مېنىڭ كىتابىم قۇرئان، سىزنىڭچۇ؟!
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 06/12/2017

 

ئاللاھ دەيدۇ: «توغرا يول ئاللاھنىڭلا يولىدۇر[1]،

ئېسىل قۇرئانغا![2] چۈنكى قۇرئان ھەقنىڭ ئۆزىدۇر[3]،

فۇرقان[4]، رەھمەت، نەسىھەت، ھىدايەت رەھبىرىدۇر[5]،

كۈچلۈك دەلىل، روشەن نۇر[6]، ئالەملەرگە زىكىردۇر[7].

چىرايلىق سۆز[8]، مۇسۇلمان-لارغا خۇش خەۋەرچىدۇر[9].

 

ھەق[10]، راست، ئادىل[11]، ئەسلەتمە[12]، شۈبھىسىز[13]، ھېكمەتلىكتۇر[14]،

روشەن قۇرئان[15]، راۋۇرۇس[16]، ئەرەبچە[17]، مۇبارەكتۇر[18]،

ھۆرمەتلىك ئۇلۇغ قۇرئان،[19] مىسلىسىز مۆجىزىدۇر[20]،

مەزمۇنى ئىخچام، ئېنىق ھەم چۈشەندۈرۈلگەندۇر[21].

جىنلارمۇ قۇلاق سالغان ئۇ ئاجايىپ قۇرئاندۇر[22]،

 

ئەزىز كىتاب[23]، پاكىز[24]، روھ[25]، ئىنسانلارغا باياندۇر[26]،

ھەر مەسىلە ئۇنىڭدا ئېنىق ھەمدە ئاياندۇر[27]،

كەسكىن سۆز، چاقچاق ئەمەس[28]، چۈشىنىشكە ئاساندۇر[29]،

مۇئمىنلارغا شىپادۇر، زالىملارغا زىياندۇر[30]،

ئەگىشىڭلار ئۇنىڭغا [31]، كېتىشىڭلار قاياندۇر؟»[32].

 

شۇنداق تۇرۇغلۇق ئاللاھ-نىڭ تەرىپى قۇرئاننى،

نۇرغۇن ئايەتتە ھەقكە يېتەكلىشى ئىنساننى،

كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار يوقىتىشتى نىشاننى،

پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ تارتىۋالدى زىياننى،

قىلمىشلىرى كاپىرنىڭ «نېنىغا ياغ سۈرۈشتۇر».

 

پىرقىلەرنىڭ بىرى ئېي-تىدۇ قارا، بىرى ئاق،

بىرى دەيدۇ: بىر ئىشقا «ماقۇل»، يەنە بىرى «ياق»[33].

ئېيتسا بىرى: «قۇرئاندا بولايلى بىز ئىتتىپاق»،

دەرھال جاۋاب بېرىدۇ: «قۇرئان چوڭ، مۈجمەل بىراق»،

ئاللاھ دېگەن ھالبۇكى، «قۇرئان روشەن كىتابتۇر»[34].  

 

بۆلۈنۈشتە چىڭ تۇردى، چەكلىمىگە قارىماي[35].

رىۋايەتكە ئېسىلدى، ساقمۇ كېسەل ئايرىماي،

تەقلىد قىلدى ھەر پىرقە مەزھىپىگە ئويلىماي،

باشقىلارنى دېدى ئاز-غۇن يۈزلىرى قىزارماي،

قۇرئان دەيدۇ: بېرى كەل[36]، لېكىن ئۇلار كور، گاستۇر.

 

ھەر پىرقىنىڭ ئىمامى بەك چوڭ ئۇنىڭ كۆزىچە،

ئۇلۇغ زات، كاتتا كىشى، مۆتىۋەر ئېيتىشىچە،

دەيدۇ: ئەمەل قىلىمەن پەقەت ئۇنىڭ سۆزىچە،

بىرلەشمەيدۇ ھەقتە قۇر-ئان چاقىرسىمۇ شۇنچە[37]،

ھەر كىمگە ئۆز ئىمامى ھادىي ھەمدە مەھدىيدۇر[38].

 

ئۇلارنىڭ موللىسىغا ئوقۇسام ئەگەر «ئايەت»،

نەقىل قىلۇر ئۇيالماي دەرھال قارشى رىۋايەت،

ئېيتسام «ئايەت ئاساستۇر» قوپىرىدۇ قىيامەت،

ھەتتا ئەزۋەيلەپ دەيدۇ ئۇشبۇ مەتۇ، ھاماقەت:

سەن قۇرئانچى، بىل: مېنىڭ دىنىم ئەھلى سۈننەتتۇر.

 

سۇبھاناللا! نېمانچە قورقۇنچلۇق چوڭ جاھالەت،

ياق، ئەسلىدە نېمانچە قاپ يۈرەكلىك، جاسارەت،

ئايەتكىمۇ ئاشكارا قارشى چىققان كاساپەت، 

مۇسۇلمانلار بېشىغا كەلگەن بۈيۈك پالاكەت،

ئازغۇنلارنىڭ ئىمامى، ئىبلىس خەلىپىسىدۇر.

 

جاھىللارنىڭ ئۇستازى، تەرسالارنىڭ پېشۋاسى،

ھەقنى ئىزدىگەنلەرگە ھازىر ئۇنىڭ ئىغۋاسى،

تەييارغا ھەييار، مۇتقا بەك ئوبدان ئىشتىھاسى،

«قۇرئاندا ھەممە نەرسە- يوق»تۇر ئۇنىڭ دەۋاسى،

دوزىخىيدۇر[39]، قاچقىلى يەر يوق[40]، لەنەتگەردىدۇر[41].

 

ئون بەش يىلنىڭ ئالدىدا ئاچقان بىز بۇ توربەتنى،

باشلىغان قۇرئان-سۈننەت ئاساسىدا خىزمەتنى،

ياشىتىشقا بەل باغلاپ تەۋھىد بىلەن سۈننەتنى،

يوقىتىشقا شېرىكنى، خۇراپاتنى، بىدئەتنى،

سەۋەب ئۈستىمىزدىكى ئىلمىي مەسئۇلىيەتتۇر.

 

ئون بەش يىل مابەينىدە ئۆلىمالار قوللىدى،

زىيالىيلار، ئاقىللار تەشەككۈرلەر يوللىدى،

چالا موللا، قارىمچاق، خائىن، تەرسا، تىللىدى،

غەيۋەت، تەنە، ھاقارەت، ئىغۋا قىلىپ ھارمىدى،

بۇ ئىككى پوزىتسىيە ياخشى-يامان پەرقىدۇر.

 

ئالىم ئوغلى يۈز ئۆرۈ جاھىللاردىن، قىل ئىخلاس،

يولۇڭدا رەسۇلۇللاھ- ئۈلگىدۇر قۇرئان ئاساس،

مەيۈسلەنمە، چېكىنمە، تېرىش، چىدا، ئالغا باس،

پىتنە-پاسات، ئىغۋاغا بولۇۋال گوياكى گاس،

ھېسابلىشىش زامانى تاڭلا مەھشەر كۈنىدۇر.

 

 

مۇسۇلمانلار تورىنىڭ 15- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن.

 

  • ئەنەس ئالىم

 

‏2017‏-12‏-06

 

[1] بەقەرە 2/120؛ ئال ئىمران 3/73؛ ئەنئام 6/41.

[2] زۇخرۇف 43/43.

[3] بەقەرە 2/91؛ ئەنئام 6/66؛ ئىسرا 17/105؛ مۇھەممەد 47/2.

[4] فۇرقان 25/1. فۇرقان ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى كىتاب دېگەن بولىدۇ.

[5]  يۇنۇس 10/57، نەمل 27/77، فۇسسىلەت 41/44.

[6] نىسا 4/174.

[7] ساد 38/87؛ تەكۋىر 81/27. «زىكىر» نەسىھەت، ئەسلىتىش ۋە ئالەمشۇمۇل بىلىم دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.

[8] زۇمەر 39/23،

[9]  نەھل 16/89.

[10] بەقەرە 2/91؛ ئەنئام 6/66؛ مۇھەممەد 47/2.

[11] ئەنئام 6/115؛ زۇمەر 39/33.

[12]  مۇددەسسىر 74/54، ھاققە 69/48،  رەئد 13/37، زۇمەر 39/33، مائىدە 5/ 48.

[13] بەقەرە 2/2.

[14]  زۇخرۇف 43/4، تارىق 86/13.

[15] ياسىن 36/69.

[16]  بەقەرە 2/2، كەھف 18/2.

[17]  يۇسۇف 12/2، تاھا 20/113؛ فۇسسىلەت 41/3.

[18]  ئەنئام 6/92، 155، ساد 38 29، ئەنبىيا 21/50.

[19] ۋاقىئە 56/77؛ بۇرۇج 85/21.

[20] بەقەرە 2/23-24؛ نىسا 4/82؛ ھۇد 11/13؛ ئىسرا 17/88.

[21]  ھۇد 11/1.

[22] ئەھقاف 46/29؛ جىن 72/1.

[23]  فۇسسىلەت 41/41.

[24] ئەبەسە 80/14؛ بەييىنە 98/2.

[25] شۇرا 42/52،

[26] ئال ئىمران 3138. بايان ئۇقتۇرۇش دېمەكتۇر.

[27] يۇسۇف 12/111، نەھل 16/89.

[28] تارىق 86/13، 14.

[29] قەمەر 54/17، 22، 32، 40.

[30]  ئىسرا 177/82.

[31] ئەئراف 7/3؛ زۇمەر 39/55.

[32] تەكۋىر 81/26.

[33] مەسىلەن: شافىئىيلار تۈلكە گۆشىنى ھالال دەيدۇ، ھەنەفىيلەر ھارام دەيدۇ. ھەنبەلىيلەر بىلەن شافىئىيلار مېيىت نامىزىدا سۈرە فاتىھە ئوقۇشنى پەرز دەيدۇ، مالىكىيلار بىلەن ھەنەفىيلەر مەكرۇھ دەيدۇ. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.

[34]  مائىدە 5/15.

[35] ئال ئىمران 3/105، ئەنئام 6/159؛ رۇم 30/32، 31؛ شۇرا 42/13،

[36] ئەنئام 6/155؛ ئەئراف 7/3، 157 زۇمەر 39/55.

[37] ئال ئىمران 3/103؛ ئەنبىيا 21/92؛ مۇئمىنۇن 23/52.

[38] «ھادىي» ھىدايەتكە شۇ ئېرىشتۈرىدۇ، «مەھدىي» ھىدايەت شۇنىڭغا بېرىلگەن دېگەن بولىسۇ.

[39] ھەج 22/51؛ سەبەئ 34/5، 38؛ فۇسسىلەت 41/40.

[40] شۇرا 42/35.

[41] بەقەرە 2/159، 174،

 


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ