كالا بوغۇزلاش مەسىلىسى
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 25/08/2017

بەقەرە (قۇربانلىق بۇقا) ھادىسىسى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَإِذْ قَالَ مُوسَى لِقَوْمِهِ إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تَذْبَحُوا بَقَرَةً قَالُوا أَتَتَّخِذُنَا هُزُوًا قَالَ أَعُوذُ بِاللَّهِ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْجَاهِلِينَ. قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا هِيَ قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَا فَارِضٌ وَلَا بِكْرٌ عَوَانٌ بَيْنَ ذٰلِكَ فَافْعَلُوا مَا تُؤْمَرُونَ. قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا لَوْنُهَا قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ صَفْرَاءُ فَاقِعٌ لَوْنُهَا تَسُرُّ النَّاظِرِينَ قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا هِيَ إِنَّ الْبَقَرَ تَشَابَهَ عَلَيْنَا وَإِنَّا إِنْ شَاءَ اللَّهُ لَمُهْتَدُونَ. قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَا ذَلُولٌ تُثِيرُ الْأَرْضَ وَلَا تَسْقِي الْحَرْثَ مُسَلَّمَةٌ لَا شِيَةَ فِيهَا قَالُوا الْآَنَ جِئْتَ بِالْحَقِّ فَذَبَحُوهَا وَمَا كَادُوا يَفْعَلُونَ.

«مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھ سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى، قەۋمى ئۇنىڭغا: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سېغىنىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇساغا: «بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن» دېگەن ئىدى،  مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بىر كالا› دەيدۇ. قېنى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىڭلار» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بىزگە ئۇنىڭ رەڭگىنى بايان قىلىپ بەرسۇن» دېگەن ئىدى. مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ رەڭگى ساپسېرىق، كۆرگەنلەرنى زوقلاندۇرىغان بىر كالا› دەيدۇ» دېدى. ئۇلار يەنە: «بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بىزگە ئۇ كالىنىڭ قانداقلىقىنى ئېنىق ئېچىپ بەرسۇن، چۈنكى بىز بۇ ئەھۋالدا ئۇ كالىنى باشقا كالىلاردىن ئايرىيالمايمىز، ئىنشائاللاھ ئۇنى تاپىمىز» دېدى. مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ تېخى بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ يەر ھەيدىمىگەن ۋە ئېتىز سۇغارمىغان، ئەركىن قويۇۋېتىلگەن ۋە ھېچ ئالىسى بولمىغان بىر كالا› دەيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «مانا ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئاندىن ئۇ كالىنى تېپىپ بوغۇزلىدى. ئۇلار بۇنى قىلمىغىلى تاس قالغان ئىدى»-بەقەرە،2/67-71.

ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان كالىنىڭ جىنسى نېمە؟ 

بۇ ئايەتتىكى بَقَرَةٌ (بەقەرە) سۆزى، بَقَر (بەقەر) سۆزىنىڭ بىرلىك  شەكلى بولۇپ (كالا، چىشى كالا) دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەرەپ تېلىدا ئۆكۈزنى (ثور-سەۋر) دەيدۇ. ئايەتتە كەلگەن (تُثِيرُالأَرْضَ– يەر ھەيدىمىگەن) ئىپادىسى بۇ كالىنىڭ ئۆكۈز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئۆكۈز مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان (ثور-سەۋر) بىلەن (تُثِيرُ-تۇسىيرۇ) دېگەن ئىككى سۆز بىر سۆز تۇمۇرىدىن تۈرلىنىپ چىققان سۆزلەردۇر. يەنە ئايەتتىكى (لَا تَسْقِي الْحَرْثَ-ئېتىز سۇغارمىغان) دېگەن ئىپادە بۇ كالىنىڭ ئۆكۈز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىككىنچى دەلىل بولىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى «ساپانغا قېتىلىپ يەر ھەيدەپ باقمىغان، ئېتىز سۇغۇرۇپ باقمىغان بىر كالا» يەنى بۇلارنى قىلالايدىغان قابىلىيىتى بار، لېكىن قىلىپ باقمىغان بىر كالا دېگەن بولىدۇ. بۇ ئىشلارنى ئادەتتە پەقەت ئەركەك بۇقىلارلا قىلىدۇ. ئىنەكلەر بۇنداق ئىشلارغا سېلىنمايدۇ. ئايەتتىكى پېئىللارنىڭ مۇئەننەس (ئاياللىق) جىنىس تۈرىدە كېلىشى، (بَقَرَةً-كالا) سۆزىنىڭ مۇئەننەس (ئاياللىق) جىنىس تۈرىدە كەلگەنلىكىدىن بولغان. 

نېمە ئۈچۈن بۇنداق سۈپەتتىكى كالا تەلەپ قىلىنىدۇ؟  

مەمفىستە ياشىغان قەدىمقى مىسىرلىقلار ئىلاھنىڭ روھى بەدىنىگە چۈشكەن دېگەن ئېتىقاد بىلەن «ئاپىس» ئىسمى بېرىلگەن بۇقىغا ئىبادەت قىلاتتى.

مەمفىس، قاھىرەنىڭ 35 كىلومېتر جەنۇبىدا، نىل دەرياسى ياقىسىغا جايلاشقان مىسىرنىڭ قەدىمقى كەنتى ئىدى. مىسىر دۆلىتى كىڭىيىپ، بۇ ئېتىقاد كېيىن مىسىرنىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ تارقالدى. ئۇلار «ئاپىس»نىڭ بىرلا بولىدىغانلىقىغا ۋە ئۆلگەن ئاپىسنىڭ باشقا بىر بۇقىنىڭ بەدىنىدە يىڭىدىن دۇنياغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇ چاغدىكى راھىبلار يىڭى دۇنياغا كەلگەن بۇقىنى يايلاقلاردا ئۆزىگە خاس روشەن ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ دەيتتى ۋە شۇنداق ئىشىنەتتى.

تەۋراتتا بۇ ھەقتە مۇنداق ئىپادىلەر مەۋجۇت: «مىسىردا بىلدۈرۈڭلار، مىگدولدا، نوفتا  ۋە تاخپانھەستە جاكارلاڭلار: نىشانىڭنى بەلگىلە، تەييار تۇر، چۈنكى قىلىچ ئەتراپىڭدىكىلەرنى يەپ تۈگىتىۋاتىدۇ. ئىلاھىڭ نېمىشقا قاچتى؟ بۇقاڭ نېمىشقا تۇرالمىدى؟ چۈنكى رەب ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇردى»- يەرەميا 46/14. 

بەقەرەنىڭ ئايەتلىرى بەنى ئىسرائىلغا «ئاپىس»نىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە سۈپەتلىرى تېپىلىدىغان بىر كالىنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشىنى ئەمىر قىلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇلاردىكى كالا بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاتا ئېتىقادنى يوقاتقىلى بولاتتى. چۈنكى، مۇسا ئەلەيھىسالام تۇر تېغىغا 40 كۈنلۈك كەتكەندە ئىسرائىل ئوغۇللىرى مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ قېرىندىشى ھارۇن ئەلەيھىسالامغا پىسەنت قىلماستىن، موزاينىڭ ھەيكىلىنى ياساپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغان ئىدى. «ئۇلارنىڭ كاپىرلىقى تۈپەيلىدىن كۆڭۈللىرى مۇزايغا باغلىنىپ قالغان ئىدى»  بۇنداق بولمىغان بولسا، ئۇلار ئۇ كالىنى ئۆلتۈرمەسلىككە باھانە ئىزدىمىگەن بولاتتى. ھازىر ھىندى دىنىدىكىلەرمۇ، ئىنەكنى مۇقەددەس بىلىدۇ. ھىندىستاندا بىر ئىنەك مەسچىتكە كىرسە، ئۇنىڭ ئۇ يەردىن يەردىن قوغلاپ چىقىرىلىشى ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھىندىستاندا 250 مىليونغا يېقىن ئىنەكنىڭ بارلىقى بىلدۈرىلىۋاتىدۇ. ھىندى ھۆكۈمىتى ئىنەكنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈشكە كۆپ تېرىشقان بولسىمۇ مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلماقتا.

مۇسۇلمانلارنىڭ ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ 

مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر يىلى تەبرىكلەيدىغان قۇربان ھېيتى بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، مۇسۇلمانلار ھەر يىلى قۇربان ھېيتتا بىر قىسم ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۇلۇغلىنىدىغان ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل باتىل ئېتىقادلاردىن داۋاملىق ئۆزلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. قۇربانلىق قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئايەت ناھايىتى مەنىلىكتۇر.

لَنْ يَنَالَ اللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَاؤُهَا وَلَكِنْ يَنَالُهُ التَّقْوَى مِنْكُمْ

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا قۇربانلىقىڭلارنىڭ نە گۆشلىرى، نە قانلىرى يەتمەيدۇ. لېكىن ئاللاھقا سىلەرنىڭ تەقۋالىقىڭلار يېتىدۇ»-ھەج،22/37.

قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرى ھەققىدە، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

فَإِذَا وَجَبَتْ جُنُوبُهَا فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْقَانِعَ وَالْمُعْتَرَّ

«ئۇلارنىڭ يانلىرى يەرگە چۈشۈپ جېنى چىققاندا ئۇلاردىن يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە ئېھتىياجىنى بىلدۈرگەن موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار»-ھەج،22/36. 

– پروفىسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر

 – قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تىگىشلىك خاتالىقلار                  


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ