شاپائەت1
باش بەت > باشقىلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى تارىخ: 02.10.2017 يازدۇرغىن

شاپائەت

  شاپائەت لۇغەتتە، ئىككى نەرسىنىڭ جۈپ بولۇشى، تاق نەرسىنى جۈپلەش، جۈپ سان، بىرىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىش ياكى بىرىگە ھەمرا بولۇش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. باشقىسىغا بىر ئىشتا ياردەملىشىش ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلەش شاپائەت بولىدۇ. بۇ تۈردىكى شاپائەت ئىنسانلار ئارىسىدا كۆپ تېپىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

مَنْ يَشْفَعْ شَفَاعَةً حَسَنَةً يَكُنْ لَهُ نَصِيبٌ مِنْهَا وَمَنْ يَشْفَعْ شَفَاعَةً سَيِّئَةً يَكُنْ لَهُ كِفْلٌ مِنْهَا وَكَانَ اللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ مُقِيتًا.

«كىم ياخشى شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن نېسىۋىسى بولىدۇ. كىم يامان شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن ھەسسىسى بولىدۇ[1]. ئاللاھ ھەرىگە ئۆز ئۈلۈشىنى بېرىشكە قادىردۇر»-نىسا،4/85.

شاپائەت سۆزىدىن ئادەتتە، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ يېنىدا ھۆرمەتلىك بىرىنىڭ  باشقا بىرسىگە ياردەم قىلىشى چۈشىنىلىدۇ. ئىنساننىڭ قەلبىنى ۋە قىلمىشلىرىنى بىلىدىغان ئاللاھنىڭ يېنىدا بىر ئىنسانغا ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى خىيال قىلىش، ھەم ئاللاھنى ئىنسان بىلەن تەڭ كۆرۈش، ھەم «شاپائەتچى» دەپ بىلىنگەن ئىنساننى ئاللاھتىنمۇ بەكراق مەرھەمەتلىك ھېسابلىغانلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنداق شاپائەتنى قۇبۇل قىلمايدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَاتَّقُوا يَوْمًا لَا تَجْزِي نَفْسٌ عَنْ نَفْسٍ شَيْئًا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا شَفَاعَةٌ وَلَا يُؤْخَذُ مِنْهَا عَدْلٌ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ

« شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچكىمگە ئەسقاتمايدۇ، ھېچكىمدىن شاپائەت قوبۇل قىلىنمايدۇ، ھېچكىمدىن فىدىيە[2] ئېلىنمايدۇ ۋە ھېچكىمگە ياردەم قىلىنمايدۇ»- بەقەرە،2/48.

وَأَنْذِرْ بِهِ الَّذِينَ يَخَافُونَ أَنْ يُحْشَرُوا إِلَى رَبِّهِمْ لَيْسَ لَهُمْ مِنْ دُونِهِ وَلِيٌّ وَلَا شَفِيعٌ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ

«رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلىشتىن قورقىدىغانلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا دوست ۋە شاپائەتچىلىرى يوقتۇر. ئۇلار تەقۋادار بولغاي!»-ئەنئام، 6/51.

قُلْ لِلَّهِ الشَّفَاعَةُ جَمِيعًا لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ

«ئېيتقىنكى: «شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئۇ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىسىدۇر، سىلەر ئاخىرى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر»-زۇمەر،39/44.

قُلْ لَا أَمْلِكُ لِنَفْسِي نَفْعًا وَلَا ضَرًّا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ

«ئى مۇھەممەد ئېيتقىنكى: «مەن ئۆزۈمگىمۇ پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايمەن، لېكىن ئاللاھنىڭ خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا…»- ئەئراف، 7/188.

ھەممىمىز بارلىق نەرسىلەرنى باشقۇرۇش ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئاللا تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

قُلْ مَنْ بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيْهِ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ  سَيَقُولُونَ لِلَّهِ قُلْ فَأَنَّى تُسْحَرُونَ

«ئېيتقىنكى: «ھەر نەرسىنى باشقۇرىدىغان ۋە قۇتقۇزىدىغان، ئۆزى قۇتقۇزۇلمايدىغان كىم، بىلەمسىلەر؟»، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئالدىنىسىلەر؟»-مۇئمىنۇن، 23/88-89.

لېكىن، ئاللاھنى ھەقىقى تۇنىمىغانلار ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا قوغدايدىغان بىر شاپائەتچى ئىزدەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان شاپائەتچىنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، شاپائەت قىلغۇچىلارنى ئىزدەيدۇ ۋە ئۇلارنى شاپائەت قىلىشقا قۇدرىتى يېتىدۇ دەپ خىيال قىلىدۇ. شاپائەت مەسىلىسى مانا مۇشۇنداق خىياللاردىن ئوتتۇرىغا چىققاندۇر.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

وَيَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنْفَعُهُمْ وَيَقُولُونَ هَؤُلَاءِ شُفَعَاؤُنَا عِنْدَ اللَّهِ قُلْ أَتُنَبِّئُونَ اللَّهَ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَى عَمَّا يُشْرِكُونَ.

«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ ۋە: ‹بۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزنىڭ شاپائەتچىلىمىزدۇر!› دېيىشىدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھ بىلمەي قالغان بىر نەرسە بولۇپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرمسىلەر؟› ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر»-يۇنۇس، 10/18.

شاپائەتچىلىرىنى، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ يېنىدا ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قارشى قوغداپ قالىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلغانلار، ئۇلارنى ئاللاھتىنمۇ قۇدرەتلىك ۋە كۈچلۈك دەپ ئېتىقاد قىلغان بولىدۇ. بۇنداق سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان بىرى، ئىككىنچى ئىلاھ ھېسابلىنىدۇ. كاتولىك دىنىدىكىلەر ئىيسا ئەلەيھىسالامنى ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى شاپائەتچىمىز دەپ ئېتىقاد قىلاتتى، ھەم ئۇ، ئۇلارنىڭ خىيالىدا بىر ئىلاھ ئىدى. كاتولىكلار مۇنداق دەيدۇ؛

«ئۇ ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، خرىستىيانلارنى قۇتقۇزىۋاتىدۇ. ئۇ، ئۇلارغا شاپائەت قىلىش ئۈچۈن ھەر دائىم ھاياتتۇر ۋە ھازىردۇر. ئۇ، ئۆزىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلاشقانلارنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر»[3].

ئىسلام ئېتىقادىدا مۇنداق ئېتىقاد يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام «وَأَنْذِرْ عَشِيرَتَكَ الْأَقْرَبِينَ= ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن»-شۇئارا،26/214. دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا: «ئې، قۇرەيش خەلقى! ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىلەرگە پايدا يەتكۈزەلمەيمەن. ئې، ئابدۇماناف ئەۋلادلىرى! ئاللاھنىڭ يېنىدا سىلەرگە بىر پايدام بولمايدۇ. تاغام ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ ئوغلى ئابباس! ئاللاھنىڭ يېنىدا ساڭا بىر پايدام بولمايدۇ. ھاممام سەفىييە ئاللاھنىڭ يېنىدا ساڭا بىر پايدام بولمايدۇ. ئې، قىزىم فاتىمە! مېنىڭ مېلىمدىن خالىغىنىڭنى ئال، لېكىن، ئاللاھنىڭ يېنىدا ساڭا بىر پايدام بولمايدۇ» دېدى.      –بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

[1] شاپائەت باشقىسىغا بىر ئىشدا ياردەملىشىش ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلەش، بىر ئىشقا تەرغىب-تەشۋىق قىلىش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ، ئۇ ئىش ئەگەر توغرا ئىش بولسا مەزكۇر ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا قىلغان ئىشىدىن ساۋاب بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ساۋابنى ئۇنىڭ ئېتىقادىغا قاراپ ئۆز رەھمىتى بىلەن كۆپەيتىپ يازىدۇ. ناۋادا ئۇ ئىش يامان ئىش بولسا، مەزكۇر ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا قىلغان ئىشىدىن بىر كىشىلىك گۇناھ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ بىر گۇناھنى ئۆز ئادالىتى بىلەن بىر گۇناھ ھالىتىدە يازىدۇ. ياخشى شاپائەتتە نەسىبۇن «نصيب»، يامان شاپائەتتە كىفلۇن «كفل» دېيىلىشى مانا بۇ پەرقكە ئىشارەت قىلىش ئۈچۈن بولسا كېرەك.

[2] يەنى، دوزاخقا كىرىشكە مەھكۇم بولغانلاردىن دوزاخقا تاشلىنىپ ئازاب چېكىشنىڭ ئورنىغا ھېچقانداق تۆلەم، جەرىمانە ۋە باشقا ھېچقانداق نەرسە ئېلىنمايدۇ- (مائىدە 5/36؛ رەئد 13/18؛ زۇمەر 39/47؛ مەئارىج 70/11-14).   

[3] كاتولىك چېركاۋى، دىن ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى، 519 ۋە 2634-  پاراگراف.

Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
47 قېتىم ئوقۇلدى