مۇسۇلمانلار

كۆڭۈلگە كەلگەنگە ھېساب يوق

 
قەلبنىڭ ھېسابى
 
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
 
لِّلَّهِ ما فِي السَّمَاواتِ وَمَا فِي الأَرْضِ وَإِن تُبْدُوا مَا فِي أَنفُسِكُمْ أَوْ تُخْفُوهُ يُحَاسِبْكُم بِهِ اللّهُ فَيَغْفِرُ لِمَن يَشَاء وَيُعَذِّبُ مَن يَشَاء وَاللّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ.
 
«ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئىچىڭلاردىكىنى مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ، ئاندىن خالىغان كىشىگە مەغفىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»-بەقەرە،2/284.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ: 
« بىلىپ قويۇڭلاركى، ۋۇجۇدتا بىر پارچە گۆش بار. ئەگەر ئۇ ياخشى بولسا، پۈتۈن بەدەن ياخشى بولىدۇ. ئۇ، بۇزۇلسا، پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ قەلبتۇر»- مۇسلىم رىۋايىتى.
ئىچىڭدە ئەسلى يارىتىلىشتىلا مەۋجۇت بولغان نەرسە بىلەن يارىتىلغاندىن كېيىن ئىچىڭگە كىرگەن نەرسە ئوخشىمايدۇ. ئىچىڭدە ئەسلىدە مەۋجۇت بولغان نەرسىلەر: ئىمان، كۇپۇر، سۆيگۈ، نەپرەت، ئۆچمەنلىك، ياخشى نىيەت…قاتارلىق ھاياتقا يۆلىنىش كۆرسىتەلەيدىغان نەرسىلەردۇر. ئىچىڭگە كېيىن كىرگەن نەرسە بولسا، كۆپىنچە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدۇر. بەزەندە ئىچىڭدە شۇنداق بىر ۋەسۋەسە پەيدا بولىدىكى، مەن كاپىر بولدۇممۇ؟ دەپ قالىسەن. بۇ سېنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىڭنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، شەيتان قىيامەتكىچە مۆھلەت ئالغاندا مۇنداق دېگەن ئىدى؛ 
 
قَالَ فَبِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ. ثُمَّ لَآَتِيَنَّهُمْ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَنْ شَمَائِلِهِمْ وَلَا تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ .
 
«ئىبلىس ئېيتتى: «قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، سەن مېنى ئازدۇرغان سەۋەبتىن مەن ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن. ئاندىن كېيىن چوقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن . كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ساڭا شۈكرى قىلمايدۇ»-ئەئراف،7/16-17.
شەيتانغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ۋەسۋەسە قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن پەيغەمبەرلەرمۇ ساقلىنالمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ؛ 
 
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رَسُولٍ وَلَا نَبِيٍّ إِلَّا إِذَا تَمَنَّى أَلْقَى الشَّيْطَانُ فِي أُمْنِيَّتِهِ فَيَنْسَخُ اللَّهُ مَا يُلْقِي الشَّيْطَانُ ثُمَّ يُحْكِمُ اللَّهُ آَيَاتِهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ.
 
«شەيتان، بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر رەسۇل ۋە ھەر نەبىينىڭ قىلغان ئارزۇسىغا ۋەسۋەسە سالدى. لېكىن ئاللاھ شەيتان سالغان ۋەسۋەسىنى بەربات قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەملىدى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»-ھەج،22/52.
 بىز تەقۋالىقىمىزنى ساقلاپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىپ، تائەت ئىبادىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەيتاننىڭ بىزگە قۇرغان تۇزاقلىرىدىن ساقلانساقلا، ئۇنىڭ قەلبىمىزگە سالغان ھەرتۈرلۈك شەيتانى ۋەسۋەسىلىرىدىن ھېساب بەرمەيمىز. چۈنكى ئۇنىڭ ۋەسۋەسە قىلىشىدىن قۇتۇلۇشقا ھېچكىمنىڭ قۇدرىتى يەتمەيدۇ. ئاللاھ ئىنساننى قۇدرىتى يەتمەيدىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 
لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا
«ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»-بەقەرە،2/286.
-پروفېسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر
-قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار

 
  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر