تالاق 1
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 16/11/2017

تالاق

(ئەرنىڭ نىكاھ توختامىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن تۈزىدىغان توختامى)

مۇقەدىمە

قۇرئانغا ئاساسلانغاندا تالاق، ئەرنىڭ قولىدىكى ھوقۇقدۇر. قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان بارلىق «تالاق» دېگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك پېئىىللارنىڭ ئىگىسى ئەر كىشىدۇر.

 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

الطَّلَاقُ مَرَّتَانِ فَإِمْسَاكٌ بِمَعْرُوفٍ أَوْ تَسْرِيحٌ بِإِحْسَانٍ

«تالاق ئىككى قېتىمدۇر. ھەر بىرىدىن كېيىن ئەرنىڭ، ئايالىنى يا چىرايلىقچە نىكاھىدا تۇتۇشى ياكى ئۇنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىشى لازىمدۇر…»- (بەقەرە 2/229).

ئايەتنىڭ «تالاق ئىككى قېتىمدۇر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى «ئەتتالاقۇ مەررەتانى- الطَّلاَقُ مَرَّتَانِ» دۇر. «ئەتتالاقۇ- الطَّلاَقُ» كەلىمىسىنىڭ بېشىغا قوشۇلۇپ كەلگەن «ئەلىف لام- ال» «ئەھد- العهد» ئۈچۈن بولۇپ، «بىلدۈرۈلگەن» دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ.

بۇ «ئەلىف لام- ال» نىڭ «جىنس- الجنس/تۈر»نى بايان قىلىش ئۈچۈن بولۇشىغا يەنى تالاقنىڭ ھەممىسىگە دالالەت قىلىشىغا، بۇ ئايەتتىن كېيىنكى ئايەتنىڭ بېشىدىكى «فەئىن تەللەقەھا- فَإِن طَلَّقَهَا… (ئەگەر ئەر ئايالىنى يەنە بىر قېتىم تالاق قىلسا…» دېگەن ئىپادە توسالغۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىپادە ئۈچىنچى قېتىملىك تالاقنى كۆرستىدۇ.  

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەئالانىڭ: ئەتتەلاقۇ مەررەتانى «الطَّلاَقُ مَرَّتَانِ» دېگەن سۆزىنىڭ توغرا مەنىسى: «بىلدۈرۈلگەن تالاق ئىككى قېتىمدۇر» دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ  بۇ سۆزىدە بىلدۈرۈلگەنلىكى ئەلىف لام  «ال» بىلەن ئىپادىلەنگەن تالاق، قۇرئان كەرىمنىڭ 65- سۈرىسى بولغان تالاق سۈرىسىدە ئېنىق بىلدۈرۈلمەكتىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئۇ سۈرىدە بىر قېتىملىك تالاقنىڭ شەكلىنى ۋە بۇ بىر قېتىملىق تالاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويغان.

دېمەك، ئاللاھ تەئالا تالاق سۈرىسى دەپ بىر سۈرە نازىل قىلىپ، بۇ سۈرىدە تالاقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى تەپسىلىي بىر شەكىلدە بىلدۈرگەن. يۇقىرىدىكى ئايەتتە يەنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 229- ئايىتىدە بولسا، بۇ تالاقنىڭ ئىككى قېتىم بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ تالاقنى ئەينەن ئىجرا قىلغان.

ئەپسۇس! ئىسلام دىنىنىڭ كىتابى ئوتتۇرىغا قويغان، پەيغەمبىرى ئىجرا قىلغان تالاق سىستېمىسى بىلەن، مەزھەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مۇسۇلمانلار ئەمەل قىلىپ كەلگەن تالاق سىستېمىسى بىر-بىرىگە ھېچ ئوخشىمايدۇ. قۇرئان-ھەدىستىكى تالاق سىستېمىسى بىر ۋادىدا، مەزھەپلەردىكى تالاق سىستېمىسى باشقا بىر ۋادىدىدۇر.

توغرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقى خاتانىڭ داۋاملىشىشىغا، ئەڭ مۇھىمى توغرىنى بىلىدىغانلارنىڭ گۇناھكار بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

شۇڭا بىز بۇ مەسىلىنىڭ قۇرئان-ھەدىستىكى توغرىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۆزىمىزگە بىر دىنى ۋەزىپە دەپ بىلىپ بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ باردۇق.

ئىشىنىمىزكى، تەتقىقاتىمىزنى دىققەت بىلەن ئوقۇغان ھەر ئەقىل ئىگىسى ئاللاھ تەئالا ئوتتۇرىغا قويغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىجرا قىلغان تالاق سىستېمىسىنىڭ «مۇكەممەل بىر نىزام» ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.

1- تالاقنىڭ شەكلى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ وَأَحْصُوا الْعِدَّةَ وَاتَّقُوا اللَّهَ رَبَّكُمْ لَا تُخْرِجُوهُنَّ مِنْ بُيُوتِهِنَّ وَلَا يَخْرُجْنَ إِلَّا أَنْ يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ وَمَنْ يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّهِ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ لَا تَدْرِي لَعَلَّ اللَّهَ يُحْدِثُ بَعْدَ ذٰلِكَ أَمْرًا. فَإِذَا بَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ فَارِقُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ وَأَشْهِدُوا ذَوَيْ عَدْلٍ مِنْكُمْ وَأَقِيمُوا الشَّهَادَةَ لِلَّهِ ذَلِكُمْ يُوعَظُ بِهِ مَنْ كَانَ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآَخِرِ وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا. وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ إِنَّ اللَّهَ بَالِغُ أَمْرِهِ قَدْ جَعَلَ اللَّهُ لِكُلِّ شَيْءٍ قَدْرًا.

«ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنى ئىددىتى ئىچىدە تالاق قىلىڭلار، ئىددەتنى ساناڭلار، رەببىڭلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ چىقمىسۇن؛ ئۇلار ئوچۇق پاھىشە قىلسا ئەھۋال باشقىدۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدۇر. كىم ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. بىلمەيسەنكى، ئاللاھ بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىش مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

  ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا، ئۇلارنى چىرايلىقچە نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىڭلار. سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىڭلار. ئاللاھ ئۈچۈن توغرا گۇۋاھلىق بېرىڭلار. مانا بۇ ھۆكۈملەر بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە نەسىھەت قىلىنىدۇ. كىم ئاللاھدىن قورقسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ ۋە ئويلىمىغان يېرىدىن رىزىق ئاتا قىلىدۇ. كىم ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇچىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسە ئۈچۈن بىر ئۆلچەم بەلگىلىدى»- (تالاق 65/1-3).

ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتلەردە تالاقنىڭ شەكلىنى، تالاقتىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەل قىلىشى كېرەك بولغان ھۆكۈملەرنى بايان قىلغاندىن كېيىن: «مانا بۇ ھۆكۈملەر بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە نەسىھەت قىلىنىدۇ» دەپ، بۇ ھۆكۈملەرگە بويسۇنۇشنىڭ بىۋاسىتە ئىمان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، ئاندىن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسە ئۈچۈن بىر ئۆلچەم بەلگىلىدى» دەپ، تالاقنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆزىنىڭ بەلگىلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بەقەرە سۈرىسىنىڭ 229 – ئايىتىدە بولسا، بۇ شەكىلدە قىلىنغان تالاقنىڭ ئىككى قېتىم بولىدىغانلىقىنى، ھەر قېتىمدىن كېيىن ئەرنىڭ خوتۇنى بىلەن قايتا يارىشىشىغا يول بارلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتتە يەنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 230 – ئايىتىدە، ئەر ئايالىنى ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلغان تەقدىردە ئۇنىڭ بىلەن يارىشىشقا يول قالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئايالىنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپ ھالدا تالاق قىلغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە قاتتىق ئاچچىقلىغانلىقى  ۋە ئۇنىڭغا ئايالىنى تالاق قىلش ئۈچۈن ئارتۇقچە بىر پاكىزلىق دەۋرى كۈتۈش جازاسى بەرگەنلىكى تالاقنىڭ ئاللاھ بەلگىلىگەن ئۆلچىمىدىن باشقا بىر ئۆلچىمىنىڭ يوقلىقىغا، شۇنداقلا باشقا شەكىلدە قىلىنغان تالاقنىڭ كۈچكە ئىگە بولمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

تالاق سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىنىڭ «كىم ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ» دېگەن قىسمى، پەيغەمبىرىمىز ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە بەرگەن جازانىڭ توغرىلىقىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى ئۇ، ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدە تالاق قىلالايتتى. لېكىن ئۇ ئالدىراپ كېتىپ ئايالى ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە تالاق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرىدىن ئۆتتى ۋە پەيغەمبىرىمىز تەرىپىدىن يۇقىرىدىكى جازاغا ئۇچرىدى، شۇنداقلا «ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولدى».

مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:

نافىئدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلغان ئىدى. دادىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئۇنى بۇيرۇغىن، ئايالى بىلەن ياراشسۇن. ئۇنى، ھەيزدىن پاكىزلانغۇچىلىك يېنىدا تۇتسۇن. ئاندىن قايتا ھەيز كۆرۈپ پاكىزلانغۇچە ساقلىسۇن. ئايال ھەيزدىن پاكىزلانغاندا خالىسا ئۇنى نىكاھىدا تۇتسۇن، خالىسا ئۇنى بىر تۆشەكتە بولماستىن تالاق قىلسۇن. مانا بۇ تالاق سۈرىسىدە بايان قىلىنغان ئىددەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا تالاق قىلىنماقچى بولغان ئاياللارنى ئۇنىڭ ئىچىدە تالاق قىلىنىشىغا ئەمر قىلغان»[1].

دېمەك، ئايالنى «ئىددىتى ئىچىدە» تالاق قىلىش ئۈچۈن ئايالنىڭ ھەيزدار بولماسلىقى، ئەگەر پاكىزلىق مەزگىلىدە بولسا، ئۇ پاكىزلىق مەزگىلى ئىچىدە ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولۇشى شەرتتۇر. قۇرئان-ھەدىستىكى تالاق شەكلى مانا بۇنىڭدىن ئىبارەت.

[1]  بۇخارى، تالاق 1، 3، 44، 45؛ ئەھكام 13، تەفسىر، تالاق 1؛مۇسلىم، تالاق 1، 14؛ مۇۋاتتا، تالاق 53؛ ئەبۇ داۋۇد، تالاق 4؛ تىرمىزى، تالاق 1؛ نەسەئى، تالاق 1، 2، 3، 4؛ ئىبنى ماجە، تالاق 1.


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ