باش بەت > سەدىقە > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

قۇرئاندا سەدىقە ۋە جازانە

سەدىقە، ئىقتىسادنىڭ يادروسىدۇر. ئۇ، ئېھتىياجلارنى قامداپلا قالماي، چەتكە قېقىلغانلارنى يېڭىدىن ئىقتىسادقا ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇ، بەرپا قىلغان ئىشەنچ ۋە خاتىرجەم مۇھىت بىلەن تەرەققىياتنىڭ ۋە يۈكسىلىشنىڭ ئالدىنى ئاچىدۇ. بۇ سەۋەپتىن جازانىنى چەكلىگەن ئايەتلەردە ھەر زامان سەدىقە ۋە زاكات تەكىتلىنىدۇ.  

سەدىقە، مۇھتاجلارغا قىلىنغان بەدەلسىز ياردەمدۇر. جازانە بولسا، مۇھتاجلارغا بېرىلگەن قەرزدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن پايدىدۇر. مۇھتاج بولمىغان كىشى ئۆسۈملۈك قەرز ئالماس. سەدىقە بولسا، مۇھتاجلارنى ۋە جەمئىيەتنى خاتىرجەم قىلىدۇ.  جازانە بولسا، مۇھتاجلارنى تېخىمۇ قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ ۋە جەمئىيەتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزىدۇ.

سەدىقە دېيىلسە ئەقىلگە تۇنجى بولۇپ، پېقىرلەرگە بېرىلىدىغان ياردەم كېلىدۇ. بۇ سۆز ئەنئەنىمىزدە، كۆپىنچە تىلەمچىلەرگە بېرىلدىغان ئازغىنە ياردەملەر ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. ھالبۇكى، پېقىرلەر پەقەت سەدىقە بېرىلىدىغان سەككىز تۈردىن بىرنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ماقالىدىكى سەدىقە سۆزى، دۆلەت ئالغان باج مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا دۆلەتنىڭ بېشى بولغان نەبىمىزگە مۇنداق بۇيرۇغان ئىدى:

خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِمْ بِهَا وَصَلِّ عَلَيْهِمْ إِنَّ صَلَاتَكَ سَكَنٌ لَهُمْ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

«ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلايسەن ۋە يۈكسەلدۈرىسەن. ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، چۈنكى سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»-تەۋبە، 9/103.

بۇ ئايەتنىڭ ئالدىدا ۋە كەينىدە، سەمىمى مۇسۇلمانلار ھەققىدە سۆز قىلىنغاندەك، نەبىمىزگە داۋاملىق توزاق قۇرغان مۇناپىقلار ۋە كاپىرلار ھەققىدىمۇ سۆز قىلىنىدۇ. ئۇلاردىن ئېلىنىدىغان سەدىقە، پەقەت دۆلەتكە بولغان ساداقىتىنىڭ كۆرۈنۈشى بولىدۇ، خالاس. ئۇلار بۇنىڭ بەدىلىگە بېرىلىدىغان ياردەملەر بىلەن خاتىرجەم ھالدا ئۆزلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا پۇرسەت تاپىدۇ.

مۇسۇلمانلاردىن ئېلىنغان سەدىقە، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بولغان ساداقىتىنىڭ ئىپادىسى بولغانلىقى ئۈچۈن «زاكات = پاكلىغۇچى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خۇلاسە شۇكى، بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «سەدىقە» دۆلەت ئالغان باجدىن ئىبارەتتۇر. شۇڭلاشقا، مۇسۇلماندىن نېمە ئېلىنسا، غەيرى مۇسۇلماندىنمۇ شۇ ئېلىنىدۇ[1]. تۆۋەندە كېلىدىغان تەۋبە سۈرىسىنىڭ 60- ئايىتىدە سەدىقىلەرنىڭ يەنى دۆلەت ئالغان باجلارنىڭ سەرىپ قىلىنىش يەرلىرى كۆرسىتىلىدۇ.

سەدىقە ۋە كرېدىت

كرېدىت، ئۆسۈملۈك قەرزدىن ئىبارەتتۇر. ئۇ دەل ۋاقتىدا ئېھتىياجدىن چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن، ناھايتتى جەلب قىلارلىق بولىدۇ. لېكىن، قەرزنى ۋاقتىدا تۆلىمىسە، يېڭى كرېدىت ئېلىشقا مۇھتاج بولىدۇ. بۇ يۇسۇندا ئايلانغان قەرزنىڭ ئىشىشى سەۋەبىدىن، قەرز ئالغانلار قىسقا ۋاقىتتا دەسمايىلىرىدىن ئايرىلىپ، ئىقتىسادى كرىزىسقا دۇچ كېلىدۇ ۋە بۇ ساھەدىن سىقىپ چىقىرىلىدۇ.

بۇرۇن پۇل، ئالتۇن ۋە كۆمۈشتىن ياسىلىپ، ئېغىرلىق ۋە ساپلىق نىسپىتىگە قارىتا سودا-سېتىق قىلىناتتى. بۇلارنىڭ مىقدارى چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن قەرز بېرىش ئىمكانىمۇ چەكلىك بولاتتى. بىر قانچە ئەسىردىن بېرى پۇل قەغەزگە ئايلاندۇرۇلدى ۋە ئۈستىدە يېزىلغان قىممەت بىلەن بازارغا چىقىرىلدى. ئوخشاش چوڭلىقتىكى ئىككى قەغەزنىڭ بىرىگە بىر دوللار، ئىككىنچىسىگە 100 دوللار يازغان ھامان، ئىككىنچىسى، بىرىنچىسىدىن يۈز ھەسسە ئارتۇق قىممەت بىلەن مۇئامىلە قىلىنماقتا. بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، يەنە ھېساب خاتىرىسىدىلا مەۋجۇت، ئەمەلىيەتتە يوق، پەقەت ھىسابتىن ھىساپقا يۆتكەش ئارقىلىقلا ئىشلىتىلىدىغان مەۋھۇم پۇللار ئىشلەپچىقىرىلدى. ھازىر بولسا، كومپىيوتىر ئېكرانىغا قۇشۇلغان نۆللەر بىلەن ئىشەنگۈسىز چوڭلۇققا يەتكۈزۈلگەن پۇللار ئۆسۈم بولۇپ، بازارغا قويۇلماقتا ۋە پۈتۈن دۇنيا سۈمۈرۈلمەكتە. بۇ يول ئارقىلىق ئاۋۋال كىچىك كارخانىلار، ئاندىن ئوتتۇرھال ئىش يەرلىرى ئىشلەپ چىقىرالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدى. ئارقىدىن چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرى ۋە دۆلەتلەر پۇلدارلارنىڭ كونتروللىقىغا كىرگۈزۈلدى.

 شۇنىڭ بىلەن پۇلدارلار، ھېچقانداق زىيان تارتمايلا پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش مەنبەلىرىگە ئىگە بولىۋالدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن بۇ مەنبەلەرنى ئىنساپسىزلارچە سۈمۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن  ئۇ مەنبەلەرنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنى يوقىتىۋىتىشتىن ھۇزۇرلاندى. ئىستاتىسكىلارغا قارىغاندا تۈركىيە، ئامېرىكا، جۇڭگو، روسيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق پۈتۈن دۆلەتلەر ۋە ھەر ئائىلە قەرزدار ئىكەن. بۇلار خالىغان دۆلەتنى ۋەيران قىلماقتا ۋە خالىغانچە سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتمەكتە.

بۇلارنىڭ سەلتەنىتىنى يېقىتىدىغان بىردىنبىر ئامىل جازانىخورلۇقنى يوق قىلىشتۇر. جازانە، ئاللاھنىڭ ھەممە ئەلچىلىرى يەتكۈزگەن ئاساسلىق  چەكلىمىلەردىن بىرىدۇر. مەسىلەن: يەھۇدىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بۇ ئايەتلەرگە قاراپ باقايلى:

فَبِظُلْمٍ مِنَ الَّذِينَ هَادُوا حَرَّمْنَا عَلَيْهِمْ طَيِّبَاتٍ أُحِلَّتْ لَهُمْ وَبِصَدِّهِمْ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ كَثِيرًا  وَأَخْذِهِمُ الرِّبَا وَقَدْ نُهُوا عَنْهُ وَأَكْلِهِمْ أَمْوَالَ النَّاسِ بِالْبَاطِلِ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ مِنْهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا

«يەھۇدىيلار زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا بۇرۇن ھالال قىلىنغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق. نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقلىرى، ئۆزلىرى چەكلەنگەن تۇرۇپ، جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈنمۇ، ئۇلارغا ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق»-نىسا سۈرىسى، 160 ۋە 161- ئايەت.

تۆۋەندىكى ئايەتتە، ئۆسۈمنىڭ زىيىنى ۋە زاكاتنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ:

وَمَا آَتَيْتُمْ مِنْ رِبًا لِيَرْبُوَ فِي أَمْوَالِ النَّاسِ فَلَا يَرْبُو عِنْدَ اللَّهِ وَمَا آَتَيْتُمْ مِنْ زَكَاةٍ تُرِيدُونَ وَجْهَ اللَّهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الْمُضْعِفُونَ

«ئىنسانلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە ئۆسسۇن دەپ جازانىگە بەرگەن نەرسەڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆسمەيدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن زاكىتىڭلار ئۇنداق ئەمەس. زاكات بەرگەنلەر قاتمۇقات كۆپەيتكۈچىلەردۇر»-‏30-سۈرە رۇم، 39 – ئايەت.

«ئىنسانلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە ئۆسسۇن دەپ جازانىگە بەرگەن نەرسەڭلار..» ئىپادىسى، بۇ قەرزنىڭ پۇل-مىلى بار كىشىلەرگە بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، تۆلەپ بېرەلەيدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولماي تۇرۇپ ئۆسۈمگە قەرز بېرىلمەيدۇ.

  جازانىخورلار، ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغان كىشىلەر ۋە قۇرۇلمىلارمۇ سەدىقە يولى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك. تۆۋەندە بايان قىلغىنىمىزدەك سەدىقە، ئىقتىسادنىڭ بولمىسا بولمايدىغان زۆرۆر بىر قىسمىدۇر. ئۇ، ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، سىقىپ چىقىرىلغانلارنى يېڭىدىن ئىقتىساد قازاندۇرىدۇ. ئىشەنچ ۋە خاتىرجەم مۇھىت يارىتىپ تەرەققىياتنىڭ ۋە يۈكسىلىشنىڭ ئالدىنى ئاچىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئۆسۈمنى چەكلىگەن ئايەتلەردە دائىم زاكات ۋە سەدىقە تىلغا ئېلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەرگە دىققەت بىلەن قاراپ باقايلى:

الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ سِرًّا وَعَلَانِيَةً فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ. الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا إِنَّمَا الْبَيْعُ مِثْلُ الرِّبَا وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانْتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ وَمَنْ عَادَ فَأُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ. يَمْحَقُ اللَّهُ الرِّبَا وَيُرْبِي الصَّدَقَاتِ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ. إِنَّ الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآَتَوُا الزَّكَاةَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ. فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُءُوسُ أَمْوَالِكُمْ لَا تَظْلِمُونَ وَلَا تُظْلَمُونَ. وَإِنْ كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَى مَيْسَرَةٍ وَأَنْ تَصَدَّقُوا خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ

«ماللىرىنى كېچە ۋە كۈندۈز، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئاللاھنىڭ يولىدا چىقىم قىلىدىغانلار رەببىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم تۇرغاندەكلا تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: ‹ئېلىم-سېتىم خۇددى جازانىخورلۇققا ئوخشاشتۇر›، دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، ئاللاھ ئېلىم-سېتىمنى ھالال، جازانىخورلۇقنى ھارام قىلغان. كىم رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتكە بويسۇنۇپ جازانىخورلۇقتىن توختىسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. جازانىخورلۇقنى داۋاملاشتۇرغانلار بولسا، دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۆسۈمنى خورىتىپ، سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاللاھ ھېچبىر گۇناھكار ۋە تۇزكورنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن ۋە زاكاتنى بەرگەنلەر رەببىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ. ئى مۇئمىنلار! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار ۋە قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار ئەسلى ماللىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر. ئەگەر قەرزدار قىينچىلىق تارتىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ھالى ياخشىلانغۇچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر»-بەقەرە سۈرىسى،274 ۋە 280-ئايەت.

ئايەتلەر بۇ ھەقتە سەۋەپسىزلا مۇنداق ئېغىر ئىپادىلەرنى قوللانمايدۇ. چۈنكى، قەرز بېرىش ئىقتىسادى پائالىيەت ئەمەس. قەرزدىن قولغا كەلتۈرگەن پايدا، پۈتۈن سېستىمىنى بۇزىدىغان ناھەق پايدا بولىدۇ.  ھەقىقى ئىقتىسادى پائالىيەت ئېلىنغان قەرزنىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن باشلىنىدۇ.  

2- ئارتۇقىنىڭ بىر قىسمىنى بېرىش

ئىنسان مالنى ناھايتتى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭلاشقا، قۇرئان مالنى توپلاشنى ئەمەس، ئىنفاق (سەرپ)[2] قىلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئەرەپچىدە تونىلنى «نەفەق» دەيدۇ. بىر نەرسىنى تونىلدىن ئۆتكۈزۈشنى «ئىنفاق» دېيىلىدۇ. قاننىڭ تومۇرلاردىن ئۆتۈپ ۋۇجۇدقا تارقالغىنىغا ئوخشاش، كىرىم ۋە بايلىقمۇ «ئىنفاق» يولى ئارقىلىق جەمئىيەتكە تارقىلىدۇ. نەبىمىزدىن سورالغان بىر سۇئال ھەققىدە تۆۋەندىكى ئايەت چۈشۈرۈلگەن ئىدى:

وَيَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنْفِقُونَ قُلِ الْعَفْوَ كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآَيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ

«ئۇلار سەندىن يەنە نېمىنى چىقىم قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەپۇنى چىقىم قىلىڭلار»[3]. ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. تەپەككۇر قىلغايسىلەر»-بەقەرە، 2/219.

ئايەتتىكى «ئەپۇ» سۆزى، ئاساسلىق ئېھتىياجدىن ئارتۇق مال[4]، كۆپىيىدىغان مال[5] دېگەن ئىككى خىل مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىنساننىڭ ئۆيى، ئۆي جابدۇقلىرى، ئۆزىنىڭ ۋە بېقىلىشى زۆرۆر بولغان كىشىلەرنىڭ يىمەك-ئىچمىكى، مىنىدىغان ماشىنا، ئۇلاغلىرى… قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق نەرسىلەردىن سەدىقە ئېلىنمايدۇ.

بۇ ئايەتتە «ئەپۇ» سۆزى، مالنىڭ كۆپىيىشى يەنى باي بولۇش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

ثُمَّ بَدَّلْنَا مَكَانَ السَّيِّئَةِ الْحَسَنَةَ حَتَّى عَفَوْا وَقَالُوا قَدْ مَسَّ آَبَاءَنَا الضَّرَّاءُ وَالسَّرَّاءُ فَأَخَذْنَاهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ

«ئاندىن بىز يامانلىقنىڭ ئورنىغا ياخشىلىقنى ئالماشتۇردۇق، تاكى ئۇلار كۆپەيدى ۋە: «ئاتا-بوۋىلىمىزمۇ قاتتىقچىلىقتا ۋە كەڭرىچىلىكتە ياشىغان ئىكەن» دېدى. ئاندىن بىز ئۇلارنى تۇيماي قالغان چېغىدا ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق»-ئەئراف، 7/95.

بۇ ئايەتكە ئاساسەن، ئاساسلىق ئېھتىياجدىن ئارتۇق مېلى يوق كىشىدىن باج ئېلىنمايدۇ. مائاش، ئۆي، ئاپتۇمۇبىل، دۇكان، فابرىكا قاتارلىق نەرسىلەر باجدىن خالى بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئېھتىياجدىن ئارتۇق ھەممە نەرسىنى تەلەپ قىلمايدۇ. لېكىن، شۇنداق بىر سېستىمنى ئوتتۇرىغا قويغانكى، ئارتۇق مالنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى بەرگەننى، ھەممىسىنى بەرگەندەك قوبۇل قىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغاندەك، بىر ياخشىلىققا ئەڭ ئاز ئون ھەسسە ئارتۇق بېرىلىدۇ.

مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ عَشْرُ أَمْثَالِهَا وَمَنْ جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَلَا يُجْزَى إِلَّا مِثْلَهَا وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ

«بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ[6]، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ»-ئەنئام سۈرىسى،160-ئايەت.

بۇنىڭغا ئاساسەن، 1000 لىراسى بار بىر كىشى، ئۇنىڭ 100 لىراسىنى سەدىقە قىلسا ھەممىسىنى بەرگەندەك بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئارتۇقى تەلەپ قىلىنمايدۇ. بۈگۈن ئىش دۇنياسىنى بۇلغاۋاتقان باجلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ سېستىمىدا تېپىلمايدۇ.

3- سەدىقىنىڭ مىقدارى

بۇ يەردە ئۆرنەك ئۈچۈن پەقەت يەر مەھسۇلاتلىرى ۋە تىجارەت ماللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سەدىقىنىڭ  مىقدارلىرىلا تىلغا ئېلىنىدۇ.

ئا- يەر مەھسۇلاتلىرى

ئاللاھ تائالا يەر مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

وَهُوَ الَّذِي أَنْشَأَ جَنَّاتٍ مَعْرُوشَاتٍ وَغَيْرَ مَعْرُوشَاتٍ وَالنَّخْلَ وَالزَّرْعَ مُخْتَلِفًا أُكُلُهُ وَالزَّيْتُونَ وَالرُّمَّانَ مُتَشَابِهًا وَغَيْرَ مُتَشَابِهٍ كُلُوا مِنْ ثَمَرِهِ إِذَا أَثْمَرَ وَآَتُوا حَقَّهُ يَوْمَ حَصَادِهِ وَلَا تُسْرِفُوا إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، باراڭلىق ۋە باراڭسىز باغلارنى، تەمى ھەر خىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇنلارنى، ئانارلارنى بار قىلدى. ھەر بىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. چۈنكى ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»-ئەنئام سۈرىسى، 141-ئايەت.

 مەككىدە نازىل بولغان بۇ ئايەتتە بېرىلىشكە بۇيرۇلغان ھەق، يەر مەھسۇلاتلىرىدىن يىغقان كۈنىدە ئېلىنغان سەدىقىدۇر. مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسىنى بەرگەندەك بولۇشقا ئوندىن بىرىنى بېرىش يىتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەھسۇلاتلاردىن ئېلىنغان سەدىقىگە «ئوندىن بىر» مەنىسىدە كەلگەن «ئۆشۈر» ئىسمى بېرىلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىشتا قۇشۇمچە چىقىم قىلىنغان بولسا مىقدار يىگىرمىدىن بىرگە چۈشىدۇ.

 پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:

«دەريا ۋە يامغۇر سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلغانلاردىن ئوندىن بىر «ئۆشۈر»، ھايۋان بىلەن سۇغۇرۇلغانلاردىن يىگىرمىدىن بىر «نىسفۇل ئۆشرى» ئېلىنىدۇ».[7]

يېغىلغان كۈنى قىلىنغان تۆلەم ئېتىزدا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئامبارغا قاچىلاش ۋە يۆتكەش چىقىملىرى بولمايدۇ. ئۇ مال، سودىگەر تەرىپىدىن سېتىۋىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ تىجارەت مېلىغا ئايلىنىدۇ.

  ب- پۇل ۋە تىجارەت ماللىرى

تىجارەت- بىر مالنى، پۇل ياكى باشقا بىر مال بىلەن نەق ياكى نېسى ئالماشتۇرۇشتۇر. جازانىدىمۇ ئالماشتۇرۇش بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭدا، بىر كىشىدىن 10 دوللار قەرز ئالغان كىشى بىر مۇددەتتىن كېيىن ئالغان 10 دوللار بىلەن قوشۇپ ئايرىم 1 دوللار بېرىدۇ. بۇ 1 دوللار ئۆسۈم بولىدۇ.  جازانىخورلار، خەلقنى سۈمۈرۈپ ئىقتىسادنى ئۆزىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۋالغانلىقىنى ئوبدان بىلگەنلىكى ئۈچۈن تىجارەت ۋە جازانە ئارىسىدىكى بۇ ئوخشاشلىقتىن پايدىلىنىپ مۇنداق دېيىشىدۇ: «نەق باھاسى 10 دوللارلىق مالنى، مۇددەتلىك 11 دوللارغا ئېلىش بىلەن 10 دوللارنى مۇددەتلىك 11 دوللارغا ئېلىش ئارىسىدا پەرق يوقتۇر».

ئاللاھ تائالا جازانە بىلەن سودىنى ئوخشاش دېگەنلەرگە مۇنداق دەيدۇ:

الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا إِنَّمَا الْبَيْعُ مِثْلُ الرِّبَا وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانْتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ وَمَنْ عَادَ فَأُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ

«ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم تۇرغاندەكلا تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: ‹ئېلىم-سېتىم خۇددى جازانىخورلۇققا ئوخشاشتۇر› دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، ئاللاھ ئېلىم-سېتىمنى ھالال، جازانىخورلۇقنى ھارام قىلغان. كىم رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتكە بويسۇنۇپ جازانىخورلۇقتىن توختىسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. جازانىخورلۇقنى داۋاملاشتۇرغانلار بولسا، دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ»-بەقەرە، 2/ 275.

جازانە بىلەن سودا-سېتىق ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىق بولسىمۇ لېكىن، ئۇلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان بىر پەرق بار. مەسىلەن: ئۈزۈم ھارىقى، ئۈزۈم شىرنىسىگە ئوخشايدۇ لېكىن ھېچكىم: «ئۈزۈم سۈيى، ھاراقنىڭ ئۆزى» دېمەيدۇ.

نەق باھاسى 10 دوللار بولغان بىر مال، مۇددەتلىك 11 دوللارغا سېتىلسا 11 دوللارنىڭ ھەممىسى مالنىڭ بەدىلى (قىممىتى) بولىدۇ. ئۇ مال بىلەن پۇل ئوتتۇرىسىدا بەلگىلەنگەن تەڭلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ئارتۇق بېرىلگەن بىر نەرسە بولمايدۇ. پۇلنى تۆلەيدىغان كۈنى مالنىڭ باھاسى 12 دوللارغا چىقىپ كېتىشى ياكى 9 دوللارغا چۈشۈپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭلاشقا، تىجارەت قىلغان ئىككى تەرەپ زىيانغا تەۋەككۇل قىلىپ، ئىستىمالنىڭ، مال ۋە پۇل ئايلىنىشىنىڭ ۋە يېڭى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يولىنى ئاچقان بولىدۇ.

   11 دوللار ئېلىش ئۈچۈن 10 دوللار بەرگەن كىشىنىڭ، ئالغان 10 دوللىرى بەرگەن 10 دوللىرىنىڭ بەدىلى بولىدۇ. ئارتۇق ئالغان 1 دوللىرى بەدەلسىز ئېلىنغان بولىدۇ. مانا بۇ ئۆسۈمدۇر. چۈنكى جازانە بىر ئىقتىسادى مۇئامىلە ھېسابلانمايدۇ. جازانىخورلۇق قىلغۇچى قەرزدارنىڭ ھېچقانداق دەردى بىلە كارى بولمايدۇ ۋە زىيانغا تەۋەككۇل قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇ، قەرزنى تۆلەش ۋاقتى كېچىكسە، «كېچىكتۈرۈش ئۆسۈمى» دېگەن باھانىسى بىلەن قۇشۇمچە ھەق ئالىدۇ. ئۇنىڭ نىشانى پەقەت، پايدىنى %10،%20، %40 … ئاشۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تَأْكُلُوا الرِّبَا أَضْعَافًا مُضَاعَفَةً وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ

«ئى مۇئمىنلار! قاتمۇقات ئۆسۈمنى يېمەڭلار ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»-ئال ئىمران سۈرىسى، 130-ئايەت.

بۇ ئايەتتىكى « أَضْعَافًا = قاتمۇقات» ئىپادىسى ئەرەپ تېلى نۇقتىسىدىن «الرِّبَا =جازانە»نىڭ خاراكتىرىنى يەنى بىردىنبىر ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.« أَضْعَافًا مُضَاعَفَةً = قاتمۇقات» سۆزى «ئىككىنىڭ قاتلارغا قاتلىنىشى» دېگەن بولىدۇ.[8] بۇ ئايەتكە باشقا مەنە بەرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، مىقدارى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، جازانىنىڭ ھەر قانداق شەكلى ھارامدۇر.

 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُءُوسُ أَمْوَالِكُمْ لَا تَظْلِمُونَ وَلَا تُظْلَمُونَ

«ئى مۇئمىنلار! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار.[9] ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار ئەسلى ماللىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر»- بەقەرە سۈرىسى، 278 ۋە 279-ئايەت.

بۇ ئايەتلەر ئېلىنىدىغان قەرزنىڭ ئۈستىگە قۇشۇلغان ھەر قانداق قۇشۇمچە ھەقنىڭ جازانە ۋە ھارام بولىدىغانلىقىنى ئۇچۇق بايان قىلىدۇ.

تۆۋەندىكى ئايەتتە، قەرزنى تۆلەشتە قىينىلىپ قالغانلارنىڭ قەرزىنى سەدىقىگە ھېسابلىۋىتىشنى تەۋسىيە قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:

وَإِنْ كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَى مَيْسَرَةٍ وَأَنْ تَصَدَّقُوا خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ

«ئەگەر قەرزدار قىينچىلىق تارتىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ھالى ياخشىلانغۇچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر»- بەقەرە سۈرىسى، 280-ئايەت.

بۇ ئايەتمۇ جازانىخور بىلەن زاكات بەرگۈچىنىڭ پەرقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:

وَمَا آَتَيْتُمْ مِنْ رِبًا لِيَرْبُوَ فِي أَمْوَالِ النَّاسِ فَلَا يَرْبُو عِنْدَ اللَّهِ وَمَا آَتَيْتُمْ مِنْ زَكَاةٍ تُرِيدُونَ وَجْهَ اللَّهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الْمُضْعِفُونَ

«ئىنسانلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە كۆپەيسۇن دەپ جازانىگە بەرگەن نەرسەڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا كۆپەيمەيدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن زاكىتىڭلار ئۇنداق ئەمەس. زاكات بەرگەنلەر كۆپەيتكۈچىلەردۇر»-رۇم سۈرىسى، 39-ئايەت.

جازانىخور پايدىسىنى قاتمۇقات كۆپەيتىشى مۇمكىن، لېكىن ئاللاھ، ئۇنى توغرا كۆرمەيدۇ.«كۆپەيكۈچىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز «ئەلمۇدئىفۇن = الْمُضْعِفُونَ»دۇر. بۇ ئۇقۇم ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 130- ئايىتىدە بىر نەرسىنىڭ ئەڭ ئاز تۆت قېتى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان «ئەدئافەن مۇدائەفە = أَضْعَافًا مُضَاعَفَةً» شەكلىندە تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئايەتنىڭ ئاخىرقى قىسمىنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ:

«پايدىلىرىنى ئەڭ ئاز تۆت قات ئاشۇرغانلار، زاكات بەرگەن كىشىلەردۇر».  

زاكات بەرگۈچى، جازانىخوردەك مۇھتاجلارنى سۈمۈرۈشكە قۇربىتى يەتسىمۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۈستۈن كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ، ئۇنىڭ زاكاتقا ئايرىپ، بەرگەن 1 دوللىرىنى ئەڭ ئاز تۆت دوللار ھېسابلايدۇ. ئاللاھ بىر ياخشىلىققا ئەڭ ئاز ئون قات ساۋاب بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن تۆتنىڭ 10 قىتى 40 بولىدۇ. يەنى پۇل ۋە تىجارەت ماللىرىدىن بىر دوللار زاكات بەرگەن كىشى 40 دوللار بەرگەن بولىدۇ. ماللاردا زاكات مىقدارىنىڭ قىرىقتا بىر بولۇشىنىڭ سەۋەبى بۇدۇر. نەبىمىز ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«ھەر ئىككى يۈز دىرھەمنىڭ قىرىقتا بىرىنى، ھەر يىگىرمە دىنارنىڭ يېرىم دىنارىنى ئېلىپ كېلىڭلار».[10]       

تىجارەتكە كىرگەنلەر نۇرغۇنلىغان زىيانلارغا تەۋەككۈل قىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن سەدىقە مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىنىڭ ئۆزى تىجارەت قىلىشقا ئۈندەشتۇر. بېرىلىدىغان سەدىقىلەر، سەككىز تۈرگە سەرىپ قىلىنغاندا پەيدا بولغان ئىشەنچ ۋە خاتىرجەم مۇھىت، جازانىخورلۇق پەيدا قىلغان خاتىرجەمسىز ۋە ئىشەنچسىز مۇھىتىنىڭ ئەكسىچە نۇرغۇنلىغان ئىجابى تەرەققىياتلارغا يول ئاچىدۇ ۋە تىجارەت ھاياتىنى ھەقىقى مەنىدە تەرەققى قىلدۇرىدۇ. مانا بۇ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى ھەقىقى مەنىدە يۇقىرى كۆتىرىدۇ.

سەدىقە سەرپ قىلىنىدىغان تۈرلەر

سەدىقىنىڭ سەرپ قىلىنىدىغان تۈرلىرىنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن بىلەلەيمىز. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّهِ وَاِبْنِ السَّبِيلِ فَرِيضَةً مِنَ اللَّهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ

«سەدىقىلەر[11] پەقەت پېقىرلەرگە، مىسكىنلەرگە، سەدىقە خادىملىرىغا ۋە قەلبلىرى ئىسلامغا مايىل قىلىنىدىغانلارغا بېرىلىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇللارنى ئازاد قىلىش ۋە قەرزدارلارنى قەرزدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ يولى ۋە يولۇچىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ[12]. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىندى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[13]-تەۋبە سۈرىسى، 60-ئايەت.

بۇ ئايەتنىڭ ئىپادىسى، سەدىقە بېرىلىدىغان سەككىز تۈرنىڭ ئىككىگە بۆلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى «پېقىرلەر، مىسكىنلەر، سەدىقە خادىملىرى ۋە قەلبلىرى ئىسلامغا مايىل قىلىنىدىغانلار» قاتارلىق تۆت سۆزنىڭ ئەرەپچىسىنىڭ بېشىدا «مۈلكىيەت = ئىگىدارچىلىق»نى ئىپادىلەيدىغان «لام = ل» ھەرپى بار بولۇپ، بۇ، زاكاتنىڭ بىر قىسمىنى بۇ تۆت قىسىمنىڭ قولىغا بېرىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. باشقا تۆت تۈرنى كۆرسىتىدىغان سۆزلەرنىڭ بېشىدا رەۋىشنى ئىپادىلەيدىغان «فىي = في» ھەرپى بار بولۇپ، بۇ سەدىقىلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ قۇللارنى ئازاد قىلىش ۋە قەرزدارلارنى قەرزدىن قۇتقۇزۇش، ئاللاھنىڭ يولى ۋە يولۇچىلارغا بېرىلىش ئۈچۈن ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇلار ئۈچۈن بىر فوند قۇرۇلۇشىنىڭ كېرەكلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىندى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»، ئىپادىلەر ناھايتتى مۇھىمدۇر:

بۇ ئايەتكە ئاساسەن سەدىقە بېرىلىدىغان قىسىملار، ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن پەرز ۋەزىپە بولسا، مۇسۇلمان ھوقۇقدارلارنىڭ بىردىنبىر قىلىدىغان ئىشى بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ يېنىغا بىر كىشى كېلىپ، «ماڭا سەدىقە بېرەمسەن؟» دېگەندە،  ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇنداق دېدى:

«ئاللاھ، سەدىقە ھەققىدە ھېچبىر نەبى ياكى باشقا بىر كىشىنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇ ھۆكۈمنى ئۆزى چىقىرىپ، سەدىقىلەرنى سەككىز پارچىغا بۆلدى. سەن بۇلاردىن بىرى بولساڭ ھەققىڭنى بېرىمەن».[14]

يۇقىرىدىكى ئايەتتە ۋە بۇ ھەدىستە سەدىقىلەرنى سەرپ قىلىدىغان ئورۇنلار ھەققىدە ھېچكىمگە ھوقۇق بېرىلمىگەنلىكى ئوچۇقتۇر.

سەدىقىنىڭ سەرپ قىلىنىدىغان سەككىز تۈرىنى تۆۋەندىكى ئىككى بۆلۈمدە تەپسىلى بايان قىلىمىز.

ئا- ھەدىيە بېرىلىدىغانلار

  1. پېقىرلار

پېقىر، باشقىلارغا مۇھتاج ھالغا چۈشۈپ قالغان كىشىلەردۇر. بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى تۆۋەندىكى ئىككى ئايەتتىن چۈشىنەلەيمىز:

وَأَنْكِحُوا الْأَيَامَى مِنْكُمْ وَالصَّالِحِينَ مِنْ عِبَادِكُمْ وَإِمَائِكُمْ إِنْ يَكُونُوا فُقَرَاءَ يُغْنِهِمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ

«ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر-ئاياللارنى ۋە لاياقەتلىك بولغان قۇل-دېدەكلىرىڭلارنى نىكاھلاندۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار پېقىر بولسا ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ. ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭدۇر، ئۇ بىلگۈچىدۇر»-نۇر سۈرىسى، 32-ئايەت.

لِلْفُقَرَاءِ الَّذِينَ أُحْصِرُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ لَا يَسْتَطِيعُونَ ضَرْبًا فِي الْأَرْضِ يَحْسَبُهُمُ الْجَاهِلُ أَغْنِيَاءَ مِنَ التَّعَفُّفِ تَعْرِفُهُمْ بِسِيمَاهُمْ لَا يَسْأَلُونَ النَّاسَ إِلْحَافًا وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ

«خەير-ئېھسانلىرىڭلارنى، ئۆزلىرىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان، بۇ سەۋەبتىن رىزىق ئىزدەپ مېڭىشقا پۇرسەت تاپالمايدىغان، تىلەمچىلىك قىلمىغانلىقلىرى ئۈچۈن تونۇمىغانلار، باي دەپ ئويلايدىغان پېقىرلەرگە بېرىڭلار. سەن ئۇلارنى سېمالىرىدىن تونۇيسەن. ئۇلار ھېچكىمدىن يۈزسىزلىك بىلەن بىر نەرسە تىلىمەيدۇ. ئاللاھ يولىدا قانداق مال چىقىم قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ»-بەقەرە سۈرىسى، 273-ئايەت.

بىرىنچى ئايەتتىكى پېقىر، توي قىلىشقا ئېھتىياجى بولسىمۇ لېكىن، قۇدرىتى يەتمىگەن كىشىدۇر. ئىككىنچى ئايەتتىكى بولسا، پۈتۈن ۋاقتىنى ئىسلام ئۈچۈن سەرپ قىلغان لېكىن، قىلغان ئىشىدىن ھېچقانداق پۇل تاپالمىغان كىشىدۇر.

پېقىرلارغا ياردەم بېرىش ئۇلارنىڭ يۈز-ئابرويىنى دەپسەندە قىلمىغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

إِنْ تُبْدُوا الصَّدَقَاتِ فَنِعِمَّا هِيَ وَإِنْ تُخْفُوهَا وَتُؤْتُوهَا الْفُقَرَاءَ فَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ وَيُكَفِّرُ عَنْكُمْ مِنْ سَيِّئَاتِكُمْ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ

«سەدىقىلەرنى[15] ئاشكارا بەرسەڭلار، نېمىدېگەن ياخشى! لېكىن ئۇلارنى پېقىرلارغا مەخپىي بەرسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ ۋە سىلەرنى بەزى گۇناھلىرىڭلاردىن تازىلايدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر»-بەقەرە سۈرىسى، 271-ئايەت.

  1. مىسكىنلەر

مىسكىننىڭ ئەسلى مەنىسى، ھەرىكەتتىن كېيىن توختاش دېگەن بولىدۇ.[16] كېسەل، مېيىپ، قېرى ۋە ئىشسىز..دېگەندەك ئامالسىز قالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مىسكىن ھېسابلىنىدۇ. نەبىمىز مۇنداق دەيدۇ؛

«ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە تىلەمچىلىك قىلىدىغان، بىر- ئىككى لوقما ياكى بىر – ئىككى خورما بەرسە يېنىپ كېتىدىغان كىشى مىسكىن ئەمەس؛ لېكىن ئۆز ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا يەتكۈدەك بايلىق تاپالمىغان كىشى مىسكىندۇر…».[17]

ئاللاھ تائالا مۇسا ۋە خىزىر ئەلەيھىسالاملارنىڭ قىسسىسىدە، خىزىر بۇزىۋەتكەن كېمىنىڭ ئىگىلىرى ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ:

أَمَّا السَّفِينَةُ فَكَانَتْ لِمَسَاكِينَ يَعْمَلُونَ فِي الْبَحْرِ فَأَرَدْتُ أَنْ أَعِيبَهَا وَكَانَ وَرَاءَهُمْ مَلِكٌ يَأْخُذُ كُلَّ سَفِينَةٍ غَصْبًا

«ئۇ كېمە بارغۇ! ئۇ، دېڭىزدە ئىشلەيدىغان بىرقانچە مىسكىننىڭ ئىدى. ئۇنى ئەيىبلىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قوياي دەپ تېشىۋەتتىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ بارىدىغان يېرىدە ھەر ساغلام كېمىنى بۇلىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى»-كەھف سۈرىسى، 79-ئايەت.

ئۇلار قوللىرىدىكى كېمىلەر ئېلىۋىلىنسا ئىشسىز قالىدىغانلىقى ئۈچۈن مىسكىن دېيىلگەندۇر. 

  1. ئامىلىن «سەدىقە يىغقۇچىلار»

سەدىقە يىغىش ئىشىدا ئىشلىگەنلەرگە مائاشلىرى، يىغقان سەدىقىلىرىدىن بېرىلىدۇ. چۈنكى، سەدىقىنىڭ بۇ تۈرى باجدۇر. ئۇ، دۆلەتنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا توپلىنىدۇ ۋە تارقىتىلىدۇ.

  1. مۇئەللىفەتى قۇلۇب (دىلى ئىسلامغا مايىل قىلىنىدىغانلار)

ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ئاجىز، لېكىن قەۋمىنىڭ ئىچىدە سۆزى ئۆتىدىغان كىشىلەر. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ياكى قەۋمنىڭ ئىمان ئېتىشى كۆزدە تۇتۇلغان كاپىرلار. بۇلارغا قىلىنغان ياخشىلىق بىلەن دىللىرىنىڭ مايىل قىلىنىشى ئوتتۇرىسىدا يېقىن مۇناسىۋەت باردۇر.

بىر ئايەتتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ

«ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوخشاش بولمايدۇ. يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلغىن، دۈشمىنىڭ خۇددى سەمىمىي دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ»-فۇسسىلەت سۈرىسى، 34-ئايەت.

بۇ ئايەتنى تەتبىقلاش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش كېرەك. ئەكسىچە، كۆزلەنگەن نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَأَلَّفَ بَيْنَ قُلُوبِهِمْ لَوْ أَنْفَقْتَ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا مَا أَلَّفْتَ بَيْنَ قُلُوبِهِمْ وَلَكِنَّ اللَّهَ أَلَّفَ بَيْنَهُمْ إِنَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

«مۇئمىنلارنىڭ قەلبلىرىنى بىرلەشتۈدى. ئەگەر سەن زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى خەجلىگەن بولساڭمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتتىڭ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈردى. چۈنكى ئاللاھ غالىب كەلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»-ئەنفال سۈرىسى، 63-ئايەت.

قەلبنى ئازاد قىلماق ناھايتتى مۇھىمدۇر. نەبىمىز مەككىنى ئازاد قىلغاندا ھېچكىمنىڭ مېلىغا ۋە جىنىغا تەگمىدى. ھېچكىمنى ئەندىشىگە قويمىدى. زەپەردىن كېيىن ھەۋازىنلارغا قارشى ئۇرۇشقا چىققاندا، تېخى مۇسۇلمان بولمىغان سەفۋان ئىبن ئۇمەييەدىن 100 ساۋۇت، بىر ئاز قۇرال-ياراق ۋە 50000 دىرھەم قەرز ئالغان ئىدى. ئۇرۇشتىن كېيىن  ئۇنىڭ قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ئۈچۈن 100 تۆگە بەردى.[18]

ب- فوندلار

  1. رىقاب (ئەسىرلەر) فوندى

رىقاب، بويۇن دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان «رەقەبە»نىڭ كۆپلىكىدۇر. بۇ ئەركىنلىكىنى يوقاتقان كىشىلەر دېگەن مەنىدىدۇر. ئەسىرلەرنى قۇل قىلىش قۇرئانغا زىتتۇر. ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئاللاھ تائالا ياخشى مۇئمىنلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

وَيُطْعِمُونَ الطَّعَامَ عَلَى حُبِّهِ مِسْكِينًا وَيَتِيمًا وَأَسِيرًا إِنَّمَا نُطْعِمُكُمْ لِوَجْهِ اللَّهِ لَا نُرِيدُ مِنْكُمْ جَزَاءً وَلَا شُكُورًا

«تائامنى ئۆزلىرىنىڭ يېگۈسى كېلىپ تۇرسىمۇ مىسكىن، يېتىم ۋە ئەسىرلەرگە يېگۈزىدۇ، ئۇلارغا تائام يېگۈزىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن تائام يىگۈزىمىز، سىلەردىن مۇكاپاتمۇ، تەشەككۇرمۇ كۆزلىمەيمىز»-ئىنسان سۈرىسى، 8 ۋە 9-ئايەت.

ئەسىر بەدەلسىز ياكى فىديە قارشىلىغىدا قويۇۋېتىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

فَإِذا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّى إِذَا أَثْخَنْتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاءً حَتَّى تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا

«جەڭ مەيدانىدا كافىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلارنى قىرىپ تاشلاڭلار. ئاخىرى ئۇلارنى يېڭىپ، قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ چىڭ تۇتۇڭلار. ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى پىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار. ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلىغانغا قەدەر شۇنداق قىلىڭلار. ..»-مۇھەممەد سۈرىسى، 4-ئايەت.

ئەسىرلەرنى قويۇۋېتىش بىر تەرەپتىن دۈشمەننى خاتىرجەم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن يىڭى بىر ئۇرۇشنىڭ چىقىشىنى ئالدىنى ئالىدۇ. نەبىمىز بەدىر ئەسىرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى بەدەلسىز، بىر قىسمىنى فىديە ئېلىپ قويۇپ بەرگەن ئىدى. خەيبەر ۋە بەنى مۇستەلىق ئەسىرلىرى بىلەن بىرگە بارلىق ئەسىرلەرگە قىلىنغان مۇئامىلە ئوخشاش بولدى.

قولىدىكى ئەسىرلەرنى بەدەلسىز قويۇۋېتىشنى خالىمىغانلارغا بۇ فوندىن تۆلەم ئاجرىتىلىپ، ئۇلارنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىلىدۇ. ئەسىر چۈشۈپ قالغان ياكى باشقا دۆلەتلەردە تۈرمىگە تاشلانغانلاردىن ئىمكانى يوقلارغىمۇ بۇ فوندىن تۆلەم ئاجرىتىلىپ قۇتۇلدۇرۇلىدۇ.

  1. «قەرزدارلار» فوندى

يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ بېشىدا پېقىرلار ۋە مىسكىنلەر ئىككى ئايرىم تۈر ھېسابلانغاندەك، بۇلار، پېقىر بولمىسىمۇ قەرزلىرىنى تۆلەشكە قۇربىتى يەتمىگەن، قۇتۇلدۇرۇشقا مۇھتاج بولغان بىر تۈردۇر. مەسىلەن: بىر فابرىكىسى بار كىشى قەرزدار بولۇپ قالغاندا، فابرىكىنىڭ بىر قىسمىنى ساتسا قەرزىنى تۆلىيەلىشى مۇمكىن لېكىن، بۇنداق قىلسا فابرىكا توختاپ قالىدۇ. فابرىكىنىڭ توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ فوندىن ياردەم بېرىلىشى كېرەك. چۈنكى، نۇرغۇن فابرىكا-زاۋۇتلار كىچىككىنە بىر ياردەم تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن توختاپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇنداق كىشىلەرگە بېرىلىدىغان قەرز سەدىقە ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:

«ھەر قانداق قەرز، بىر سەدىقىدۇر».[19]

قەرزىنى تۆلەيدىغانغا قۇربىتى يەتمەيدىغانلىقى ئېنىقلانغان كىشىلەرنىڭ قەرزلىرىمۇ ئىشلىرىنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ھەدىيە يولى ئارقىلىق كۆتۈرىۋىتىلىشى كېرەك.

قەرز ئىنساننى قۇل قىلىپ، ھېچ ئىش قىلالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. قەرزدارلار فوندى، ھەم قەرزدارنىڭ ئېتىبارىنى قوغدايدۇ، ھەمدە قەرز بەرگۈچىنى خاتىرجەم قىلىدۇ.

بۇ ھەقتە نەبى ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دۇئا قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ:

«ئې ئاللاھ، قەرزگە بوغۇلۇشتىن، دۈشمەنگە يېڭىلىشتىن ۋە دۈشمەنلەرنى خوش قىلىشتىن مېنى يىراق قىلغىن».[20]

بۇ ھەدىس ھەققىدە ئويلىنىپ باقساق، قەرزگە بوغۇلۇش بىلەن دۈشمەنگە ئەسىر بولۇش ۋە دۈشمەننى خوش قىلىش ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. نەبى ئەلەيھىسالام يەنە بىر سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ:

«كىم قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىنىڭ قىيىنچىلىقىنى يۇقىتىشقا ياردەم قىلسا، ئاللاھ دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى يۇقىتىدۇ».[21]

  1. ئاللاھنىڭ يولى (قوغدىنىش) فوندى

ئاللاھنىڭ يولى، ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان بارلىق خىراجەتلەر ئاللاھ يولىدا قىلىنغان خىراجەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا باشقا يەتتە تۈرگە قىلىنغان خىراجەتلەرمۇ ئاللاھ يولىدا قىلىنغان خىراجەت ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن «ئاللاھ يولىدا فوندى»مۇ ئۇلاردىن پەرقلەنمەيدۇ. بۇ مەسىلىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرگە قارايدىغان بولساق، بۇنىڭ ئۇرۇش خىراجەتلىرى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

وَاقْتُلُوهُمْ حَيْثُ ثَقِفْتُمُوهُمْ وَأَخْرِجُوهُمْ مِنْ حَيْثُ أَخْرَجُوكُمْ وَالْفِتْنَةُ أَشَدُّ مِنَ الْقَتْلِ وَلَا تُقَاتِلُوهُمْ عِنْدَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ حَتَّى يُقَاتِلُوكُمْ فِيهِ فَإِنْ قَاتَلُوكُمْ فَاقْتُلُوهُمْ كَذَلِكَ جَزَاءُ الْكَافِرِينَ

«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ»-بەقەرە سۈرىسى، 190-ئايەت.

وَأَعِدُّوا لَهُمْ مَا اسْتَطَعْتُمْ مِنْ قُوَّةٍ وَمِنْ رِبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآَخَرِينَ مِنْ دُونِهِمْ لَا تَعْلَمُونَهُمُ اللَّهُ يَعْلَمُهُمْ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ شَيْءٍ فِي سَبِيلِ اللَّهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تُظْلَمُونَ

«دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر ، ئۇلارنى سىلەر تونۇمايسىلەر، ئاللاھ تونۇيدۇ، سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى بۇ ساۋابتىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ)»-ئەنفال سۈرىسى، 60-ئايەت.

وَأَنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ وَأَحْسِنُوا إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ

«ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ»-بەقەرە سۈرىسى، 195-ئايەت.

ھەر تۈرلۈك ئۇرۇش چىقىملىرى بۇ فوندىن تەمىنلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئىشەنچ ۋە قانائەتكە تولغان مۇھىت ئالدىدا ھېچقانداق توسالغۇ قالمايدۇ.

  1. ئىبن سەبىل (قاتناش-ترانسپورت) فوندى

«ئىبنى سەبىل» سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى (يول ئوغلى) دېگەنلىك بولۇپ، ئۆيىدىن يىراق بولغان يولۇچىنى ئىبنى سەبىل (يولۇچى) دېيىلىدۇ[22]. ئۇ يولنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن «يول ئوغلى» دېيىلىدۇ.[23]  

تىجارەت ھاياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئىشەنچ ۋە خاتىرجەم مۇھىت يارىتىش كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

وَضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا قَرْيَةً كَانَتْ آَمِنَةً مُطْمَئِنَّةً يَأْتِيهَا رِزْقُهَا رَغَدًا مِنْ كُلِّ مَكَانٍ فَكَفَرَتْ بِأَنْعُمِ اللَّهِ فَأَذَاقَهَا اللَّهُ لِبَاسَ الْجُوعِ وَالْخَوْفِ بِمَا كَانُوا يَصْنَعُونَ

«ئاللاھ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر شەھەر (يەنى مەككە ئاھالىسى) بولۇپ، (ئەسلىدە) تىنچ ـ خاتىرجەم ئىدى. ئۇنىڭ رىزقى تەرەپ ـ تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇراتتى، (ئۇنىڭ ئاھالىسى) ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلدى، ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدن ئاچلىقنىڭ ۋە قورقۇنچنىڭ ئەلىمىنى تېتىتتى»-نەھل سۈرىسى، 112-ئايەت.

ھەر يەردىن رىزق كېلىشى ئۈچۈن يوللارنىڭ بولۇشىغا ۋە يول بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا ئېھتىياچ چۈشىدۇ. بۇ ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك چىقىملار بۇ فوندىن ئاجرىتىلىدۇ.

خۇلاسە:

سەدىقە سۆزى ئەنئەنىمىزدە پېقىرلارغا ۋە تىلەمچىلەرگە قېلىنغان ئازغىنە ياردەملەر ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. ھالبۇكى، قۇرئاننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىدە ۋە نەبىمىزنىڭ سۆز ۋە تەتبىقاتلىرىدا دۆلەتكە ساداقەت كۆرسەتكەن باج مەنىسىدە قوللانغان ئىدى.

نەبىمىزدىن كېيىن مۇسۇلمان دۆلىتىدە ياشايدىغان غەيرى مۇسۇلمانلارغا «جىزيە ۋە تۆلەم» دېگەندەك يېڭى باجلار قويۇلغاندا، سەدىقە ئورنىغا «زاكات» سۆزى ئىشلىتىلىشكە باشلانغان ئىدى. ھالبۇكى، قۇرئاندا «سەدىقە ئال» دېگەن ئەمىر كەلگەن، لېكىن «زاكات ئال» دېگەن ئەمىر كەلمىگەن.

تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىكى، سەدىقە بېرىلىدىغان ئورۇنلارنى كۆرسەتكەن تەۋبە سۈرىسى 60- ئايەتنىڭ زاكاتقا مەخسۇس قىلىنىشى، بۇ يەتمىگەندەك زاكات بېرىلىدىغان ئورۇنلار ھەققىدىمۇ ئويۇن ئوينالغان. ھالبۇكى، ئاللاھ، بۇ ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ:

فَرِيضَةً مِنَ اللَّهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ

«بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىندى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»- تەۋبە سۈرىسى، 60-ئايەت.

نەبىمىزمۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھ سەدىقىلەر ھەققىدە ھىچقانداق نەبى ياكى باشقا بىرىنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۇ ھۆكۈمنى ئۆزى بەردى ۋە سەدىقىلەرنى سەككىزگە بۆلدى».[24]

مۇسۇلمان خەلق، مەزھەپلەرنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتكە قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. لېكىن ئۇلار باشقا مەسىلىلەردە قىلغاندەك، بۇ مەسىلىدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قارىشى بويىچە قۇرئاندا بولمىغان يېڭى بىر سېستىم پەيدا قىلغان ئىدى. مەسىلەن: ھەنەفىلەر سەككىز تۈرنى، يەتتە تۈرگە چۈشۈرۈپ، ئۇ يەتتە تۈرگە باشقا مەنىلەر بېرىپ، ئايەتتىن يىراقلاپ كەتكەن. ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن بۇنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:

«زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەر، مۇسۇلمان پىقىرلەر، مىسكىنلەر، قەرزدارلار، مۇساپىرلار، قۇللار، مۇجاھىتلار ۋە زاكات يېغىشقا بەلگىلەنگەن خادىملاردىن ئىبارەت يەتتە قىسىمدۇر».

بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي، زاكات يېغىدىغان خادىملاردىن باشقا پۈتۈن قىسىملارنى پېقىر دەپ ئاتاپ سەككىز قىسىمنى ئىككى قىسىمغا چۈشۈرۈپ قويدى.[25]

بۇ خىل سېستىم بىلەن دۆلەتنىڭ ھېچقانداق ئېھتىياجى قاندۇرۇلمايدىغانلىقى ئۈچۈن ھوقۇقدارلار داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ ئالغان غەنىمەتلەر ۋە خەلققە ئارتقان يىڭى باج-سىلىقلار بىلەن ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قىلىشقا تېرىشقاندۇر.

بۇ خىل خاتالىقلار بىلەن چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ ماقالىدە مەزھەپلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى تىلغا ئېلىنمىدى.

مەنبە: ئابدۇل ئەزىز بايىندىر، «قۇرئاندا سەدىقە ۋە جازانە»، كىتاپ ۋە ھېكمەت ژورنىلى، 2017-يىل، 17-سان، 4-14- بەت

[1] غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركەكلىرىدىن ، كىشى بېشىغا ئېلىنغان باج مەنىسىدىكى جىزيە، بۇ ئايەتتىكى جىزيە سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى ئەمەستۇر. نەبىمىزنىڭ زامانىدا بۇنداق باج تۈرى يوق ئىدى.  

[2] ئىنفاق قىلىشقا بۇيرۇغان ئايەتلەر شۇلاردۇر: بەقەرە، 195، 254، 267. ھەدىد، 7. مۇنافىقۇن، 10. تاغابۇن، 16. تالاق، 6.

[3] بۇ يەردىكى «ئەپۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئېھتىياجدىن ئاشقان نەرسە، بېرىش ئۈچۈن ئاسان بولغان نەرسە، دېگەن بولىدۇ. يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا بېرىلىدىغان سەدىقە ۋە ئۆشرە-زاكات بەرگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاشقان قىسمىدىن بېرىلىدۇ، شۇنداقلا مىقدارى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى بېرىش ئۇلارغا ئاسان كېلىدۇ.

[4] ئىسمائىل ئىبن ھامماد جەۋھەرى، سىھاھ، (تەھقىقلىغۇچى، ئەھمەد ئابدۇلغەفۇر ئەتتار)، بەيرۇت 1983، «ئەفۋۇن» ماددىسى.

[5]  ئەھمەد ئىبن فارىس ئىبن زەكەرىييا، مۇئجەمۇل مەقايىسۇل لۇغەت، بەيرۇت (باسما تارىخى يوق)، «ئەفۋۇن» ماددىسى.

[6] قۇشۇمچە، فۇرقان، 25/69. قەسەس، 28/84. ئەھزاب، 33/68. مۇئمىن، 4/40 قاتارلىق ئايەتلەرگە قاراڭ.

[7] مۇسلىم، زاكات، ھەدىس نومۇرى: 7- (981).

[8]  ضعف = دىئفۇن، بىر نەرسىنىڭ بىر قاتلىنىشى، ضعفين = دىئفەينى، ئىككىگە قاتلىنىشى، أضعافا = ئەدئافەن، ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قاتلىنىشى دېمەكتۇر. مضاعفة = مۇدافەئە، ئىككى ۋە ئىككىنىڭ قاتلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىدۇ. أَضْعَافًا مُضَاعَفَةً = ئەدئافەن مۇدافەئە، سۆزى بولسا، ئىككىنىڭ قاتلىرى دېمەكتۇر. ئىككى ئەڭ ئاز تۆتكە قاتلىنىدۇ.

[9]  ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋىدا خۇتبىسىدە مۇنداق دەيدۇ: جاھىلىيەت جازانىسى بىكار قىلىندى. مەن تۇنجى بىكار قىلغان جازانە، بىزنىڭ جازانىمىز يەنى ئابباس ئىبن مۇتەللىپنىڭ جازانىسىدۇر. ئۇ پۈتۈنلەي بىكار قىلىندى. (ئەبۇداۋۇد، مەناسىك، 57، ھەدىس نومۇرى: 1905).   

[10]  ئابدۇررازاق، مۇسەننەف،  تەھقىقىلىغۇچى، ھەبىبۇرراھمان ئازامى، بەيرۇت 1403، ئىككىنچى باسما، 4- جىلد، 89- بەت، ھەدىس نومۇرى؛ 7077. 

[11] «سەدىقىلەر» دېگەن كەلىمە بۇ يەردە پەرز بولغان سەدىقىلەرنى (يەنى زاكاتلارنى) ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئايەتنىڭ داۋامىدا بۇ سەدىقىلەر بېرىلىدىغان كىشى ۋە ئورۇنلار ئېنىق بەلگىلەنگەن.

[12] – ئىبنى سەبىل- مۇساپىر، يولۇچى ۋە يولدا يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشى، قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.  زاكاتلار «ئىبنى سەبىللەر ئۈچۈن»مۇ سەرپ قىلىنىدۇ، دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى زاكاتلارنىڭ بىر قىسمى يولۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ، دېگەن بولىدۇ. 

[13] – بۇ ئايەتتە زاكات بېرىلىدىغان كىشى ۋە ئورۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئايەتنىڭ تەرجىمىسىدىن مەلۇم بولغاندەك، ئۇلار سەككىز بولۇپ ئاۋۋالقى تۆتىدە لام («ل») ھەرىپى، ئاخىرقى تۆتىدە فىي («في») ھەرىپى كېلىدۇ. دېمەككى، زاكات بىرىنچى تۆت كىشىنىڭ قولىغا بېرىلىدۇ، ئىككىنچى تۆت كىشى ئۈچۈن زاكاتتىن بىر فوند ئاجرىتىپ ئۇلار ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. تەرجىمىدە بۇ ئىنچىكىلىكنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشتۇق.

[14]  ئەبۇ داۋۇد، سۈنەن، زاكات 23، ھەدىس نومۇرى: 1630.

[15] پەرز زاكات ۋە نەپلە سەدىقىلەر.

[16] راغىب ئىسفاھانى (ۋاپاتى، ھ. 425)، مۇفرادات (تەھقىقلىغۇچى، سەفۋان ئەدنان داۋۇدى)، دەمەشىق ۋە بەيرۇت 1412/1992، «سكن = سەكەنە» ماددىسى.

[17] بۇخارى زاكات، مۇسلىم، زاكات، ئەبۇ داۋۇد، زاكات، نەسەئى، زاكات.

[18] مۇھەممەد ئەلى كاپار، سافۋان ئىبن ئۇمەييە – دىيانەت ئىسلام ئانسىكلوپىدىسى.

[19]   ئابدۇل ئەزىم  مۇنزىرى، تەرغىب ۋە تەرھىب، 2-جىلد، 163- ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ھەسەن (ياخشى) ئىسناد بىلەن تەبەرى ۋە بەيھەقىنىڭمۇ رىۋايەت قىلغانلىقى بىلىنمەكتە.

[20]  نەسەئىي ، ئىستىئازە  34، 8- جىلد، 265- بەت.

[21]   مۇسلىم، زىكىر، 38. ئەبۇ داۋۇد سۈنەن، ئەدەب، 60 . تىرمىزى. سۈنەن، بىررى 19.

[22] مۇفرەدات، (سبل) ماددىسى.  

[23] ئىبن مەنزۇر جەمالۇددىن مۇھەممەد ئىبن مۇكرىم (630-711)، لىسانۇل ئەرەب، بەيرۇت. سبل ماددىسى.

[24] ئەبۇ داۋۇد، زاكات 23، ھەدىس.نومۇرى،1630.    

[25]  ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، بۈيۈك ئىسلام ئىلمىھالى، ئىستانبۇل 1962، 471-472- بەت، 92-95- پاراگراف.


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ