10 ھەنەفى مەنبەلەردە جۈمە
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 10/11/2017

     تۆۋەندە ھەنەفىنىڭ ئانا مەنبەلىرىدە بۇ ھەقتە قانداق توختالغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئا- مەبسۇت

شەمسىدىن سەرەخسىنىڭ (ئۆ.483 ھ) «مەبسۇت» ناملىق ئەسىرى، ئەبۇ ھەنىفىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تالىبى  مۇھەممەد ئىبن ھەسەن شەيبانىنىڭ ھەنەفى مەزھىبىدە يېزىلغان ئالتە كىتابىنىڭ[1] شەرھىسىدۇر. ئۇ كىتابلار كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ھەنەفى مەزھىبىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى تەپسىلى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ كىتابلار ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆز قاراشلار (زاھىرۇل رىۋايەت/ ئاساسلار)[2] دېيىلىدۇ. بۇ كۆزقاراشلار بىزگە ئىشەنچلىك يوللار بىلەن يېتىپ كەلگەچكە، ئۇلارنى ھەممە ئالىملار قوبۇل قىلىدۇ.

«مەبسۇت»نىڭ بۇ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرى مۇنداق:

«بىزنىڭ قارىشىمىزدا جۈمە نامىزى ئۈچۈن سۇلتاننىڭ بولۇشى شەرتتۇر. ئىمام شافىئى جۈمە نامىزىنى باشقا پەرز نامازلارغا ئوخشىتىپ، سۇلتان بىلەن خەلق ئارىسىدا پەرق يوق دەيدۇ. بىزنىڭ دەلىلىمىز: جابىر (ر.ز) رىۋايەت قىلغان «…ئادىل ياكى زالىم بىر ئىمامى بولغان ئەھۋالدا جۈمەنى ئوقۇمىغانلار…» دېگەن ھەدىسدۇر. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام، جۈمەنى تاشلاپ قويغانلار جازاغا لايىق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن سۇلتاننىڭ ئىمام بولۇشىنى شەرت قىلغاندۇر. بىر ئەسەردە (ساھابىنىڭ سۆزى) «سۇلتانلارغا خاس تۆت ئىش بار» دېگەنلىكىنى ۋە جۈمە نامىزىنىمۇ ئۇلارنىڭ قاتارىدىن سانىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

ئىنسانلار جۈمە نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلىنىپ چوڭ جامائەت ھاسىل قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا باش بولىدىغان سۇلتان (باشلىق) بولمىسا پىتنە چىقىدۇ. چۈنكى، بىر قىسىم ئىماملار مەسچىتكە بۇرۇن كېلىپ، ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە قارىتا نامازنى ئوقۇپلا قايتىدۇ، كېيىن كەلگەن جامائەت جۈمەنى ئوقۇيالماي قالىدۇ. بۇنداق يەردە پىتنە چىقىشى ئېنىق. بۇ سەۋەبتىن جۈمە نامىزىغا ئىنسانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىدىغان بىرى ئىمام بولۇشى كېرەك. مانا بۇ، پىتنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسىدۇر[3].

بەدائى

ئالائۇددىن كاسانىنىڭ (ۋ.587 ھ.) «بەدائىئۇل سەنائى فى تەرتىبى شەرائى» ناملىق ئەسىرى ھەنەفى مەزھىبىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن بىرى. بۇ كىتابنىڭ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىپادىلىرى مۇنداق:  

«بىزنىڭ قارىشىمىزدا، سۇلتان جۈمەنىڭ ئادا بولۇشى ئۈچۈن شەرتتۇر. يەنى، سۇلتان ياكى ئۇنىڭ نائىبى بولمىسا جۈمە نامىزىنى ئوقۇش جائىز بولمايدۇ. (ئىمام شافىئى جۈمە نامىزى ئۈچۈن سۇلتان شەرت ئەمەس دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىدا، جۈمە بىر پەرز نامازدۇر. شۇڭلاشقا، باشقا نامازلارغا سۇلتان شەرت بولمىغاندەك، جۈمە نامازغىمۇ شەرت بولمايدۇ).

بىزنىڭ دەلىلىمىز مۇنداق: پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام «…ئادىل ياكى زالىم بىر ئىمام (سۇلتان)ى بولغان ئەھۋالدا جۈمەنى ئوقۇمىغانلار…» دېگەن ھەدىسىدە، جۈمە نامىزىنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ جازاغا لايىق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىمام (باشقۇرغۇچى)نىڭ بولۇشىنى شەرت قىلغاندۇر. بۇنىڭدىن باشقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ «سۇلتانلارغا خاس تۆت ئىشنىڭ بارلىقىنى» ۋە جۈمە نامىزىنىمۇ ئۇلارنىڭ قاتارىدىن سانىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئەگەر جۈمە نامىزىنىڭ ئادا بولۇشى ئۈچۈن سۇلتان شەرت قىلىنمىسا پىتنە چىققان بولاتتى. چۈنكى، جۈمە نامىزى  پۈتۈن شەھەر خەلقى توپلىنىپ ئوقۇلىدىغان ناماز بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئىمام بولۇش، كاتتا شەرەپ، ئېتىبار ۋە ھۆرمەتكە ئىگە بولۇش دېگەنلىكتۇر. بۇنداق ئەھۋالدا، ھۆرمەت قازىنىش ۋە باشلىق بولۇش كويىدا يۈرگەنلەر جۈمە نامىزىغا ئىمام بولۇش ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن رىقابەتكە چۈشىشى تۇرغانلا گەپ. مانا بۇ رىقابەت ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زىددىيەت، ئىختىلاپ تۇغدۇرىدۇ. ھەتتا، ئۆلۈم-يېتىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۇرۇشلارغا سەۋەب بولىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ئىختىلاپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ۋەزىپىنى سۇلتان ياكى ئۇ بەلگىلەپ بەرگەن بىرى قىلىشى كېرەك. چۈنكى، سۇلتاننىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش ۋاجىپ بولغانلىقىدىن ياكى جازالىنىشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئىمام بولۇش ئۈچۈن قالايمىقانچىلىق چىقىرىشقا پىتىنالمايدۇ.

بۇ ۋەزىپە سۇلتانغا بېرىلمىسە مەسچىتكە كەلگەن ھەر گۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ئايرىم-ئايرىم ناماز ئوقۇپ، جۈمە نامىزىنىڭ بىر يەرگە توپلىنىپ ئوقۇلىشىدىكى ھېكمەتنىڭ يوق بولىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن  ياكى  بۇ ناماز پەقەت بىر قېتىم ئوقۇلىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇرۇن كەلگەنلەر ئوقۇۋالسا، كېيىن كەلگەنلەر جۈمەنى يوقىتىپ قويىدىغان ئىش چىقىپ، ئۇلار ساۋابتىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن.  مانا بۇ سەۋەبلەردىن جۈمەگە ئىمام بولۇش ئىشىنىڭ سۇلتانغا بېرىلىشى ئەڭ مۇۋاپىقتۇر.

سۇلتان يوق بولسا

    ھۆكۈمەتسىزلىك ياكى ئۆلۈم سەۋەبىدىن ئىمام (ھوقۇقدار بىرى) يوق بولغان ياكى يېڭى باشلىق تېخى ۋەزىپىگە رەسمى ئولتۇرمىغان بىر ئەھۋالدا، ئىمام كەرخى، خەلق بىرلىككە كېلىپ ئۆزلىرىگە بىر كىشىنى ئىمام قىلسا جائىز بولىدۇ دەيدۇ. «ئۇيۇن» دېگەن كىتابتا ئىمام مۇھەممەدنىڭمۇ بۇ قاراشتا ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئوسمان (ر.ز)نىڭ ئەتراپى ئېسيانچىلار تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغاندا، خەلق ئەلى (ر.ز)نىڭ يېنىغا باردى، ئۇمۇ، ئۇلارغا جۈمەنى ئىمام بولۇپ ئوقۇپ بەردى.

«ئۇيۇن» دېگەن كىتابتا ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مۇنداق بىر كۆز قارىشىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر شەھەرنىڭ باشلىقى ئۆلۈپ كەتسە ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى جۈمەگىچە خەلىپىگە يەتمىگەن بولسا، جۈمە نامىزىنى ئۆلگەن باشلىقنىڭ ۋەكىلى ياكى دۆلەت مەمۇرى ياكى قازى ئىمام بولۇپ ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ. لېكىن، بۇ ئەھۋالدا خەلق باشقا بىرىنى ئىمام قىلسا دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، مەمۇرلار، باشلىق ھايات ۋاقتىدىمۇ، ئىمام بولۇشقا ھوقۇقلۇق كىشىلەر بولغاچقا، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ خەلىپە، باشقا بىرىنى باشلىق قىلىپ تەيىنلىگىچە ھوقۇقىنى داۋام قىلدۇرىدۇ.

«نەۋادىرۇل سالات» ناملىق كىتابتا مۇنداق ئىپادىلەر بار: «بىرىنچى سۇلتان خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا، يىڭى بەلگىلەنگەن ئىككىنچى سۇلتان چىقىپ، خۇتبىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، خۇتبىدىن كېيىن جۈمە نامىزىغا ئىمام بولسا جائىز بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا ئىلگىرىكى سۇلتان يىڭىسىنىڭ نائىبى بولغان بولىدۇ ۋە خۇتبىنى ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئوقۇغان بولىدۇ. لېكىن، يىڭى كەلگەن سۇلتان، بۇرۇنقى سۇلتاننىڭ خۇتبىسىنى تاماملىشىنى تەلەپ قىلماستىن، سۈكۈتتە تۇرۇپ ساقلىغاندىن كېيىن ئالدىغا ئۆتۈپ جۈمە نامىزىغا ئىمام بولۇشى جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى بىر تەرەپتىن خۇتبىنىڭ تاماملىىنىشىغا رازى بولغانلىقىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن رازى بولمىغانلىقىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ.

يىڭى تەيىنلەنگەن ئىككىنچى سۇلتان كەلگەن چاغدا بىرىنچىسى خۇتبىنى تاماملاپ بولغان بولسا، يىڭىسىنىڭ جۈمە نامىزىغا ئىمام بولۇشى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، ئوقۇلغان خۇتبىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئىمام ئوقۇدى، ئىككىنچىسى بولسا تېخى ئۆزىنىڭ خۇتبىسىنى ئوقۇمىدى. خۇتبە جۈمە نامىزىنىڭ شەرتىدۇر. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىرىنچى سۇلتاننىڭ، ئىككىنچىسىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغان ئەھۋاللاردا ئەمەلىيلىشىدۇ.

ئەگەر بىرىنچىسى، ئىككىنچىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلمەي خۇتبىنى ئوقۇپ، نامازنى تاماملىسا ۋە يىڭىسىمۇ گەپ-سۆزسىز سۈكۈتتە تۇرغان بولسا ناماز ئادا بولغان بولىدۇ. چۈنكى، بىرىنچىسى، ئىككىنچىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىماملىق ۋەزىپىسىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. لېكىن، بىرىنچىسى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا دائىر بىر ھۈججەت ياكى خەۋەر تاپشۇرۇپ ئالسا، ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقان بولىدۇ.

بىر ئەسىر چۈشۈپ قالغان ئادەم، سۇلتان (باشلىق) بولسا، ئۆزى ياكى ئۇ تەيىنلىگەن بىر كىشى جۈمە نامىزىغا ئىمام بولسا، ناماز جائىز بولىدۇ. سەپەر ئۈستىدە بولغان ھۆر سۇلتان ئىمام بولسا ئوخشاشلا ناماز جائىز بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام، مەككىنى فەتھى قىلغان يىلى، سەپەر ئۈستىدە بولسىمۇ، جۈمە نامىزىغا ئىمام بولغاندۇر. ھەتتا، بىر كۈنى پېشىن نامىزىنى ئىككى رەكئەت قىلغاندىن كېيىن مەككىلىكلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «ئې مەككىلىكلەر! بىز مۇساپىر، سىلەر نامىزىڭلارنى تۇلۇقلاڭلار».

ئەسىر مەسىلىسىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى دەلىل قىلىمىز: «سىلەرگە بۇرنى پاناق، ھەبەشىستانلىق بىر قۇل سۇلتان (باشلىق) بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر بۇنداق بىرىنىڭ ئىمام بولۇشى جائىز بولمىغان بولسا، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش پەرز قىلىنمىغان بولاتتى.  

ئاياللار ياكى بالاغەتكە يەتمىگەن بىر بالىنىڭ جۈمە نامىزىغا ئىمام بولۇشى جائىز ئەمەستۇر. بۇلارنىڭ باشقا نامازلارغا ئىمام بولۇشى دۇرۇس بولمىغانلىقىغا قارىغاندا،  ئەلۋەتتە جۈمە نامىزىغا ئىمام بولۇشى جائىز بولمايدۇ.

ئايال كىشى، سۇلتان (باشلىق) بولغان تەقدىردىمۇ، بىر كىشىنى ئىمام بولۇشقا تەيىنلىسە ناماز جائىز بولىدۇ. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ سۇلتان ياكى قازى بولۇشى شەرىئەتتە توغرا بولىدۇ[4].

داۋامى بار….

پروفىسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر

قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار

[1] ئىمام مۇھەممەدنىڭ ئالتە كىتابى ، 1- ئەسىل (مەبسۇت)، 2- زىيادات، 3- جامىئۇل سەغىر، 4- جامىئۇل كەبىر، 5- سىيەرۇل سەغىر، 6- سىيەرۇل كەبىر قاتارلىقلاردۇر.

[2] ھەنەفى مەزھىبىدە فىقھى مەسىلىلەر ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ. 1- ئەسلى (ئاساسلار) بۇ ئىمام مۇھەممەد ھەسەننىڭ زاھىرۇل رىۋايەت دەپ تۇنۇلغان ئالتە كىتابىغا توپلىغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 2- ناۋادىر (نادىر مەسىلىلەر)، بۇلار ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە قوللىغۇچىلىرىدىن رىۋايەت قىلىنغان مەسىلىلەر بولۇپ، بۇلار ئالتە كىتابتا تېپىلمايدۇ. 3- پەتىۋالار، بۇلارھەنەفى مەزھىبىدىكى مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ ئەبۇ ھەىفىدىن رىۋايەت قىلىنمىغان مەسىلىلەر ھەققىدە بەرگەن پەتىۋالىرىنى كۆرسىتىدۇ. ھەنەفى مەزھىبىدە تۇنۇلغان تۇنجى پەتىۋا كىتابى ئەبۇ لەيس سەمەرقەندىنىڭ «نەۋازىل» ناملىق كىتابىدۇر. (تەرجىمە قىلغۇچىدىن).   

[3]  شەمسۇددىن سەرەخسى، مەبسۇت، مىسىر 1324/1906، 2- جىلد، 24- بەت.

[4] ئالائۇددىن كاسانى «بەدائىئۇل سەنائى فى تەرتىبى شەرائىى» 1394/1974- يىل بەيرۇت باسمىسى، 1- جىلد، 261-262- بەت.


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ