خاتا زېھنىيەتتىكى قۇرئان
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 01/12/2017

كۆپچىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدىكى قۇرئان

 

سىرلىق، ئۇلۇغ، تەۋەررۈك، تىلسىماتتۇر بۇ قۇرئان،

ھۆرمەتلىك ھەم شەرەپلىك، بۈيۈك كىتاب بۇ قۇرئان،

قەدىرلىك ھەم قىممەتلىك، بىباھادۇر بۇ قۇرئان،

يۈكسەك، ئالىي، مۆتىۋەر، خاسىيەتلىك بۇ قۇرئان،

ئەجدادلارنىڭ مىراسى ئەۋلادلارغا بۇ قۇرئان.

 

بەزى چاغدا يىغىلىپ لەۋزى تامام قىلىنۇر[1]،

ئارا-سىرە ئېچىلىپ يۈز-كۆزلەرگە سۈرتۈلۈر،

بۇرۇنقىدەك يەنە ئۆز خالتىسىغا سېلىنۇر،

ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلۇغلاپ ئېگىز جايدا قويۇلۇر،

تاھارەتسىز ھەرگىزمۇ تۇتۇلمايدۇ بۇ قۇرئان.

 

مۇسىبەتتە، قايغۇدا، سەكراتتا، قەبرىستاندا،

ئۈچ، يەتتە، يىگىرمە، قىرىق، ئەللىك ھەمدە يىللاردا[2]،

رەدنامە، خەتمە، دۇئا ھەم نەزىر-چىراغلاردا[3]،

ئۆلۈم پەتىسىدە ھەم خۇسۇسىي سورۇنلاردا،

ئايرىپ بەزى يەرلىرى ئوقۇلىدۇ بۇ قۇرئان.

 

جىنكەش، باخشى، ئەپسۇنچى، پالچى، داخان، قەلەندەر،

 تاللاپ بەزى ئايەتلەر ياكى بەزى جۈملىلەر،

چاغاتايچە، ئەرەبچە، پارسچە كۆپ كەلىمىلەر،

قوشۇپ يەنە قانداقتۇر نۇرغۇن مۈجمەل گەپ-سۆزلەر،

مەلۇم ساندا ئوقۇيدۇ، چارىسىزدۇر بۇ قۇرئان.

 

يېڭى تۇغقان ئايالنىڭ باش ئۈستىگە ئېسىلغان،

جىن، ئالۋاستى، دىۋىدىن ساقلايدۇ دەپ ئويلانغان،

پادا تاغقا ماڭغاندا ئىشىك بېشتا قويۇلغان[4]،

باشقا ۋاقىتلاردا ئۈستۈن جايلاردا ساقلانغان،

چاڭ-توزانلار ئىچىدە خارلانماقتا بۇ قۇرئان.

 

تۇتقۇزىدۇ بەزىلەر بالىسىغا قۇرئاننى

بىر موللامغا بېرىدۇ دەپ چىقار ساۋاتىنى

قارىي بولسۇن مۇرەتتەپ چىڭ تۇت بۇنىڭ ۋاقتىنى

ھېچ بولمىسا يادلىسۇن تابارەكنى، ياسىننى،

ئۆلگىنىمدە ئوقۇسۇن تۇپراق بېشتا بۇ، قۇرئان.

 

مۇسۇلمانلار ئىچىدە «قۇرئان ئۇلۇغ» بىلىنگەن،

مۇقاۋىسى چىرايلىق گۈللۈك قىلىپ ئىشلەنگەن،

كانار، تۇرغۇچ، خەتلىرىگە ئالتۇن ھەل بېرىلگەن،

لېكىن ھۆكمىگە لايىق ئەھمىيەت بېرىلمىگەن،

رەھبەرلىك ۋەزىپىستىن ئېپتاشلانغان بۇ قۇرئان.

 

 

 

 

‏18‏/08‏/2017

[1] بۇ ئىش ئۇيغۇرچىدە «قۇرئان تامام قىلماق»، تۈركچىدە «خەتىم ئىندىرمەك» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا بەزى كىشىلەرنىڭ دەۋىتى بىلەن جامائەت بىر ئۆيگە يىغىلىپ قۇرئان كەرىمنىڭ لەۋزىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈپ باشتىن-ئاخىر بىر ئوقۇيدۇ. ھەر كىشى ئۆزىگە تەقسىم بولغان پارىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئارىدىن بىر قارىم تەكلىپ بىلەن بىر خەتمە سەغىر قىلىدۇ. قارىم ئىخلاس، فەلەق، ناس، فاتىھە سۈرىلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاۋۋالقى بەش ئايىتى، 163-، 255- ۋە ئاخىرقى ئىككى ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەرنى مۇشۇ تەرتىپ بىلەن مۇڭلۇق ئاۋازدا ئوقۇيدۇ، باشقىلار جىم-جىتلىق ئىچىدە تىڭشايدۇ. بۇ ئىش «خەتمە سەغىر» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاخىرىدا بىر مويسىپىت كىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇزۇن بىر دۇئا قىلىنىدۇ. بۇ ئىش «قۇرئان تامام قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئان تامام قىلدۇرغانلار ئاساسەن زىياندىن قۇتۇلۇش، پايدىغا ئېرىشىش، مۈشكۈلىنى ئاسان قىلىش، دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا تېپىش قاتارلىقلارنىڭ بىرىنى مەقسەت قىلغان كىشىلەر بولىدۇ.

[2] بىر كىشى ۋاپات بولسا، ئائىلىسى ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى، «ئۈچى»، يەتتىنچى كۈنى «يەتتىسى»، 40- كۈنى «قېرىقى»، 50- كۈنى «ئەللىكى»، بىر يىل بولغان كۈنى «يىلى» دەپ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يېقىن-يورۇقلارنى چاقىرىپ ، بىر زىياپەت بېرىدۇ ۋە بۇنى «نەزىر-چىراغ» دەپ ئاتايدۇ.

[3] «رەدنامە»، «خەتمە» «دۇئا» ۋە «نەزىر-چىراغ» ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر يۈرۈش خۇراپىي پائالىيەتلەر. ئەسكەرتىش: بۇ يەردىكى دۇئا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى «دۇئا-تەلەپ» دېگەن ئادەتنى كۆرسىتىدۇ.

[4] چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى قىش پەسلىدە ئېغىلغا سۇلاپ باقىدۇ، ئەتىيازنىڭ بولۇشى تاغقا (يايلاققا) ئېلىپ ماڭىدۇ. چارۋىلار ئېغىلدىن چىقىۋاتقان ئەسناسىدا ئېغىلنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۈستىگە بىر قۇرئان كەرىم قويىدۇ. ئۇلار بۇنىڭدىن چارۋىلارنىڭ بالا-قازادىن ئامان قېلىشىنى، تۇغۇپ كۆپىيىشى ۋە ساق-سالامەت قايتىشىنى… مەقسەت قىلىدۇ.


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ