مۇسۇلمانلار

مۇھەممەد ۋە كائىنات

سوئال: «ئاللاھنىڭ، كائىناتنى مۇھەممەد ئۈچۈن ياراتتىم، سەن بولمىغان بولساڭ كائىناتنى ياراتمىغان بولاتتىم» دېگەندەك گەپلەرنىڭ ئاساسى بارمۇ؟

جاۋاب: قېرىندىشىم قۇرئاندا ياكى بىرەر  سەھىھ ھەدىستە بۇ گەپنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. بۇ ھەم بىر خاتا سۆز. چۈنكى، بىر نەرسىنى يارىتىش-ياراتماسلىق ئاللاھنىڭ مۇتلەق ئىرادىسىگە باغلىقتۇر، ئاللاھنىڭ بىر نەرسە يارىتىشى باشقا بىر نەرسىنىڭ بارلىقىغا قارىتا بولمايدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئاللاھ پۈتۈن كائىناتنى ۋە بارلىق مەخلۇقاتنى ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئىنسان ۋە جىنلارنى بولسا پەقەت ئۆزىگە (ئاللاھقا) ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈنياراتقان. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

(هُوَ الَّذِي خَلَقَ لَكُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا ثُمَّ اسْتَوَى إِلَى السَّمَاءِ فَسَوَّاهُنَّ سَبْعَ سَمَوَاتٍ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ)

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسمانلارغا يۈزلىنىپ ئۇلارنى يەتتە ئاسمان قىلىپ مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇردى. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»-بەقەرە،2/29.

 (اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَكُمْ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْفُلْكَ لِتَجْرِيَ فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْأَنْهَارَ وَسَخَّرَ لَكُمُ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ دَائِبَيْنِ وَسَخَّرَ لَكُمُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ)

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، سىلەرگە رىزىق بولسۇن دەپ ئۇ يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك- تۈرلۈك مېۋە ۋە مەھسۇلاتلارنى چىقاردى، ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا ئېقىپ يۈرۈيدىغان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۆستەڭلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئىنتىزاملىق بىر شەكىلدە ئايلىنىپ تۇرىدىغان كۈننى ۋە ئاينى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، كېچە بىلەن كۈندۈزنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى»-ئىبراھىم،14/32-33.

 (وَسَخَّرَ لَكُمْ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا مِنْهُ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ)

«ئاللاھ يەنە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تەرىپىدىن بىر ئىنئام سۈپىتىدە سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار»-جاسىيە،45/13.

(اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَوَاتٍ وَمِنَ الْأَرْضِ مِثْلَهُنَّ يَتَنَزَّلُ الْأَمْرُ بَيْنَهُنَّ لِتَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ وَأَنَّ اللَّهَ قَدْ أَحَاطَ بِكُلِّ شَيْءٍ عِلْمًا)

«ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى. زېمىندىنمۇ ئۇ يەتتە ئاسماننىڭ ئوخشىشىنى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەمر چۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر»-تالاق، 65/12.

(وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنْسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ)

«مەن جىن ۋە ئىنسانلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈنلا ياراتتىم»-زارىيات،51/56.

 مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئاخىرقى پەيغەمبەر بولسىمۇ ۋە بەزى تەرەپلەردە باشقا ئىنسانلاردىن مۇكەممەل بولغان تەقدىردىمۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان بىر ئىنساندۇر. ئاللاھ خالىغان بولسا ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئىنساننى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن بولاتتى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت، خالاس[1].

 [1]  مەخلۇقلارنىڭ يارىتىلىش مەقسىتى ھەققىدە كەلگەن باشقا ئايەتلەر بۇلاردۇرل: نەھل 16/12، 14؛ ھەج 22/36، 37، 65؛ ئەنكەبۇت 29/61؛ لۇقمان 31/20، 29؛ فاتىر جاسىيە 45/12-13.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر