مۇسۇلمانلار تورىنىڭ ئالتىنچى يىلى
باش بەت > شېئىرىيەت گۈلزارى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 

كۆرسەتكەندە ئىككى مىڭ ئىككىنى تارىخ بېتى،

خىزمەت ئۈچۈن قۇرۇلدى مۇسۇلمانلار تور بېتى،

ئۇزۇن ئۆتمەي يېيىلدى ھەر تەرەپكە شۆھرىتى،

خۇشال بولۇپ بەزىلەر يوللىدى تەبرىك خېتى.

 

تورلار ئارا بارغانچە گۈللەندى «مۇسۇلمانلار»،

كېلىپ تۇردى ئىنكاسلار ھەمدە ھەر خىل سوئاللار،

قۇرئان–ھەدىس بويىچە بېرىلدى تېز جاۋابلار،

پايدىلاندى بۇ توردىن ئەرلەر ھەمدە ئاياللار.

 

پەرقىمىز شۇ بىزلەرنىڭ-ئىشتىڭلار ئى ئامىخاس:

قىلىمىز ھەر تېمىدا قۇرئان–ھەدىسنى ئاساس،

بولمايدۇ دىندا دەلىل ھەرگىزمۇ ئەييۇھەنناس!

ئايەت–ھەدىس مەنبەسى بولمىغان ئىجما–قىياس.

 

ئۆتتى ئارىدىن ئالتە يىل ئىلگىرلىدۇق بۇ يولدا،

پەرۋا قىلماي قىلىنغان گەپ–سۆزلەرگە ئوڭ-سولدا،

«قۇرئانچى» دەپ بولۇشتى بىزدىن «دوست» ئادا-جۇدا،

ھەتتا دېدى بەزىلەر: «تەۋبە قىل، يولۇڭ خاتا».

 

زىكىر قىلاي دوستلىرىم ئۆتمۈشۈمنى ئاز–تولا:

باشلىغانتىم ئوقۇشقا تېخى ئىدىم مەن بالا،

ئۆگىنىشكە تىرىشتىم بولۇپ قالماي دەپ «چالا»،

چارەك ئەسىر ئوقۇدۇم ئارىلاپ شەھەر، دالا.

 

ئۇستازدىن رۇخسەت ئېلىپ جەمئىيەتكە قوشۇلدۇم،

تەلىم-تەربىيە، دەۋەت، ئىشلىرىغا تۇتۇشتۇم،

چۈنكى بىر ئەھلى ئىلىم ئائىلىدە تۇغۇلدۇم،

ئاتا-ئانام خىزمەتكە ئاتىۋەتكەن ئوغۇلدۇم.

 

بولدۇم ئىمام ھەم خاتىپ، ھەم مەدرىسىدە خەلپەت،

تەبلىغ قىلدىم دىنىمنى تاپساملا ئۇيغۇن پۇرسەت،

يوق بولسۇن دەپ تىرىشتىم ئەل–يۇرتنى باسقان زۇلمەت،

بولدى ماڭا كۆپ كىشى ماڭغان يولۇمدا ئۈلپەت.

 

يىگىرمە بەش يىل بوپتۇ مەن بۇ يولغا چىققىلى،

تەلىم، تەبلىغ، دەۋەتنى بىرلىكتە باشلىغىلى،

قوشۇلۇپتۇ كۆپ ئىنسان ماڭا ھەمراھ بولغىلى،

ۋەدە قىلغان بەزىسى يېنىمدا تەڭ ماڭغىلى.

 

ئارقامغا بىر قارىسام شۇنچە يىللار ئۆتۈپتۇ،

«ئاداققىچە!» دېگەنلەر يول بېشىدا قېلىپتۇ،

«مىللەت غېمى يېگەن»لەر يېرىم يولدا ھېرىپتۇ،

«ئاخىرەتلىك!» دېگەنلەر پايدا قوغلاپ كېتىپتۇ.

 

ئېيتتىم ئۆزۈمگە: ئالغا ئىلگىرلە پەرۋا قىلما،

يول ئۇزۇن مەنزىل يىراق ئارقاڭغا ھېچ قارىما،

خىزمەت مۇھىم بۇرچ ئېغىر ئوڭ-سولغا ھېچ بۇرۇلما،

ۋاقىت قىممەتلىك ئۇنى بىھۇدە زايە قىلما.

 

 كۆپ ئادەملەر ئۇچراتتىم ئۆزگىچە خاراكتېرى،

دەۋاسى سۈلھى-سالا، باشقىچە زىكىر-پىكرى،

ھەق سۈننىي مەزھەپلەرنىڭ ئۇلارنىڭچە ھەر بىرى،

ھەتتا تەرىقەتلەرنىڭ جىمى تارماق يوللىرى.

 

بەزى يەردە بەزىلەر دەيدۇ: «مەن جىڭ ۋاھھابى»،

باشقا يەردە بولىدۇ دەرھال «بۈيۈك روھانى»،

بۈگۈن دېگەن «ئامىننىڭ ھازىر ئەمەس زامانى»،

ئەتىسىلا دەۋاتقان: «ئامىن مۇئمىن نىشانى».

 

دېيىشىدۇ بەزىلەر بىر چاغدا: «مەن سەلەفى»،

«شامال ئۆتۈپ كەتكەندە» دەيدۇ: «ئەسلىم خەلەفى»،

بىر چاغلاردا بولغانلار «ھەدىسچىلىك مەزھىپى»،

«ۋاقتى كەلگەندە» دېگەن: «بىلىڭلار: مەن ھەنەفى».

 

دېمەك، ئۇلار بىلىدۇ نەدە نېمە دېيىشنى،

يەنە قاچان قەيەردە قانداق ئىشنى قىلىشنى،

ھەر سورۇنغا مۇۋاپىق «كىيىم–كېچەك كىيىش»نى،

ھەتتا «زۆرۈر تېپىلسا»، «كىيىمىنى سېلىشنى».

 

«دىن» دەپ سۇنغان بەزىلەر مەۋدۇدىينىڭ پىكرىنى،

تەقۋالىق دەپ كۆرسەتكەن سوپىلارنىڭ «زىكرىنى»

بەزىلەرنىڭ دەلىلى: «قەرداۋىينىڭ دېگىنى»،

يەتكۈزمىگەن ھېچبىرى قۇرئان-ھەدىس ھۆكمىنى.

 

دېيىشىدۇ بەزىلەر ماڭا: «سۆزلە ياكى ياز،

دېگەن بولسا بىر نەرسە ‹ئۇسەيمىن[1]› يا ‹بىننى باز[2]

ماڭ شۇلارنىڭ كەينىدىن توختاپ قالماي قىشۇياز،

تېپىلىدۇ ئۇنداقلار تارىخلاردا بەكمۇ ئاز».

 

دېمەككى ھەر تائىپە بەلگىلەپتۇ يولىنى،

بۇرۇلماستىن مېڭىشقا باغلىشىپتۇ بېلىنى،

تەرجىمىگە باشلاپتۇ بىلگەن ئەرەب تىلىنى،

بەزىلىرى بۇ ئىشقا ئاتاپتۇ كۆپ پۇلىنى.

 

دېدى ماڭا بەزىسى: «ئەخمەق بولما كەل بېرى،

توغرا يولدۇر ئۇنتۇما تۆت مەزھەپنىڭ ھەر بىرى،

دوستۇڭ بولسۇن تەرىقەت سوپىلىرى ھەم پىرى،

پايدا ئالغىن ھەر كىمدىن ئايال بولسۇن يا ئېرى».

 

«دىن يولى»دا ئايرىلدىم مەن ئۇلاردىن بىر-بىرلەپ،

قۇرئان-ھەدىس ئىلمىگە كىردىم بەكمۇ ئىچكىرىلەپ،

يالغۇز ماڭدىم يولۇمدا ھەر كۈن ئالغا ئىلگىرىلەپ،

 پەرۋا قىلماي «قاۋىغان ئىت»لىرىمغا ھەر تەرەپ.

 

پايدىلانسۇن بۇ ئىلمىي خىزمەتتىن مۇسۇلمانلار

دەپ قۇرۇلدى ئالتە يىل ئىلگىرى «مۇسۇلمانلار»

ھارماي–تالماي ئىشلىدى قۇرغۇچى مۇسۇلمانلار

مۇسۇلمانلار بولسۇن دەپ ھەمىشە مۇسۇلمانلار.

 

 

مۇسۇلمانلار تورىنىڭ 6- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن.

 

 ئەنەس ئالىم

2008-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى چارشەنبە، ئىستانبۇل

 

[1] بۇ كىشىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبن سالىھ ئىبن مۇھەممەد ئىبن سۇلەيمان ئىبن ئابدۇرراھمان ئەلئۇسەيمىن بولۇپ، ئەرەبىستاننىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىندۇر. 2001- يىلى ۋاپات بولغان.[2] بۇ كىشىنىڭ تولۇق ئىسمى ئابدۇلئەزىز ئىبن ئابدۇللاھ ئىبن ئابدۇرراھمان ئىبن مۇھەممەد ئىبن ئابدۇللاھ ئىبىن باز بولۇپ، ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇپتىسىدۇر. 1999- يىلى ۋاپات بولغان.


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ