحِي إِلَيْهِمْ فَاسْأَلُواْ أَهْلَ الذِّكْرِ إِن كُنتُمْ لاَ تَعْلَمُونَ. بِالْبَيِّنَاتِ وَالزُّبُرِ وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ﴾

« ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ پەقەت ئەرلەرنىلا نەبىيلەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئى مەككىلىكلەر! ئەگەر بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن سوراپ بېقىڭلار. بىز ئۇ نەبىيلەرنى مۆجىزىلەر ۋە كىتابلار بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. ساڭىمۇ بۇ زىكىرنى نازىل قىلدۇق. بىز بۇنى ئۇ، ئىنسانلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىنى ئۇلارغا بايان قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق».- نەھىل سۈرىسى 43-44-ئايەتلەر

ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «زىكىر» كەلىمىسى، تەۋرات ۋە ئىنجىل مەنىسىدە، ئىككىنجى «زىكىر» بولسا، قۇرئان مەنىسىدە. رەسۇلۇللاھ سوئال سورايدىغان كىشىلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى بۇ ئايەتتە ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغاندۇر:

﴿فَإِن كُنتَ فِي شَكٍّ مِّمَّا أَنزَلْنَا إِلَيْكَ فَاسْأَلِ الَّذِينَ يَقْرَؤُونَ الْكِتَابَ مِن قَبْلِكَ لَقَدْ جَاءكَ الْحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَلاَ تَكُونَنَّ مِنَ الْمُمْتَرِينَ﴾

« ئەگەر سەن، بىز ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلىنىدىغان بولساڭ، سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇغانلاردىن سوراپ باققىن. شۈبھىسىزكى، ساڭا رەببىڭدىن ھەق كەلدى. ئۇنداقتا ھەرگىزمۇ شۈبھىلەنگۈچىلەردىن بولما»- يۇنۇس سۈرىسى، 94-ئايەت.

 رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرسى، قۇرئان ئايەتلىرىنى ئەھلى كىتاپقا چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابنى تەستىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشتۇر. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىدەك:

﴿وَاللاَّتِي يَأْتِينَ الْفَاحِشَةَ مِن نِّسَآئِكُمْ فَاسْتَشْهِدُواْ عَلَيْهِنَّ أَرْبَعةً مِّنكُمْ فَإِن شَهِدُواْ فَأَمْسِكُوهُنَّ فِي الْبُيُوتِ حَتَّىَ يَتَوَفَّاهُنَّ الْمَوْتُ أَوْ يَجْعَلَ اللّهُ لَهُنَّ سَبِيلاً﴾

« ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە بىزنىڭ ئەلچىمىز كەلدى. ئۇ سىلەرگە سىلەر كىتابتىن يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىدۇ، نۇرغۇنىنى ئەپۇ قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئاللاھتىن بىر نۇر ۋە روشەن بىر كىتاب كەلدى.» – مائىدە سۈرىسى، 15-ئايەت.

 بۇ ئايەتلەر روشەن ھالدا شۇنى كۆرسىتىدۇكى، نەھل 44-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «بايان»، كىتابنى تەبلىغ قىلىش ۋەزىپىسىدىن باشقا بىر ۋەزىپە ئەمەستۇر. بۇ ۋەزىپىنىڭ نەبىي بولمىغان رەسۇللارغىمۇ بېرىلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئۇيەردە كۆرگەن ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە، مۇنۇ ئايەتمۇ قۇرئاننى بايان قىلىش، يەنى ئۇنىڭدىكى ئايەتلەرنى ئىنسانلارغا چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭدىكى ھىچبىر نەرسىنى يۇشۇرماسلىق ۋەزىپىسىنىڭ بارلىق مۇسۇلمانلارغىمۇ بېرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ:

﴿وَإِذَ أَخَذَ اللّهُ مِيثَاقَ الَّذِينَ أُوتُواْ الْكِتَابَ لَتُبَيِّنُنَّهُ لِلنَّاسِ وَلاَ تَكْتُمُونَهُ فَنَبَذُوهُ وَرَاء ظُهُورِهِمْ وَاشْتَرَوْاْ بِهِ ثَمَناً قَلِيلاً فَبِئْسَ مَا يَشْتَرُونَ﴾

«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ، كىتاب بېرىلگەنلەردىن: كىتابنى ئىنسانلارغا بايان قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن ھېچبىر نەرسىنى يوشۇرماڭلار دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇ ئەھدىگە ۋاپا قىلماي ئۇ كىتابنى ئازغىنەبەدەلگە سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئېلىم-سېتىمى نېمىدېگەن يامان!» – ئال ئىمران سۈرىسى، 187-ئايەت.

نەھىل سۈرىسىنىڭ 44-ئايىتىدە نەبىمىزگە خىتاپ قىلغان «لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ = ئۇلارغا بايان قىلىشىڭ ئۈچۈن » ئىپادىسى، بۇئايەتتە « لَتُبَيِّنُنَّهُ لِلنَّاسِ =ئىنسانلارغا چوقۇم بايان قىلىڭلار» شەكلىدە پۈتۈن مۇئمىنلارغا خىتاپ قىلىنغان ئىدى. دېمەككى ئۇ ئايەت نەبىمىزنىڭ قۇرئاننى چۈشەندۈرگەنلىكىگە دەلىل بولالمايدۇ.

 يۇقىرىدىكى كۆزقاراشنى قوللايدىغانلارنىڭ ئىككىنچى دەلىلى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر:

أَلا إِني أوتِيتُ الكِتابَ ومثلَه مَعَه

«قاراڭلار، ماڭا كىتاپ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئوخشايدىغىنى بېرىلدى».

 نەبىمىزگە كىتاپ بىلەن بىرلىكتە بېرىلگەن نەرسىنىڭ ھېكمەت ئىكەنلىكى، باشتىن تارتىپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان مەسىلە ئەنە شۇ ئىدى. بۇ ھەدىس، كىتاپ ۋە ھېكمەتكە ئالاقىدار بارلىق ئايەتلەرنىڭ خۇلاسىسىدۇر.

 نازىل قىلىنغان دىن ئورنىغا ئويدۇرۇلغان دىن

ئەمەۋىلەر بىلەن باشلىنىپ، ئابباسىيلار بىلەن چىڭىغان قۇرۇلمىدا، ھېكمەت – «ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى» دېگەن مەنىدىكى «سۈننەت» دېيىلگەن ئىدى. سۈننەت بولسا، نەبىمىزنىڭ سۆز ۋە ئەمەللىرى دېيىلگەن ئىدى. نەبىي بىلەن رەسۇلنى ئوخشاش دەپ ھېساپلانغاچقا، رەسۇلغا ئىتائەت قىلىشقا -ئەمىر قىلغان ئايەتلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، مۇنداق خۇلاسىگە كەلگەن ئىدى:

«ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتى؛ ئاللاھ نامىدا ئۇنىڭ خاس ۋە ئومۇمى ھۆكۈملىرىدىكى مۇراد-مەقسىدىنى بايان قىلىدۇ.  ئاللاھ سۈننەت بىلەن ھۆكۈم قىلىشنى كىتابى (قۇرئان) بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويغان ۋە سۈننەتنى كىتابىغا باغلىغاندۇر ».[27]

ئەگەر سۈننەت، ئاللاھنىڭ مۇراد-مەقسىتىنى چۈشەندۈرىدىغان بولسا، قۇرئاندىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ داۋا، نەبىمىزنىڭ سۆز ۋە ئەمەللىرىنىڭ قۇرئاندىن چىقارغان ھېكمەتلەر ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتتۇرغاندۇر. ئۇندىن ياسالغان ھەرقانداق نەرسە ئۇن بولمىغىنىدەك، قۇرئاندىن چىقىرىلغان ھۆكۈملەرمۇ قۇرئان ئەمەستۇر. تورتنىڭ ئۇندىن ياسىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ، تورت بىلەن ئۇن ئارىسىدا زىددىيەتلىك بار دېگىنىدەك، ھېكمەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلەرمۇ قۇرئان بىلەن سۈننەت ئارىسىدا زىددىيەتلىك بار دەپ قارىغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسىدىن بىرىنى پىدا قىلىشقا، يەنى بىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىنى تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىغان. ئىمام شافى بۇ مەسىلىدە قىسقىچە مۇنداق دەيدۇ:

«قۇرئان سۈننەتنى ۋە سۈننەتمۇ قۇرئاننى مەنسۇخ قىلىپ، ئىجرا قىلىنىشىنى چەكلىيەلمەيدۇ. سۈننەت پەقەت باشقا بىر سۈننەت بىلەنلا مەنسۇخ قىلىنىدۇ». [28]

«سۈننەت، قۇرئان بىلەن مەنسۇخ بولىدۇ دېيىلسە، رەجىم قىلىش (چالما كىسەك قىلىش) جازاسىنىڭ زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەربىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار…» دېگەن ئايەت  بىلەن مەنسۇخ بولۇپ كېتىش ئېھتىمالى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ».[29]

ئىمام شافى سۈننەت قۇرئاننى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ دەيدۇ، ئەمما رەجىم جازاسىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن نىسا سۈرىسىنىڭ 15-16-ئايەتلىرى بىلەن نۇر سۈرىسىنىڭ 2-ئايىتنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۇبادە ئبىن سامىت تەرىپىدىن كەلگەن مۇنۇ ھەدىسكە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئۆزگەرتكەن:

 «مېنىڭدىن ئېلىڭ، مېنىڭدىن ئېلىڭ. ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن بىر يول ئاچتى؛ توي قىلمىغان ئەر توي قىلمىغان ئايال بىلەن زىنا قىلسا 100 دەررە ئۇرۇپ بىر يىل سۈرگۈن؛ توي قىلغان ئەر بىلەن توي قىلغان ئايال زىنا قىلسا، 100 دەررە ئۇرۇش ۋە رەجىم جازاسى بار».

 ئىمام شافىئىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سۆزلىرىنىڭ خۇلاسى مۇنداق:

«بۇ ھەدىس بىلەن، ئايەتلەردىكى زىندان ۋە ئازاب جازاسى بىكار قىلىنغاندۇر. نۇر سۈرىسىدىكى « زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار…» ئايىتىدىكى ھۆر، تۇل ئەر-ئاياللار ئۈچۈن بېرىلىدىغان 100 دەررە / قامچا جازاسىمۇ بۇ ھەدىس بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، رەجىم (چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش) جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن.[30]

 قۇرئان سۈننەتنى مەنسۇخ قىلالمايدۇ دېگەن ئىمام شافىي بىر ھەدس بىلەن بىر قانچە ئايەتنى مەنسۇخ قىلغان بولىدۇ.

 ئاللاھ تائالا ئاخىرقى كىتابى قۇرئاننى قوغدايدىغانلىقى ئۈچۈن ئايەت ئويدۇرغىلى بولمايدۇ، ئەمما ھەدىس ئويدۇرىلىشى مۇمكىن. شىئە – سۈننىي بارلىق مەزھەپلەر؛ قۇرئانغا ئوپئوچۇق زىت بولغان ھەدىسلەرگە ئاساسەن رەجىم جازاسىنى، دىندىن قايتقانلارنى ئۆلتۈرۈشنى، نارىسىدە بالىلارنىڭ تويىنى قىلىشنى ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە ئىتتىپاقلاشقاندۇر.

ئۆيلىنىشتە تەرەپلەرگە بېرىلگەن ھوقۇقلار، توي قىلىدىغانلارنىڭ ئوخشىمىغان ئېتىقادتا بولماسلىقى، ئاجرىشىش، شەرتلىك ئاجرىشىش، ئاياللارنىڭ شاھىتلىقى، ئاياللارغا ئاجرىشىش ھەققىنىڭ بېرىلمەسلىكى، غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان مۇئامىلە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە ھەم قۇرئانغا ھەم سۈننەتكە زىت بولغان يولغا كىرىپ قالغان.

 ئۆسۈم ھەققىدىمۇ ئوينالغان سۆز ئويۇنلىرى بىلەن تىجارەتنىڭ ئالدى ئېتىلىپ، ئۆسۈمنىڭ ئالدى داغدام ئېچىۋىتىلگەن.

ئوخشاش ئەھۋال تەپسىر ۋە ئەقىدە ئاساسلىرىدىمۇ بار. مەسىلەن: قۇرئاننىڭ ئاساسىي تېمىلىرىدىن بولغان شېرىك، كالام ئىلمىنىڭ ئاساسىي تېمىلىرى ئىچىدە يوقتۇر. شېرىككە مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق كەلىمىلەرنىڭ مەنىسى ئۆزگەرتىلىپ، تەپسىر ۋە قۇرئان تەرجىمىلىرىنى ئوقۇغانلارنىڭ ئۇ مەسىلىدە يېتەرلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىنىڭ ئالدى توسۇلغاندۇر.

 قەدەر(تەقدىر)مۇ قۇرئاندىكى مەنىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمان، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، مەجبۇرى قالغاندا «تەقدىرىمدە نېمە بولسا، شۇ بولىدۇ» دېيىش بىلەن كۈرەشتىن ۋاز كېچىدىغان شەخسكە ئايلاندۇرۇلغان.

بۇنىڭدەك، مەۋجۇت ئەھۋاللارنىڭ بىر قىسمىنى ئەلى بارداقئوغلۇنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى مېغىزلىق قىلىپ ئىپادىلەپ بەرگەن:

 «ئىسلام جەمئىيىتىدىكى ھوقۇق تەپەككۇرىنىڭ ۋە بۇلارنىڭ مەھسۇلاتى بولغان بىلىملەرنىڭ شەكىللىنىشىدە قۇرئان، سۈننەت، ئىجما ۋە قىياس تەرتىپى توغرا ئەمەس، بەلكى بۇنىڭ ئەكسى توغرىدۇر. يەنى قۇرۇلمىنىڭ ئەسلى بېكىتكۈچى ئامىلى بولسا رەيدۇر. بارلىق فىقىھ ئەسەرلەر توپلىىمى رەي، شەخسى ئىجتىھاد ۋە كۆز قاراشلار ئۈستىگە قۇرۇلغان دەپ ئېيتساق كۆپتۈرگەن بولمايمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاز رول ئوينىغىنى سۈننەت، ئەڭ تۆۋىنىدە بولسا قۇرئاندۇر. بۇنى ئىپادىلەش، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاد دۇنياسى، دىنىي كۆز قاراشلىرى، تەۋھىد ئەقىدىسى بىلەن تۇنجى قەدەمدىلا زىددىيەتلىشىدىغاندەك بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، دائىم بۇ تەرتىپ بويىچە قۇرئان، سۈننەت، ئىجما ۋە قىياس شەكلىدە ئىپادىلەنگەندۇر».[31]

ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ بەزى رايۇنلىرىنى قولغا كىرگۈزۈپ، دۆلەت قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىشىدنىڭ، ئەسىرلەرگە قىلغان مۇئامىلىسىگە سۈننى-شىئە ھېچ بىر ئالىمنىڭ قارشى چىقماسلىقىدىكى سەۋەپ، كىتاپلىرىدا قارشى چىقىدىغانغا بىرمۇ دەلىل تاپالمىغانلىقىدىندۇر. ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، بۇ ھەقتە قىسقىچە مۇنداق دەيدۇ:

 « ئورۇشتا ئېلىنغان ئەسىرلەرگە ئالاقىدار ھوقۇقلۇق ماقامنىڭ تاللاش ھوقۇقى بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە قارىتا ھەرىكەت قىلىپ، خالىسا ئۇلارنىڭ جەڭچىلىرىنى ئۆلتۈرسە، خالىسا ئۇلارنى قۇل ياكى جارىيە قىلىپ ئېلىش بىلەن بولدى قىلسىمۇ بولىدۇ…»[32]

 بۇلار رىم ۋە گېرىتسىيە قانۇنلىرىدىن ئېلىنىپ، ئىسلام شەرىئىتدەك كۆرسىتىلگەنلىرىنىڭ ئاز بىر قىسمىدۇر. بۇ مەزھەپلەرنىڭ قارىشىدا قۇرۇلىدىغان ھەرقانداق بىر دۆلەت ئىشددىن پەرقلىق بولمايدۇ.

 ئۇرۇش ئەسىرلىرى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَإِذا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّى إِذَا أَثْخَنتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاء حَتَّى تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا ذَلِكَ وَلَوْ يَشَاء اللَّهُ لَانتَصَرَ مِنْهُمْ وَلَكِن لِّيَبْلُوَ بَعْضَكُم بِبَعْضٍ وَالَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَلَن يُضِلَّ أَعْمَالَهُمْ﴾

« جەڭ مەيدانىدا كافىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلارنى قىرىپ تاشلاڭلار. ئاخىرى ئۇلارنى يېڭىپ، قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ چىڭ تۇتۇڭلار. ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى پىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار. ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلىغانغا قەدەر شۇنداق قىلىڭلار. بۇ ئىش مانا مۇشۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالاتتى. لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن ئىمتىھان قىلىدۇ. ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ »- مۇھەممەد سۈرىسى، 4-ئايەت.

نەبىمىزنىڭ ئىجرا قىلغان ئىشلىرى مۇشۇ ئايەتكە ئاساسەن بولغان ئىدى. ئويدۇرۇلغان دىننىڭ نېمىلەرگە تايانغانلىقى تېخىمۇ ئايدىڭ بولۇشى ئۈچۈن ئۆمەر ناسۇھى بىلمەننىڭ نەقىللىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى بىرىپ ئۆتەيلى:

« ئەسىرلەرنى بەدەلسىز قويۇپ بېرىش، ھەنەفى، مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەپلىرىنىڭ قارىشىدا جائىز ئەمەستۇر. ئەسىرلەرنى كىپىللىككە قويۇپ بېرىش ھەنەفى مەزھىپىدىكى مەشھۇر كۆز قاراشقا ئاساسەن جائىز ئەمەستۇر[33].

 ئاللاھ بۇيرۇيدۇ، ئەمما مەزھەپلەر ئۇنى جائىز كۆرمەيدۇ. مانا بۇ ئويدۇرۇلغان دىندۇر!

 ھېكمەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ، مۇسۇلمانلار مەسىلە ھەل قىلالماس ھالغا كەپ قالغاندا قۇرئان ۋە سۈننەتكە بولغان ئىشەنچى بوشاپ قالغان ئىدى. تاھسىن گۆرگۈننىڭ مۇنۇ سۆزلىرىدىن ئىشەنچسىزلىكنىڭ قايسى نوقتىغا كېلىپ قالغىنىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن:

« بۈگۈن بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق بولسا، زامانىمىزدا ئېتىبارغا ئېلىنماس ھالغا كېلىپ قالغان سۈننەت ئورنىغا نېمىنى تىكلىشىمىز  ياكى سۈننەتنى قانداق ئىھيا قىلىش مەسىلىسىدۇر. چۈنكى قۇرئان، ئاۋۋال  سۈننەت ۋاستىسى بىلەن ئەمەلىلەشكىنىدەك، بۈگۈنمۇ سۈننەت ياكى سۈننەتنىڭ ئورنىغا تۇرغۇزىلىدىغان باشقا بىر نەرسە ۋاستىسى بىلەنمۇ ئەمەلىيلىشىدۇ. ئاساسلىق سوئال، بۇنىڭ (دۆلەت) مۇ، جەمئىيەتمۇ (ئۈممەت ياكى مىللەت )،  شەخسمۇ، مەلۇم بىر سىنىپ ( مەسىلەن ئۆلىما ) مۇ ياكى بولمىسا بۇنىڭدىن باشقا بىر نەرسىمۇ؟ مەسىلەن كىتاپلار دېگەن نوقتىغا كېلىپ تاقىلىپ قالدى».[34]

خۇلاسە

 كۆرۈپ يەتكىنىمىزدەك، مۇسۇلمانلار بۇ توغرىلىق ئەندىشەقىلىشقا باشلىغان ۋە ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلار كەبى مۇنۇ ئايەتنىڭ دائىرىسىگە كىرىپ قېلىشقان:

﴿اتَّخَذُواْ أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِّن دُونِ اللّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُواْ إِلاَّ لِيَعْبُدُواْ إِلَهًا وَاحِدًا لاَّ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ﴾

« ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ھاخاملىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلىرى قىلىۋالدى. مەريەم ئوغلى مەسىھنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر» – تەۋبە سۈرىسى، 31-ئايەت.

ئەلمالى ھامدى يازىرنىڭ بۇ ئايەت ھەققىدىكى تەفسىرىدىن قىسقىچە بىر نەقىل مۇنداق:

 «… ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى كۆزگە ئىلماستىن ئالىملاغا كىچىككىنە بولسىمۇ ھۆكۈم قويۇش ھوقۇقىنى بىرىش، ئاللاھتىن باشقىسىنى رەب سەۋىيەسىگە كۆتۈرگەنلىكتۇر. شەيتانلارغا، تاغۇتلارغا، نەمرۇتلارغا، فىرئەۋنلەرگە، بۇتلارغا ۋە ھەيكەللەرگە چوقۇنۇش قانداق شېرىك ۋە كۇپۇر بولىدىغان بولسا، ئاللاھقا بەندە بولۇشىنىڭ ئۈستىدە بىر قىممەت بىرىشمۇ شۇنداق شېرىك ۋە كۇپۇردۇر…»[35]

كىتاپ ۋە ھېكمەتكە ئۇيغۇن ئىزدىنىشلار ئارقىلىق، مەۋجۇت قۇرۇلمىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، توغرىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا تىرىشقان بولساقمۇ ھېچقانداق بىر مەسىلىدە تالاش-تارتىش قىلىشقا يېقىنمۇ كەلمەستىن، ئەكسىچە بىزنى ھوقۇقلۇق ئورگانلارنىڭ كۈچى ئارقىلىق چەتكە قېقىپ، ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشقا تىرىشقان ئەنئەنىچى / كونسېرۋاتىپ ۋە يېڭىلىقچى قۇرۇلۇشلارغا ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن خىتاپ قىلىمەن:

 «ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تەڭرىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بىر ياققا ئىتتىرىپ قويۇشقا نېمانداغ ئۇستا ھە سىلەر! » ( ماركوس ئىجىل 7.بۆلۈم 9.جۈملە)

شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى كاپىر ئېلان قىلىپ كىرىسقا ئېسىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىشقا تۇتۇش قىلغان يەھۇدى ئۆلىمالىرىنىڭ بارلىق غەيرەتلىرى، ئۇنىڭ ئىتىبارىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا بىر نەتىجە بەرمىگەن ئىدى.

-پروفېسور دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر

-«كىتاپ ۋە ھېكمەت» ژورنىلى 8-سان باش ماقالىسى

-تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق

[1] الرَّسُولُ نىڭ ئالدىدا كەلگەن ال قۇشۇمچىسى مۇزاف ئىلەي (ئىزاھلىغۇچ)نىڭ ئورنىغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن «رسولنا = ئەلچىمىز/ رەسۇلۇللاھ  » دەپ مەنا بېرىلدى.

[2]بۇخارى، ئەنبىيا 8.

[3]جەۋھەرى، ئىسمائىل بىن ھامماد (ۋاپاتى: 393 ھىجرىيە)، ئەسسىھاھ، (ت ھ ك: ئاھمەد ئابدۇلغافۇر ئاتار)، بېيرۇت 1983 ۋە ئىبىن مانزۇر، جامالۇددىن مۇھەممەد بىن مۇكەررەم (630-711)، لىسانۇل ئەرەب، بەيرۇت ترس. نبأ ماددىسىغا قارالسۇن.

[4]ئەھمەد ئبىن ھانبەل، مۇسنەد، ئىستانبۇل 1982 ،5/266

[5] إِصْرِ ، كەلگۈسى نەبىيگە ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇش ۋەزىپىسىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ئاخىرقى نەبىي بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ بۇنداق ۋەزىپىمىز يوقتۇر. بەقەرە 286 ۋە ئەئراف، 157- ئايەتلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ.

[6] ئەبۇ جافەر مۇھەممەد ئبىن جەرىر تەبەرى (ئل.310 ھىجرىيە)، تارىخۇل ئۇمەم ۋە ۋەلمۈلۈك (تارىخۇتتەبەرى) بەيرۇت 1407، 1-جىلد،187- بەت، زەمەخشەرى مۇھەممەد بىن ئۆمەر (467-538 ھىجرىيە)، كەششاف، بەيرۇت (بېسىلغان ۋاقتى يوق). ئەئلا سۈرىسىنىڭ تەفسىرى.

[7] مەجەللە م. 1450. « رىسالەت، بىر كىشىنىڭ سۆزىنى ئېقىتماي-تېمىتماي / ھېچقانداق ئۆزگەرتىش قىلماستىن باشقا بىرسىگە يەتكۈزىشىدۇر. ئۇ كىشىگە رەسۇل / ئەلچى ۋە يەنە بىركىشىگە مۇرسىل (ئەۋەتكۈچى) ۋە باشقىلارغا مۇرسەلۇن ئىلەيھ (قۇبۇل قىلغۇچى) دېيىلىدۇ». ( ئىزاھلىق مەجەللە، مەجەللەئىي ئەھكامىي ئەدلىيە، كونت. ئەلى ھىممەت بەركى، ئىستانبۇل 1978).

[8] دادىسىغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرغان ئىدى. بۇ ئايەت، قۇربان بولغاننىڭ ئىسھاق ئەمەس، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. «ئوغۇل چوڭىيىپ ئاتىسى ئىبراھىم بىلەن بىللە ئىش قىلغۇدەك بولغاندا ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئى ئوغۇلچىقىم! مەن سېنى قۇربانلىق قىلىپ چۈش كۆرۈپتىمەن، ئويلاپ باققىنا، سەن قانداق قارايسەن!» دېدى. ئوغۇل: «ئى دادىكا! ساڭا بۇيرۇلغاننى قىل، ئىنشائاللاھ مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن!» دېدى.» -ساففات، 37/102.

[9]الرَّسُولُ نىڭ ئالدىدا كەلگەن ال قۇشۇمچىسى مۇزافۇن ئىلەي دىن ئىۋاز ھېساپلىنىپ «رسولنا = ئەلچىمىز/ رەسۇلۇللاھ  » دەپ مەنا بېرىلدى.

[10]ھېكمەت ئۇسۇلىغا ئائىت ئايەتلەرنى مۇنۇ ئادرېستىن تاپالايسىز.

http://www.suleymaniyevakfi.org/kutsanan-gelenek-ve-kuran.html

[11] ئىبىن ھىبەتۇللاھ، داھھاقتىن ۋە سائىد بىن جۇبەيىردىن مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ مەككى ئىكەنلىكىنى نەقىل قىلغان. (قاراڭ: قۇرتۇبىي تەفسىرىي، قاھىرە 1964/1384  223.s.XIV, c).

[12]ئەرەپچىدە ئىلتىپات سەنئىتى باردۇر. ئۈچۈنجى شەخىس، بىرىنجى شەخىس سانىلىدۇ ۋەيا تەتۈرىسى بولىدۇ. بۇ ئايەتلەردىكى ئەھۋالمۇ ئوخشاش. تۈركچىدە بۇ سەنئەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا ئوخشاش ئىپادىلەرنى ئۆزگەرتمەستىن تەرجىمە قىلىش بىر تۈركنى تەئەججۈپلەندۈرىدۇ. بۇنىڭغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن بۇيەردە ئىلتىپاتنى يوق ھېساپلاپ مەنا بىرىلدى.

[13]إِصْرِغا مۇناسىۋەتلىك يۇقۇرىدىكى 5- ئىزاھاتقا قارالسۇن.

[14]مەجەللە م. 1450

[15]تابەرى، مۇھەممەد بىن جەرىر، جامىئۇل-بەيان فىي تەفسىرى قۇرئان، بېيرۇت 1412/1992. پاراگراف؛ 29082-29083.

[16]راھمان، ياخشىلىقى چەكسىز دېگەن مەنىدە. ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئاللاھنىڭ ھەر شەيئىنى بېرىشىنى،ئەمما ئەمىر بەرمەسلىكىنى خالايدۇ.

[17]ئۆمەر ناسۇخى بىلمەن، بۈيۈك ئىسلام ئىلمىھالى، ئىستانبۇل، تارىخى نامەلۇم، 17-بەت، 34-پاراگرافقا قارالسۇن.

[18]يۈسۈفشەۋقى ياۋۇز، دىيانەت ئىشلىرى ئانسىكىلوپېدىيەسى، پەيغەمبىر ماددىسى.

[19]مۇھەممەد رىزال مۇزەففەر، ئاقائىدۇل ئىمامىييە، شىئە ئېتىقادلىرى، تەرجىمان ئابدۇلباقى گۆلپىنارلى، ئىستانبۇل 1978، 52-53-بەت.

[20]مۇھەممەد بىن ئىدرىس ئەششافىي (ۋاپاتى ھىجرىيە 204)، ئەررىسالە، تەھقىق ئاھمەد شاكىر، مىسىر 1358 ھىجرىيە/1940 م. 79-بەت.

[21]ئىمام شافىي، ئەررىسالە، 107-بەت.

[22]ئىمام شافىي، ئەررىسالە، III-بەت.

[23]ئەبۇ ئامر ئابدۇرراھمان بىن ئامر بىن يۇھمىد ئەلئەۋزائىي (ۋاپاتى 157/774). ئىمام شافىدىن بۇرۇن ياشىغان فىقىھ ۋە ھەدىس ئالىمى بولغان ئەۋزائىي، مەنسۇپلىرى قالمىغان ئەۋزائىييە مەزھىپىنىڭمۇ قۇرغۇچىسىدۇر.

[24]بۇ ئايەتنى ئىمام شافىيمۇ سۈننەتكە دەلىل قىلىپ ئالىدۇ. ئەلئۇم بېيرۇت 1410 ھىجرىيە / 1990 مىلادىيە. ئەلئىستىھسان، VII-جىلىد، 309-بەت.

[25]ئەبۇبەكىر ئەھمەد بىن ھۈسەيىن بىن ئەلىي ئەلبەيھەقىي (ۋاپاتى 458/1066)، ھەدىس ئالىمى ۋە شافىي فىقىھچىسىدۇر.

[26]ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز(1911-1999 م.) ۋۇجۇبۇل ئامەل بىي سۈننەتى رەسۇلۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە كۇفرۇن مەن ئەنكارەھا، سەئۇدىي ئەرەبىستان 1420 ھ. 1-جىلىد 24-25-بەتلىرى.

[27]ئىمام شافىي، ئەررىسالە، I .جىلىد 79-بەت.

[28]ئىمام شافىي، ئەررىسالە، I .جىلىد 107-بەت.

[29]ئىمام شافىي، ئەررىسالە، I .جىلىد 111-بەت.

[30][30]ئىمام شافىي، ئەررىسالە، I .جىلىد 129-131-بەت.

[31]ئەلى بارداقئوغلى، قۇرئان ۋە فىقىھ: مۇزاكېرە، قۇرئان ۋە تەفسىر تەتقىقاتلىرى II، ئىستانبۇل، 2000. 120-121-بەت.

[32]ئۆمەر ناسۇخى بىلمەن، ھۇقۇقى ئىسلامىييە ۋە ئىستىلاھاتى فىقھىييە قامۇسى، III.جىلىد 403-بەت 491-پاراگىراف، بېسىلىش تارىخى ۋە ئورنى يېزىلمىغان.

[33]ئۆمەر ناسۇخى بىلمەن، III.جىلىد 399-بەت 501-502-پاراگىراف.

[34]تاھسىن گۆرگۈن، «قۇرئان ۋە فىقىھ»، قۇرئان ۋە تەفسىر تەتقىقاتلىرى II 119-بەت.

[35]ئەلمالى مۇھەممەد ھامدى يازىر، ھەق دىنى قۇرئان تىلى يېڭى مېئاللىق / تەرجىمە تۈركچە تەفسىرى، ئىستانبۇل 1939، III.جىلىد 2514-بەت.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ