ئۇيقۇ ۋە ئۆلۈم
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 05/09/2017

ئۇيقۇ ۋە ئۆلۈم مۇناسىۋىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

فقلنا اضْرِبُوهُ بِبَعْضِهَا كَذٰلِكَ يُحْيِي اللَّهُ الْمَوْتَى وَيُرِيكُمْ آَيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ.

«بۇنىڭ ئۈچۈن: «بوغۇزلانغان كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۇ ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەسىتىگە ئۇرۇڭلار» دېدۇق. ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى ئەنە شۇنداق تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرگە ئايەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئەقىل ئىشلەتكەيسىلەر!»- بەقەرە، 2/73.

بۇ ئايەتتىكى «ئاللا ئۆلۈكلەرنى مانا مۇشۇنداق تىرىلدۈرىدۇ» دېگەن ھۆكۈمنى ئاساس قىلىمىز. ئاخىرەتتە ئۆلۈكلەر بۇ ئايەتتىكى ھادىسىدەك كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن تىرىلدۈرۈلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق كالىنىڭ پارچىسى ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن پەقەت ئۇخلاۋاتقان بىر ئىنساننى ئويغاتقىلى بولىدۇ، ئۆلگەن ئىنساننى تىرىلدۈرگىلى بولمايدۇ. لېكىن ئايەتتە ئاللاھ بىر ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن كالىنىڭ پارچىسى بىلەن ئۇرۇشنى ۋاسىتە قىلدى. بۇنىڭدىن ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلىشى ئۇخلىغان كىشىنىڭ ئويغىنىشىغا ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن دېگەن يەكۈننى چىقىرىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ئۆلۈم بىر ئۇيقۇدىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھ تائالا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:  

وَهُوَ الَّذِي يَتَوَفَّاكُمْ بِاللَّيْلِ وَيَعْلَمُ مَا جَرَحْتُمْ بِالنَّهَارِ ثُمَّ يَبْعَثُكُمْ فِيهِ لِيُقْضَى أَجَلٌ مُسَمًّى.

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى كېچىسى ۋاپات قىلدۇرىدۇ، كۈندۈزى نېمە قىلغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، ئاندىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئەجەلنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن كۈندۈزدە سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ»-ئەنئام، 6/60.

(قىيامەت)- ئورنىدىن تۇرۇش دېگەنلىكتۇر. ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش  ئۇيقۇدىن ئويغىنىش، سۇرغا پۈۋلەش بولسا، ئورنىدى تۇرۇش پۈشتىكىنى چالغانغا ئوخشاشتۇر. 

يۇقىرىدىكى ئايەت يىڭى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تېخى بەدىنى بۇزۇلمىغان كىشىنىڭ تىرىلدۈرۈلىشىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇدرىتى بىلەن ئۇنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن ئورگانلىرىنى تۈزەپ، روھنى بەدىنىگە ئەۋەتكەن ۋە ئۇ تىرىلغان. ئۆلۈكلەرنىڭ يىڭىدىن تىرىلىشى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. ئاۋۋال ئىنساننىڭ بەدىنى جانلىق ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ، ئاندىن روھنى ئۇيقۇدىن ئويغانغا ئوخشاش بەدەنگە قايتۇرۇلىدۇ.

ئىنسان سۇ ئارلاشتۇرۇلغان تۇپراقتىن (لايدىن) يارىتىلغاندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

أَلَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ وَبَدَأَ خَلْقَ الْإِنْسَانِ مِنْ طِينٍ. ثُمَّ جَعَلَ نَسْلَهُ مِنْ سُلَالَةٍ مِنْ مَاءٍ مَهِينٍ.

    «ئۇ شۇنداق زاتكى، ياراتقان ھەر نەرسىسىنى چىرايلىق ياراتتى، ئىنساننى يارىتىشنى لايدىن باشلىدى.  ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتى»- سەجدە، 32/7-8.

لاي، سۇ بىلەن تۇپراقنىڭ ئارلاشقان ھالىتىدۇر. سۇ تۇپراققا ئارلاشمىسا ھاياتلىق بولمايدۇ. بىز يەۋاتقان بارلىق ئاشلىق ۋە ئۆسۈملۈكلەر بۇ شەكىلدە شەكىللىنىدۇ. شۇڭلاشقا، پەقەت ئادەم ئەلەيھىسالاملا ئەمەس، ھەر ئىنسان تۇپراقتىن يارىتىلغاندۇر دەيمىز. چۈنكى، ئوزۇقلاردىن سۈزۈلگەن بىر جەۋھەر، ئىنسان تۇخۇمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. تۇخۇم ئانىنىڭ بالىياتقۇسىدا تۇپراقتىن كەلگەن ئوزۇقلار بىلەن تەرەققى قىلىدۇ. بەدەن ئۆلگىچە تۇپراق ۋە سۇ بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ئايرىلغان ھەر قانداق نەرسە قايتىدىن تۇپراققا ئايلىنىدۇ. يىڭىدىن يارىتىلىشمۇ تۇپراقتىن بولىدۇ ۋە ئىنسان، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چىققىنىغا ئوخشاش يەر يۈزىگە چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

مِنْهَا خَلَقْنَاكُمْ وَفِيهَا نُعِيدُكُمْ وَمِنْهَا نُخْرِجُكُمْ تَارَةً أُخْرَى.

«بىز سىلەرنى زېمىندىن ياراتتۇق، سىلەرنى زېمىنغا قايتۇرىمىز، سىلەرنى يەنە بىر قېتىم زېمىندىن چىقىرىمىز»-تاھا،20/55.     

1- ئىنسان روھى

بەدەن ئانىنىڭ بالىياتقۇسىدا مەلۇم بىر باسقۇچقا كەلگەندىن كېيىن ئاللاھ ئۇنىڭغا روھ پۈۋلەيدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ داۋامى مۇنداق:

ثُمَّ سَوَّاهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِنْ رُوحِهِ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ.

«ئاندىن ئۇنى تولۇق شەكىلگە كىرگۈزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە روھىدىن پۈۋلىدى، سىلەر ئۈچۈن قۇلاق، كۆز ۋە دىللارنى بار قىلدى. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!»-سەجدە، 32/9.

2- ئۆلۈم ۋە ئۇيقۇ

روھ بەدەننى ئۆيگە ئوخشاش قوللىنىدۇ. بەدەن ئۇيقۇغا كەتسە چىقىپ كېتىدۇ. ئويغانغاندا قايتىپ كېلىدۇ. ئۆلگەن بەدەن يىقىلغان ئۆيگە ئوخشايدۇ. يىڭىدىن يارىتىلمىغىچە روھ ئۇ يەرگە قايتمايدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەر بۇنى چۈشەندۈرىدۇ:

اللَّهُ يَتَوَفَّى الْأَنْفُسَ حِينَ مَوْتِهَا وَالَّتِي لَمْ تَمُتْ فِي مَنَامِهَا فَيُمْسِكُ الَّتِي قَضَى عَلَيْهَا الْمَوْتَ وَيُرْسِلُ الْأُخْرَى إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى.

«ئاللاھ روھلارنى ئۆلگەن چېغىدا ئالىدۇ، ئۆلمىگەن روھلارنى ئۇخلىغان چېغىدا ئالىدۇ. ئاندىن ئۆلۈمىگە ھۆكۈم قىلغان روھلارنى تۇتۇپ قالىدۇ ۋە باشقىلارنى بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە قويۇپ بېرىدۇ»-زۇمەر، 39/42.

 ئايەتتە ھەم «ئۆلۈم»، ھەم «ۋافات» دېگەن سۆزلەر تىلغا ئېلىنىدۇ. ئايەتتىكى «روھلار- الْأَنْفُسَ» سۆزى ھەم (ئۆلگەن- يَتَوَفَّى) دېگەن پېئىلنىڭ تولدۇرغۇچىسى، ھەم (ئۆلۈم- موت) ۋە (مَنَامِ) يەنى (ئۇيقۇ) دېگەن سۆزلەرنىڭ ئىگىسىدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن بىر كىشىدە ئىككى روھ باردۇر. بىرى ۋاپات قىلىنغان روھ، يەنە بىرى بولسا، ئوخلىغان ۋە ئۆلگەن روھدۇر. ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ياخشى باغلانسا، ئۇخلىغان ۋە ئۆلگەن نەرسىنىڭ  بەدەن ئىكەنلىكى، ۋاپات قىلىنغان نەرسىنىڭ روھ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئۆلۈم ياكى ئۇيقۇ جەريانىدا روھنىڭ قىلىدىغان بىر ئىشى قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنى بەدەندىن چىقىرىۋىتىدۇ. چۈنكى، ئۆلۈم، جاننىڭ يوقىلىشى دېمەكتۇر.

ئۇخلىغان ۋە ئۆلگەن نەرسە روھ ئەمەس بەدەندۇر. چۈنكى،  روھ ئۆلمەيدۇ، ئۇخلىمايدۇ. ئىنسان، روھ بىلەن بەدەننىڭ بىرىكىشىدۇر. قۇرئان بىزگە ئۆلگەن بەدەندىن ئايرىلغان بىر روھنىڭ قىلىدىغان سۆزلىرىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ:

حَتَّى إِذَا جَاءَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ رَبِّ ارْجِعُونِ. لَعَلِّي أَعْمَلُ صَالِحًا فِيمَا تَرَكْتُ كَلَّا إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَائِلُهَا وَمِنْ وَرَائِهِمْ بَرْزَخٌ إِلَى يَوْمِ يُبْعَثُونَ.

«ئۇلار ئاللاھقا بوھتان چاپلاشنى ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك داۋاملاشتۇرىدۇ، تاكى ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلگەن چېغىدا مۇنداق دەيدۇ: «رەببىم! مېنى قايتۇرسىلا. ئارقامدا قالغان دۇنياغا قايتىپ ياخشى ئىش قىلارمەن». ياق! بۇ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان قۇرۇق گەپ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا بىر توسما بولۇپ، ئۇ توسما ئۇلارنى ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر دۇنياغا قايتىشتىن توسۇپ تۇرىدۇ»-مۇئمىنۇن،23/99-100.

روھ بىلەن بەدەننىڭ بىرىكىشى تۇنجى قېتىم ئانىنىڭ بالىياتقۇسىدا بولىدۇ.

وَاللَّهُ خَلَقَكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ جَعَلَكُمْ أَزْوَاجًا.

«ئاللاھ سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى جۈپتىلەر قىلدى»-فاتىر،35/11.

ئاخىرەتتە بەدەن قايتا يارىتىلغاندا، يەنە بىر قېتىم بىرىكىش بولىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «روھلار بىلەن بەدەنلەر بىر-بىرىگە قوشۇلغان چاغدا»-(تەكۋىر،81/7) دەپ بىلدۈرۈلگەن چاغدۇر.  

 ئارام ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيقۇ لازىم بولغىنىدەك، بۇزۇلمىغان، قېرىمىغان ۋە كېسەل بولمىغان، ئۆلمەيدىغان يەنى ئاخىرەت ھاياتىغا ئۇيغۇن بىر بەدەنگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۆلۈممۇ لازىمدۇر. ئىنسانغا نىسبەتەن ئۆلۈپ يىڭىدىن تىرىلىش، كۆزلەرنى يۇمۇپ قايتا ئاچقانغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَلِلَّهِ غَيْبُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا أَمْرُ السَّاعَةِ إِلَّا كَلَمْحِ الْبَصَرِ أَوْ هُوَ أَقْرَبُ إِنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ.

«ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئېچىشقىلا ئوخشاشتۇر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»-نەھل، 16/77.

ئايەتتىكى (لَمْحِ الْبَصَرِ) دېگەن سۆز كۆزنى يۇمۇپ ئېچىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنىڭ ئارىسىنى بۇنىڭغا ئوخشىتىدۇ. چۈنكى ئۆلگەن ئىنسان ھاياتقا كۆزىنى يۇمىدۇ ۋە تىرىلگەندە يېڭىىدىن ئاچىدۇ.

يىڭىدىن تىرىلىش بۇ دۇنيادىكى قەبرىدە بولىدۇ، روھ ئۇ ۋاقىتتا بەدەن بىلەن بىرلىشىدۇ ۋە ئىنسان كۆزىنى ئاچىدۇ-دە، ئۆزىنى ئۇيقىدىن ئويغانغاندەك ھېس قىلىدۇ. كاپىر، قەبرە ئازابىنى يامان بىر چۈش دەپ ئويلىغانلىقى ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ:

يَوْمَ يَدْعُوكُمْ فَتَسْتَجِيبُونَ بِحَمْدِهِ

«ئۇ كۈنى ئاللاھ سىلەرنى چاقىرىدۇ، سىلەر ئاللاھقا ھەمد ئېيتىپ چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىسىلەر»-ئىسرا،17/52.

ئۇ مەھشەرگاھتىكى قىيىنچىلىقلارنى كۆرگەندە مۇنداق دەيدۇ:

قَالُوا يَا وَيْلَنَا مَن بَعَثَنَا مِن مَّرْقَدِنَا

« ئۇ چاغدا ئۇلار: «ۋايجان، بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن كىم قوزغىدى؟»-ياسىن، 36/52.

ئىنساننىڭ چۈشەنچىسى بويىچە بولغاندا، ئۇيقۇ نېمە بولسا ئۆلۈممۇ شۇدۇر. يۇقىرىدىكى ئايەتلەرمۇ ھەم بۇنى چۈشەندۈرىدۇ.

-پىروفىسور ئابدۇل ئەزىزى بايىندىر

– قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ