مۇسۇلمانلار

ياشلىقنىڭ ئەھمىيىتى

سوئال:
قانداق قىلغاندا ياشلىق دەۋرنى مەنىلىك ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ؟
جاۋاب:
ئىنسان دۇنياغا كۈچسىز ۋە بىلىمسىز ھالدا كېلىدۇ.  ياشلىق دەۋرى ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى بىلەن قېرىلىق دەۋرى ئارىسىدىكى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ۋە ئاكتىپ بولغان دەۋرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

سوئال:

قانداق قىلغاندا ياشلىق دەۋرنى مەنىلىك ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ؟

جاۋاب:

ئىنسان دۇنياغا كۈچسىز ۋە بىلىمسىز ھالدا كېلىدۇ.  ياشلىق دەۋرى ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى بىلەن قېرىلىق دەۋرى ئارىسىدىكى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ۋە ئاكتىپ بولغان دەۋرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿اللَّهُ الَّذِي خَلَقَكُم مِّن ضَعْفٍ ثُمَّ جَعَلَ مِن بَعْدِ ضَعْفٍ قُوَّةً ثُمَّ جَعَلَ مِن بَعْدِ قُوَّةٍ ضَعْفًا وَشَيْبَةً يَخْلُقُ مَا يَشَاء وَهُوَ الْعَلِيمُ الْقَدِيرُ﴾

   «ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى ئاجىزلىقتىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرگە ئاجىزلىقتىن كېيىن قۇۋۋەت بەردى، ئاندىن قۇۋۋەتتىن كېيىن ئاجىزلىق ۋە قېرىلىق يەتكۈزدى. ئۇ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئۇ بىلگۈچىدۇر، قادىردۇر»- رۇم 30/54.

﴿وَاللّهُ أَخْرَجَكُم مِّن بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ لاَ تَعْلَمُونَ شَيْئاً وَجَعَلَ لَكُمُ الْسَّمْعَ وَالأَبْصَارَ وَالأَفْئِدَةَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ﴾

«ئاللاھ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدىن چىقاردى، سىلەر ئۇ چاغدا ھېچ نەرسە بىلمەيتتىڭلار. سىلەر ئۈچۈن قۇلاق، كۆز ۋە دىللارنى بار قىلدى. شۈكۈر قىلغايسىلەر!»- نەھل 16/78.

ياشلار ئەقىل تاپقاندىن تارتىپ ئاللاھ ئاتا قىلغان ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن ئىبارەت يارىتىلىشتىن كەلگەن تەبىئىي قابىلىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۆگەنگەن، ئىزدەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان چېغىدىلا ئىمان-ئېتىقادتا ساغلام، ئىلىم- مەرىپەتتە پۇختا، ئەدەپ-ئەخلاقتا گۈزەل، ئىپپەت-نومۇستا پاكىز ۋە مۇئامىلە-مۇناسىۋەتتە دۇرۇس ياشلار بولۇپ يېتىشىپ چىقالايدۇ. مەدەنىيەت يارىتىش، ئادالەت تارقىتىش، ئېلىم يېيىش، كۈچلۈك ۋە ئاڭلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ئۇنداق ياشلارنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مەزكۇر پەزىلەتلەرنىڭ ھەر بىرىدە ئۈلگە ئېلىنىشقا تېگىشلىك ياشلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئەنە شۇنداق ياشلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر