پاراللېل دىننى كىملەر ياشنىتىدۇ؟
باش بەت > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
پاراللېل دىننى كىملەر ياشنىتىدۇ؟
يۈزلىگەن مەسىلىدە، ئەنئەنىۋى دىن چۈشەنچىسىنىڭ مۇسۇلمانلارنى يەكلىنىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى، بۇ سەۋەپتىن ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويغانلىقى، ھەرقانداق ۋاستىلار بىلەن ئاشكارا بولۇپ تۇرسىمۇ، نۇرغۇنلىغان ئىنساننىڭ بۇنى كۆرۈپ قالماسلىققا كۆرسەتكەن غەيرىتى، بىزنى مۇشۇنداق بىر سوئالنى سوراشقا مەجبۇر قىلدى.

بۇ يازمىدا تۈۋەندىكى خەۋەر ئۈستىدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز:

دىن ئۆزگەرتمىگەچكە ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدى

سۇداندا سەككىز ئايلىق ھامىلە مەريەم يەھيا ئىبراھىم ئىسھاق ئىسىملىك ئايالغا دىن ئۆزگەرتكەنلىكى ئۈچۈن مەھكىمە تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. ئانىسى خرىستىئان، دادىسى مۇسۇلمان بولغان بۇ ئايال، مەھكىمىدە ئۆزىنىڭ بالا ۋاقتىدىن تارتىپلا خرىستىئان ئىكەنلىگىنى بايان قىلدى. لېكىن مەھكىمە، دادىسى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن مەريەمنىڭمۇ مۇسۇلمان ھېساپلىنىدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلدى. ئۇ ئايال مەھكىمىنىڭ ئۆزىگە بەرگەن «ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىسلامغا قايتىش» قارارىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەھكىمە، ئۇ ئايالنىڭ خرىستىئان بىر كىشى بىلەن قىلغان نىكاھىنى شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ دەپ قاراپ، زىنا قىلغانلىق گۇناھى بىلەن 100 دەررە ئۇرۇش جازاسىنىمۇ بەردى. لېكىن، ئۇ ئايال ھامىلدار بولغانلىقى ئۈچۈن، جازاسى تۇغۇتتىن كېيىنكى ئىككى يىل جەريانىدا ئىجرا قىلىنمايدىغان بولدى. بۇ قارارغا غەربنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى قارشى چىقتى.[1]

سۈننى-شىئە بارلىق مەزھەپلەر، ئانىسى ياكى دادىسى مۇسۇلمان بولغان بالىنى مۇسۇلمان ھېساپلايدۇ.

 دىندىن چىققان بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ھەققىدە ھەمپىكىر. ھەنەفى ۋە جافەرى مەزھەپلىرى ئايالنى ئۆلتۈرمەيدۇ، ئەمما تۆۋبە قىلغىچە تۈرمىگە سولايدۇ.

ھېچقانداق بىر مەزھەپ مۇسۇلمان ئايالنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان بىر ئەر بىلەن ئۆيلىنىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ھەممىسى بۇنداق ئۆيلىنىۋالغانلارنى زىنا قىلدى دەپ قارايدۇ.

 مەزھەپلەردە بىرلىككە كەلگەن بۇ مەسىلىلەر، قۇرئان ۋە ھېكمەتكە (توغرا سۈننەتكە) زىتتۇر.

 خاتالىقتا پىكىر بىرلىكى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئوخشاش بىر خاتالىقتا ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. «ئىككىگە ئىككىنى كۆپەيتسە قانچە بولىدۇ؟» دېگەن سۇئالغا خاتا جاۋاپنى بېرىشنى ئويلىغان كىشى، «تۆت» دېگەن رەقەمدىن باشقا سانسىزلىغان سانلارنى ئېيتىشى مۇمكىن. ئەمما نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ ئوخشاش خاتا جاۋاپنى بېرىشى ئۈچۈن، ئوخشاش بىر يەردىن ھەيدەكچىلىك قىلىنغان بولۇشى شەرت.

 بۇ پاراللېل دىننى تەشكىل قىلغانلارنىڭ قانداق ۋە قەيەردىن باشقۇرۇلغانلىقىنى تېپىپ چىقىش ئىشى تارىخشۇناسلارغا قالسۇن. ئەمما بۇنى قىلغانلار، توغرا دىننى يۇشۇرۇشتا مۇۋەپپىقىيەت قازاندى. ناۋادا مۇسۇلمانلار قۇرئاننى چۈشۈنىشكە غەيرەت قىلىدىغانلا بولسا، بۇ قۇرۇلمىنى راۋاجلاندۇرۋاتقانلار سەھنىدىن چىكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

 ئا. ھېچبىر كىشى، ئائىلىسى سەۋەبىدىن مۇسۇلمان ھېساپلانمايدۇ

ئىنسانلار بىر ئىلىم بىلەن تۇغۇلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَاللّهُ أَخْرَجَكُم مِّن بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ لاَ تَعْلَمُونَ شَيْئًا وَجَعَلَ لَكُمُ الْسَّمْعَ وَالأَبْصَارَ وَالأَفْئِدَةَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ﴾

 «ئاللاھ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدىن چىقاردى، سىلەر ئۇ چاغدا ھېچ نەرسە بىلمەيتتىڭلار. سىلەر ئۈچۈن قۇلاق، كۆز ۋە دىللارنى بار قىلدى»- نەھل سۈرىسى، 78-ئايەت.

 يېڭى توغۇلغان بالا بىر نەرسە بىلمەيدۇ. ئەمما ئۇ، تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ، كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ، ئىگە بولغان مەلۇماتلارنى ئەقلىنىڭ ياردىمى بىلەن قەلبىدە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولىدۇ. ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى تونۇغانسېرى، مەۋجۇداتلارنىڭ بىر ئىگىسى ۋە ياراتقۇچىسى بارلىقىنى چۈشىنىدۇ. بالاغەتكە يەتكىچە ئۇنىڭ بىرلىكى ۋە مەۋجۇتلىقى توغرىسىدا كەسكىن قانائەتكە كېلىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن، ئاللاھقا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سورۇشى، كېيىنچە سورىماسلىقى بۇ سەۋەپتىندۇر.

﴿وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِن بَنِي آدَمَ مِن ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَى أَنفُسِهِمْ أَلَسْتَ بِرَبِّكُمْ قَالُواْ بَلَى شَهِدْنَا أَن تَقُولُواْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَذَا غَافِلِينَ. أَوْ تَقُولُواْ إِنَّمَا أَشْرَكَ آبَاؤُنَا مِن قَبْلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةً مِّن بَعْدِهِمْ أَفَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ الْمُبْطِلُونَ. وَكَذَلِكَ نُفَصِّلُ الآيَاتِ وَلَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ﴾

 «رەببىڭ ئادەم بالىلىرىدىن – ئۇلارنىڭ بەللىرىدىن ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنى ئالغان چاغدا ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ: «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ھەئە، رەببىمىزسەن، بىز ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇق» دېدى. ئى ئىنسانلار! بۇ «بىز بۇنىڭدىن غاپىل ئىدۇق» دېمەسلىكىڭلار ياكى: «ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى شېرىك كەلتۈرگەن ئىكەن، بىز بولساق ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن بىر نەسىل ئىدۇق. باتىلغا چۆمگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. بىز ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز. بۇ ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقتىن قايتىشلىرى ئۈچۈندۇر»- ئەئراڧ سۈرىسى، 172 ۋە 741-ئايەتلەر.

خەلق ئارىسىدىكى، «بەزمى ئەلەستە ئېلىنغان ئەھدە» ياكى «ئەلەستۇبىرەببىكۇم» دېيىلگەن بۇ ھادىسە، ئىنساننىڭ ئوچۇق ۋە ئېنىق ھالەتتە، ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى قوبۇل قىلىش ھادىسىسىدۇر. بۇ ئىش، ئادەم ئوغۇللىرىنىڭ «بېلىدىن نەسىللىرىنىڭ ئېلىنىش» جەريانىدا ئېنىق بولىدۇ.

 نەسىلنىڭ بەلدىن ئېلىنىشى، نەسىلنى داۋاملاشتۇرىدىغان تۇخۇمنىڭ يېتىلىشى ئەمەس، مەۋجۇت يېرىدىن ئايرىلىشىدۇر. ئىنسان ئۇنىڭ بىلەن يېتىلىش دەۋرىگە كىرىدۇ ۋە بالا تاپالايدىغان ياشقا كېلىدۇ.

ئەھدىنىڭ مانا بۇ ئەسنادا ئېلىنىشى، كىشىنىڭ ئۇ ياشقا كىرگەن چېغىدا ئېنىق بىر قارارغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن ھەر ئىنسان، ئۆزىنى ۋە مەۋجۇداتلارنى ياراتقان، ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ يىگانە ۋە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئوخشىمىغان ئىسىملار بېرىلسىمۇ ھەر ئىنسان ئىشەنگەن «رەب» ئوخشاش رەبتۇر.

قۇرئاندا ھەرنەرسىنىڭ ئۆرنىكى بار. بالا ۋاقتىدا توغرا ئەقىدىگە ئېرىشىشنىڭ ئۆرنىكى-مۇشرىك بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولۇپ ئۆسكەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدۇر. بىر كۈنى ئىبراھىم ئەلەيھىسالام دادىسى ئازەرنىڭ بۇتلارنى تەڭرى دەپ ئېتىقاد قىلىشنىڭ مەنىسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ لأَبِيهِ آزَرَ أَتَتَّخِذُ أَصْنَامًا آلِهَةً إِنِّي أَرَاكَ وَقَوْمَكَ فِي ضَلاَلٍ مُّبِينٍ﴾

 «بۇتلارنى ئىلاھلار قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئاشكارا ئازغۇنلۇقتا، دەپ قارايمەن»-ئەنئام سۈرىسى، 74-ئايەت.

ئىبراھىم بىر ئىنساننىڭ بۇتلارنى تەڭرى قىلىۋېلىشىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن ئىدى. ئەمما، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئالەمنىڭ باشقۇرىلىشىدا تەسىرى بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان ئىدى. بۇ سەۋەپتىن ئاللاھ ئىبراھىمغا، ئاسمان ۋە زېمىننى باشقۇرۇشنىڭ كىمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

﴿وَكَذَلِكَ نُرِي إِبْرَاهِيمَ مَلَكُوتَ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ وَلِيَكُونَ مِنَ الْمُوقِنِينَ. فَلَمَّا جَنَّ عَلَيْهِ اللَّيْلُ رَأَى كَوْكَبًا قَالَ هَذَا رَبِّي فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لا أُحِبُّ الآفِلِينَ﴾

«شۇنىڭدەك بىز ئىبراھىمغا، قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولىشى ئۈچۈن ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ باشقۇرۇلۇشىنى كۆرسىتەتتۇق. ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقى باسقاندا بىر يۇلتۇز كۆرۈپ:«بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن» دېدى»-ئەنئام سۈرىسى،75 ۋە 76-ئايەت.

  يۇلتۇزنىڭ تەڭرى بولالمايدىغانلىقىنى بىلدى. ئەمما، باشقا ئاسمان جىسىملىرى تەڭرى بولۇشى مۇمكىنمىدۇ؟

﴿فَلَمَّا جَنَّ عَلَيْهِ اللَّيْلُ رَأَى كَوْكَبًا قَالَ هَذَا رَبِّي فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لا أُحِبُّ الآفِلِينَ﴾

 «ئاندىن تۇغۇۋاتقان ئاينى كۆرۈپ:«بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. ئۇمۇ پېتىپ كېتىۋىدى: « رەببىم ماڭا توغرا يولنى كۆرسەتمىسە، مەن چوقۇم ئېزىپ كەتكۈچى قەۋمدىن بولۇپ كېتىمەن» دېدى»-ئەنئام سۈرىسى،77-ئايەت.

 ئايمۇ تەڭرى بولالمايتتى.  « رەببىم ماڭا توغرا يولنى كۆرسەتمىسە» سۆزىدىكى رەب، ئۇنىڭغا كۆرە ئۇلۇغ رەب يەنى ئاللاھ تائالادۇر. چۈنكى تۆۋەندىكى ئايەت، ئىبراھىمنىڭ گۇمانىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:

﴿فَلَمَّا رَأَى الشَّمْسَ بَازِغَةً قَالَ هَذَا رَبِّي هَذَآ أَكْبَرُ فَلَمَّا أَفَلَتْ قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي بَرِيءٌ مِّمَّا تُشْرِكُونَ﴾

«ئاندىن چىقىۋاتقان كۈننى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر. بۇ تېخىمۇ چوڭدۇر!» دېدى. ئۇمۇ پېتىپ كېتىۋېدى مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا-جۇدامەن»-ئەنئام سۈرىسى، 78-ئايەت.

 ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭمۇ ۋاستىچى ئىلاھ بولالمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، بۇ قېتىم ئۇ، ئۆز خەلقىگە قارشى كەسكىن پوزېتسىيەسىنى بىلدۈردى. ئاللاھ مەسىلىسىدە ھېچكىمنىڭ شۈبھىسى يوق ئىدى. لېكىن، ئۇ يەرنىڭ خەلقىنىڭ كۆزقارىشىدا ئاسمان جىسىملىرى ۋاستىچى ئىلاھ بولالايتتى. تۈۋەندىكى ئايەتلەر بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىكتۇر:

﴿وَحَآجَّهُ قَوْمُهُ قَالَ أَتُحَاجُّونِّي فِي اللّهِ وَقَدْ هَدَانِ وَلاَ أَخَافُ مَا تُشْرِكُونَ بِهِ إِلاَّ أَن يَشَاء رَبِّي شَيْئًا وَسِعَ رَبِّي كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا أَفَلاَ تَتَذَكَّرُونَ. وَكَيْفَ أَخَافُ مَا أَشْرَكْتُمْ وَلاَ تَخَافُونَ أَنَّكُمْ أَشْرَكْتُم بِاللّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ عَلَيْكُمْ سُلْطَانًا فَأَيُّ الْفَرِيقَيْنِ أَحَقُّ بِالأَمْنِ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ﴾

 «قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازېرىلەشتى. ئىبراھىم دېدىكى: «سىلەر مەن بىلەن بىللە ئاللاھ توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ئۇ مېنى ھىدايەت قىلغان تۇرسا. مەن سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك قىلغان نەرسىلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. لېكىن رەببىمنىڭ بىر نەرسە خالىشىدىن قورقىمەن. رەببىمنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تەزەككۇر قىلمامسىلەر؟[2].  مەن سىلەر ئاللاھقا شېرك قىلغان نەرسىلەردىن قانداقمۇ قورقاتتىم! ھالبۇكى، سىلەر ئاللاھ ئۆزىنىڭ شېرىكى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشتىن قورقمايۋاتىسىلەر. بۇ ئىككى پىرقىنىڭ قايسىسى قورقماسلىققا تېگىشلىك؟ ئەگەر بىلسەڭلار دەپ بېقىڭلار»-ئەنئام سۈرىسى، 74 ۋە 80-ئايەت.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆسۈپ چوڭ بولغان جەمئىيەتنىڭ ئاللاھ ھەققىدە شۈبھىسى يوق ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا مەۋجۇداتلارنى ۋاستىچى ئىلاھ دەپ ھېساپلىغاندىمۇ بىرەر دەلىلگە تايانمىغان ئىدى. ئەسلىدە ئۇلار، بۇتلارغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، ئاممىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈنلا چوقۇناتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغاندىن كېيىن، ئۇلارغا مۇنداق دېگەن ئىدى:

﴿وَقَالَ إِنَّمَا اتَّخَذْتُم مِّن دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا مَّوَدَّةَ بَيْنِكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ثُمَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُ بَعْضُكُم بِبَعْضٍ وَيَلْعَنُ بَعْضُكُم بَعْضًا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّاصِرِينَ﴾

 «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىسىلەر. بۇنى، بۇدۇنيا ھاياتىدا ئاراڭلاردىكى دوستلۇقنى دەپلا قىلىۋاتىسىلەر. ئاندىن قىيامەت كۈنى بىر – بىرىڭلارنى ئىنكار قىلىسىلەر، بىر – بىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر. سىلەرنىڭ بېرىپ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچ ياردەمچى يوقتۇر»-ئەنكەبۇت سۈرىسى،25-ئايەت.

مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھەر ئىنسان، ئالدى بىلەن مۇئمىن، ئاندىن كافىر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلاَ تَكُونُواْ كَالَّذِينَ تَفَرَّقُواْ وَاخْتَلَفُواْ مِن بَعْدِ مَا جَاءهُمُ الْبَيِّنَاتُ وَأُوْلَئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ. يَوْمَ تَبْيَضُّ وُجُوهٌ وَتَسْوَدُّ وُجُوهٌ فَأَمَّا الَّذِينَ اسْوَدَّتْ وُجُوهُهُمْ أَكْفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ فَذُوقُواْ الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ﴾

 «سىلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بۆلۈنگەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقانلاردەك بولماڭلار. ئەنە شۇلارغا چوڭ ئازاپ بار. ئۇلار ئۇ ئازاپقا بەزى يۈزلەر ئاقىرىدىغان ۋە بەزى يۈزلەر قارىيىدىغان كۈندە دۇچار بولىدۇ. «يۈزى قارايغانلارغا: «سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ ئۇنداق بولسا كافىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن شۇ ئازابنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ»-ئال ئىمران، 105 ۋە 106-ئايەت.

كافىرنىڭ لۇغەت مەنىسى «يېپىپ قويۇش» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئايەتتە كافىرنىڭ ئۆزىدىكى ئىماننى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن جازاغا تېگىشلىك بولغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئۇنداقتا ھەر كافىر مۇرتەددۇر ، ئۇلارنىڭ جازاسى پەقەت ئاخىرەتتە بېرىلىدۇ.

 ئىنسان، ھەر نەرسىسىدە قەرزدار بولغان ئاللاھنى ھاياتىنىڭ مەركىزىگە قويۇشى لازىم. لېكىن، بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر كىشى ئۆزىگە بىر يول سىزىۋالغان بولىدۇ. ئەگەر تۇتقان يولى، ھەقىقەتلەرنى / توغرىلارنى ئىككىنجى ئورۇنغا قويىدىغان بولسا، ئاللاھنى ھاياتىنىڭ مەركىزىدىن چىقارغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُلْ كُلٌّ يَعْمَلُ عَلَى شَاكِلَتِهِ[3] فَرَبُّكُمْ أَعْلَمُ بِمَنْ هُوَ أَهْدَى سَبِيلاً﴾

ئېيتقىنكى:«ھەركىم ئۆز يولىدا ماڭىدۇ، كىمنىڭ يولىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى رەببىڭلار ئوبدان بىلىدۇ»-ئىسرا سۈرىسى، 84-ئايەت.

﴿وَلِكُلٍّ وِجْهَةٌ هُوَ مُوَلِّيهَا فَاسْتَبِقُواْ الْخَيْرَاتِ أَيْنَ مَا تَكُونُواْ يَأْتِ بِكُمُ اللّهُ جَمِيعًا إِنَّ اللّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ﴾

 «ھەر ئۇممەتنىڭ يۈز كەلتۈرىدىغان بىر تەرىپى بار. ئۇنداقتا سىلەر ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا بىر-بىرىڭلار بىلەن بەسلىشىڭلار»-بەقەرە سۈرىسى، 148-ئايەت.

 ئاللاھنى ھاياتىنىڭ مەركىزىدىن چىقارغان كىشى، ئۇنى كۆرمەسلىككە سېلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ ھەقلىق بىر سەۋەبى بولمىغاچقا، ئاخىرەتتە مۇنداق دىيەلمەيدۇ:

﴿أَوْ تَقُولُواْ إِنَّمَا أَشْرَكَ آبَاؤُنَا مِن قَبْلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةً مِّن بَعْدِهِمْ أَفَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ الْمُبْطِلُونَ﴾

 «ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى شېرك كەلتۈرگەن ئىكەن، بىز بولساق ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن نەسىل ئىدۇق. باتىلغا چۆمگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى بىزنى ھالاك قىلامسەن؟»-ئەئراڧ سۈرىسى،173- ئايەت.

 ئاللاھنى ھاياتىنىڭ مەركىزىگە قويغان كىشى، خاتا ئىش قىلىپ سالغاندا دەرھال ئۇنى ئەسلەيدۇ، ئۆزىنى تۈزىتىشكە تىرىشىدۇ ۋە گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن يالۋۇرۇشقا باشلايدۇ.

 ئاللاھنى ھاياتىنىڭ مەركىزىدىن چىقارغان كىشى، مەركەزگە ئالغان شەيئىنى ئاللاھنىڭ ئورنىغا قويغانلىقى ئۈچۈن مۇشرىك، ئۇنىڭغا مەركەزلىشىپ ئاللاھنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى ئۈچۈن كافىر بولىدۇ.

 ب. دىندىن يانغاننىڭ ئۆلتۈرۈلىشى

قۇرئاندا دىندىن يېنىۋالغانغا بۇ دۇنيادا بېرىلىدىغان جازا يوق. ئۇنىڭ جازاسى، ھاياتى بويىچە لەنەت ئاستىدا قېلىشى، تۆۋبە قىلماستىن ئۆلسە ئۇ لەنەتنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشى، ئازاپنىڭ يېنىكلىتىلمەسلىكى ۋە يۈزىگە قارالماسلىقىدۇر.

 قۇرئاندا دىندىن يېنىشنىڭ ھۆكۈملىرى

 مۇقاتىل بىن سۇلەيماننىڭ (ۋاپاتى 150 / 767) بىلدۈرىشىچە، 12 كىشى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كافىر بولۇپ كېتىپ، دىلىغۇل شەكىلدە مەدىنىدىن ئايرىلىپ مەككە كافىرلىرىغا قېتىلىپ كېتىشكەن ئىدى. كېيىنچە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھارس بىن سۇۋەيد پۇشايمان قىلىپ دىنىغا قايتقان ۋە قېرىندىشى جۇلاسقا مۇنۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن ئىدى: «مەن تۆۋبە قىلىپ يېنىۋالدىم. ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدىن سوراپ باق، تۆۋبە قىلىش ھەققىم بارمىكەن؟ بولمىسا شامغا كېتىمەن». جۇلاس ئەھۋالنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە يەتكۈزگەن بولسىمۇ جاۋاپ ئالالمىغان ئىدى. ئاندىن مۇنۇ ئايەتلەر نازىل بولدى:[4]

﴿كَيْفَ يَهْدِي اللّهُ قَوْمًا كَفَرُواْ بَعْدَ إِيمَانِهِمْ وَشَهِدُواْ أَنَّ الرَّسُولَ حَقٌّ وَجَاءهُمُ الْبَيِّنَاتُ وَاللّهُ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ. أُوْلَئِكَ جَزَآؤُهُمْ أَنَّ عَلَيْهِمْ لَعْنَةَ اللّهِ وَالْمَلآئِكَةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ. خَالِدِينَ فِيهَا لاَ يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلاَ هُمْ يُنظَرُونَ. إِلاَّ الَّذِينَ تَابُواْ مِن بَعْدِ ذَلِكَ وَأَصْلَحُواْ فَإِنَّ الله غَفُورٌ رَّحِيمٌ﴾

«بۇ ئەلچىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ۋە روشەن دەلىللەرنى كۆرۈپ ئىمان ئېيتقاندىن[5] كېيىن كافىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. ئەنە شۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇلار بۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاپ يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ. لېكىن ئۇ ئازغۇنلۇقتىن كېيىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغانلارغا جازا بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ بۇلارغا مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»-ئال ئىمران سۈرىسى،86 ۋە 89-ئايەت.

﴿مَن كَفَرَ بِاللّهِ مِن بَعْدِ إيمَانِهِ إِلاَّ مَنْ أُكْرِهَ وَقَلْبُهُ مُطْمَئِنٌّ بِالإِيمَانِ وَلَكِن مَّن شَرَحَ بِالْكُفْرِ صَدْرًا فَعَلَيْهِمْ غَضَبٌ مِّنَ اللّهِ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ. ذَلِكَ بِأَنَّهُمُ اسْتَحَبُّواْ الْحَيَاةَ الْدُّنْيَا عَلَى الآخِرَةِ وَأَنَّ اللّهَ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ. أُولَئِكَ الَّذِينَ طَبَعَ اللّهُ عَلَى قُلُوبِهِمْ وَسَمْعِهِمْ وَأَبْصَارِهِمْ وَأُولَئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ. لاَ جَرَمَ أَنَّهُمْ فِي الآخِرَةِ هُمُ الْخَاسِرونَ﴾

 «ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھقا كافىر بولۇپ- قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇپ زورلانغانلار مۇستەسنا -، كۆڭلىنى كافىرلىققا ئاچقانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپ ياغىدۇ ھەمدە ئۇلار چوڭ بىر ئازاپقا دۇچار بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن ئۈستۈن كۆرگەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ كافىر قەۋمنى توغرا يولغا كەلتۈرمەيدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلىبلىرىنى، قۇلاقلىرىنى ۋە كۆزلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاخىرەتتە پۈتۈنلەي زىيان تارتقۇچىلاردۇر»-نەھل سۈرىسى،  106ۋە 109-ئايەت.

 دېمەككى، دىندىن يېنىپ كافىر بولغانلارنىڭ جازاسى، ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ لەنىتىگە قىلىش ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىشتۇر. تۆۋبە قىلغانلار بۇ جازادىن قۇتۇلىدۇ.

 مەزھەپلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى

 مەزھەپلەر، بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ئايەتلەرگە ۋە كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ھەدىسلەرگە ئاساسەن دىندىن يېنىۋالغان كىشىنىڭ ئۆلتۈرىلىشى ھەققىدە ئىتتىپاقلىشىدۇ.

 ئا. قۇرئاندىن دەلىللىرى

ھەنەفىلەر بۇ ھەقتە، مۇنۇ ئايەتكە ئاساسلىنىدۇ:

﴿قُل لِّلْمُخَلَّفِينَ مِنَ الْأَعْرَابِ سَتُدْعَوْنَ إِلَى قَوْمٍ أُوْلِي بَأْسٍ شَدِيدٍ تُقَاتِلُونَهُمْ أَوْ يُسْلِمُونَ فَإِن تُطِيعُوا يُؤْتِكُمُ اللَّهُ أَجْرًا حَسَنًا وَإِن تَتَوَلَّوْا كَمَا تَوَلَّيْتُم مِّن قَبْلُ يُعَذِّبْكُمْ عَذَابًا أَلِيمًا﴾

«ئى مۇھەممەد! ئايرىلىپ قالغان بەدەۋىلەرگە ئېيتقىنكى: «سىلەر يېقىندا قاتتىق جەڭگىۋار بىر قەۋم بىلەن ئۇرۇشۇشقا چاقىرىلىسىلەر. ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىسىلەر ياكى ئۇلار تەسلىم بولىدۇ. ئەگەر ئىتائەت قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرگە ياخشى ئەجىر ئاتا قىلىدۇ. ئەگەر ئىلگىرى يۈز ئۆرىگىنىڭلاردەك، يەنە يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازاب قىلىدۇ»- فەتىھ سۈرىسى، 16-ئايەت.

 ئۇلار مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېتىبارغا ئالمىغانلىقى ئۈچۈن،بىر ئايەتنىڭ، يەنى يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ « ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىسىلەر ياكى ئۇلار تەسلىم بولىدۇ» دېگەن قىسمىنى باش-ئايىغى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى / باغلىنىشىنى ئۈزۈپ، ئۇنىڭدىن «دىندىن يانغانلار ئۆلتۈرۈلىدۇ» دەپ ھۆكۈم چىقارغان.[6]

 تېمىغا ئائىت روشەن ئايەتلەرنى كۆرمەستىن، باشقا تېمىلارغا ئالاقىدار ئايەتلەردىن ئىككى كەلىمىنى يۇلۇپ ئېلىپ، بىر ئىنساننىڭ ئۆلۈمىگە پەتىۋا بېرىشنىڭ قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئاشكارىدۇر.

ب-  سۈننەتتىن دەلىلى

سۈننەتنىڭ لۇغەت مەنىسى- يول ۋە ئۇسۇل دېمەكتۇر. سۈننەتنىڭ قۇرئاندىكى مەنىسى؛ ئۆزلىرىگە توغرا دىن يېتىپ كەلگەن خەلقلەرگە ئاللاھنىڭ ئىجرا قىلغان قانۇنىدۇر.[7]

فىقھىدا سۈننەت دېيىلگەندە «ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ سۆزى، ھەرىكىتى ۋە تەستىقى دەپ چۈشۈنىلىدۇ. سۈننەت- ئەسلىدە بىر ھېكمەت، ئاللاھنىڭ كىتابىدىن، ئاللاھنىڭ قويغان مېتودلىرى بىلەن چىقارغان ھۆكۈملەردىن ئىبارەت». چۈنكى ھەرنەبىگە بېرىلگەندەك، ئۇنىڭغىمۇ كىتاپ ۋە ھېكمەت بېرىلگەن ئىدى.[8] مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿… وَأَنزَلَ اللّهُ عَلَيْكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَكَ مَا لَمْ تَكُنْ تَعْلَمُ وَكَانَ فَضْلُ اللّهِ عَلَيْكَ عَظِيمًا﴾

 «…ئاللاھ ساڭا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىنى ئۆگەتتى. ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان پەزلى ھەقىقەتەن چوڭدۇر.»- نىسا سۈرىسى،113-ئايەت.

ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى مۇنداق:

 «قاراڭلار! ماڭا كىتاپ ۋە ئۇنىڭ مىسلى بېرىلدى». [9]

 «سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ، ئورۇندۇقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، مېنىڭ بىر ئەمرىم ياكى قويغان چەكلىمىلىرىمگە «بىلمەيمىز، بىز ئاللاھنىڭ كىتابىدىن تاپقانلىرىمىزغا ئەمەل قىلىمىز»[10]دېگەنلىكىنى كۆرمىسەم دەيمەن.

ئۇنىڭغا كىتاپ بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئۇسۇلىمۇ ئۆگىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان كىتاپتىن چىقارغان ھۆكۈملەرنى چەتكە قايرىپ قويالمايدۇ. ئۇ بۇ مېتودنى / ئۇسۇلنى، ئۈممىتىگىمۇ ئۈگەتكەن ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن ئىدى:

﴿لَقَدْ مَنَّ اللّهُ عَلَى الْمُؤمِنِينَ إِذْ بَعَثَ فِيهِمْ رَسُولاً مِّنْ أَنفُسِهِمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِهِ وَيُزَكِّيهِمْ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَإِن كَانُواْ مِن قَبْلُ لَفِي ضَلالٍ مُّبِينٍ﴾

«ئاللاھ مۇئمىنلارغا ئۆزئىچىدىن بىر ئەلچى ئەۋەتىپ ناھايىتى چوڭ ئىنئام قىلدى. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، ئۇلارنى پاكلايدۇ، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوپئوچۇق بىر ئازغۇنلۇقتا ئىدى»-ئال ئىمران سۈرىسى،164-ئايەت.

نەبىمىز، ھەرقانداق بىر ھۆكۈمنى قۇرئانغا قارىتا چىقىرىشقا مەجبۇر ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مۇنداق بۇيرىغان ئىدى:

﴿وَأَنِ احْكُم بَيْنَهُم بِمَآ أَنزَلَ اللّهُ وَلاَ تَتَّبِعْ أَهْوَاءهُمْ وَاحْذَرْهُمْ أَن يَفْتِنُوكَ عَن بَعْضِ مَا أَنزَلَ اللّهُ إِلَيْكَ فَإِن تَوَلَّوْاْ فَاعْلَمْ أَنَّمَا يُرِيدُ اللّهُ أَن يُصِيبَهُم بِبَعْضِ ذُنُوبِهِمْ وَإِنَّ كَثِيرًا مِّنَ النَّاسِ لَفَاسِقُونَ. فَحُكْمَ الْجَاهِلِيَّةِ يَبْغُونَ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللّهِ حُكْمًا لِّقَوْمٍ يُوقِنُونَ﴾

«ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھەۋەسلىرىگە ئەگەشمىگىن، ئۇلارنىڭ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ بىر قىسمىدىن سېنى ۋاز كەچتۈرىشىدىن ساقلانغىن. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرىسە بىلگىنكى، ئاللاھ ئۇلارغا بەزى گۇناھلىرى يۈزىسىدىن مۇسىبەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتەن پاسىقلاردۇر. ئۇلار جاھىلىيەت ھۆكۈمىنى[11] تەلەپە قىلامدۇ؟ چىن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھتىنمۇ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچى بارمۇ؟»-مائىدە سۈرىسى، 49 ۋە 50-ئايەت.

 ھېكمەت، نەبىمىزنىڭ كىتاپتىن چىقارغان توغرا ھۆكۈمى بولغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە زىت بولغان مۇنۇ سۆزلەرنى قىلىشى مۇمكىن ئەمەس:

من بدل دينه فاقتلوه

«كىم دىندىن يېنىۋالسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار» [12]

«ئۈچ ئىشتىن بىرەرسى بولماي تۇرۇپ، مۇسۇلمان بىر كىشىنىڭ قېنى ھالال بولمايدۇ؛ ئۆيلەنگەن زىناخور، جانغا جان ۋە دىندىن يېنىپ جامائەتنى تەرك قىلغان كىشى».[13]

 بۇ سۆزلەردە چىقىرىلغان ھۆكۈملەردىن پەقەتلا «جانغا جان» قۇرئانغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. بەقەرە 178-ئايەت بويىچە بىر كىشىنى قەستەن ئۆلتۈرگەنگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئەمما، ئۆلگۈچىنىڭ يېقىنلىرى، ئۇنى ئەپۇ قىلسا بولىدۇ.

ج- دىن ئوخشىماسلىقنىڭ ئۆيلىنىشكە تەسىرى

     نىسا سۈرىسى 22-ئايەتتىن 24-ئايەتكىچە ئۆيلىنىش ھارام بولغان ئاياللار كۆرسىتىلگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىلىدۇ:

﴿وَأُحِلَّ لَكُم مَّا وَرَاء ذَلِكُمْ أَن تَبْتَغُواْ بِأَمْوَالِكُم مُّحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ ﴾

 «سىلەرگە يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئاياللاردىن باشقا ئاياللارنى ئىپپەتلىك بولغان ۋە زىنادىن ساقلانغان ھالىتىڭلاردا ماللىرىڭلارنى چىقىم قىلىپ نىكاھىڭلارغا ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى»- نىسا سۈرىسى،24-ئايەت.

يۇقىرىدىكى ئايەتتە، دىن شەرت ئەمەس، بەلكى ئىپپەتلىك بولۇش شەرتى قويۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا بىر تاللاش تەرتىپىمۇ بار.

 ئىپپەتلىك مۇئمىن ھۆر ئاياللار

 ئۆيلىنىشتىكى بىرىنجى تاللىشىمىز، ئىپپەتلىك مۇئمىن ھۆر ئاياللاردۇر. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىدەك:

﴿وَمَن لَّمْ يَسْتَطِعْ مِنكُمْ طَوْلاً أَن يَنكِحَ الْمُحْصَنَاتِ الْمُؤْمِنَاتِ فَمِن مِّا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُم مِّن فَتَيَاتِكُمُ الْمُؤْمِنَاتِ وَاللّهُ أَعْلَمُ بِإِيمَانِكُمْ بَعْضُكُم مِّن بَعْضٍ فَانكِحُوهُنَّ بِإِذْنِ أَهْلِهِنَّ وَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ مُحْصَنَاتٍ غَيْرَ مُسَافِحَاتٍ وَلاَ مُتَّخِذَاتِ أَخْدَانٍ فَإِذَا أُحْصِنَّ فَإِنْ أَتَيْنَ بِفَاحِشَةٍ فَعَلَيْهِنَّ نِصْفُ مَا عَلَى الْمُحْصَنَاتِ مِنَ الْعَذَابِ ذَلِكَ لِمَنْ خَشِيَ الْعَنَتَ مِنْكُمْ وَأَن تَصْبِرُواْ خَيْرٌ لَّكُمْ وَاللّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ﴾

 «سىلەردىن مۇئمىن ھۆر ئاياللارنى نىكاھىغا ئېلىشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچى يەتمىگەن كىشى، قول ئاستىڭلاردىكى مۇئمىن دېدەكلەردىن ئالسۇن. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. سىلەر بىر-بىرىڭلاردىنسىلەر.[14] ئۇنداقتا ئۇلارنى ئائىلىسىنىڭ رۇخسىتى[15] بىلەن ئېلىڭلار. ئۇلارغا تويلۇقلىرىنى مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا بېرىڭلار. ئۇلارنىڭ ئىپپەتلىك بولىشى، زىنادىن ساقلىنىشى ۋە مەخپى ئاشنا تۇتماسلىقى لازىم. ئۇلار ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان ئازابنىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك. بۇ سىلەردىن قىيىنچىلىق تارتىشتىن قورققان كىشى ئۈچۈندۇر. سەۋر قىلىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئاللاھ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- نىسا سۈرىسى،25-ئايەت.

ئىپپەتلىك دېدەكلەر/جارىيە

يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئىپپەتلىك ھۆر ئاياللاردىن كېيىنكى تاللاشتا، ئىپپەتلىك جارىيەلەرنىڭ بولۇشىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن. ئايەتتىكى مۇنۇ ئىپادىلەر، بۇ تاللاشنى تېخىمۇ يارقىن ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

ذَلِكَ لِمَنْ خَشِيَ الْعَنَتَ مِنْكُمْ وَأَن تَصْبِرُواْ خَيْرٌ لَّكُمْ وَاللّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ

«بۇ (ئىپپەتلىك جارىيە بىلەن ئۆيلىنىش رۇخسىتى) سىلەردىن قىيىنچىلىق تارتىشتىن قورققان كىشى ئۈچۈندۇر. سەۋر قىلىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- نىسا سۈرىسى،25-ئايەت.

 ئىپپەتلىك مۇشرىك ئاياللار

 ئۈچۈنجى تاللاش، ئىپپەتلىك مۇشرىك ئاياللاردۇر. بۇ ھەقتىكى ئايەت مۇنداق:

﴿الْيَوْمَ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ وَطَعَامُ الَّذِينَ أُوتُواْ الْكِتَابَ حِلٌّ لَّكُمْ وَطَعَامُكُمْ حِلُّ لَّهُمْ وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الَّذِينَ أُوتُواْ الْكِتَابَ مِن قَبْلِكُمْ إِذَا آتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ وَلاَ مُتَّخِذِي أَخْدَانٍ وَمَن يَكْفُرْ بِالإِيمَانِ فَقَدْ حَبِطَ عَمَلُهُ وَهُوَ فِي الآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ﴾

«مۇئمىن ئاياللاردىن ئىپپەتلىك بولغانلار ۋە سىلەردىن بۇرۇن كىتاپ بېرىلگەنلەردىن ئىپپەتلىك بولغان ئاياللار، ئۇلارغا تويلۇقلىرىنى بېرىش، ئىپپەتلىك بولۇش، زىنادىن ساقلىنىش ۋە ئۇلارنى ئاشنا تۇتماسلىق شەرتى بىلەن سىلەرگە ھالالدۇر»- مائىدە سۈرىسى، 5-ئايەت.

«كىتاپ بېرىلگەنلەر» سۆزىدىن يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلار مەقسەت قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار مۇشرىكلەرنىڭ سىرتىدىكى ئايرىم بىر سىنىپ ھېساپلىنىدۇ. ھالبۇكى، قۇرئان ئۇلارنىڭمۇ شېرك كەلتۈرگەنلىكىنى يەنى مۇشرىك ئىكەنلىكىنى ئۇچۇق ئىپادىلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىچە:

﴿اتَّخَذُواْ أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِّن دُونِ اللّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُواْ إِلاَّ لِيَعْبُدُواْ إِلَهًا وَاحِدًا لاَّ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ﴾

 «ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ھاخاملىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلەر قىلىۋالدى. مەريەم ئوغلى مەسىھنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر»-تەۋبە سۈرىسى،31-ئايەت.

 بۇ تاللاشلارنى ئىخچاملىغان ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿وَلاَ تَنكِحُواْ الْمُشْرِكَاتِ حَتَّى يُؤْمِنَّ وَلأَمَةٌ مُّؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ وَلاَ تُنكِحُواْ الْمُشِرِكِينَ حَتَّى يُؤْمِنُواْ وَلَعَبْدٌ مُّؤْمِنٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ أُوْلَئِكَ يَدْعُونَ إِلَى النَّارِ وَاللّهُ يَدْعُوَ إِلَى الْجَنَّةِ وَالْمَغْفِرَةِ بِإِذْنِهِ وَيُبَيِّنُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ﴾

 «مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. شۈبھىسىزكى، مۇئمىن بىر دېدەك مۇشرىك بىر ئايالدىن ياخشىدۇر، بۇ مۇشرىك ئايال سىلەرنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۇئمىن ئاياللارنى ئۇلارغا نىكاھلاپ بەرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، مۇئمىن بىر قۇل مۇشرىك ئەردىن ياخشىدۇر، بۇ مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ. مۇشرىكلار دوزاخقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئوچۇق بىلدۈرىشى بىلەن جەننەتكە ۋە مەغفىرەتكە چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىبرەت ۋە نەسىھەت ئالسۇن دەپ ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ»-بەقەرە سۈرىسى،221-ئايەت.

مۇشرىكلەر بىلەن توي قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە نۇھنىڭ ۋە لۇتنىڭ ئايالى بىلەن فىرئەۋىننىڭ ئايالى مىسال قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا لِّلَّذِينَ كَفَرُوا اِمْرَأَةَ نُوحٍ وَاِمْرَأَةَ لُوطٍ كَانَتَا تَحْتَ عَبْدَيْنِ مِنْ عِبَادِنَا صَالِحَيْنِ فَخَانَتَاهُمَا فَلَمْ يُغْنِيَا عَنْهُمَا مِنَ اللَّهِ شَيْئًا وَقِيلَ ادْخُلَا النَّارَ مَعَ الدَّاخِلِينَ. وَضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا لِّلَّذِينَ آمَنُوا اِمْرَأَةَ فِرْعَوْنَ إِذْ قَالَتْ رَبِّ ابْنِ لِي عِندَكَ بَيْتًا فِي الْجَنَّةِ وَنَجِّنِي مِن فِرْعَوْنَ وَعَمَلِهِ وَنَجِّنِي مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ﴾

ئاللاھ كافىرلارغا نۇھ ۋە لۇتنىڭ ئاياللىرىنى مىسال قىلدى. بۇ ئىككى ئايال بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىنىڭ نىكاھىدا ئىدى، ئۇ ئىككى ئايال ئۇ ئىككى ياخشى بەندىگە خىيانەت قىلدى، ئۇ ئىككى ياخشى بەندە ئاللاھتىن كەلگەن ھېچ نەرسىنى ئۇ ئىككى ئايالدىن دەپئى قىلالمىدى. ئۇ ئىككى ئايالغا:«كىرگۈچىلەر بىلەن دوزاخقا كىرىڭلار!» دېيىلدى. ئاللاھ مۇئمىنلارغا فىرئەۋىننىڭ ئايالىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئايال ئۆز ۋاقتىدا: «رەببىم! ھۇزۇرىڭدا، جەننەتتە مەن ئۈچۈن بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى فىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ ئەمىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېگەن ئىدى»-تەھرىم سۈرىسى،10 ۋە 11-ئايەت.

بۇ سەۋەپتىن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد (ئە.س.)، مۇسۇلمان بولغان ھېچبىر ئەرنى ۋە ئايالنى مۇسۇلمان بولمىغان جۈپتىدىن ئايرىمىغان ئىدى. ئۆز قىزى زەينەبنى، ئىسلامدىن بۇرۇن ئەبۇ ئاس ئىبن ئەررابى بىلەن ئۆيلەندۈرگەن، كېيىنچە قىزى مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ كۈيئوغلى تېخى مۇسۇلمان بولمىغان ئىدى. ئەبۇ ئاس، بەدىر ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، زەينەب بىر مىقدار مال بىلەن ئانىسى ئۆزىگە تاقاپ قويغان بۇلاپكىنى فىدىيەلىككە ئەۋەتكەن ئىدى. بۇنىڭغا كۆڭلى يېرىم بولغان نەبى، بۇلاپكىنى زەينەپكە قايتۇرۇپ بېرىشلىرىنى ۋە ئەبۇ ئاسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى، ئەبۇ ئاستىن قىزىنى مەدىنەگە ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەبۇ ئاس زەينەبنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما سۆزىدە تۇرىدۇ ۋە ئۇنى مەدىنىگە ئەۋەتىپ بىرىدۇ.

 ئەبۇ ئاس ھىجرەتنىڭ 6-يىلىدا مۇشرىكلار ئامانەت قىلغان تىجارەت ماللىرى بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەدىن قايتىۋاتقىنىدا، كارۋىنى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرىلىدۇ، ئەمما ئۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا قېچىپ قۇتۇلۇپ چىقىپ، كېچىسى زەينەبنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ھىمايىسىگە كىرىدۇ. نەبىمىزنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن كارۋاندىن ئېلىنغان غەنىمەتنىڭ تامامى ئەبۇل ئاسقا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئۇمۇ مەككىگە قايتىپ، ئامانەتلىرىنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن مۇسۇلمان بولىدۇ. ھەمدە مەدىنىگە ھىجرەت قىلىدۇ.[16]نەبىمىز زەينەبنى، ئالتە يىلدىن كېيىن، كونا نىكاھى بىلەن ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بىرىدۇ.[17]چۈنكى ئەبۇل ئاسنىڭ كافىر بولۇشى، زەينەبنى نىكاھىدا تۇتىشىغا توسقۇنلۇق قىلمايتتى.

ۋەلىد بىن مۇغىرەنىڭ قىزى سافۋان ئىبىن ئۇمەييە بىلەن توي قىلغان ئىدى؛ ئۇ مەككە فەتھى قىلىنغان كۈنى  مۇسۇلمان بولغان، ئېرى سافۋان بولسا ئىسلامدىن قاچقان ئىدى. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بىر ئىمان = ئىشەنچ / خاتېرجەملىك نامايەندىسى قىلىپ ئۆز يەكتىكىنى سافۋاننىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى / جىيەنى ۋەھىد ئىبن ئۇمەيىر ئارقىلىق ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەۋەتكەن ئىدى. ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ يېنىغا چاقىرغان؛ خالىسا مۇسۇلمان بولسا، خالىسا ئىككى ئاي ئەركىن يۈرسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. سافۋان يەكتەكنى / توننى كىيىپ، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، خەلقنىڭ ئالدىدا يۇقۇرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى:

«ئى مۇھەممەد! شۇ ۋەھب ئىبنى ئۇمەير سېنىڭ تونىڭنى ئېلىپ كېلىپ، مېنى يېنىڭغا چاقىرغانلىقىڭنى، ئەگەر مەن خالىسام قوبۇل قىلسام بولىدىغانلىقىمنى، بولمىسا ماڭا ئىككى ئاي ئەركىنلىك مۆھلىتى بەرگەنلىكىڭنى ئېيتتى».

 ئاللاھنىڭ ئەلچىسى: «ئەبۇ ۋەھب، تۈۋەنگە چۈش!» دېدى. ئەمما، ئۇ: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن ماڭا ئېنىق چۈشەنچە بەرمىگىچە چۈشمەيمەن!» دېدى. بۇنىڭغا جاۋابەن: «ئۇنداق ئەمەس، تۆت ئاي كېزەلەيسەن» دېدى… سافۋان كافىر، ئايالى مۇسۇلمان ئىدى. نەبىمىز، سافۋان بىلەن ئايالىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمىدى؛ ئۇلار بىرلىكتە تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇردى.[18]

 زىنا قىلغانلار بىلەن ئۆيلىنىش

يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە قارىغاندا تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئەر-ئايالنىڭ ئىپپەتلىك بولىشى شەرتتۇر. بۇ نۇقتىنى ئوچۇق ئىپادىلگەن ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿الزَّانِي لَا يَنكِحُ إلَّا زَانِيَةً أَوْ مُشْرِكَةً وَالزَّانِيَةُ لَا يَنكِحُهَا إِلَّا زَانٍ أَوْ مُشْرِكٌ وَحُرِّمَ ذَلِكَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ﴾

« زىنا قىلغۇچى ئەر زىنا قىلغۇچى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى ئايالدىن باشقىسىنى ئالمايدۇ. زىنا قىلغۇچى ئايالغا كەلسەك، ئۇنى زىنا قىلغۇچى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى ئەردىن باشقىسى ئالمايدۇ. بۇ مۇئمىنلارغا[19] ھارام قىلىندى»- نۇر سۈرىسى،3-ئايەت.

  مەرسەد ئىبنى ئەبى مەرسەد، مەككىدىن ئەسىرلەرنى ئېلىپ مەدىنىگە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ مەككىدە ئاناق ئىسىملىك پاھىشە دوستى بار ئىدى. مەككىدىكى بىر ئەسىرگە، ئۇنى قاچۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى. مەرسەد بۇ ئىش ھەققىدە مۇنۇلارنى ئېيتىدۇ:

 بىر ئايدىڭ كېچىدە، مەككىنىڭ تاملىرىدىن بىرسىنىڭ تۈۋىگە يېتىپ باردىم. شۇنداق تۇرسام ئاناق يېتىپ كەلدى، تامنىڭ ئاستىدىكى كۆلەڭگەمنى كۆردى. يېنىمغا كەلدى ۋە مېنى تونۇپ، «مەرسەدمۇ؟» دېدى. «ھەئە، مەرسەد» دېدىم. «مەرھابا، كەل بۇ كېچىنى يېىنىمىزدا ئۆتكۈز!» دېدى. «ياق، ئاناق؛ ئاللاھ زىنانى ھارام قىلدى» دېيىشىمگىلا، پەرياد قىلىپ: «ئەي چېدىر خەلقى! بۇ ئادەم ئەسىرلىرىڭلارنى ئەپقاچىدۇ!» دېدى. دەرھال سەككىز كىشى پېيمغا چۈشتى. خاندامە يولىغا قاراپ مېڭىپ بىر ئازگالغا مۆكۈندۈم. كەينىمىدىكىلەر يېتىپ كېلىپ، بېشىمدا تۇرۇپ سىيىشتى، بېشىمغا سۈيدۈكلىرى چاچرىدى. ئەمما ئاللاھ مېنى ئۇلارغا كۆرسەتمىدى. ئاندىن قايتىپ كېتىشتى. مەنمۇ قايتىپ بېرىپ دوستۇمنى يۈدۈپ مېڭىشقا باشلىدىم؛ ئۇ سېمىز بىرسى ئىدى. ئىزھىرغا كەلدىم ۋە قوللىرىدىكى باغلاقنى يەشتىم. ئاندىن قايتا ئۇنى يۈدۈپ ماڭدىم؛ قاتتىق چارچىغانتىم. ئاخىرى، مەدىنىگە يېتىپ كەلدىم. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) نىڭ ھۇزۇرىغا كەلدىم: «ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئاناق بىلەن ئۆيلىنىمەن» دېدىم؛ ئۇ، جىم تۇرۇۋالدى. ھەتتا، مۇنۇ ئايەت چۈشكىچە ھېچقانداق گەپ قىلمىدى:

﴿الزَّانِي لَا يَنكِحُ إلَّا زَانِيَةً أَوْ مُشْرِكَةً وَالزَّانِيَةُ لَا يَنكِحُهَا إِلَّا زَانٍ أَوْ مُشْرِكٌ وَحُرِّمَ ذَلِكَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ﴾

 « زىنا قىلغۇچى ئەر زىنا قىلغۇچى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى ئايالدىن باشقىسىنى ئالمايدۇ. زىنا قىلغۇچى ئايالغا كەلسەك، ئۇنى زىنا قىلغۇچى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى ئەردىن باشقىسى ئالمايدۇ. بۇ مۇئمىنلارغا ھارام قىلىندى»-نۇر سۈرىسى،3-ئايەت.

ئاندىن مۇنداق دېدى: «ماڭا قارا مەرسەد، زىنا قىلغان ئەركەك پەقەت زىنا قىلغان ئايال بىلەن ياكى مۇشرىك ئايال بىلەن ئۆيلىنەلەيدۇ. زىنا قىلغان ئايالنىمۇ پەقەت زىنا قىلغان ئەر ياكى مۇشرىك بولغان ئەرلا ئالالايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلەنمە!» دېدى.[20]

 نەبىمىز «ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلەنمە» دېگىنىدە، ئۇ ئايالنىڭ شېرىك قىلغانلىقىنى ئەمەس، زىناسىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق دېگەن ئىدى.

  پ. سۈننى-شىئە بارلىق مەزھەپلەرنىڭ ئىتتىپاقى

 كىتاپلىرى بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بارلىق سۈننى-شىئە مەزھەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى، ئاتىسى ياكى ئانىسى مۇسۇلمان بولسىلا مۇسۇلمان دەپ ھېساپلىشىدۇ، دىندىن يېنىۋالغانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى توغرىلىق پەتىۋا بېرىدۇ. مۇسۇلمان بىر ئايالنىڭ باشقا بىر دىندىكى كىشى بىلەن ئۆيلەنگەندىن كېيىنكى جىنسى مۇناسىۋىتىنى، زىنا جىنايىتى دەپ قاراپ، جازالاندۇرۇلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.  

بۇلار مائىدە سۈرىسىنىڭ 5-ئايىتىگە ئاساسلىنىپ، مۇسۇلمان ئەرنىڭ پەقەتلا يەھۇدى ياكى خىرىستىيان ئايال بىلەن ئۆيلىنىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. ئەمما، مۇشرىكلەر بىلەن توي قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئوپئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان بەقەرە سۈرىسىنىڭ 221-ئايتىدە تىلغا ئېلىنغان «تېخىمۇ خەيىرلىكتۇر/ياخشىدۇر» ئىپادىسى بىلەن نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالام بىلەن فىرئەۋننىڭ مۇئمىن ئايالىنىڭ نىكاھىنىڭ مىسال قىلىنغانلىقىنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ئىجرا قىلغانلىرىنى ئېتىبارغا ئالغانلارغۇ يوق.

بۇلار، نۇھ سۈرىسىنىڭ 3-ئايىتىنى مەنسۇخ، يەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان دەپ قارىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا بۇ ئايەت، «ئاراڭلاردىكى ئۆي-ئوچاقلىق بولمىغانلارنى ئۆيلەپ قويۇڭلار…» (نۇر 24/32) ئايىتى بىلەن مەنسۇخ، ئەمەل قىلىنمايدۇ. ئۇلاردىن بىرى بولغان ئىبن ھازىم، ئايەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى دەۋا توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قاراشنىڭ بىر دەلىلى يوق. قەتئىي بىر دەلىل بولماستىن، بىر ئايەت ياكى ھەدىس ھەققىدە «بۇ مەنسۇختۇر» دېيىش جائىز بولمايدۇ»[21].

ئىبن ھازىمنىڭ بۇ سۆزى توغرا، ئەمما ئايەت زىنا قىلغان ئەر ياكى ئايالنىڭ مۇشرىك بىلەن ئۆيلىنىدىغانلىقىنى شۇنداق ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلار زىنا قىلغان ئەر كىشىنىڭ پەقەت ئەھلى كىتاپنىڭ ئىپپەتلىك ئاياللىرى بىلەنلا ئۆيلىنەلەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما زىنا قىلغان مۇسۇلمان بىر ئايالنىڭ، مۇشرىك ئەركەك بىلەن توي قىلسا بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغانىقىنى ئېيتمايدۇ.

خۇلاسە

يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك سۈننى-شىئە بارلىق مەزھەپلەر قۇرئانغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ تەتبىقاتلىرىغا زىت بولغان نۇقتىلاردا ئىتتىپاقلاشقان ئىكەن. مۇرتەد ئايالنىڭ ئۆلتۈرۈلمەستىن، مۇسۇلمان بولغانغا قەدەر سولاپ قويۇلىشى ھەققىدە باشقىلاردىن ئايرىلغان ھەنەفى ۋە جافەرى مەزھەپلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىمۇ قۇرئانغا زىتلىق جەھەتتىن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مەزھەپلەرگە قارىغاندا سۇداندىكى شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ بەرگەن قارارى توغرا.

  بۇ قاراردىن كېيىن بىز، سۇداندىكى مەسئۇل كىشىلەرگە، بارلىق خاتالىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر مەكتۇپنى يوللىدۇق.[22] مەكتۇپنى ئەۋەتىپ 3 كۈندىن كېيىن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا سۇدان دائىرلىرىنىڭ دارغا ئېسىش جازاسىدىن ۋاز كەچكەنلىكى يېزىلدى. ئەگەر مەكتۇبىمىز مۇھىم دەپ قارىلىپ، خاتالىقلىرىدىن يېنىشنىڭ يولىغا كىرىشكەن بولسا، ئىسلام ئۈچۈن كاتتا ئىش قىلغان بولىدۇ. بولمىسا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنىڭ دائىرىسىدىن چىقالمايدۇ:

﴿وَلاَ تَقُولُواْ لِمَا تَصِفُ أَلْسِنَتُكُمُ الْكَذِبَ هَذَا حَلاَلٌ وَهَذَا حَرَامٌ لِّتَفْتَرُواْ عَلَى اللّهِ الْكَذِبَ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللّهِ الْكَذِبَ لاَ يُفْلِحُونَ. مَتَاعٌ قَلِيلٌ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ﴾

تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا[23] ئاساسلىنىپ «ئۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ. بۇ ئازغىنە مەنپەئەتتۇر، ئارقىسىدىن ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاپ بار»-نەھل سۈرىسى،116 ۋە 117-ئايەت.

 تۈۋەندىكى ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بىر ئايەتنى يوشۇرغانلارنى دىندىن يانغانلار بىلەن ئوخشاش جازالاش كېرەك.

﴿إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنزَلْنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ وَالْهُدَى مِن بَعْدِ مَا بَيَّنَّاهُ لِلنَّاسِ فِي الْكِتَابِ أُولَئِكَ يَلعَنُهُمُ اللّهُ وَيَلْعَنُهُمُ اللَّاعِنُونَ. إِلاَّ الَّذِينَ تَابُواْ وَأَصْلَحُواْ وَبَيَّنُواْ فَأُوْلَئِكَ أَتُوبُ عَلَيْهِمْ وَأَنَا التَّوَّابُ الرَّحِيمُ. إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَمَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ أُولَئِكَ عَلَيْهِمْ لَعْنَةُ اللّهِ وَالْمَلآئِكَةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ. خَالِدِينَ فِيهَا لاَ يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلاَ هُمْ يُنظَرُونَ﴾

«بىز نازىل قىلغان ئوچۇق ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى، بىز ئۇلارنى كىتاپتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ، لەنەت قىلغۇچىلارمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەن ۋە ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلار ئۇنداق بولمايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن. چۈنكى مەن تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچىمەن. كافىر بولغان ۋە كافىر پېتى ئۆلگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ لەنىتى ياغىدۇ. ئۇلار ئۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاپ يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ»-بەقەرە سۈرىسى،159 ۋە162 -ئايەت.

ئاللاھ، كىتابنى يوشۇرماسلىق ۋەزىپىسىنى كىتاپ بېرىلگەن ھەر جامائەتكە بەرگەن. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿وَإِذَ أَخَذَ اللّهُ مِيثَاقَ الَّذِينَ أُوتُواْ الْكِتَابَ لَتُبَيِّنُنَّهُ لِلنَّاسِ وَلاَ تَكْتُمُونَهُ فَنَبَذُوهُ وَرَاء ظُهُورِهِمْ وَاشْتَرَوْاْ بِهِ ثَمَناً قَلِيلاً فَبِئْسَ مَا يَشْتَرُونَ﴾

«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ، كىتاب بېرىلگەنلەردىن:«كىتابنى ئىنسانلاغا بايان قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن ھېچبىر نەرسىنى يوشۇرماڭلار» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇ ئەھدىگە ۋاپا قىلماي ئۇ كىتابنى ئازغىنا بەدەلگە سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئېلىم-سېتىمى نېمىدېگەن يامان!»-ئال ئىمران سۈرىسى، 187-ئايەت.

 بۇ ئايەتلەردىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ئاللاھ، پەرىشتىلەر ۋە بارلىق ئىنسانلار مۇسۇلمانلارنى ئەيىپلىگەن ئىدى. ئۆز مۈشكۈلاتلىرىنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى باشقىلاردىن ئىزدەيدىغان ھالغا كەپ قېلىشى، بۇ ئەيىبلىنىشنىڭ روشەن كۆرۈنىشى ئىدى.

 پاراللېل دىن چۈشەنچىسى، ھەقىقى ئىسلام دىنىنىڭ ئۈستىنى يېپىۋېلىپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن مۇسۇلمانلارنى مەھرۇم قىلغىنىدەك، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىمۇ مەھرۇم قىلغان ئىدى. مانا بۇ سەۋەپتىن، ئەسلى مۇرتەد، بۇ پەتىۋالارنى بەرگەنلەر ئىدى. ئۇ خىل چۈشەنچىلەر دەرھال تەرك قىلىشى كېرەك ئىدى.

ئاللاھ تائالا بىزنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ھەققىدە سوراققا تارتمايدۇ. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك بۇيرۇلغان ئىدۇق:

﴿تِلْكَ أُمَّةٌ قَدْ خَلَتْ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَلَكُم مَّا كَسَبْتُمْ وَلاَ تُسْأَلُونَ عَمَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ﴾

« ئۇلار بىر ئۈممەت ئىدى، كېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىسى ئۆزىنىڭ، سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسەڭلار سىلەرنىڭدۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرىسىدا جاۋاپكارلىققا تارتىلمايسىلەر»- بەقەرە سۈرىسى،134-ئايەت.

﴿قَالَ عِلْمُهَا عِندَ رَبِّي فِي كِتَابٍ لَّا يَضِلُّ رَبِّي وَلَا يَنسَى﴾

 مۇسا: «ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىدىكى بىر كىتابتا. رەببىم خاتالاشمايدۇ ۋە ئۇنتۇمايدۇ» دېدى»- تاھا سۈرىسى،52-ئايەت.

 بىز ئاللاھنىڭ كىتابىدىن سوراققا تارتىلىمىز. بىزدىن بۇرۇنقىلارمۇ دىنى ئۇلۇغلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىدىن ئەمەس، بەلكى بىۋاستە ئاللاھنىڭ كىتابىدىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَسْتُمْ عَلَى شَيْءٍ حَتَّىَ تُقِيمُواْ التَّوْرَاةَ وَالإِنجِيلَ وَمَا أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُمْ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرًا مِّنْهُم مَّا أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ طُغْيَانًا وَكُفْرًا فَلاَ تَأْسَ عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ﴾

«ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلمىغىچە، بىر نەرسىگە ئاساسلانغان بولمايسىلەر»- مائىدە سۈرىسى،68 -ئايەت.

 سۇداندىكى ئايالغا كەلسەك، شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ بەرگەن قارارى، مۇسۇلمانلارنى ھەم ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھەم پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ ئالدىدا يەرگە قارىتىپ قويىدۇ.

 ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئەمەللىرىمۇ قۇرئانغا ئاساسلانغان بولۇشى كېرەك. بۇ سەۋەپتىن سۇدانلىق ئايالغا بېرىلگەن قارار، ئۇنىڭ سۆز ۋە ئەمەللىرىگە زىت. ئاللاھ تائالا ئەلچىسىگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ الْكِتَابِ وَمُهَيْمِنًا عَلَيْهِ فَاحْكُم بَيْنَهُم بِمَا أَنزَلَ اللّهُ وَلاَ تَتَّبِعْ أَهْوَاءهُمْ عَمَّا جَاءكَ مِنَ الْحَقِّ لِكُلٍّ جَعَلْنَا مِنكُمْ شِرْعَةً وَمِنْهَاجًا وَلَوْ شَاء اللّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَكِن لِّيَبْلُوَكُمْ فِي مَآ آتَاكُم فَاسْتَبِقُوا الخَيْرَاتِ إِلَى الله مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ﴾

«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرى كەلگەن كىتاپلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە توغرا-خاتاسىنى ئايرىغۇچى ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق[24]. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا  كەلگەن بۇ ھەقلەرنى تاشلاپ ئۇلارنىڭ ھەۋەسلىرىگە ئەگەشمىگىن. بىز سىلەردىن ھەر بىرىڭلار ئۈچۈن بىر شەرىئەت ۋە بىر يول بەلگىلىدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى[25]، سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن سىلەرگە بەرگىنىدە سىلەرنى سىناش ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدى. ئۇنداقتا، ياخشى ئىشلاردا بەسلىشىڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ» (مائىدە 5/48).

  پروفېسور  ئابدۇلئەزىز بايىندىر

«كىتاپ ۋە ھېكمەت» ژورنىلى 6-سان باش ماقالىسى

تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق

 

[1] مۇنۇ ئادرېستىكى خەۋەرگە قارالسۇن:  http://www.bbc.co.uk/turkce/haberler/2014/05/140515_sudan­­_musluman.shtml

[2]بىلىمىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ دېگەن مەنىدە

 تابەرى، مۇھەممەد بىن جەرىر، جامىئۇل بەيان ڧىي تەڧسىرىل قۇرئان (تابەرى تەڧسىرى)، بەيرۇت 1412/1992 15.جىلىد 140.بەت[3]

[4] تەڧسىرۇ مۇقاتىل بىن سۇلەيمان، تاھقىق: ئاھمەد ڧەرىد، بەيرۇت 1424/2002، 1.جىلىد 180-181-بەت

[5] « وَجَاءهُمُ الْبَيِّنَاتُ» ھالەت جۈملىسى دەپ قارالغان.

[6] سەراھسى، شەمسۇددىن، ئەل-مەبسۇت، مىسىر 1324/1906   10-جىلىد 98-بەت.

[7] ئەنڧال 8/38، ھىجىر 15/10-15، ئىسرا 17/76-77، كەھىڧ 18/55، ئاھزاب 33/38،39، ئاھزاب 33/60-62، ڧاتىر 35/42-44، مۇئمىن 40/85، ڧەتىھ 48/22-23

[8] ئاللاھ، كىتابنى ۋە ھېكمەتنى بارلىق نەبىيلەرگە بەرگەن ئىدى. ئۆرنىكى ئۈچۈن ئالئىمران سۈرىسىنىڭ 81-ئايىتىگە قاراڭ.

[9] ئەبۇ داۋۇد، سۈننەھ 6، لۇزۇمۇسسۈننەھ. ھەدىسنىڭ رىۋايەت قىلغۇچىلىرىدىن ئەبۇ ئامىر بىن كەسىر بىن دىنار  بىلەن ئالاقىلىق خالىل ئاھمەد ئەسسەھارەنڧۇرى دەيدۇكى: «بۇ كىشىنىڭ قايسى زاماندا ياشىغانلىقى نامەلۇم. قولۇمدىكى ھەدىس ۋە رىجال كىتاپلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ئىزدەپ باقتىم، شۇنچىلىك ئىزدىگەن بولساممۇ يەنىلا تاپالمىدىم. (خالىل ئاھمەد ئەسسەھارەنڧۇرى، بەزلۇل مەجھۇد ڧىي ھاللىي ئەبىي داۋۇد، 18-جىلىد، 126-بەت، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە بەيرۇت. تارىخى يوق.) ھەدىسنىڭ سەنەتىدە مەسىلە بولسىمۇ، مەنىسىدە مەسىلە يوق.

[10] ئەبۇ داۋۇد، سۈننەھ 6 (4605).

[11] ئايەتكە كۆرە ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن باشقا بارلىق ھۆكۈملەر جاھىلىييە ھۆكمىدۇر.

[12] بۇخارىي، جىھاد 149، ئىستىتابە 2؛ ئەبۇ داۋۇد، ھۇدۇد 1؛ تىرمىزى، ھۇدۇد 25؛ نەسائىي، تاھرىم 14؛ ئىبىن ماجە، ھۇدۇد 2؛

 ئاھمەد بىن ھانبەل، 1-جىلىد /2،7،28، 282.

[13] بۇخارى، دىيەت، 6؛ مۇسلىم، قاسامە، 6.

[14] ئەي ئىنسانلار! توغرىسى بىز سىزلەرنى بىر ئەركەك بىلەن بىر ئايالدىن ياراتتۇق. سىزلەرنى بىر-بىرىڭلارنى ئاسانلا تونۇۋالسۇن دەپ مىللەتلەر ۋە قەبىلىلەر شەكلىگە كەلتۈردۇق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ يېنىدا ئەڭ قىممەتلىك بولغىنىڭىز، ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ قېلىشتىن ئەڭ قورققان كىشىدۇر.  ئاللاھ بىلىدۇ، خەۋەرداردۇر. ھۇجۇرات 49/13.

[15] ئەسىر ئايالنىڭ يەنى جارىيەنى ئۆيلەندۈرىشتىكى قائىدىلەر بىلەن ئەركىن ئايالنى ئۆيلەندۈرۈشنىڭ شەرتلىرى ئوخشاشتۇر. ھەرئىككىسىلا ئايال،  نىكاھ قىلىنىدىغان تەرەپلەر، ئۇلار  قوبۇل قىلمىسا نىكاھ قابۇل قىلىنمبىيدۇ. ھەر ئىككىلىسىدە تويلاپ قويۇش، ئائىلىنىڭ كۆزەتچىلىكى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

[16]ئەسىر ئايال

[17]تالات ساقاللى، ئەبۇل ئاس،  ت د ۋ ئىسلام قامۇسى..

[18] ئەبۇ داۋۇد، سۈنەنى ئەبى داۋۇد، ئىستانبۇل، 1401/1981، تالاق 24، (2240)؛ تىرمىزى، نىكاھ 43، (1143).

[19]بۇ ئايەتتىكى ئەل مۇئمىنىن (الْمُؤْمِنِينَ)  كەلىمىسىنى «ئىپپەتلىك مۇئمىنلەر» دەپ تەرجىمە قىلىشىمىزدىكى سەۋەپ، بېشىدىكى لل ئەلىڧ لام قۇشۇمچىسىدۇر. ئۇ قوشۇمچە، كەلىمىگە «مەلۇم مۇئمىنلەر» مەنىسىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆيلىنىدىغان مەلۇم مۇئمىنلەر، ئىپپەتلىك مۇئمىنلەردۇر.

[20] ئىمام مالىك، ئەل مۇۋاتتا (مۇھەممەد بىن ھاسەن ئەششەيبانى رىۋايەتى)، نىكاھ 44، (2، 543، 544 ).

[21]تىرمىزى، تەفسىر، 25، 3177-نومۇرلۇق ھەدىس.

[22]ئىبىن ھازىم، ئالى بىن ئاھمەد بىن سەئىد ئەل-ئەندەلۇسى، ئەل-مۇھاللا، بەيرۇت 1998. 9-جىلد، 63-65-بەتلەر.

[23]يازمىنىڭ ئەسلىنى مۇنۇ ئادرېستىن ئوقۇيالايسىز: http://www.hablullah.com/?p=2292

[24]ئەبۇلھەسەن ئەھمەد بىن فارىس، مۇجەمۇمەل مەقايىسل لۇغا (تەھقىق ئابدۇسالام مۇھەممەد ھارۇن)، ئىتتىھاتۇل كىتابىل ئەرەبى، 2002/1423 بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا دېگەن سۆزدە بِالْحَقِّ كەلىمىسى مُصَدِّقًا كەلىمىسىنىڭ مەفئۇلىدەپ قوبۇل قىلىندى.

[25]تاللاشنى ئاللاھ تاللىمىغان، ئىنسانلارغا قويۇپ قويغان.


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ