ئۈچىنچىسى يوق
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 04/12/2017

 

ئالتۇندىن كۈمۈشتىن ساڭا مەدەت يوق،

قېرىيسەن چۈشىدۇ يۈزۈڭگە قورۇق،

 كېتىسەن قەبرىگە ھەممىدىن قۇرۇق،

ئويلىما: ئالدىمدا تاللاشلىرىم چوق[1]،

يا ئىمان، يا ئىسيان ئۈچىنچىسى يوق.

 

ئولتۇرغۇزسىمۇ دۇنيا سېنى تەختتە،

گۈزەللىكلىرى ھېچ تۇرمايدۇ ئەھددە،

بۇلغىما روھىڭنى مەيدە، قەدەھدە،

بىلگىنكى، تاللاشلار كۆپ ئەمەس سەندە،

يا ئەخلاق يا ھالاك ئۈچىنچىسى يوق.

 

شەرەپلىك تۇغۇلدۇڭ شەرەپلىك ياشا،

مەنمەنچى نەپسىڭنى ئۇر تاشتىن تاشقا،

دىققەت قىل شەيتان تەيياردۇر ئالداشقا،

ئويلىما: ئالدىمدا يول كۆپ تاللاشقا،

يا جەننەت يا جىننەت ئۈچىنچىسى يوق.

 

ئىنسانلىق كۆيمەكتە ھەر خىل ئوتلاردا،

پىتنە قاينىماقتا پۈتكۈل سورۇندا،

ئۇممەت جنكەشلەردە ساقلار سىرادا[2]،

 ئويلىما تاللاشلار كۆپ دەپ ئالدىمدا،

يا ئىززەت يا زىللەت ئۈچىنچىسى يوق.

 

بىر قېتىم كۆردۈڭمۇ تۇرۇپ سەھەردە،

ئىشىكلەر ئېچىلار كۆك[3] پەردە پەردە،

سوردۇڭمۇ قۇرئاندىن قۇتۇلۇش نەدە؟

ئويلىما: تاللاشلار كۆپ دەپ مېنىڭدە

يا شۈكۈر يا كۇپۇر ئۈچىنچىسى يوق.

 

تاغلارغا ھەۋەس قىپ يۇقىردىن باقما[4]،

جەننەتنىڭ سارىينى كىبرىڭلە ياقما،

 قەبرەڭگە ئۇنۋانىڭنى ھەرگىزمۇ تاقما[5]،

ئالدىمدا تاللاشلار كۆپ دەپ ئويلىما،

يا ئىخلاس يا ئىپلاس ئۈچىنچىسى يوق.

 

قوي «زامانىۋىي» لار نېمە دېسە دېسۈن،

ھايات بىر سىناقتۇر بۇ قەتئىي ھۆكۈم،

سەجدە قىل ئاللاھقا نىدايىڭ يەتسۇن،

ئويلىما: تاللاشلار كۆپ دەپ مەن ئۈچۈن،

يا قۇرئان يا خۇسران ئۈچىنچىسى يوق.

 

ھازىرقى زامان تۈركىيە شائىرلىرىدىن جېنگىز نۇمان ئوغلۇ شېئىرلىرىدىن.

 

[1] – كۆپ.

[2] – ئۆچىرەت.

[3] – ئاسمان.

[4] – قارىما.

[5] – يەنى تاشقا ياكى تاختىغا ئۇنۋانىڭنى يېزىپ قەبرەڭنىڭ بېشىغا ئورنىتىپ قويمىغىن.


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ