ھەنەفى مەزھىبىدە جۈمە 9
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 01/11/2017

ھەنەفى مەزھبىنىڭ قارىشىدا جۈمە نامىزى

ھەنەفى مەزھىنىڭ قارىشىدا، جۈمە نامىزىنىڭ پەرز بولۇشى ئۈچۈن بىر قىسىم شەرتلەر قويۇلغاندۇر. بۇ شەرتلەردىن بىرى، جۈمە نامىزىغا سۇلتان ياكى ئۇ بەلگىلىگەن بىر كىشىنىڭ ئىمام بولۇشىدىن ئىبارەت. بۇ كۆز قاراشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى چۈشەنمىگەنلەر سۇلتاننى، دۆلەت باشلىقى (پرىزېدېنت) دەپ چۈشىنىۋىلىپ، ھەنەفى مەزھەبىنىڭ قارىشىدا، «ئىسلام دۆلىتى بولمىغان بىر دۆلەتتە جۈمە نامىزى ئوقۇشقا بولمايدۇ» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

 بەزىلەر بۇ خاتا چۈشەنچىگە ئاساسەن، ھەنەفى مەزھىبىدە، جۈمەنىڭ پەرز بولۇشى ئۈچۈن بەلگىلىگەن شەرتلەرنىڭ تۈركىيەدە تېپىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈركىيەدە جۈمە نامىزى ئوقۇش پەرز ئەمەس دەپ داۋراڭ سالغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا، «تۈركىيە لائىقلىق (سېكۇلارىزىم) تۈزىمىدىكى دۆلەت. بۇنداق دۆلەتتە، دۆلەت باشلىقىنىڭ جۈمە نامىزىغا ئىمام بولۇشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. چۈنكى جۈمە، ئىسلامى ھاكىمىيەتنىڭ بىر بەلگىسىدۇر، سېكۇلارىزم تۈزۈمى بولسا، ئىسلامنىڭ ھاكىم بولۇشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن بۇنداق بىر تۈزۈم ئاستىدا بەلگىلەنگەن ئىماملارنىڭ ئارقىسىدا جۈمە نامىزى ئوقۇشقا بولمايدۇ».

نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان ياشلار بۇ قاراشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ جۈمە نامىزى ئوقۇمايدىغان بولغان ۋە بۇ ئىشنى ئىسلامى ھاكىميەت قۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان بىر جىھاد دەپ چۈشىنىۋالغان.

 ئەمەلىيەتتە، ھەنەفى مەزھىبى بۇنداق كۆز قاراشنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. «ئىسلامى شەرىئەت يۈرگۈزۈلمىگەن دۆلەتتە جۈمە نامىزى ئوقۇشقا بولمايدۇ» دېگەنلەر ئىنسانلارنى جۈمە نامىزىنى ئوقۇشتىن توسىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ھەنەفى مەزھىبىنىڭ جۈمە نامىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەلىلى مۇنداق:   

جابىر ئىبن ئابدۇللاھ (ر.ز) پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بىر كۈنى مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئې ئىنسانلار! ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلىڭلار، ماغدۇر كېتىشتىن بۇرۇن ياخشى ئىش قىلىشقا ئالدىراڭلار، رەببىڭلارغا ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن كۆپ زىكىر ئېيتىش ۋە سەدىقە بېرىش ئارقىلىق ئۆزەڭلەر بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىنى كۈچلۈك باغلاڭلار، رىزقىڭلار مول بولسۇن، ياردەمگە ئېرىشكەيسىلەر ۋە ئەھۋالىڭلار ياخشىلانغاي. بىلىڭلاركى، ئاللاھ مېنىڭ بۇ يىل، بۇ ئايدا، بۇ كۈندە ۋە بۇ ئورۇندا سىلەرگە جۈمە نامىزىنى قىيامەت كۈنىگىچە پەرز قىلدى. مەن ھايات ۋاقتىمدا ياكى مېنىڭدىن كېيىن كىمىكى، ئادىل بولسۇن ياكى زالىم بولسۇن بىر پادىشاھى بار ھالەتتە، ئۇنى سەل قاراپ ياكى ئىنكار قىلىپ تەرك قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئىلگىرى قىلمىسۇن ۋە ئىشىغا بەرىكەت بەرمىسۇن. بىلىپ قېلىڭلاركى، بۇنداق بىر كىشىنىڭ نامىزى، زاكىتى، ھەجى، روزىسى ۋە ياخشىلىقلىرى تەۋبە قىلغۇچە قوبۇل قىلىنمايدۇ. كىمىكى تەۋبە قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ…»[1].

 بۇ ھەدىسنى ھەنەفىلەردىن شەمسىدىن سەرەخسى (ئۆ. ھ483)، ئالائۇددىن كاسانى (ئۆ. ھ587) ۋە كامالۇددىن ئىبن ھۇمام (ئۆ. ھ593) قاتارلىقلار جۈمە نامىزىغا سۇلتان ياكى ئۇ بەلگىلەپ بەرگەن بىرىنىڭ ئىمام بولۇشى كېرەكلىكىگە دەلىل قىلىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندە كېلىدۇ.

لېكىن بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغانلاردىن ئابدۇللاھ ئىبن مۇھەممەد ئەدەۋى بىلەن ئەلى ئىبن زەيد ئىبن جۇدئان زەيىپ (ئىشەنچىلىك بولمىغان) كىشىلەردىن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەدىس سەنەد تەرەپتىن زەيىپ (سەھىھ ئەمەس) ھېسابلانغاندۇر. بۇ سەۋەبتىن ھەنەفى مەزھەبىنىڭ «ھىدايە»دەك بەزى ئاساسى فىقھى كىتاپلىرىدا بۇ ھەدىس «سۇلتان » مەسىلىسى ئۈچۈن دەلىل قىلىنمىغان.

ئالائۇددىن كاسانى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ، «سۇلتانلارغا خاس تۆت ئىش بار» دېگەنلىكىنى ۋە جۈمە نامىزىنىمۇ ئۇلارنىڭ قاتارىدىن سانىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ. لېكىن كامالۇددىن ئىبن ھۇمام بۇ سۆزنىڭ تابىئىن ھەسەن بەسرىنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.[2] ئىمام سەرەخسىمۇ، بۇ سۆزنىڭ ھەدىس ئەمەس، بەلكى، ئەسەر (ساھابە ياكى تابىئىننىڭ سۆزى) ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ساھابە ياكى سەلەف (تابىئىن ياكى تەبئى تابىئن)نىڭ سۆزلىرىنى ئەسەر دېيىلىدىغانلىقى ئۈچۈن[3] ئىمام سەرەخسىنىڭ «مەبسۇت»تىكى ئىپادىسى، ئىبن ھۇمامنىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى كۈچلەندۈرىدۇ.

ھەنەفىلەر بۇ مەسىلىدە ئاساسلىق «مەسلەھە-مەنپەئەت» قائىدىسىگە تايىنىدۇ. «مەسلەھە» دېگىنىمىز، بىر ئىشنىڭ ياخشى بولۇشىغان سەۋەب بولغان نەرسە بولۇپ، بۇنىڭ قارىمۇقارشى مەنىسى «مەفسەدەت-بۇزغۇنچىلىق، زىيان»دىن ئىبارەتتۇر.

ئىسلام، بەلگىلىگەن ھۆكۈملىرىدە ھەر زامان مەسلەھە (مەنپەئەت)نى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ ھەر قانداق ھۆكمى، فىترەتكە ئۇيغۇن ھېكمەت بىلەن تولغاندۇر. يەنى، ئىنسان ئۈچۈن ئىسلام بەلگىلىگەن ھۆكۈمدىنمۇ ياخشىراق باشقا بىر ھۆكۈم تېپىلمايدۇ.

ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلىنغان ئىشلارغىمۇ «مەسلەھە» دېيىلىدۇ. پادىشاھ ياكى ئۇنىڭ نائىبىنىڭ جۈمە نامىزىغا ئىمام بولۇشقا خاس قىلىنىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقانلىقتۇر. چۈنكى، جۈمە نامىزى ھەر قانداق جەمئىيەتتىكى بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمان ئەركەكلەر بىر يەرگە يىغىلىپ ئوقۇيدىغان نامازدۇر. ئەگەر بۇ نامازغا ئىمام بولىدىغان ئادەم ئالدىن بەلگىلەنمىسە، ئىنسانلار ئارىسىدا تالاش-تارتىش كېلىپ چىقىشى، ھەتتا ئۆلۈمگە سەۋەب بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەم ئوقۇلىدىغان خۇتبە ئىنسانلار ئارىسىدا پىتنە-پاسات چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. باشقىچە ئىپادىلىگەندە، بۇ ئىشقا مەسئۇل دائىرىلەر تەرىپىدىن تەدبىر ئېلىنمىسا، ئىچكى ۋە سىرتقى دۈشمەنلەرنىڭ ناماز ۋاقتىدا باستۇرۇپ كىرىپ مۇسۇلمان ئەركەكلەرنى ئۆلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى يوق ئەمەس. لېكىن، جۈمە نامىزى مەسئۇل دائىرىلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئوقۇلسا، بۇنداق چاتاقلار چىقمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن جۈمە نامىزىدا سۇلتاننىڭ بولۇشىنى شەرت قىلىش ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇندۇر.

مۇشۇنىڭدەك ئومۇمى مەنپەئەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىشنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشنىڭ بىر زىيىنى يوقتۇر. چۈنكى جۈمە ئىمامى، ئىماملىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ تۆۋەن شەرتلەرنى ئورۇندىسىلا، ئۇنىڭ مەنسىبى ۋە ۋەزىپىسى جەريانىدىكى كەمچىلىكلىرى نامازنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. سۇلتان ياكى ئۇنىڭ نائىبى بولمىغان ئەھۋالدا، مۇسۇلمانلار ئۆزئارا كېلىشىپ بىر كىشىنى ئىماملىققا تەيىنلىسە بولىدۇ. سۇلتان بولمىغانلىقى ئۈچۈن جۈمەنى تاشلاپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە جۈمە نامىزىغا  ئىمام بولغان ئىدى. ئۇ، ئۆز ۋاقتىدا ھەم رەسۇل، ھەم دۆلەت رەئىسى ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەدىنىدە خەلىپىلەر، مەدىنىدىن باشقا شەھەرلەردە ئۇ يەرنىڭ مەسئۇللىرى ئىمام بولاتتى. دېمەككى، جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن سۇلتاننىڭ ئىمام بولۇش شەرتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ زامانىسىدىن بېرى بار ئىدى.

بۇ شەرتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مەسلەھە» قائىدىسى  ھەنەفى مەزھىبىڭ قارىشىدا، شەرئىي دەلىللەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇ قائىدىگە ئاساسلىنىپ ھۆكۈملەر چىقىرىش دۇرۇس بولىدۇ[4]. جۈمە نامىزىغا مۇناسىۋەتلىك شەرتلەرمۇ بۇ قىسىمنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.

سۇلتان، شەھەر، كەنتلەر ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ناماز ئوقۇلىدىغان جايلاردا دۆلەت ۋە جامائەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدىغان ۋە جۈمە نامىزىغا ئىمام بولۇشقا سالاھىيىتى تۇشىدىغان بىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: دۆلەتنىڭ سۇلتانى، دۆلەت رەئىسى، شەھەرنىڭ سۇلتانى ھاكىم، كەنتنىڭ سۇلتانى سېكىرتار بولىدۇ.

سۇلتان تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئىماملار ئۆز سالاھىيىتىنى جارى قىلدۇرالمىسا ياكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولۇشىدىن ئەنسىرگەن ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىگە بىرىنى ئىمام قىلىپ تاللاپ ناماز ئوقۇشى پەرز بولىدۇ.

تۆۋەندە ھەنەفىنىڭ ئانا مەنبەلىرىدە بۇ ھەقتە قانداق توختالغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

داۋامى بار….

[1]  ئىبن ماجە، ئىقامەتۇل سالات، 78.

[2]  كامالۇددىن ئىبن ھۇمام، فەتھۇل قەدىر، 1897/1315 – يىل مىسىر باسمىسى، 1 – جىلد، 412- بەت.

[3]  ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، ئىسلام ھۇقۇقى قامۇسى، 1- جىلد، 26- بەت.

[4] ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، ئىسلام ھۇقۇقى قامۇسى، 1- جىلد، 190- 200 – بەت.


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ