ھەنەفى مەنبەلەردە جۈمە 11
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 13/11/2017

ھىدايە

    بۇرھاندىن ئەلى ئىبن ئەبى بەكرى مەرغانىنىڭ (ئۆ.593.ھ) «ھىدايە» ناملىق كىتابى، ھەنەفى مەزھىبىنىڭ ئىشەنچلىك، ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ كىتابتا بۇ ماۋزۇ ھەققىدە مۇنداق ئىپادىلەر تىلغا ئېلىنىدۇ:

«جۈمە نامىزىغا سۇلتان ياكى ئۇ بەلگىلەپ بەرگەن ئادەمدىن باشقىسى ئىمام بولسا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ناماز كۆپ جامەئەت بىلەن ئوقۇلىدىغان نامازدۇر. بۇنداق كۆپ جامائەتكە كىمنىڭ ئىمام بولۇشى مەسىلىسىدە ئىختىلاپلار چىقىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، جۈمە نامىزىنى مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن بۇ شەرتنى ئورۇنداش كېرەك»[1].

ئىلگىرىكى ئالىملار، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ چىقماسلىقى ئۈچۈن جۈمە نامىزىغا سۇلتاننىڭ ئىمام بولۇشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىگە كۆرسىتىدىغان بىرە ئايەت ياكى ھەدىسنى تىلغا ئالمىغان يەنى ئۇلار (مەسلەھە/مەنپەئەتنى قوغداش) قائىدىسىغا ئاساسەن ئىش قىلغان. بۇرۇنقى زامانلاردا مەسچىتنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەپ بەرگەن ئىماملىرى بولمايتتى. نامازغا جامائەتنىڭ ئىچىدىن بىرى چىقىپ ئىمام بولىۋىرەتتى. ئەگەر بىز ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئىمامى بولمىغان شۇنداق زامانلارغا قايتساق، ھەنەفى مەزھىبىنىڭ نېمە ئۈچۈن جۈمە ئوقۇش ئۈچۈن سۇلتاننىڭ بولۇشىنى شەرت قىلغانلىقىنى؟ ياخشى چۈشىنەلەيمىز.

فەتھۇل قەدىر

كەمالۇددىن ئىبن ھۇمام (ئۆ.ھ 681) مۇنداق دەيدۇ: «بىر شەھەرنىڭ ھاكىمى ئۆلسە، ئىككىنچى ھاكىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغىچە، بىرىنچىسى تەيىنلەپ قويغان كىشى ياكى ھۆكۈمەت مەمۇرى ياكى شەھەرنىڭ قازىسى ئىمام بولىدۇ. ئەگەر بىرى ھوقۇقنى مەجبۇرى تارتىۋىلىپ، ھاكىم بولىۋالسا ئۇنىڭ جۈمەگە ئىمام بولۇشى دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ سۇلتان بولغان بولىدۇ»[2].

ئىبن ئابىدىن

ئىبن ئابىدىن دەپ مەشھۇر بولغان مۇھەممەد ئەمىن ئىبن ئۆمەر (ھ. 1198 -1252) 19-ئەسىردە ياشىغان ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئالىملىرىدىن بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى «رەددۇل مۇختار ئەلا دۇررۇل مۇختار» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:« «تاتارخانىيە» ناملىق پەتىۋا كىتابىدا، جۈمە نامىزىغا ئىمام بولىدىغان كىشىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن سۇلتاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت ئەمەس، دېگەن بىر پەتىۋا تىلغا ئېلىنىدۇ. «كافىر ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاستىدىكى رايونلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ جۈمە نامىزى ۋە ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇشى جائىزدۇر»[3].

سۇلتان پەقەت، جۈمە نامىزىنىڭ پىتنە-پاسات چىقماستىن، خاتىرجەم، ھۇزۇر ئىچىدە ئوقۇلىشى ئۈچۈن شەرت قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، جۈمە ئىمامىنى بەلگىلىگەن ئورۇننىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ. چۈنكى، سۇلتان كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇ بەلگىلەپ بەرگەن ئىمامغا ھېچكىم قارشى چىقالمايدۇ ۋە جۈمە خاتىرجەم ئادا بولىدۇ.

سۇلتان سۆزىنىڭ مەنىسى

سۇلتان، بىر يەرنىڭ ئەڭ ھوقۇقدار كىشىسى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: ناھىيەنىڭ سۇلتانى ھاكىم، ئۆلكىنىڭ سۇلتانى ۋالىي، دۆلەتنىڭ سۇلتانى پادىشاھ، پرېزىدېنت بولىدۇ.

پرېزىدېنتلار ئۆزى تۇرغا شەھەرنىڭ سۇلتانى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن پايتەختتە جۈمە نامىزىغا ئىمام بولۇش ھوقۇقى ئۇلارنىڭ قولىدا بولىدۇ.

ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، سۇلتان بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنداق ئىپادىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

«جۈمە نامىزىنى يا ئەڭ چوڭ ۋەلىيۇل ئەمرى (ھوقۇقدار) ياكى ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەن چىققان باشقا بىرى ئىمام بولۇپ ئوقۇشى كېرەك»[4].

ۋەلىيۇل ئەمرى، ھوقۇقدار كىشى دېگەنلىكتۇر. ئەڭ چوڭ ۋەلىيۇل ئەمرى بولسا ئەڭ ھوقۇقدار كىشى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ، ناماز قىلىنغان يەرنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا بىلىنىدۇ.

ئىمامنىڭ ئەھۋالى

جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرىنى سالىھ بىر ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ئوقۇسىمۇ ياكى پاسىق بىر ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ئوقۇسىمۇ جائىز بولىدۇ.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى: بىر كىشى مۇھەممەد ئىبن نەدرىنىڭ يېنىغا كېلىپ «مېنىڭ قوشنىلىرىم جۈمەگە بارمايدۇ» دېدى.

ئىبن نەدىر ئۇنىڭغا، ئەبۇ بەكرى ئۆمەر (ر.ز)لارغا قارشى چىققان كىشىگە قانداق قارايسەن؟ دېدى.

ئۇ، ئەسكى ئادەم دەيمەن، دېدى.

ئىبن نەدىر، ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا قارشى چىقسىچۇ؟ دەپ سورىدى.

ئۇ، كافىر بولىدۇ، دېدى.

ئىبن نەدىر، ئەگەر ئۇلۇغ ئاللاھقا قارشى چىقسىچۇ؟ دېدى.

ئۇ شۇ ھامان ھۇشىدىن كەتتى ۋە بىرئازدىن ئەسلىگە كېلىپ، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا قارشى چىقىڭلار، دېدى. يەككە-يېگانە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَاةِ مِنْ يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَىٰ ذِكْرِ اللَّهِ

«ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئېيتىلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۈگۈرۈڭلار»-جۈمە،62/9. ئاللاھ تائالا بەنى ئابباسنىڭ ئۇ ھەقتە سورايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى، بۇ ناماز ئىسلامنىڭ شۇئارلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ نامازغا ھوقۇقدارلار ئىمام بولىدۇ، باشقىلار ئەمەس. بۇ نامازنى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئوقۇماسلىق، ئۇنى تۇلۇق ئادا قىلمىغانلىق بولىدۇ[5].

-پروفىسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر

– قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار  

 

[1] بۇرھاندىن ئەلى ئىبن ئەبى بەكرى مەرغانىنىڭ (ئۆ.593.ھ) ھىدايە، 1- جىلد، 412- بەت.  

[2] كەمالۇددىن ھۇمام ، فەتھۇل قەدىر، 1- جىلد، 412- بەت.

[3] ئىبنى ئابىدىن ھاشىيەتۇل رەددۇل مۇختار ئەلا دۇررۇل مۇختار، قازان، قازا باسمىسى ئامىرە، 4- جىلد، 427- بەت.

[4] ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، بۈيۈك ئىسلام ئىلمى ھالى. 1962- يىل ئىستانبۇل باسمىسى، 210- بەت.

[5] ئىبن قۇدامە، مۇغنى، 1984/1404- يىل بەيرۇت باسمىسى، 2- جىلد، 27- بەت.


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ