مۇسۇلمانلار

جۈمەگە ھازىرلىنىش 5

 جۈمە نامىزىغا غۇسۇل قىلىپ چىقىش

بۇ توغرىدىكى بەزى ھەدىسلەر مۇنداق:

سەمۇرە ئىبنى جۈندۈب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە نامىزىغا تاھارەت ئالسا بولىدۇ. لېكىن غۇسۇل قىلسا تېخىمۇ ياخشى»[1].

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى  رىۋايەت قىلىدۇ: «سىلەردىن بىر كىشى جۈمە نامىزىغا چىقىدىغان چاغدا غۇسۇل قىلسۇن»[2].

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جۈمە كۈنى ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇۋاتاتتى، دەسلەپكى مۇھاجىرلاردىن بىر كىشىنىڭ مەسچىتكە كىرگەنلىكىنى كۆردى ۋە ئۇنى چاقىرىپ «بۇ قايسى ۋاقىت؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: «ئىشىم بار ئىدى، ئەزان ئوقۇلغانغا قەدەر ئۆيگە قايتالمىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاران تاھارەت ئېلىشقا ئۈلگۈردۈم» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئۆمەر: «يەنە تاھارەت ئالدىڭمۇ؟» ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غۇسلى قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلىسەن ئەمەسمۇ؟» دەپ كايىپ كەتتى[3].

 جۈمە نامىزىغا خۇشپۇراق نەرسە ئىشلىتىپ چىقىش

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنى غۇسۇل قىلىش بالاغەتكە يەتكەن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسى. چىشلىرىنى تازىلاش ۋە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشمۇ شۇنداق»[4].

 جۈمە كۈنىگە مەخسۇس كىيىم

مۇھەممەد ئىبنى يەھيا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئەگەر ئىمكانىيىتىڭ يار بەرسە جۈمە ئۈچۈن ئىش كىيىمىڭدىن باشقا مەخسۇس بىر قۇر كىيىمىڭ بولسۇن»[5].

جۈمە ئۈچۈن خۇش پۇراق ئىشلىتىش

ئەبۇ سەئىد خۇدرى (ر.ز) پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «جۈمە كۈنى غۇسلى قىلىش بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر كىشىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر.  چىشلىرىنى پاكىزلاش ۋە خۇش پۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشمۇ ھەم شۇنداقتۇر.  

[1] – تىرمىزى، جۇمۇئە 497.

[2] – بۇخارى ۋە مۇسلىم، جۇمۇئە 2.

[3] – بۇخارى، جۇمۇئە 2 مۇسلىم، جۇمۇئە 3.

[4] – بۇخارى، جۇمۇئە 3.

[5] – ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1078.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر