مۇسۇلمانلار
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 04/12/2017

 

مۇسۇلمانلار دەيدۇ: قۇرئان بىزگە ئاساس،

ھەدىس قۇرئان تەتبىقاتى بولغان، خالاس.

 

ساھابىلار، تابىئىنلار قىلىپ ئىخلاس،

قۇرئان-ھەدىس يولىنى قالدۇرغان مىراس.

 

مۇجتەھىدلار، ئۆلىمالار ھۆكۈم قويماس،

قۇرئان-ھەدىس مەزمۇنىغا بىدئەت قاتماس.

 

ئۇلار بىزگە ئۇستازلاردۇر  ئەييۇھەنناس!

سۆزى راستتۇر كەلسە قۇرئان-ھەدىسكە ماس.

 

ھازىرمۇ شۇ قۇرئان-ھەدىس بىزگە كومپاس،

چىڭ تۇتمىساق بىزدە ئىسلام ھېچ تېپىلماس.

 

ئەگەر قىلساق مۇجتەھىدكە تەقلىد بولماس،

چۈنكى شەرتسىز بويۇن ئەگمەك ئاللاھقا خاس.

 

مۇجتەھىدلار ئەسلا ھەقنىڭ ئۆزى بولماس،

چۈنكى يول كۆرسەتكەن بارماق يول سانالماس.

 

مۇسۇلمانلار  يولى شۇدۇر، بىلىڭ ئام-خاس،

ئۇدۇل ماڭار ساغ ۋە سولغا ئەسلا ساپماس:

 

قۇرئان-ھەدىسنىڭ يولى بىر ھېچ ئايرىلماس،

قۇرئان رەھبەر مۇسۇلمانلار شۈبھە قىلماس.

 

ھەدىس رەسۇل سۆز ۋە ئىجراسىدۇر، خالاس،

شۇڭا ھەدىس ئايەت ئالدىغا قويۇلماس.

 

ئايەت مىزان، ئايەت ھاكىم، ئايەت ئاساس،

ھەدىس ئىزاھ، ھەدىس ئىجرا، ھەدىس ئىخلاس.

 

مۇسۇلمانلار پىداكاردۇر توختاپ قالماس،

ئىمانى شۇ: ئاللاھ يېرىم يولدا قويماس.

 

‏2002‏-12‏-23


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ