باش بەت > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

پاراللېل دىننىڭ كائىنات ئىمامى – قۇتبۇ ئەزەم

 

 دىققەت قىلىدىغان بولساق، پاراللېل دىننىڭ مەنسۇپلىرى، كائىنات ئىمامى ئۈچۈن خىيالىي تەشكىلات / گورۇھ قۇرۇپ، ئاللاھنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىدۇ.

 ئىنسانلارنى قۇل قىلالىغانلارنىڭ نەپسى بارغانسىېرى يوغىناپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قۇل قىلىشنى ئويلايدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ قىسقا ۋە ئەڭ تېز مەنپەئەت بېرىدىغان يولى دىننى قوللىنىشتۇر. چۈنكى دىن ئەڭ سەزگۈر نۇقتىدۇر. ئەقىللىق ۋە ھۇشيارلاردىن باشقا، ھېچكىم سېزەلمەيدىغان شەكىلدە دىننىڭ ئىچى قۇرۇغدىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىردىنبىر يولى بىر كىشىنى ئۇلۇغلاپ توغرا يولنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۇنىڭغا يۈزلەندۈرۈپ ئازدۇرۇشتۇر[1].

 ئالدى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ ئائىلىسى ۋە مەنسۇپلىرى ئۇلۇغلىنىپ، توقۇلما ھېكايىلەر ئارقىلىق بىر دىنىي قەھرىمان شەكلىگە كەلتۈرىلىدۇ. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ بىلەن ئالداش يولىنىڭ تۇنجى قەدىمى بېسىلغان بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئاللاھنىڭ نەبىسى تېخىمۇ ئۇلۇغلىنىپ تەڭرىلىك ماقامىغا چىقىرىلىدۇ. ئاندىن ئۇ شەخىسمۇ ئاللاھنىڭ يېقىن دوستى ۋە ۋەلىلەرنىڭ بېشىدەك كۆرسىتىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۈستىدە ۋە ئاللاھنىڭ ئەڭ يېقىنىدا بىر يەرگە قويۇلىدۇ.

 بۇ گوروھقا قېتىلغان ھەر كىشى ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئادىتىدە ئىشىلىتىلىۋاتقان ئۇقۇملار قوللىنىلىدۇ ۋە بېشىدىكى كىشىگە «قۇتۇپ» دېيىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئادىتىدە، قۇتۇپ دېگىنى ئەڭ چوڭ ۋەلىدۇر؛ ئۇ، ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن كائىناتنى باشقۇرىدۇ!(نەئۇزۇبىللاھ).

شۇنداق قىلىپ، توزاق قۇرۇلغان بولىدۇ؛ ئەقلىنى ئىشلەتمىگەن ياكى شەخسى مەنپەئەتلىرىنى ئويلىغانلار بىر- بىرلەپ تۇزاققا چۈشۈشكە باشلايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُم بِاللَّهِ الْغَرُورُ. إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمْ عَدُوٌّ فَاتَّخِذُوهُ عَدُوًّا إِنَّمَا يَدْعُو حِزْبَهُ لِيَكُونُوا مِنْ أَصْحَابِ السَّعِيرِ. الَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُم مَّغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ

«ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. سىلەرنى دۇنيا ھاياتى ئالدىمىسۇن. ئالدامچى شەيتان سىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئالدىمىسۇن. شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار. ئۇ ئۆز گوروھىنى دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشقا چاقىرىدۇ. كاپىرلار قاتتىق ئازاپقا دۇچار قىلىنىدۇ. ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.» ( فاتىر 35/ 5-7)

ئادەتتە، قۇتۇپ پەقەت بىرلا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پاراللېل دىننىڭ بېشىدىكى كىشى ئەڭ چوڭ قۇتۇپ، يەنى قۇتبۇل ئەزەم ۋە ئاللاھنىڭ خەلىپىسى ھېساپلىنىدۇ. گوياكى ئاللاھ «دەم ئېلىشقا» چىقىپ (نەئۇزۇبىللاھ)، بۇ كىشى ئۇنىڭ ئورنىغا چىققاندەكلا. ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە بولغان ئىككى كىشىگە ئىمامەين (ئىككى ئىمام) دېيىلىدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن ئوڭدىكى ئىمام قۇتۇپنىڭ قارارلىرىنى، سولدىكى ئىمام بولسا ھەقىقى تەرىپىنى بىلىدۇ. بۇلار ئۈچلەرنى تەشكىل قىلىدۇ[2]. قۇتۇپ، غەۋسنىڭ ھوقۇقىنىمۇ ئالغانلىقى ئۈچۈن، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ ياردىمىگە خىزىردەك يېتىشىدۇ[3]. ئادەتتە كائىناتنىڭ ئىمامى دېيىلمىسىمۇ، ئۇ كىشى ئاللىقاچان كائىناتنىڭ ئىمامى بولغان بولىدۇ.

  – مانا بۇ سوپىزىمنىڭ ئومۇمىي ئېتىقادىدۇر. (تەھرىردىن)

  بارلىق تەرىقەت سۇلۇكلىرىدا (تارماق يوللىرىدا) بۇ تۈزۈم بار. بۇيەردە مەسىلە فەتھۇللاھ گۈلەنگە قارىتىلىدۇ. ئۇنىڭغا نىسبەتەن قۇتۇپ، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ مەنبەسى ھالىتىگە كېلىدۇ. ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرى تەرەپتىن، ئۇ خۇددى قۇتۇپ يۇلتۇزىدەك يىگانىدۇر؛ ئاسمان-زېمىن ئەھلىنىڭ باش تاجىدۇر.  ئۇنىڭ سۆزىنىڭ كۈچى مەرىپىتىگە، مەرىپىتى ھەقنىڭ ئىلمىگە، ئۇ «ئوخشىشمۇ ئەمەس، غەيرىمۇ ئەمەس» دائىرىسىدە ئاللاھقا تەۋەدۇر[4]. «يەنى، ئاللاھمۇ ئەمەس، ئاللاھتىن غەيرىمۇ ئەمەس».

 قۇتۇپ ۋە ئىككى ئىمامدىن كېيىن تۇرىدىغان ۋە ئالەمنىڭ تۆت ئەتراپىدا ۋەزىپىسى بار دەپ، ئېتىقاد قىلىنغان تۆت ۋەلىيگە ئەۋتاد (قوزۇقلار) دېيىلىدۇ. گۈلەننىڭ قارىشىچە، بۇلار ئىدرىس، ئىلياس، ئىيسا ۋە خىزىر ئەلەيھىسسالامدۇر. ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەت جەبرائىل، مىكائىل، ئىسرافىل ۋە ئەزرائىلنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ[5]. بۇيەرگە كەلگىچە بولغانلار يەتتىلەرنى تەشكىل قىلىدۇ. «بۇ يەتتە زاتتىن ھەربىرى ئايرىم بىر ئىقلىمدە تۇرۇپ ئۇ يەردىكى ئىلاھى پائالىيەتلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ»[6].

جەبرائىلنىڭ ماقامى كائىنات ئىمامىنىڭ ئاستىدا بولغانلىقى ئۈچۈن بىر سۆھبىتىدە فەتھۇللاھ گۈلەن مۇنداق دېيەلىگەن ئىدى: «جەبرائىل بىر پارتىيە قۇرسا ئۇنىڭغا بىلەت تاشلىمايمەن»[7].

 گۈلەنگە نىسبەتەن بۇلاردىن باشقا، خەلقنى ئىسلاھ قىلىدىغان، كۆڭۈللەرنى ياخشىلىق تۇيغۇسى بىلەن ئاۋۇتىدىغان ۋە يامانلىقلارغا قارشى مەنىۋى قورغان قۇرىدىغان 40 كىشىلىك نۇجەبا (تاللانغانلار؛ ئۇيغۇر سوپىلارنىڭ ئارىسىدا چىلتەن دېيىلىدۇ) ئەترىتى بار. ئۇلار ھاياتىنى باشقىلارنىڭ بەخىت –  سائادىتىگە ئاتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھاياتىنى باشقىلارنىڭ مۈشكۈلاتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىشىدۇ[8].

 بۇنىڭ ئارقىسىدىن، ئاللاھنىڭ باتىن ئىسمىنىڭ تەجەللىسى سانالغان 300 كىشىلىك نۇقەبا (مۇپەتتىش) ئەترىتى كېلىدۇ[9]. گۈلەنگە نىسبەتەن بۇلار؛ ئىنسانلاردىن ھېچ ئايرىلمايدىغان، ئۇلارنىڭ خاتالىرىنى تۈزىتىدىغان ۋە سىپايىلىك بىلەن ھەركىمنى ياخشىلىققا يۈزلەندۈرىدىغان، ئىنسانلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدىغان، پاك نەپىسلەردۇر. ئۇلار ماددى ئالەم بىلەن مەنىۋى ئالەم ئارىسىدا تەرجىمانلىق خىزمىتى قىلىدۇ[10].

 دىققەت قىلىدىغان بولساق، پاراللېل دىننىڭ مەنسۇپلىرى، كائىنات ئىمامى ئۈچۈن خىيالىي بىر تەشكىل قۇرۇپ، ئاللاھنىڭ بارلىق ھۇقۇقلىرىنى ئۆتكۈزۈۋىلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇلارغا قارىتا مۇنداق دەيدۇ:

وَمِنَ النَّاسِ مَن يَتَّخِذُ مِن دُونِ اللّهِ أَندَاداً يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ اللّهِ وَالَّذِينَ آمَنُواْ أَشَدُّ حُبًّا لِّلّهِ وَلَوْ يَرَى الَّذِينَ ظَلَمُواْ إِذْ يَرَوْنَ الْعَذَابَ أَنَّ الْقُوَّةَ لِلّهِ جَمِيعاً وَأَنَّ اللّهَ شَدِيدُ الْعَذَابِ.إِذْ تَبَرَّأَ الَّذِينَ اتُّبِعُواْ مِنَ الَّذِينَ اتَّبَعُواْ وَرَأَوُاْ الْعَذَابَ وَتَقَطَّعَتْ بِهِمُ الأَسْبَابُ. وَقَالَ الَّذِينَ اتَّبَعُواْ لَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةً فَنَتَبَرَّأَ مِنْهُمْ كَمَا تَبَرَّؤُواْ مِنَّا كَذَلِكَ يُرِيهِمُ اللّهُ أَعْمَالَهُمْ حَسَرَاتٍ عَلَيْهِمْ وَمَا هُم بِخَارِجِينَ مِنَ النَّارِ

«ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ زالىملار ھازىر پۈتۈن كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرى ئۇ ئازابنى كۆرىدىغان كۈندە بىلگەندەك بىلسىچۇ! ئۇ كۈنى يېتەكچىلەر ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئادا-جۇدا بولىدۇ، ئازابنى كۆرىدۇ ۋە ئارىلىرىدىكى پۈتكۈل مۇناسىۋەت ئۈزىلىدۇ»-بەقەرە سۈرىسى، 165 ۋە 167- ئايەت.

پاراللېل دىننىڭ تارىخى

 پاراللېل دىننىڭ تارىخى تۇنجى ئىنسان (ئادەم ئەلەيھىسسالام) غىچە بارىدۇ. ھەممىگە ئايان بولغاندەك، ئاللاھ پەرىشتىلەرگە؛ بىرسى باشقا بىرىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈشنى ئارزۇلايدىغان يەنى خەلىفە بولىدىغان بىر جانلىق تۈرىنى يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا، پەرىشتىلەر: «ئۇ يەردە بۇزغۇنچىلىق  قىلىدىغان ۋە قان تۆكىدىغان كىشىنى خەلىپە قىلامسەن؟»[11] – دەپ، ئېتىراز بىلدۈردى. جانلىقلاردا، باشقا بىرىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈش ئارزۇسى كۆپىنچە ئەركەك جىنىستا كۈچلۈك بولىدۇ ۋە قانلىق ئاخىرلىشىدۇ. يەنى جانلىقلار ئارىسىدا بۇ كۈرەشنىڭ، ئەرلەر، ئاياللار، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، پەرىشتىلەر قورقۇپ كېتىشدۇ. ئەمما، ئاللاھ ئىنساندا، پەرىشتىلەر بىلمەيدىغان بىر ئالاھىدىلىكنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، ئادەمگە مەۋجۇداتلارنىڭ ئىسىملىرىنى يەنى نېمىگە يارىتىلغانلىقىنى ئۈگۈتۈپ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «قېنى، راستچىل بولساڭلار شۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار؟»-دېدى[12]. بۇ سۆزدىن كېيىن ئىبلىس بىلەن بىرلىكتە پەرىشتىلەر ئاللاھقا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

قَالُواْ سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا إِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا إِنَّكَ أَنتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ

«سەن ئۇلۇغسەن. بىزنىڭ، سەن بىزگە ئۆگەتكەندىن باشقا بىر بىلىمىمىز يوق. شۈبھىسىزكى  سەن بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»-بەقەرە سۈرىسى.32-ئايەت.

قَالَ يَا آدَمُ أَنبِئْهُم بِأَسْمَآئِهِمْ فَلَمَّا أَنبَأَهُمْ بِأَسْمَآئِهِمْ قَالَ أَلَمْ أَقُل لَّكُمْ إِنِّي أَعْلَمُ غَيْبَ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ وَأَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا كُنتُمْ تَكْتُمُونَ

  ئاللاھ: «ئى ئادەم! بۇلارغا شۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم پەرىشتىلەرگە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئەيتىپ بەرگەن ئىدى، ئاللاھ: «مەن سىلەرگە، مەن ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى بىلىپ تۇرىمەن، مەن سىلەر ئاشكارا قىلغان نەرسىنى ۋە سىلەر يۇشۇرۇن قىلغان نەرسىنى بىلىمەن، دېمىگەنمىدىم؟» دېدى»-بەقەرە سۈرىسى،33-ئايەت.

  ئاللاھ بۇ ئارقىلىق پەرىشتىلەرگە ئىنساننى نېمە ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. يەنى خەلىپىلىك مۇسابىقىسى، بىلىم بىلەن ۋە مەدەنىيەت يارىتىش بىلەن بولىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئالاھىدىلىك پەرىشتىلەردە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئادەمدىن قىزغانغان ئىدى. ئايەتنىڭ «مەن سىلەر ئاشكارا قىلغان نەرسىنى ۋە سىلەر يۇشۇرۇن قىلغان نەرسىنى بىلىمەن» دېگەن قىسمى ئۇلارنىڭ قىزغانچۇقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ پەرىشتىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئۈچۈن ئادەمگە سەجدە قىلىشنى بۇيرۇغان ئىدى.

وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلاَئِكَةِ اسْجُدُواْ لآدَمَ فَسَجَدُواْ إِلاَّ إِبْلِيسَ أَبَى وَاسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ

« ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى، ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ باش تارتتى، ئۆزىنى چوڭ تۇتتى ۋە كاپىرلاردىن بولدى»-بەقەرە سۈرىسى،34-ئايەت.

«ئىبلىس، كەچۈرۈم سوراپ، تۆۋبە قىلىشنىڭ ئورنىغا، «ماڭا ئۇلار قايتا تىرىلدۈرىلىدىغان كۈنگە قەدەر مۆھلەت بەرگىن» دېدى»-ئەئراف 14-ئايەت. تەلىۋى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئاللاھقا مۇنداق دېدى:

قَالَ فَبِمَا أَغْوَيْتَنِي لأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ. ثُمَّ لآتِيَنَّهُم مِّن بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَن شَمَآئِلِهِمْ وَلاَ تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ

«… مەن ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يۇلۇڭدا ئولتۇرىمەن. ئاندىن كېيىن چۇقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن. كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ساڭا شۈكرى قىلمايدۇ» -ئەئراف سۈرىسى،  16 ۋە17-ئايەت.

 جىنلار مەسئۇلىيەتچان جانلىقلاردۇر؛ ئاللاھقا قۇللۇق قىلسۇن دەپ يارىتىلغان[13]. ئاللاھ ۋەزىپە بەرگەن جىنغا، پەرىشتە دېيىلىدۇ[14]. ئىبلىس، ئاللاھتىن يىراقلاشقاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىنمۇ ئېلىپ تاشلاندى ۋە شەيتان بولدى. ئاللاھتىن ئۇزاقلاشقان ئىنسانلارمۇ شەيتان بولىدۇ.

 ئىنساننىڭ تۇنجى ئىمتىھانى

 ئاللاھ ئادەمنى گۈزەل بىر باغقا ئورۇنلاشتۇردى. ئىبلىسنىڭ قىزغانچۇقلىقى دۈشمەنلىككە ئايلانغاندىن كېيىن، ئادەمگە مۇنداق دېدى:

فَقُلْنَا يَا آدَمُ إِنَّ هَذَا عَدُوٌّ لَّكَ وَلِزَوْجِكَ فَلَا يُخْرِجَنَّكُمَا مِنَ الْجَنَّةِ فَتَشْقَىإِنَّ لَكَ أَلَّا تَجُوعَ فِيهَا وَلَا تَعْرَى. وَأَنَّكَ لَا تَظْمَأُ فِيهَا وَلَا تَضْحَى

 «ئى ئادەم! مانا بۇ سېنىڭ دۈشمىنىڭدۇر، خۇتۇنىڭنىڭ دۈشمىنىدۇر. بۇ ئىككىڭلارنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتمىسۇن. بولمىسا، بەخىتسىز بولۇپ قالىسەن. جەننەتتە ئاچمۇ قالمايسەن، يالىڭاچمۇ قالمايسەن. جەننەتتە يەنە ئۇسساپمۇ قالمايسەن، ئاپتاپتىمۇ قالمايسەن» -تاھا سۈرىسى،117 ۋە 119 -ئايەت.

 كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ئادەمنىڭ ماددى قىيىنچىلىقى يوق ئىدى. پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلغان، سەجدە قىلمىغان ئىبلىس قوغلاندى بولغان ۋە ئەتراپىدا ئۇنى ياقتۇرمايدىغان ھېچ كىم يوق ئىدى. ئەمما ئىبلىس، ئادەمنىڭ خەلىپىلىك ئىقتىدارىنى يەنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۆتۈش ئارزۇسىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، كۆزىنى ئاللاھنىڭ ئورنىغا تىكتۈرۈشكە تىرىشتى ۋە پىسىلداپ مۇنداق دېدى:

فَوَسْوَسَ إِلَيْهِ الشَّيْطَانُ قَالَ يَا آدَمُ هَلْ أَدُلُّكَ عَلَى شَجَرَةِ الْخُلْدِ وَمُلْكٍ لَّا يَبْلَى

«ئى ئادەم! ساڭا مېۋىسىدىن يېگەن كىشى ئۆلمەيدىغان ۋە مەڭگۈ پادىشاھ بولىدىغان دەرەخنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟»-تاھا سۈرىسى،120 -ئايەت.

 مەڭگۈلۈك ۋە ئاجىزلاپ قالمايدىغان سەلتەنەت پەقەت ئاللاھقىلا خاس. ئىبلىس، پىچىرلاپ يۈرۈپ چەكلەنگەن دەرەخنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلگەندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى. ئەمما، «ئۇ مېۋىدىن يە!» دېمەستىن، ئادەمنىڭ ئىنكاسىغا پۇرسەت بەرمىدى. ھەمدە ئۇلارغا:

وَقَاسَمَهُمَا إِنِّي لَكُمَا لَمِنَ النَّاصِحِينَ

 «مەن ئىككىڭلارغا ھەقىقەتەن كۆيۈنگۈچىلەردىندۇرمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى»-ئەئراف سۈرىسى، 21- ئايەت. نەتىجىدە «ئادەم رەببىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ ئازدى»-تاھا سۈرىسى،121 -ئايەت. ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندىن كېيىن، ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئۇلار ئورۇنلاشقان باغدىن چىقىرىۋېتىلدى.

 دىنىي زاتلارنى ئىلاھلاشتۇرۇش مۇسابىقىسى

 ئىبلىس، بىۋاستە ئاللاھتىن تەلىم ئالغان ئادەمنى ئالدىغان ئۇسۇل بىلەن ياخشى يېتىشكەن نۇرغۇنلىغان دىنىي زاتلارنى ئاللاھ بىلەن ئالدايدۇ ۋە ئۇلارنى ئاللاھقا ئوخشاش بولۇشقا قىزىقتۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ھېچبىر ئەلچىسى بۇ ئويۇنغا كەلمىگەن، ئەمما ئىبلىسنىڭ ئويۇنىغا كەلگەن دىنىي زاتلار، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنى ئىلاھلاشتۇرۇش بىلەن ئىشىنى باشلىغان.

  ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھلاشتۇرىلىشى

 پاراللېل دىننى پەيدا قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى ئىلاھلاشتۇرۇشتۇر. ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئىنساندىن ئۈستۈن كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئىلاھلاشتۇرىلىشى ئاسان بولىدۇ.

وَمَا مَنَعَ النَّاسَ أَن يُؤْمِنُواْ إِذْ جَاءهُمُ الْهُدَى إِلاَّ أَن قَالُواْ أَبَعَثَ اللّهُ بَشَرًا رَّسُولاً

 «ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھىدايەت كەلگىنىدە ئىشەنمەسلىكىنىڭ بىرلا باھانىسى بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ: «ئاللاھ بىر ئىنساننى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتەمدۇ؟» دېيىشىدۇر»- ئىسرا سۈرىسى،94-ئايەت.

 خىرىستىيانلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى، بۇ سەۋەپتىن ئىلاھلاشتۇرالىغان. ئەمما ئىبلىس، خۇددى ئادەمگە «بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يە» دېمىگىنىدەك، ئۇلارمۇ ئىنسانلارغا «سىزنىڭ تەڭرىڭىز بۇدۇر» دېمەيدۇ. مەسىلەن، كاتولىكلارغا نىسبەتەن ئىيسا، پاپانىڭ ئەلچىسى[15]، يەنى ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر. پاپا ئۇنى قۇتسال روھ بىلەن مەسھ قىلغان، راھىپ، نەبى ۋە پادىشاھ قىلغان[16]. ئۇ ئۆزئالدىغا بىر ئىش قىلالمايدۇ. ھەر قانداق شەيئىنى ئۆزىنى ئەۋەتكەن پاپادىن ئالىدۇ[17].

مەسىھ ئىيسا، ھەقىقىي تەڭرى ۋە ھەقىقىي ئىنساندۇر. مانا بۇ سەۋەپتىن ئىنسانلار بىلەن ئاللاھ ئارىسىدا بىردىنبىر ۋاستىچىدۇر[18]. ھازىر ئۇ پاپانىڭ يېنىدا خىرىستىيانلارنىڭ ئادۋوكاتلىغىنى قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋاستە بولۇش ئۈچۈن مەڭگۈ ھايات. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا مەڭگۈ ھازىر بولىدۇ[19]. ئۆز ۋاستىسى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلاشقانلارنى پۈتۈنلەي قۇتقۇزۇشقا كۈچى يېتىدۇ[20].

 شەخس مەنىۋىيتىنىڭ ئىلاھلاشتۇرىلىشى

 ئىيسانى ئىلاھلاشتۇرۇشنىڭ ئەسلى نىشانى، بىر دىنى تەشكىلات، يەنى بىر مەنىۋى شەخس پەيدا قىلىش ئارقىلىق، تەشكىلاتنىڭ بېشىدىكى كىشىنى ئىلاھ قىلىش ۋە ئىنسانلارنى قۇل قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەنىۋى شەخسكە قوشۇلغانلارمۇ ئىلاھلاشتۇرىلىدۇ. مەسىلەن: كاتولىكلارنىڭ كۆزقارىشىچە چېركاۋ، ئىيسانىڭ تەمسىلىدۇر. چېركاۋ، ئالاھىدە تەبىقىدىكى ئەزالاردىن ۋە مەسىھنىڭ سىرلىق بەدىنىدىن تۈزۈلگەن جەمئىيەتتۇر. چېركاۋنىڭ لاھۇتىي (ئىلاھى) ۋە ناسۇتىي (ئىنسانىي) دەپ ئىككى پەرقلىق قۇرۇلىشى بار[21]. چېركاۋ بولسا ئاللاھ بىلەن ئىنساننىڭ بىرلشىشىنىڭ بەلگىسى ۋە ۋەسىلىسىدۇر[22]. پاپانىڭ پۈتكۈل چېركاۋ ئۈستىدە تەڭداشسىز ھوقۇقى بار[23]. پاپا، خاتالاشمايدىغان نوپۇزدۇر[24].

 مەنىۋى كىشىلىكنىڭ بېشىدىكى كىشىنىڭ ئىلاھلاشتۇرىلىشى

 كاتولىكلەر، مەنىۋى كىشىلىك بولغان چېركاۋنىڭ بېشىدىكى پاپانى مۇنداق ئىلاھلاشتۇرىدۇ:

  «پاپا، ھاۋارى پېترۇسنىڭ خەلىپىسى ۋە ئېپىسكوپلار ھەيئىتىنىڭ رەھبىرىدۇر. بۇ ھەيئەتنىڭ پۈتكۈل چېركاۋلار ئۈستىدە مۇتلەق ۋە تەڭداشسىز ھوقۇقى بولىدۇ. بۇ ھوقۇق پەقەت، پاپانىڭ ماقۇللىقى بىلەنلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ[25]. ھەر ئېپىسكوپ، ھاۋارىي پېترۇسنىڭ ئىز باسارى ۋە ئېپىسكوپلار ھەيئىتىنىڭ ئاقساقىلى بولغان رېم ئېپىسكوپى يەنى پاپا بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدۇ. پاپا ۋە ئېپىسكوپلار ھەيئىتى خاتالاشمايدۇ[26]. پاپا، ئىيسا مەسىھنىڭ ۋەكىلى ۋە يەريۈزىدىكى بارلىق چېركاۋلارنىڭ پادىچىسىدۇر[27].

پاپا جانلارنىڭ ئۈستىدىكى ئىلاھىي بەلگىلىمە سايىسىدە ئۇلۇغ، مۇكەممەل، ۋاستىسىز، ئالەمشۇمۇل ھوقۇققا ئىگىدۇر [28]».

  تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ ئىلاھلاشتۇرىلىشى

 پاپا ئىلاھ قىلىنغاندىن كېيىن تۆۋەن قاتلامغا ئورۇنلاشقان پوپلارمۇ ئىلاھلاشتۇرىلىدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن «پوپلار، ئاللاھقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئىنسانلارغا ۋەكىل بولۇشقا تەيىنلەنگەن[29]. پوپلىقنىڭ مەنبەسى ئىيسا مەسىھنىڭ دەل ئۆزىدۇر. پوپلىقنى ئۇ قۇردى؛ ئۇنىڭغا ھوقۇق، ۋەزىپە، يوليورۇق ۋە كۈچ بەردى[30]. پوپ، شەخسى ھوقۇقى بىلەن ئىنسانلارغا: سېنى ئاتىنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرىمەن، سېنى ئەپۇ قىلىمەن.» دېيەلەيدۇ[31].

 مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھلاشتۇرىلىشى

 خۇراپاتلىق يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشاش تېز تارقىلىدۇ. ئەبۇسەئىد خۇدرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللىم مۇنداق دېگەن:

 « ھېچ شۈبھىسىز سىلەردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئىزلىرىنى قەدەممۇ قەدەم بويلاپ ماڭىسىلەر. ئۇلار بىر كىلەنىڭ ئۇۋىسىغا كىرگەن بولسا، سىلەرمۇ ئارقىسىدىن كىرىسىلەر».

 دېدىكى: «يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارمۇ؟»

«- يەنە كىم بولماقچى ئىدى؟» دېدى[32].

 چېركاۋنى تەقلىد قىلغانلارغا نىسبەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 63 يىللىق چەكلىك ھاياتىدىن باشقا يەنە بىر مەۋجۇدىيىتى باردۇر. ئۇنىڭغا «مۇھەممەد ھەقىقىتى» دەيدۇ. «مۇھەممەد ھەقىقىتى» مەۋجۇتلۇقنىڭ باشلانغۇچىدۇر… ئاللاھ بىلەن «مۇھەممەد ھەقىقىتى» ئوخشاش بىر ھەقىقەتنىڭ ئىككى يۈزىدۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق شەيئىي يوق ئىكەن، تۇنجى بولۇپ «مۇھەممەد ھەقىقىتى»  بار بولغان ئىدى، بارچە مەخلۇقاتلار ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. ئالەمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى، ماددىسى ۋە غايىسى بۇ ھەقىقەتتۇر… ئاللاھ، مەۋجۇت ياكى يوق، ئەزەلى ياكى ھادىس (پەيدا بولغان) دەپ سۈپەتلەنمىگەن بىر زاماندا، «مۇھەممەد ھەقىقىتى» مەۋجۇت ۋە ئەزەلى دەپ سۈپەتلىنىدۇ.

«مۇھەممەد ھەقىقىتى» بارچە نەبىلەرنىڭ ۋە ۋەلىيلەرنىڭ لەدۇنى ۋە باتىنى بىلىملەرنى ئالىدىغان مەنبەسىدۇر. بۇ ھەقىقەت، ھەقتىن كەلگەن فەيزنىڭ (ئاللاھتىن تۆكۈلگەن رەھمەت) خەلىققە تارقىلىشىدا ياردەمچى بولىدۇ[33].

 پاراللېل دىندا «مۇھەممەد ھەقىقىتى» نىڭ ئورنىغا، تېخىمۇ گۇناھسىز كۆرۈنگەن «كامىل ئىنسان» ئۇقۇمى قوللىنىلىدۇ. چۈنكى نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار، كامىل ئىنسان ئاتالغۇسىنى پىشقان ۋە ئۈلگە ئىنسان دەپ چۈشۈنىدۇ. ئەمما بۇ ئاتالغۇ كاتولىكلاردىكى چېركاۋ ئېتىقادىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئېتىقاد يۇشۇرۇنغان. فەتھۇللاھ گۈلەن مۇنداق دەيدۇ: «كامىل ئىنسان دېيىلگەندە، تۇنجى ئەقىلگە كېلىدىغىنى «مۇھەممەد ھەقىقىتى»دۇر»[34].

  كامىل ئىنسان

 كامىل ئىنسان، كاتولىلاردىكى ئىيسانىڭ ئورنىغا مۇھەممەدنىڭ قويۇلىشى بىلەن پەيدا قىلىنغان بىر ئېتىقادتۇر. بۇ ئېتىقادچىلارغا نىسبەتەن «كامىل ئىنسان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. ئەمما ئۇنىڭ تارىخىي كىشىلىكى ئەمەس، ئادەم تېخى تۇپراق ھالىتىدىكى چېغىدا نەبى بولغان مۇھەممەد، يەنى «مۇھەممەد ھەقىقىتى» دۇر. كامىل ئىنسان مەۋجۇتلۇقنىڭ ۋە يارىتىلىشنىڭ غايىسىدۇر. ھەتتا، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىمۇ ئۇنىڭ ۋاستىسى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەگەر كامىل ئىنسان بولمىسا ئاللاھ بىلىنمەس ئىدى. كامىل ئىنسان، ماددى – مەنىۋى پۈتكۈل كامالەت مەرتىۋىلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ قەلبى ئەرشكە، شەخسىيىتى كۇرسىغا، ماقامى سىدرەئى مۇنتەھاغا، ئەقلى قەلەمى ئەئلاغا، نەفسى لەۋھى مەھفۇزغا، تەبىئىتى ئاناسىرى ئەرباغا (4 تادۇغا) باغلىنىشلىقتۇر[35].

  خىرىستىيانلارنىڭ كۆزقارىشىدا چېركاۋ، قانداق ياشاۋاتقان ئىيسا دەپ ئېتىقاد قىلىنغان بولسا، «مۇھەممەد ھەقىقىتى»مۇ ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىدا شۇنداق ياشاۋاتماقتا. دەيدۇكى: «كامىل ئىنسان، ئالەمدە دائىما مەۋجۇتتۇر. بىردىن ئارتۇقى بولمايدۇ. ئۇ شەيئىلەرنى ۋە شەيئىلەرنىڭ ھېكمىتىنى ئۆزئەينى بىلىدۇ…» «بۇ ھەقىقەت، ھەر دەۋىردە ئوخشىمىغان ئىسىم ۋە سۈرەتلەردە نەبى ياكى ئەۋلىيا سۈرىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ[36]».

  تەرىقەتتىكى ھەر سۈلۈك (تارماق يول) ئۆز پىرىنى كامىل ئىنسان دەپ بىلىدۇ. فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ كۆز قارىشىدا ئىنسان «ئاللاھنىڭ ئىشلىرىنىڭ، ئىسىملىرىنىڭ، خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ، ھەتتا ئاللاھنىڭ زاتىغا ئائىت ئىشلارنىڭ ئەڭ پارلاق ئەينىكى دېگەنلىكتۇر.»

  بۇ، ئۆزىنى پاپادەك كۆرگەنلىكتۇر. پاپا، ئىتالىيەچە «ئاتا» دېگەنلىكتۇر. ئاللاھقا «دادا» دېگەندەك، ئۇنىڭغىمۇ «ئاتا» دېيىلىدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن پاپا «جانلارنىڭ ئۈستىدىكى ئىلاھىي بەلگىلىمە سايىسىدە ئۇلۇغ، تولۇق، ۋاستىسىز، ئالەمشۇمۇل ھوقۇققا ئىگىدۇر[37]».

 فەتھۇللاھ گۈلەن مۇنداق دەيدۇ: «ئەقلىڭىزگە «بىز ئىنسان ئەمەسمۇ؟» دېگەن سوئال كېلىشى مۇمكىن؛ ئەمما نورمال ئىنسان بولۇش باشقىدۇر. كىشىنىڭ بارلىق ئىستىدات ۋە قابىلىيەتلىرى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىپ كامىل ئىنسان ئۇپۇقىغا ئۇلىشىشى تېخىمۇ باشقىچە[38]».كامىل ئىنسان، مەۋجۇدات ۋە ھادىسىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جەھەتتىن يەريۈزىدە ئاللاھنىڭ تولۇق خەلىپىسىدۇر. بۇ جەھەتتىن ئۇ، ھەقنىڭ كۆرىدىغان كۆزى، ئىشتىدىغان قۇلىقى، تۇتۇپ يۆلەيدىغان قولى بولۇش بىلەن شەرەپلەندۈرۈلگەندۇر. ئۇ، شەپقەت بىلەن كۆرۈپ كۆزىتىشكە، ھىمايە قىلىپ ساقلاشقا ئېھتىياجلىق ھەركىمنى، گويا بىر ئانىغا ئوخشاش باغرىغا باسىدىغان تولۇق مەرھەمەتلىك ئىنساندۇر… پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە رەھبەر، يول كۆرسەتكۈچى، ھادى (توغرا يولغا كەلتۈرگۈچى)، مەھدى، ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇشخەۋەر بەرگۈچىدۇر… ئۇنى كۆرگەن ھەقنى كۆرگەن، ئۇنى سۆيگەن ھەقنى سۆيگەن، ئۇنىڭغا بويسۇنغان ھەققە قۇللۇق ھۇزۇرىغا ئېرىشكەن بولىدۇ…كامىل ئىنسان، ئادەتتىن تاشقىرى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ئەقلى، قەلبى ۋە روھى كەبىدۇر؛ ئۇنىڭسىز ھېچقانداق بىر ئىشنى توغرا چۈشەنگىلى بولمايدۇ، ھېچقانداق بىر ئىلىم، مەرىپەتكە ئايلىنالمايدۇ ۋە ھېچقانداق شەيئىنىڭ ھايات سىرلىرى تولۇق ھېس قىلىنمايدۇ[39]. بۇلارنىڭ ھەممىسى كامىل ئىنساننىڭ كائىنات ئىمامى ھېساپلانغانلىقىنىڭ دەلىللىرىدۇر.

 خۇلاسە

ئىنسان ئۆزىنى مۇھتاج ھېس قىلمىغاندا ھەددىدىن ئاشىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە مۆجىزە كۆرسەتكەن ۋە ئۇلارنى پىرئەۋننىڭ ئېغىر زۇلمىدىن قۇتقۇزغان ئىدى. شۇنداقلا ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سۇدا غەرق بولغان پىرئەۋن ۋە قوشۇنىدىن قالغان بارلىق مال-مۈلكىگە ئىگە بولۇشقان ئىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن 40 كۈنلۈك ئايرىلغىنىدا، باش قىلىپ ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى قويۇپ قويسىمۇ ئەڭ بىلىملىك ۋە ئەڭ دىندارلىرىدىن بولغان سامىرىنىڭ ياسىغان موزاي بۇتىغا سەجدە قىلىپ يولدىن چىققان ئىدى. ئىنسانلارنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتى مۇنۇ ئايەت ئارقىلىق مۇنداق گۈزەل ئىپادىلەنگەن ئىدى:

كَلَّا إِنَّ الْإِنسَانَ لَيَطْغَى. أَن رَّآهُ اسْتَغْنَى

 «ياق! شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەددىدىن ئاشىدۇ، ئۆزىنى بىھاجەت كۆرگەنلىكى ئۈچۈن.»-ئەلەق سۈرىسى، 6 ۋە 7-ئايەت.

 رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن باي بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قىسمى يولدىن چىقتى. ئەمەۋى دەۋرىدە پاراللېل دىن پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئابباسىلار بۇنى تاماملىغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلار مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتتى. بۇ پاراللېل دىن، ئىنسانلارغا تەسىر قىلىپ، چوڭلىرىغا قۇل-بەندىچلىك قىلغاچقا، سىياسەتنىڭ ياردىمى بىلەن كۈنىمىزگىچە داۋام قىلىپ كەلدى.

 ئەمدىلىكتە، پاراللېل دىن مەنسۇپلىرىدىن بىر قىسىمى، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسى قۇرۇلۇشلار بىلەن ئىش بىرلىكىدە بولۇپ، پاراللېل دۆلەتنى قۇرغاچقا قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىدى. ئەگەر يۆلەنچۈكى بولغان سىياسىي قۇرۇلۇش، مۇسۇلمارنلارغا ئائىت بولغان بولسا ئىدى، ھەركىم ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى قەھرىمان ساناشقان بولاتتى.

 بۇ يېڭى قۇرۇلۇش ھەقىقەتەنمۇ خەتەرلىك ئىدى. بۇلارنىڭ «دىنلار ئاراسى دىيالوگ» دەۋالغان سەپسەتىسىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا، قۇرئاننىڭ روھىنى ھاياتتىن چىقىرىش ئىدى.  2009-يىلى  10-مارت ۋاتىكاندا، ۋاتىكان باش ۋەزىرى ۋە دىنلار ئارىسى دىيالوگ گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى كاردىنال جېن لوئىس پىئېررې تاۇران (Jean-Louis Pierre Tauran) بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقتىمدا، ئۇ ماڭا: «قۇرئانغا بويسۇنساڭلار سىلەر بىلەن دىيالوگ ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ.» دېگەن ئىدى. ئۇ كۈنى تۈرك ۋە نېمىس ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان ھەيئىتىمىز يېنىدا گۈلەن جامائىتىنىڭ ئىتالىيەدىكى دىيالوگ مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئۇ كاردىنالنىڭ ئۆزلىرىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىگىنى ئېيتىپ ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن ئىدى. مەن كېرەكلىك جاۋابىنى بەردىم ۋە گۈلەن جامائىتىنىڭ بۇنى ئاللىبۇرۇنلا قۇبۇل قىلغانلىقلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولۇپ كەتكەن ئىدى. جامائەت مەنسۇپلىرىدىن راشىت خايلامازنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتى ئارىسىدىمۇ كەلىمە تەۋھىدنىڭ ئىككىنجى پارچىسىنى سۆزلەشتىن قاچىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتىشقان ئىدى[40]. بۇنى قانداق ھەزىم قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. يەنى ئۇلارغا نىسبەتەن، رەسۇلۇللاھ، ئاللاھنىڭ ئېنىق ئەمىرلىرى تۇرسىمۇ «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر» دېيىش بىلەنلا يېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دېيىشنى شەرت قىلمىغان ئىدى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر. ئۇنىڭ ئەلچىلىكىنىڭ مۇھىم دەپ قارالماسلىقى، قۇرئاننىڭ مۇھىم دەپ قارالماسلىقىدۇر. بۇ، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىمان ئېيتىشقا بۇيرىغان نۇرغۇنلىغان ئايەتكە قارشىدۇر. ئۇ ئايەتلەردىن بىرسى تۈۋەندىكىچە:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ آمِنُواْ بِاللّهِ وَرَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِي نَزَّلَ عَلَى رَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِيَ أَنزَلَ مِن قَبْلُ وَمَن يَكْفُرْ بِاللّهِ وَمَلاَئِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلاَلاً بَعِيدًا

«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ۋە ئاللاھ ئەلچىسىگە نازىل قىلغان كىتاپقا ۋە ئاللاھ ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتاپلارغا ئىشىنىڭلار. كىمكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە كاپىر بولىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ »- نىسا سۈرىسى، 136-ئايەت.

 ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، پاراللېل قۇرۇلما، پاراللېل دىننىڭ مەھسۇلاتىدۇر. بۇنداق بىر دىن پەيدا قىلىنمىغان بولسا، ھېچكىم دىندارلىق سەمىمىيىتى بىلەن بۇ قۇرۇلمىنىڭ بىر پارچىسى بولماس ئىدى.

پاراللېل قۇرۇلما، ھاكىمىيەتكە شېرك قۇشۇشتۇر. ئۆزلىرىگە قوشۇلغان شېرككە قارشى كۈرەش قىلغانلار، ئاللاھقا قوشۇلغان شېرىككىمۇ ئوخشاش قارار ئېلىپ كۈرەش قىلمايدىغان بولسا، كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا يۈزى تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ.

ئەمەۋىلەردىن بېرى پاراللېل دىن مۇسۇلمانلارغا ئەڭ چوڭ بالا بولغاندۇر. بۈگۈنكى كۈندە ئىسلامى ئىلىم دەپ بىلىنگەن نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى، بۇ پاراللېل دىن تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغاندۇر. بۇ سەۋەپتىن مۇسۇلمانلار، ساغلام تەپەككۇر قىلىش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىۋەتكەن. پاراللېل دىن يوقۇتۇلۇپ، كىتاپ-سۈننەتتىكى ئىسلام ئوتتۇرىغا چىقىرىلمىسا، مۇسۇلمانلار مۈشكۈلاتلىرىنىڭ چارىسىنى، ئۆزلىرىنى ئېكىسپالاتاتسىيە قىلغان كىشىلەردىن ئىزدەشكە داۋام قىلىۋىرىدۇ.

  • پروفىسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر
  • «كىتاپ ۋە ھېكمەت» ژورنىلى 5-سان باش ماقالىسى

 – تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق

[1]ھۇد 11/2،26؛ يۇسۇف 12/40؛ ئىسرا 17/23؛ ياسىن 36/60-61؛ فۇسسىلەت 41/14؛ ئاھقاف 46/21.

[2]ھاسان كامىل يىلماز، ئالتىنئولۇق مەجمۇئەسى، 1995 دېكابىر

[3]گۈلەن، قەلبنىڭ زۇمرەت ئىگىزلىكلىرى، ئىستانبۇل 2011، 3-جىلىد 57-بەت

[4]گۈلەن، قەلبنىڭ زۇمرەت ئىگىزلىكلىرى، ئىستانبۇل 2011، 3-جىلىد 59-61-بەت

[5]گۈلەن، قەلبنىڭ زۇمرەت ئىگىزلىكلىرى، ئىستانبۇل 2011، 3-جىلىد 55-56-بەت

[6]گۈلەن، قەلبنىڭ زۇمرەت ئىگىزلىكلىرى، ئىستانبۇل 2011، 3-جىلىد 51-بەت

[7]http://www.youtube.com/watch?v=kXc3pea0a3Q

[8]گۈلەن، قەلبنىڭ زۇمرەت ئىگىزلىكلىرى، ئىستانبۇل 2011، 3-جىلىد 54-بەت

[9]سۈلەيمان ئۇلۇداغ، رىجالۇل غەيب، ت د ۋ ئىسلام قامۇسى (دىئا) 35-جىلىد، 82-بەت

[10]گۈلەن، قەلبنىڭ زۇمرەت ئىگىزلىكلىرى، ئىستانبۇل 2011، 3-جىلىد 54-55-بەت

[11]بەقەرە 2/30

[12]بەقەرە 2/31

[13]زارىيات 51/56

[14]مەلەك / پەرىشتە () سۆز يىلتىزىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، خەۋەر يەتكۈزىدىغان دېگەن مەنىدە.

ئوخشاش يىلتىزدىن كەلگەن () بولسا، مەكتۇپ / خەت ياكى خەۋەر دېگەن مەنىدە.

مەلەكلەرمۇ / پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھدىن خەۋەر ۋە ئۇچۇر ئېلىپ كېلىدۇ.

مۇفرادات، تەزھىبۇللۇغا ۋە كىتابۇلئەين غا قارالسۇن.

[15] كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، تەرجىمان: دومىنىك پامىر، ئىستانبۇل 2000، 858-پاراگېراف

[16]كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 783-پاراگېراف

[17]كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 859-پاراگېراف

[18]كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 480-پاراگېراف

[19]كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 519-پاراگېراف

[20]كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 2634-پاراگېراف

[21]كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 771-پاراگېراف

[22]كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 775-پاراگېراف

[23]كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 887،880،883-پاراگېراف

[24]كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 891-پاراگېراف

[25]كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى،  887،880،883-پاراگېراف

[26]كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 891-پاراگېراف

[27]كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 936-پاراگېراف

[28]كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 937-پاراگېراف

[29]ئىنجىل، ئىبرانىلەرگە مەكتۇپ، 5/1.

[30]كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 874-پاراگېراف

[31]كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 878-پاراگېراف

[32]بۇخارى، ئىستىسام بىسسۈننە،14.

[33]مەھمەت دەمىرجى، دئى ئا، 15-جىلىد، ئا9-180. ھاقىقاتى مۇھەممەدىيە ماددەسى.

[34]گۈلەن، قەلبنىڭ زۇمرەت ئىگىزلىكلىرى، ئىستانبۇل 2011، 2-جىلىد 296-310-بەت

[35]يىلماز، ئىنسانى كامىل، ئالتىنئوق مەجمۇئاسى، 1996 ئىيۇل، 125-سان؛ 31-بەت.

ئەرش: بارلىق ئالەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىنسان ئەقلى يەتمەيدىغان ئەڭ يۇقۇرى قات، ئاسمانلار، جەننەت، سىدرە ۋە كۇرس دائىما ئۇنىڭ ئاستىدا دەپ قارىلىدۇ.

كۇرس: ئاللاھنىڭ قۇدرەت ۋە ھاكىمىيىتىنىڭ سىموۋىلى. سىدرەئى مۇنتەھا: يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدىكى بىر ماقام، جەننەتۇل مەئۋا ئۇنىڭ يېنىدا. قەلەمى ئەئلا: ئىلاھى بىلىملەرنى يازىدىغان ئەڭ ئالى قەلەم. لەۋھى مەھپۇز: ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ، كائىناتتا بولىدىغان ۋە بولغان شەيئىلەر يېزىلغان لەۋھە. ئاناسىررى ئەربا: ماددى ئالەم ئۇنىڭدىن پەيدا بولدى دەپ ئىشىنىلىدىغان تۇپراق، سۇ، ھاۋا ۋە ئاتەش.

[36]يىلماز، ئىنسانى كامىل، ئالتىنئوق مەجمۇئاسى، 1996 ئىيۇل، 125-سان؛ 31-بەت.

[37]كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 937-پاراگېراف

[38]http://www.herkul.org/herkul-nagme/278-nagme-her-sey-senden-sen-ganisin/

[39]گۈلەن، قەلبنىڭ زۇمرەت ئىگىزلىكلىرى، ئىستانبۇل 2011، 2-جىلىد 296-310-بەت

[40]رەشىت يىلماز، كۆڭۈل تەختىنىڭ تەڭداشسىز سۇلتانى ئەپەندىمىز، 252-بەت


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ